مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1004|ئىنكاس: 14

ماگىزىندىكى جەڭ«يۇمۇرستىك ھېكايە‹ مۇستافا2›» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىپ قال

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73955
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 01:55:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        مۇنبەرداشلارنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ بارغىنىنى كۆرۈپ ۋە شۇنداقلا مۇنبەرنىڭ كەيپىياتىنى بىرتەڭشەش مەقسىتىدە
بۇ ھېكايىنى يوللىدىم .قېنى بەھۇزۇر بېقىشقايلا مېھمانلار.

                                                         ماگىزىندىكى جەڭ
      بۈگۈن ماگزىن مەملىكىتىگە خۇشاللىق بىر كۈنى .چۈنكى بۈگۈندىن  باشلاپ دۇكان خوجايىنى ۋە خىزمەتچىلىرى ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشقا چىقاتتى.بۇ پۇرسەتىن پايدىلىنىپ دۇكان مەملىكىتىدىكى بارلىق مەھسۇلات ئەربابلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۋالماقچى بولدى.بۈگۈن دۇكان خوجايىنى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ دۇكاننى تاقاپ ماڭغان ۋاقىتتا ،شاكىلات ئەپەندىم ماگزىن مەملىكىتىدىكى بارلىق سائەت بەگلەرگە يىغىن ۋاقتىنىڭ كىلىپ قالغانلىقىنى جاكارلاتقۇزۇپ شاكىلات رايونىدا ئۆزى تەكلىپ قىلغان مېھمانلارنىڭ كېلىشى ساقلاۋاتاتتى.
     ئەڭ ئاۋۋال كولا ئەپەندىم خىرۇم پەلتوسىنى مايلىتىپ تېخىمۇ پارقىراق قىلىپ كېيىپ يېتىپ كەلدى.ۋە شاكىلات ئەپەندىم بىلەن سالام ساھەت قىلىشقاندىن كىيىن ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەگەك تۇرۇش بۆلىمىنىڭ باش مۇدىرى قەھۋە غوجاممۇ 30نەپەر قوغدىغۇچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدىدە،ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى.
     بۇ يىغىلىشقا ئائىلە بۇيۇملىرى زاۋۇتىنىڭ ۋاكالەتچىسى قوشۇق پالۋان،تەييار تائاملار كارخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى تەييار چۆپ خىنىم،تەرەققىيات زاۋۇتىنىڭ ۋاكالەتچىسى سائەت غوجاملار ۋە ئويۇنچۇق كارخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى پوجاڭ بەگ قاتارلىق ۋە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقايسى  رايۇنلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى قاتناشقان ئىدى.
    تۇيۇقسىز كېرىلىپ ئولتۇرغان كولا ئەپەندىم ،تاشقىرىدا كۈزەتتە تۇرىۋاتقان قەھۋە مۇدىرنىڭ قاراۋۇللىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ شۇ دەرىجىدە بېيىپ كەتكەنلىكىگە كۆزى كىچىكلىپ قىلىپ ،ۋە بۇرۇنقى ئاداۋەتلىرىنى ئويلاپ ،«قەھۋە مېنىڭ رەڭگىم ۋە تەمىمنى دورىۋىلىپ شۇڭا بازىرى چىكەتتى»دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئوتتۇردا زىددىيەت پەيدا قىلىپ قويدى.
    بۇ ۋاقىتتا قەھۋە تەرەپدارلىرىدىن بولغان قوشۇق پالۋان ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بەكلا كۈچەپ تاراڭشىپ كەتتى.ھەتتا سۈت خېنىممۇ قەھۋەنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئاغزى كۆپۈك بولۇپ كەتتى.
   ئارقىدىنلا كولا تەرەپدارلىرىدىن قەغەز ئىستاكانمۇ بوش كەلمەي ئۇلار بىلەن تىركەشتى.قەھۋە غوجامنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كولا تەرەپدارلىرىدىن قەغەز ئىستاكانلار قۇچاقلاشما جەڭگە چۈشۈپ كەتتى.ئوھوي!بۇ ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن چىراغ تۆرەممۇ ماگزىن ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.شاكىلات ئەپەندى بۇ جىدەلنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن شۇنچە ۋارقىراپمۇ ئۈنىنى يەتكۈزەلمىدى.بۇنى كۆرۈپ پوجاڭ بەگ بار ئاۋازى بىلەن قاتتىق ۋارقىراپ سورۇننى تىنجىتتى.بىرىنچى قېتىملىق جەڭدىن كىيىن ھەممەيلەن تولىمۇ ھارغىن ئىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆز رەقىپلىرىگە ئۆز ئەھۋاللىرىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن تېتىك ئولتۇرۇشقا تېرىشاتتى.
   شاكىلات ئەپەندىم ئەمدى سۆزلەي دەپ تۇرىشىغا قەھۋە تەرەپدارى بولغان چىش كولىغۇچ ئەسكەرلىرى بىلەن ،كولا تەرەپدارى بولغان تاماكا ئەسكەرلەر قاتتىق ئېتىشۋازلىقنى باشلىۋەتكەن ئىدى .ئەربابلار تەرەپ تەرەپكە قېچىشماقتا ئېدى ،يەنە مالىمانچىلىق !....قەلەم شاڭجاڭ بۇ مەشھۇر جەڭنى خاتىرلىۋىلىش ئۈچۈن دەپتەر ئەپەندىگە سۆزلەپ ئۈلگىرەلمەي قېلىۋاتاتتى.ئىككى تەرەپتى نۇرغۇن ئۆلۈش-يارلىنىشلار بولدى.
  شۇ ۋاقىتتا ماگزىن مەملىكىتىنىڭ بارلىق ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل توپ غوجام ،ئۆز تەۋەلىكىدىن ئاستا دومىلاپ پەسكە چۈشتىدە،بار ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى .تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن پۈتۈن مالىمانچىلىق جايىدا توختاپ قالدى.
قورقۇپ كەتكەن قەلەم شاڭجاڭ قىسقىغىنە ئارلىقتا پۈتۈن تەپسىلاتلارنى توپ غوجامغا سۆزلەپ ئۈلگۈرگەن ئېدى. توپ غوجام ئۇلارغا بىر پەس غەزەپ بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماگزىن مەملىكىتىدىكى بارلىق مەھسۇلات خەلىقلىرىگە تىنىشلىق توغرىسىدا تەييارلىغان قانۇن نېزاملار نى ھەم ھازىرنىڭ ئۆزىدە بېرىلىدىغان جازالارنى جاكارلىدى.
1.پۈتكۈل ماگزىن مەملىكىتىدىكى خەلىق ،ئەربابلار بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەپ ئىناق -ئىجىل ئۆتكەي!ھەمدە بىر بىرىگە يول قويۇپ ئورۇنلىرىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنىڭمۇ ئابروي تىلىۋىلىشىغا يادەم قىلىنغاي!
2.بارلىق زاۋۇت ئەربابلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئۆز ئالاھىدىلىكىنى كۆز-كۆز قىلىپ باشقىلارنى بوزەك قىلمىسۇن !
  3.بۇ يىغىلىشنى مېنىڭ رۇخسىتىمسىز تەشكىللەپ نۇرغۇن مالىمان چىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان شاكىلات ئەپەندىم يەشىك زىندانىغا بىر ھەپتە قامالسۇن!گەرچە مەقسىتى يامان بولمىسىمۇ .
  4.يىغىلىش بىخەتەرلىكىگە بىھۇدە گۇمانلىنىپ.قوغدىغۇچى ئېلىپ كېلىپ باشقىلارنى تەشۋىشلەندۈرۈپ قويغانلىقتىن،قەھۋە مۇدىر قاپ زىندانىغا بىر ئاي قامالسۇن!
  5.باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قۇرۇق پىتنە سۆز بىلەن نۇرغۇن ئۆلۈش يارلىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق ئۈچۈن،كولا بەگ ئەخلەت چىلىكى  زىندانىغا مۇدەتسىز قامالسۇن!
  6.بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى غوللۇق ئەسكەرلىرىدىن بولغان چىش كولىغۇچ ئارمىيىسى بىلەن تاماكا ئارمىيىسى بۇيرۇقسىز ئوق چىقارغانلىقى ۋە!ئۆز ئادەملىرىنى قىرغانلىقى ئۈچۈن .قۇرالسىزلاندۇرۇلۇپ توپ-توپ قىلىنىپ قاپ زىندانىغا سولانسۇن!ئورنىغا پىچاق باتۇر مىخ رايونىدىن يېڭى ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىپ قاتتىق تەربىلىگەي!
  7.شاكىلات ئەپەندىمنىڭ مۇددىتى تۇشقىچە قەلەم شاڭجاڭ ئورنىغا ۋەزىپە ئۆتەپ تۇرسۇن! يەنە بۇندىن كىيىن بارلىق خەلىق ياكى ئەربابلار مۇشىنىڭغا ئوخشاش قالايمىقانچىلىق چىقىردىكەن ،چوقۇم ھەممىسى ئەخلەت ساندۇقى زىندانىغا پالىنىدۇ!
  ھۆكۈم چىقارغۇچى:ئادىل توپ غوجا .
باش مەسلىھەتچىلەر:پىچاق پالۋان ،قەلەم شاڭجاڭ ،تەييار چۆپ خېنىملار.

                مەنبە:ئۆز قەلىمىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mustafa2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-12 01:57 PM  


پادىشاھ ئوۋغا چىقىپ قاغىنى شۇڭقار دىسە،
سەن ئۇنى قاغادىمەي،ئەگىشىپ شۇڭقار دىگىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 05:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىززىقكەن:qiray121

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 06:24:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2012-2-12 05:31 PM
بەك قىززىقكەن

يامان قىزىق يىزىۋىتىپسىزغۇ ئىنىم :qiray13

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1040
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 547 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 06:45:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنكى جەڭدە پىچاق باتۇر بىلەن مىخ شاكىچىك سوقۇشىدىكەندە؟:qiray13

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 07:08:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bak kizzik qikip burun dos tihan maydanidiki jang ni okugan idim,
magizindiki jangmu kaltis qikip tu ,
keni baxka janglarnimu sak lai miz

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7503
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3247 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 07:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھا.......يامان قىزىق يىزىۋىتىپسىز....

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 07:23:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئىجادىي چىقىپتۇ !!!
ھى...ھى...
رەھمەت !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 07:23:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئىجادىي چىقىپتۇ !!!
ھى...ھى...
رەھمەت !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4984
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48543
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 10:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق چىقىپتۇ،‹‹داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ››دېگەن ھېكايە ئېسىمگە كەچتى...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4472
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3174 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 11:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق چىقىپتۇ،

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش