|
|
|
|
زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىز پەقەت چاچ ئۆرۈمەيدىغان بولۇۋالدۇق،ئەمدى راست گەپ قىلساق بۇرۇنقى ئانىلىرىمىزغا ئوخشاش 41 تال ئۆرىسەك تولىمۇ ياراشقان بولاتتى،ئەمما شۇ تۇرمۇش رېتىمى تېز بۇ شەھەرلەردە ئۇنداق جىق ئۆرۈشكە ۋاقت چىقىرالماي قالىمىز،ھەمدە ئۇنداق ئۆرىسەك خىزمەت ئۆگىنىش ۋاقىتلىرىدا سەل قولايسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن،بۈگۈن مەن شۇنى ئويلاپ مۇنبىرىمىزدىكى قىزلارغا بەك خوشياقىدىغان تېمىدىن بىرنى ئەكەلدىم.بۇ خىل چاچ ئۆرۈش ئۇسۇلىنىڭ نامى بەك جىقكەن،مەن بۇرۇندىن پىچانچەئۆرۈش دەيتتىم،كىيىن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن بۇغدايچەئۆرۈش،سامساقچەئۆرۈش،كۇچاچەئۆرۈش دەپ ئاڭلاپ كەتتىم،زادى قانداق ئۇقمايمەن،ئىشقىلىپ بەك يارىشىدۇ.چاچ ياغلىق ئىچىدىمۇ رەتلىك تۇرىدۇ.چۈشەندۈرۈشنى رەسىمنىڭ ئۆزىگە يېڭى يېزىق ھەرىپى بىلەنلا قوشۇپ قويدۇم.
بۇ چاچنىڭ دەسلەپكى ھالىتى:
يان تەرەپتىن چاچ ئالىمىز.
(ئاۋۇ كېپىنەك قىسقۇچنى ئىشلەتمىسىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ!)
چوڭ ئاپام ماڭا:" چېچىنى بىر تاللا بوغۇۋالغان قىزلارنى ئارقىدىن كۆرسەم ئۇيغۇرمۇ ئەمەسمۇ زادى ئۇقالمايمەن،ئوخشاشلا كۆرۈنىدۇ باشقىلار بىلەن" دېگەنىدى.نېمىلا بولمىسۇن نامىمىز ئۇيغۇر بولغانىكەن ساقلىيالىغۇدەكلا خاسلىقىمىز بولسا ساقلىشىمىز كېرەك،بۇ خىل چاچ پاسونى بىزگە بەكرەك يارىشىدۇ،باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىمىز.قېنى قىزلار قولۇڭلارغا تارغاقنى ئېلىپ چېچىڭلارنى قايتا تاراڭلار! بۇنداق بولغاندا چاچقا چىگىشمۇ كىرمەيدۇ،ئاسان بۇزۇلۇپمۇ كەتمەيدۇ! مۇنبەردىشىڭلار نەۋرۇزئاي بەك كۆيۈنىدۇ جۇمۇ سىلەرگە!(تىلىنى چىقىرىپ كۈلۈۋاتقان چىراي ئىپادىسى)
ئەسكەرتىش:مەن بۇ تېمام ئارقىلىق چېچىنى بوغىدىغانلارنى سىلەر ئۇيغۇرغا ئوخشىمايسىلەر دېمىدىم جۇمۇ!جىق ئويلاپ كەتمەڭلار ئەمدى،سۆز ئىشلىتىشتە خاتالاشقان بولسام توغرا چۈشىنەرسىلەر.يەنە بىر گەپ رەسىم پەقەت ماتىريال قىلىنىش ئۈچۈن چىقىرىلدى،مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nawruzay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-11 02:48 PM
|
|
|
|
|
|