|
|
|
|
«دۆلەت تۆلىمى دىلولىرىنى دىلو تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە ئائىت بەلگىلىمە» ئېلان قىلىندى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 10 – فىۋرال « دۆلەت تۆلىمى دىلولىرىنى دىلو تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە ئائىت بەلگىلىمە » نى ئېلان قىلدى . بۇ جەمئى 11 ماددىلىق ئەدلىيىلىك ئېزاھات 2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن . بۇ ئەدلىيىلىك ئېزاھات تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «دۆلەت تۆلىمى قانۇنى» غا ئاساسەن ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دۆلەت تۆلىمى دىلولىرىنى دىلو تۇرۇغۇزۇپ قاراپ چىقىش ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار دىلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى قىلىپلاشتۇردى . بۇ ئەدلىيىلىك ئېزاھاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلق سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت تۆلىمى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا ، «تۆلەم تەلەپ قىلىش قېيىن بولۇش» مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ، دۆلەت تۆلىمى دىلولىرىنى دىلو تۇرغۇزغاندىن باشلاپلا ئوڭۇشلۇق ھالدا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىدىن دىرەك بەردى . تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى http://www.kanunblog.com/
|
|
|
|
|
|