ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(2)
ۋەكىلمۇ، شەكىلمۇ
بىر كۈنى ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ، ئىككى سەپەرداشنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم: بەزى جايلاردا سايلام قىلغاندا يۇقۇرىدىن تولا چاغلاردا «پالانى ئادەمنى سايلاش شەرت»، شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىنسۇن، دەپ تاپىلايدىكەن. شۇ ئادەم چوقۇم كۆپ ئاۋاز بىلەن سايلىنىدىكەن. سايلامغا قاتناشقانلار «رېزىنكە تامغا» بولۇپ بېرىدىكەن. بەزىلەر «ۋەكىل»لەرنى «شەكىل»لەر دەپ ھەجۋىي قىلىدىكەن. سايلانغۇچىنىڭ سايلىغۇچىدىن بەكرەك يۇقۇرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك.
ئوبراز يارىتىش
-ئۇستاز، خەۋەر يازغاندا رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشنىڭ ھۈنىرىنى دەپ بەرگەن بولسىلا،- ئۆتۈندى يېڭى كەلدى مۇخبىر.
-ھۇشيار بالىدەك قىلىسەن، شۇ ئېسىڭدە بولسۇن،- دېدى قېرى مۇھەررىر:- بىر بولسا، ياۋۇز قارا كۈچلەر، چېرىك ئۇنسۇرلارنى غەزەپ بىلەن ئەيىپلىدى دېگەندەك غەزەپ-نەپرىتىنى تەسۋىرلەيسەن، بىر بولسا، كەمبىغەللەردىن ھال سورىغاندا، قەھرىمان-نەمۇنىچىلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا كۆزىگە ياش ئالدى، مانچە قېتىم ئىچ ئاغرىتتى دېگەندەك يىغلىغانلىقىنى تەسۋىرلەيسەن.
نەيرەڭ كارامىتىنى كۆرسەتتى. يېڭى كەلدى مۇخبىر يازغان خەۋەرلەردە رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازى گەۋدىلىك بولۇپ، ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
ئېلان
تىجارەتكە يېڭى كىرىشكەن بىر مېھمانخانا تېلېۋىزوردا ئېلان بەرگەندە ئادەتتىكى ئېلان مەزمۇنلىرىدىن تاشقىرى يەنە كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مۇنداق بىر گەپنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇپتۇ: «خىزمىتىڭىزگە ئورۇس چوكانلارمۇ تەييار».
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=517