مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1100|ئىنكاس: 15

قوشماقلارنىڭ تۇرمۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10556
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7452 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 07:58:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمگىكىمنى ھۆرمەتلەڭ!!!قالايمىقان باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!



-بالىلىرىم  بالىلار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى ،نىمە دىسەڭلار شۇنى ئېلىپ بىرمەن يۈرۈڭلار بازار ئايلىنىپ كىرەيلى.
پاتىمە؛ماقۇل! زۆھرە تىز بولە نىمىش قىلۋاتىسە ؟ئاپوۋ تىز بول دىگىنە ...
ھــــــــــە  مانا،ئاپا مەن كىيىم ئالمايتىم.
-ۋاي قىزىم ئالمىسىاڭ بولمايدۇ    گەپنى ئاز قىلىپ يۈرۈڭلار.
پاتىمە؛لا لا لا كەينىدە قالغان ئىشىڭ ئىتىدۇ،زۆھرە ئىشىكنى ئەمدى سەن ئەتكىن .
ماقۇلە ،ئەجەپ ! دائىملا مەن ئىتەمدىم تازىمۇ بىر،ياق ئاپوي  سەن ئەت.
-ماقۇل بولدى ،مۇشىنىمۇ بەسلىشىپ مەن ئىتىۋىتىمەن،جىم تۇرۇپ تۇرۇڭلار ھە!
پاتىمە؛ھى ھى ئاپام سىنى دەۋاتىدۇ.
ياق سىنى دەۋاتىدۇ.
-بولدى قىلىڭلار يۈرۈڭلار.
                                  ...بىردەم ئۆتكەندىن كىيىن...
پاتىمە؛ئاپا ھىرىپ كەتتىم.
-مانا كەلدۇق بالىلىرىم،ئوينىماي مېڭىڭلار
مەن ئوينىمىدىم مۇشۇ پاتىمە ئويناتىدۇ .گەپ قىلە ئاپا.
-ھە بولدى ،ئالدىمىزدىكى چوڭ يولدىن ئۆتىمىز،پاتىمە سەن مىنىڭ قولۇمنى تۇت ،زۆھرە سىنىڭ قولۇڭنى تۇتسۇن.
پاتىمە؛ماقۇل ئاپا،زۆھرە ئەكىلە قولۇڭنى؟
ياق سىنىڭكىنى تۇتمايمەن ئاپامنىڭكىنى تۇتىمەن.
- بولدى بولدى قولۇڭلىنى ئەكىلىڭلار.
-مانا كىردۇق ،خالىغىنىڭلارنى تاللاڭلار بالىلىرىم مەن ماۋۇ تەرەپلەرگە قاراپ باقاي.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزچاق قوشماقلارنىڭ كىيىملىرى بارمۇ ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەئە بار ،بۇ بولامدىكەن؟
-باللىرىم قاراڭلار بۇكىيىم بولامدىكەن؟
پاتىمە؛ياق بولمايدىكەن ،مەن ماۋۇنى ئالىمەن.
-زۆھرە قىزىم سىەنمۇ پاتىمە ئالغاننى ئالامسىە؟
ماقۇل ئاپا  بەك چىرايلىقكەن ،بولىدىكەن مۇشۇنى ئالايلى.
-قىزچاق بۇ خىلدىكى كىيىمنىڭ ئوخشاش دەرىجىلىكىدىن بۇ ئىككىسىگە بىر خىل قىلىپ ئېلپ چىقسىڭىز بولۇپتىكەن .
-ماقۇل ،مانا
-رەخمەت ھە ،
-بالىلىرىم بۇ كىيىم يارىغاندۇ سىلەرگە ؟
ئەلۋەتتە تاتلىق ئاپا ،بەك چىرايلىقكەن.رەخمە سا ڭا    سۆيۈپ  قوياي  سېنى
پاتىمە؛ئاپا ئاپا راس بەك چىرايلىقكەن ،مەنمۇ سۆيۈپ قويىمەن.
-بولدى قىلىڭلار قوشماقلىرىم ،چۈش بوپتۇ نىمە يەيسىلەر؟
مەنما؟ نىمە بولسا مەيلى..
-پاتىمە سەنچۇ ؟
لەغمەن يەيمەن.
-باللىرىم ئەمسە لەغمەن بىلەن ئىككى زىختىن كاۋاپ يەيلىمۇ؟
-مەيلى ئاپا.
شۇ كۈنى راسا ئويناپ  ئۆيگە كىردۇق. ئاپام ھىرىپ كەتتى بولغاي كىرىپلا ئۇخلاپ قالدى .مەن بىلەن پاتىمە ئاپام ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى كىيىپ  ھويلىدىكى تامنىڭ يېرىمىدىن چوڭ  ئەينەككە قاراپ ؛
پاتىمە؛قارا زۆھرە مىنىڭ چىرايلىقمىكەن؟
خى خى ئىككىمىزنىڭ كىيىمىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ئونتۇپ قالما .
پاتىمە؛ئىككىلىمىزگە شۇنداق يارشىپتۇ ،قارا تېخى سومكىسى بار ئىكەن .
قارا پاتىمە ،ئاچامنىڭ سومكىسىغا ،ئىچىدە شۇنداق كۆپ كىتاپلار باركەن. ئۆتكەن قېتىم  ئاچامغا مەن سىنىڭ سومكاڭنى ئېسىپ  سېنى مەكتەپكە  ئاپىرىپ قويۇپ يىنىپ كىلەي دىسەم،ياق ئۇكام سەن مۇ كىلەر يىلى مەكتەپلە بارىسەن   شۇ چاغدا ئاپام ھەممىنى ئېلىپ بىردۇ دەيدۇ. سېنىڭچە شۇ گەپ راسمىدۇ؟
پاتىمە؛راس مىكى
ھەي قاچان چوڭ بولامىز .
پاتىمە؛بولدى ماڭە،مۈنىرە تولاتىدۇ مۇكۈشمەك ئوينايلى.
ھە مەقۇل توختاپ تۇرە.
ھەي،مىنىڭ ئايىغىمنى كىيۋاپسەن.
پاتىمە؛ياق ئۆزۈمنىڭ سىنىڭ ئاۋۇ يەردىكى گۈلى ئۈزۈلۈپ كەتكەنغۇ؟
نەدە ھۈ ھۈ ھۈ مىنىڭكىنى كىيۋاپسەن،دادامغا دەيمە.
-ۋاي نىمە بولدۇڭلار ،زۆھرە نىمىگە يىغلاۋاتىدۇ؟
پاتىمە؛ئاپا ئۆزۈمنىڭكىنى كەيسەم ،مىنىڭكىنى كىيۋاپسەن دەي دۇ.
-ۋاي باللىرىىم  قوشماق بولغاندىكى ھەممە نەرسەڭلار ئوخشاش كىيىۋەرسەڭلار بولمىدىما؟
يا يا يا ھۈۈۈ،ئۆزەمنىڭكىنى كىيمەن ،مىنىڭ ھەممە يىرى ساقتى.ھۈ ھۈ ھۈ
-ھە بوپتۇ بالام سالە زۆھرە كىيىپ تۇرسۇن .
پاتىمە؛ ياق ياق بۇمىنىڭ ئايىغىم بەمەيمەن.
-ئەمسە ئەتە مەن چىرايلىقىنى ئېلىپ بىرەي يىغلىماي كىيىپ تۇر ماقۇلما قىزىم ؟
ئىم ماقۇل .
پاتىمە؛ماڭە بولدى ئوينايلى .
                                 ...بىر نەچچە كۈندىن كىيىن...
-باللىرىم  مىڭلا
نەگە بارمىز ئاپا؟
-بۈگۈندىن تارتىپ يەسلىگە بارسىلەر .
پاتىمە؛ۋاھھھھھھھھ! نىمانداق ياخشى .
ۋووووووو
ئوقۇتقۇچى ؛قوشماقلا سىلەر ماۋۇ ئورۇندا ئولتۇتۇڭلار.
-ماقۇل خانىم
-ئەمدە سىلەرگە  بوياق تارقىتىپ بىرمىز، كىتاپتىكىدەك  چىرايلىق قىلىپ ماۋۇ دەرەخنى سىزىڭلار .
ئەممىسى بىشىنى قويۇپ رەسىم سىزىۋاتاتتى .ئۇلارنىڭ ئارسىدا مەنمۇ بار ئىدىم.
تۇيۇقسىز مۇئەللىم يىنىمغا  كىلىپ خان شۇنداق چىرايلىق سىزىپسىز !دىدى .ھەم ئۇلاپلا سىزىپ بولغانلا سىرىتقا چىقىپ ياغلىق تاشلاش ئويىنى ئوينايسىلەر دىدى .كەينىمدىنلا پاتىمە سىزىپ بولدى. ئارقائارقىدىن ئوقۇغۇچىلار مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى.
-پاتىمە ياغلىقنى سەن ماقا تاشلا جۇما بولمىسا  ئاپامغا دەيمەن.
پاتىمە؛سەنمۇ ماڭا تاشلا جۇما.
تۇيۇقسىز ياغلىق مىنىڭ كەينىمگە چۈشتى.مەن ئۇياغلىقنى باشقا بىر سىنىڭ كەينىگە تاشلىدىم.
پاتىمە؛بوپتۇ ھە زۆھرە  ئۆيگە بارغاندا ئاپامغا دەيمەن.
بوپتۇ دىسەڭ دە .

كەينىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاي ،توغرا چۈشىنىڭلار      .








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabinur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-11 04:26 AM  


قىزلار سۇدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماڭ.نۆل سىلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتسىلا ئۇ مۇزغا ئايلىنىپ سىزنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56087
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5148
تۆھپە نۇمۇرى: 1325
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 09:46:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نىمە،  دىئالوگما،  

مەن قەيسەر قىزمەن !

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 832 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 09:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن دوستۇم .....ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74777
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 10:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئاللا ھەجەپ قىزىقىپ ئۇقۇۋاتقان ئاخارنى قاچان چىقىراسىز ئەمدى ئامال با تىز بۇلۇڭ ھە ، لىكىن ئۆز گىپىمگە كەلسەم ياخشى يېزلىپتۇ قوشماقلانى ياخشى تەسۋىرلەپسىز   ئۇقۇۋېتىپ قوشماقلانىڭ چۇلدۇرلاشلىرى  كىنو فىلىمىدەك  كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى .
:qiray121

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3527
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 10:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قوشماقلارنىڭ ئىسمىمۇ مېنىڭ قوشماق نەۋرە سىڭىللىرىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشايدىكىنا،قارىغاندا قوشكىزەك قىزى بارلارنىڭ ھەممىسى مۇ شۇ ئىسمنى قويغان چېغىۋا..........

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5867
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44083
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2419 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 10:26:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار تىلى يېقىشلىق چىقىپتۇ...

1-شەخس تىىلى بىلەن 3-شەخس تىلى ئارىلىشىپ كېتىپتۇ،ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن،كۆپرەك دىققەت قىلىڭ....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 733
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 11:34:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئانا ھەم ئۇ قوشماقلار بەك بەختىيار ئىكەن .

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24578
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 11:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Kulkam803 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-10 11:34 PM
بۇ ئانا ھەم ئۇ قوشماقلار بەك بەختىيار ئىكەن .

باش سۈرەتتىكىسى سىزنىڭ تويلۇق سۈرىتىڭىزما ؟

ئۆزىڭىز بولسىڭىز بەك چىرايلىق چۈشۈپسىز .     چوڭايتىۋالغىدەك ....

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10556
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7452 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 12:09:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                     ...دەرىس ئارلىقىدىكى دەم ئىلىش...
پاتىمە؛قاراپ تۇر ھە ئاپامغا دىمىسەم،سىنى تازا ئۇردۇ.
بولدى دىمىيە،خاپا بولما كىيىن  ياغلىقنى چوقۇم ساڭا تاشلايمەن.
پاتىمە؛ئاباي شۇنداق كۆپ بالىلارنىڭ ئالدىدا،دىسەڭ دە دەپ چوڭ سۆزلىگەنتىڭغۇ؟ ئەمدى ماڭا يىلىنساڭمۇ بىكار.

مە بولدى مە ماروجنىنى ساڭا بىرەي دىمىيە بولدى .
ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى.
ئوقۇتقۇچى؛بالىلار بۈگۈن ياخشى ئوينىدىڭلارمۇ؟
ھەممە ئوقۇغۇچى؛ھــــــــــە ئـــــــــە
ئوقۇتقۇچى؛بىردەم تۇرۇپ ئائىلەڭدىكىلەر سىلەرنى ئىلىپ كىتىدۇ.مەن بىلەن بىللە قاتار بولۇپ مەكتەپ ئالدىغا تىزىلىپ تۇرۇڭلار بولامدۇ؟
ھەممە ئوقۇغۇچى؛ماقۇل
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپنۇرغۇن بالىلارنى ئاتا -ئانىسى ئىلىپ كەتتى ،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تىخى كەلمەيۋاتاتتى.
ئاپام بىزنىڭ بۇيەردە ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
پاتىمە؛ياق ئاپام ئۇنۇتمايدۇ،بىر دەمدىنكىيىن چوقۇم كىلىدۇ.
ۋەەەەەە ھە ھە ھە ھۈھۈ ئاپام كەممەتىدۇ.كەچتە ئەمدە نەدە ئۇخلايمىز.
پاتىمە؛ قايلا قايلا  ئاۋۇ دادامغۇ؟
قەنە ؟
پاتىمە؛ ھەي دۆت قايلا كىلىۋاتىدۇ.ئاۋۇ ۋەلسىپىتنى كۆدەڭما؟
ھە ئە ئە،كۆدۈم راس دادام كەن. دادوۋۋۋۋۋۋۋۋۋ
ئۇزاق ئۆتمەيلا بالىلار دادىسى بىلەن يىنىپ چىقتى.
پاتىمە؛دادا مەن كەينىدە ئولتۇرمە .
ھە؟ مەن نەدە ئولتۇرمە ئەمسە .ياق مەن كەينىدە ئولتۇرمە .
- بولدى بولدى ،زۆھرە سەن سۆۋەتتە ئولتۇر  بولامدۇ؟
مەن ھەيرانلىق ئىچىدە سۆۋەتكە چىقىپ ۋەلسىپىتنىڭ رولىغا كاسامنى قويۇپ ئولتۇردۇم.راس دادام دىگەندەك شۇنداق پەيزى بولىدىكەن ئەمەسمۇ.
-ھە ئولتۇرۇپ بولدۇڭلىما باللىرىم ،ئەمسە يولغا چىقتۇق.
ۋووووووومەن ئۇچىۋاتىمەن،ھەي دادا سەن نىمانداق پاكا،قايلا مەن مەن سىنىڭ بېشىڭنىڭ تۈپىنى  كۆدۈم .
پاتىمە؛راس شۇنداق ياخشى بولامدىكەن؟
ۋووووووو مەن پادىشاھ سەن ۋەزىرىم بول ھە ،شۇڭا كەينىمدە ئولتۇرسە ھى ھى
ئۇزاق ئۆتمەي ئۆيگە كىردۇق، ئاپا م تاماق ئىتىۋاتاتتى پاتىمە ئىشىكتىن كىرە كىرمەيلا  ئاپا قايلا ما ۋۇ،ئويۇن ئوينىغاندا ياغلىقنى ماڭا تاشلىماي خەقكە تاشلىدى.
-قىزىم راس شۇنداق قىلدىڭما؟سىلەر دىگەن قوشماق ھىلىتىن بۇنداق قىلىشىپ يۈرسەڭلا چوڭ بولغاندا ياتلىشىپ كىتىپ قالماڭلار ،بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئىشنى قىلما ھە؟ ماقىتىم بوپتۇدەي كىيىن يەنەشۇنداق قىلساڭ ئۆيدىنچىقىرۋىتىمەن.
بۇگەپنى ئاڭلاپ يۈركۈم مۇزلاپ قالغاندەك بولدى ،تۆۋەن ئاۋازدا ماقۇل ئاپا ئۇنداق قىلمايمە ئەمدە دىگىنىمچە پاتىمەگە خەپ ھە دەپ قويۇپ ئۆيۈمگە  كىرىپ كەتتىم ئارقىدىنلا پاتىمە كىردى.
پاتىمە؛ھى ھى ئاپامنىڭ نىمە دىگىنىنى ئاڭلىدىڭما؟
دەپ يىنىمغا كەلدى.
ھە ئە قانداق خوش بوپ كەتتىڭ ھە،ئىسىت سەندەك قوشمۇقۇم بولمىسىچۇ،دىگەنچە دۈم يىتىۋالدىم .

                                             ...1-يىللىققا چىققاندا...

دادام؛ مانا  مانا مىنىڭ قوشماقلىرىم بىر تىزىملاپ قويساڭلار بوپتىكەن.
بىرئوقۇتقۇچى؛ۋاي بۇ ئوماقلار راس قوشماقما ،ئەجەپ بىر بىر سىگە ئوخشىمايدىكەن.
يەنە بىرسى؛نىمە دەيدىغانسىز شۇنداق ئوخشايدىكەن قاراڭ؟
ئىككىمىز بىر يەردە تۇرۇپتۇردۇق،دادام ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدىن يۈگرەپ چىقتى.
زۆھرە سەن  1دە 1گە كىرىپكەن،پاتىمە سەن 1دە 2گە كىرىپسەن .
ئۇزاق ئۆتمەي مۇئەللىمنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.پاتىمە قېنى سىز بۇقاتارغا كىرىڭ.
پاتىمە ماڭابىر قارىۋىتىپ كىيىن دادامنى قاراپ مەندىن ئايرىلالمايۋاتقاندەك ،كۆزلىرىنى يىېڭى بىلەن سۈرىتكەچ يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى.
مانا تۇغۇلۇپ بۈگۈن  قوشمىقىمدىن ئايرىلغىنىمنى ،ئايرىلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ دادامغا قاراپ تۇرۇپ.
ۋەەە ھۈ ھۈھۈ پاتىمە كەتتى مەن شۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيمەن .
دىگەنچە قاتتىق يىغلاپ كەتتىم،كىيىن يىغام توختاپ دادامغا قارىسام ،دادامنىڭمۇ كۆزى ياش يۇقى تۇراتتى .
دادام؛بولدى قىزىم سىنىمۇ خانىمىڭ تولاتىدۇ.كىرىپ كەتكىن.
دادا سىىنى سۆيۈپ قوياي.خوش دادا
دادام ماقۇل باللىرىم دىگىنىچە كىتىپ قالدى.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabinur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-11 05:37 AM  


قىزلار سۇدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماڭ.نۆل سىلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتسىلا ئۇ مۇزغا ئايلىنىپ سىزنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10556
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7452 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 01:02:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2012-2-11 02:17 AM
بۇ قوشماقلارنىڭ ئىسمىمۇ مېنىڭ قوشماق نەۋرە سىڭىللىرىم ...


قوشماقلارنىڭ ئىسمىدىن باشقا، ئاساسى مەزمۇن قىلىنغانلىرى راس .

ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغىنىم؛
مەنشۇ دىئالوگ ئارقىلىقلا،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى  ،تۇرمۇش ئىچىدىكى گەپ سۆزلىرىنى تەسۋىرلەپ زۆھرە سۆزىنى ھەم ئاپتور سۆزى ھەم دىئالوگ سۆزى قىلىپ قىستۇرغان ،لىكىن بىر ئويلىسام چولتا بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.  تازا مۈكۈممەل ئەمەس!
مۇنداق تۇرمۇش تەسۋىلەنگەن ھىكايىنى تۇنجى قېتىم يېزىشىم ،مەن يېزىپ پۈتتۈرۈپ قويۇپ پۈتكەنگە قاراپ يازمىغان ،پەقەت شۇ ئۆتكەن كىچىك ۋاقىتتىكى ئىشلارنى  كومپىيوتىر  ئالدىدا بىر تەرەپتىن ئويلاپ يەنە بىر تەرەپتىن يىزىۋاتىمەن ،شۇڭا سەۋەللىكنىڭ كۆرىلىشى ئېنىق!شۇڭا مەندەك سىڭلىڭلارغا كۆپرەك يول قويۇپ،خاتالىقلىرىمنى كۆرسۈتۈپ قويۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabinur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-11 05:34 AM  


قىزلار سۇدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماڭ.نۆل سىلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتسىلا ئۇ مۇزغا ئايلىنىپ سىزنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش