قىرىق بىر يالغان
(توخسۇن شىۋىسى ئاساسىدا)
ئەسسالام جامائەت مىنى ئەھۋالىمنى سورىسىڭىزلار ،كۈچۈم بار ماغدۇرۇم يوق،بىر ئىشقا پەمىم بار ئىپىم يوق،سىزلەرگە دەپ بەگۈدەك بەكمۇ تولا گىپىم يوق،سىزلەرنىڭ بۇ روھىڭىزلارنى ھىچقانداق توسالغۇ ياندۇرالمايدۇ ، بىر كىچە كۈندۈز پاراڭ قىپ بەرسىمۇ بۇ ئوغۇل تەلىۋىڭىزلەرنى قاندۇرالمايدۇ .
بىر چاغلاردا شۇنداق ئەر ئىدىم،بارنىمۇ يوق قىلدىغان ،يوقنىمۇ بار قىلدىغان ،تۇمۇقىمنى يان شاخقا ئىلىپ قويۇپ راسا ئۇخلايدىغان ،بىر تال قەلەمنى لىم قىلدىغان ، ئىش قىلسام خەقتىن كام قىلىدىغان،ئالتە تاۋاق ئاش كەلسە بىر كاپامدا ھام قىلىدىغان ،بەش جىڭ كەتمەننى كۆتۈرۋىلىپ ئاخشامدا بىر يۇمۇلاش لاي قىلىدىغان ،ئۇنى ئاپىرىپ قىغىر مايتۇق تام قىلىدىغان ، قىنى ئاتارمەن چاپارمەن ئەر بارمۇ ؟.....................
بىر كۈنى ئالمىغان ئايالىمنى جۈمە قىلدۇرۇپ كىلەي دەپ ئۆچكىگە مىنگۈزۈپ ماڭدىم ، بىر چاغدا قارىسام بىر نەرسە ھاسراپ -ھۆمۈدەپ كىلۋېتىپتۇ،ۋوي نىمە بولدى ؟- دىسەم ،تىز بول تۇرپاندىكى ھىكىم پايپاقنىڭ مۇزخانىسىغا ئوت كىتىپتۇ دەيدۇ ،شەدىن ئايالىمنى تاشلىۋېتىپ يۈگۈرۈپ بارغۇدەك بولسام يىڭى ئوت تۇتاشقان ئىكەن .ئۇنىڭغا ئون ئۈچ ھارۋا سەرەڭگە ،ئوت تۆت ھارۋا يانتاق قالاپ ئوتنى ئاران ئۈچۈرۋالدىم ،قىنى ئاتارمەن چاپارمەن ئەر بارمۇ ؟.........
شەدىن يىنىپ ئارقىمغا قارىماي كالا تۇتقىلى كىتىۋاتسام ،ئارقامدىن كەپتۇ ئوتتۇز بۇققا ،راسا سۈزۈپتىكەن جاققا-جۇققا ،ئۆرۈلۈپ چۈشتۈم باراڭلىققا ،يۈگۈرۈپ قوپۇپ توققۇزىنى تۇتىۋىلىپ سولاقويدۇم ئاغزى ئىچىلمىغان توڭ قاپاققا ،ئەتىسى كىلىپ قاراپ باقسام ئوخشاپ قاپتۇ بىر قىشى يوق لىڭغىرچاققا.
شەدىن يىنىپ ئاچچىغىمدا مادا ئىشەككە ياغاچ تاققا ،ھاڭگا ئىشەككە تۈمۈر تاققا ،يامان خۇتۇنغا زىنجىر ھالقا ،ئامدان خۇتۇنغا ئالتۇن ھالقا ،قارا چاپانغا بۆرەك ،ياققا كالتا چاپانغا نىمە ياققا ،توخسۇنغا كىتەي دەپ ماڭدىم
قىنى ئاتارمەن چاپارمەن ئەر بارمۇ؟.........
بىر كۈنى ئوڭدىسىغا زۇڭزۇيۇپ دۈم ياتسام ئارلىقى يىراق ئارتام خوشنام كىرىپ كەلدى ،ۋوي نىمىگە ئولتۇرسەن ؟يوق قىيناناڭ بىلەن يوق قىيناتاڭ كەپتۇ دەيدۇ ،ئۇلارنى كەپتۇ دەپ ئۆچكە سوياي دىسەم چۇپۇرچۇلۇق ،قوي سوياي دىسەم ئورۇقچۇلۇق، ئامال يوق بىر سەركەم بار ئىدى ئۆلتەدىم ،سەركىنىڭ بىر مۈڭگۈزى يوق قىينانامنىڭ قىڭغىرىغىغا ساپ بولدى، قېرىنلىرى تىزەك تېرىيدىغان قاپ بولدى ،تىرىسى دۇڭگۇرۈڭ دۈڭگۈرۈڭ دۈڭگۈرۈڭ داپ بولدى ،بىر سەركىنىڭ گۈشىنى يوق قىينانام بىلەن يوق قىيناتام ھەممىسىنى يەپ بولدى ،ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۆيدە غۇدۇر غۇدۇر غۇدۇر گەپ بولدى .
شۇنىڭ بىلەن يەمشىگە بارماق ئۇڭايدەك، يەمشىگە بارسا گۇنادەك يەمشىدە تۆت تاز بار دەيدۇ بۆكلىرى مۇنادەك ،ئەتىيازلىقى قۇناق كانتۇلىغانلارمۇ شۇلاردەك ،شۇلار بىلىدىكەن ئىشنىڭ ئىپىنى ،ئەمدى كەلسە قوڭىغا تىپىنى ،قولتىغىدا دېپى ،مۈرسىدە قىپى .قىنى ،ئاتارمەن چاپارمەن ئەر بارمۇ ؟........
كىچىك باللا يىغلايدۇ ئىمىتكىلى ئاپا بولمىسا ،تۈزۈگەرەك پاراڭ قىپەرمىدى دەپ جامائەت مەندىن خاپا بۇمىسا
مەنبە:توخسۇن مەتتەم مەشرىپى
ئالدىنقى سان تۇرپان پاراڭلىرىنىڭ مەنبەسى :
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-24768-1-1.html