ئانا ،بىر دەرەخ،ئۇنىڭ مېھرى بىزنىڭ روھىمىزغا يىلتىز تارتقان.ئۇنىڭ يىلتىزىغا چىرماشقان ھەر قانداق بىر روھ مەڭگۈ ياشىرىپ تۇردۇ،ئۇ كۈيلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك تىمىسى.بىز ئۇنى ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئۇلۇغلايمىز ،مەڭگۈ ئۇنىڭ مېھىرلىك قۇچاقلىرى ئارسىدا كۈلۈمسىرەيمىز.شۇڭا ھەمىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا مېھىر-مۇھەببەت قەرزىمىز بار. ھەمىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش مەجبۇريىتىمىز بار.
ھەمىمىزنىڭ ۋاپادار،كۆيۇمچان پەرزەنىت بولغىمىز كىلىدۇ.كىچىكىمىزدىن باشلاپلا قەلبىمىزدە ئانامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن،دەيدىغان بىر ئارزۇ لاۋۇلداپ تۇرىدۇ،لېكىن ئاشۇ ئوت مەڭگۈ ھەقىقىي يالقۇنغا ئايلىنالماي ئۆتۇپ كېتىدۇ.
يۈرىكىمىزگە قولىمىزنى سېلىپ كۆرۇپ باقساقلا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ گەرچە ۋاپادار پەرزەنىت بولغىمىز بولسىمۇ لېكىن بولالمىغانلىقىمىزنى بايقايمىز.
ۋاپادارلىق پەيىتلىرىدە ھامان بىر ئىش ،ھامان بىر سەۋەب يولىمىزنى توسۇپ قويغان بولىدۇ.
مەسىلەن: دوسلار بىلەن بىر ۋاق ئىسىل غىزادا بىرگە بولغاندا ،ئۇنىڭدىن ئانىمىز بىلەن بىللە بەھىرمەن بولۇشنى ئويلىساقمۇ ،لېكىن دوسلىرىمىزنى تاشلاپ كىتەلمەيمىز.نەتىجىدە بارا-بارا بۇنداق ۋاقىتلارنى ئۇنى ئويلىمايدىغان بولۇپ كېتىمىز .
بەلكىم شۇ چاغدا ئانىمىز قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن كۆكتات تىلەپ چىقىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
بەزىدە ئانىمىزنىڭ كېيىۋاتقان كىيىمىنىڭ بىر قانچە يىل ئاۋالقى كىيىم ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.ئۇنىڭ بۇنداق كىيىم بىلەن دوسلىرىمىزغا كۆرۇنۇشى بىز ئۈچۈن ئۇياتلىق ئىشتەك تۇيۇلىدۇ.لىكىن ئۇنىڭغا بىر قۇر يېڭى كىيىم ئىلىپ بىرىش ئويىمىزغا كەلگەندە يانچۇقىمىزدىكى پۇلنىڭ ئىشى چىقىىپ قالغان بولىدۇ.
شۇڭا ،ئاپا كىيىملىرىڭ كونىراپ كېتىپتىغۇ،باشقا كىيىمىڭ يوقمۇ ؟ دەپلا قويىمىز،ئانىمىز ئالدىمىزدا خىجىل بولۇپ قالىدۇ.
چۈنكى،ئۇ بالاممۇ مېنى مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇڭا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئالدىدا كىيىمىنىڭ كونا بولىشىدىن خىجىل بولمايدۇ.
لېكىن بىز ئۇنداق ئەمەس.ئۇنىڭ كونا كىيىملىرى بىلەن دوسلىرىمىزنىڭ ،خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ،تونۇش-بىلىشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرۇنۇشىدىن خىجىل بولىمىز. بۇ تۇپەيلى باشقىلارنىڭ ‹ پالانى ئانىسىغا كۆيۇنمەيدىكەن›دېيىشىدىن ،ئۆز ئابرۇيىمىزغا نۇقسان يېتىشىدىن قورقىمىز.بەزىلىرىمىز ئۇنىڭغا كۆڭۇل بولۇپ ئاياللىرىمىزنىڭ كىيمەي تاشلاپ قويغان كىيىملىرىنى كىيدۇرۇپ قويىمىز.شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىز بىر ئاز قانائەت تاپقاندەك بولىدۇ .مانا بۇ بىزنىڭ يەتكۈزگەن ئاتالمىش ۋاپادارلىقىمىز.
ئانىنىڭ مېھرى مەڭگۈ شەخىسيەتسىزدۇر.ئۇ كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر ئانا ئىدى چوڭ بولغىنىمىزدا ئۆي خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.ئۇ بىزدىن پۇل تەلەپ قىلمايدۇ،ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىدۇ،نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلنى تىقىۋالمايدۇ..قورۇما قورىغاندا بىرەر تال گەشنىمۇ ئاغزىغا سېلىۋالمايدۇ.
ئۇبولغاچىقىلا ئۆيىمىز شۇنچە بىخەتەر.
ئۇ ھورۇن ئەمەس.ئۇنى قىل،بۇنى قىل دېمىسەكمۇ ئىشنى ئۆزى تېپىپ قىلىدۇ.ئايالىمىزنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچىرسىمۇ بىزگە زارلانمايدۇ.ئۆي خىزمەتچىلىرىدەك يامانلاپ كەتمەيدۇ.مائاشىمنى ئۆستۇرۇپ بەر دىمەيدۇ .ئۇنى خالىغان چاغدا چاقىرىپ،خالىغان ۋاقىتتا كەتكۈزۋەتسەك بولىدۇ.
ماھىيەتتە: نۇرغۇن كىشىلەر ئانىسىنى ئۆيگە ئەكىلىپ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشى ئەمەليەتتە ئانىلىرىنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىش ئۈچۈندۈر.ئانام ياشىنىپ قالدى،ھالدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ،دېگۈچىلەر ئوبدانراق ئويلىنىپ باقسا ئىش مۇشۇنداق بولۇپ چىقىدۇ.
بىز گاز ئوچاق ئىشلىتىۋاتقان چىغىمىزدا ئانىمىز يەنىلا قاتتىق ئوتۇن تېرىپ قالاۋاتقان بولىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ ئىس يىنىپ تۇرغان ئۆيگە كىرسەك تۇرغىمىز كەلمەي بىردەمدىلا يىنىپ چىقىمىز.ئانىمىزنىڭ بىزگە كۆرپە سېلىپ بىرىش ئۈچۈن سوزۇلغان قوللىرى بوشلۇقتا قىتىپ قالىدۇ.‹ئانا نەچچە قېتىم دېدىم ئوتۇن قالىماڭ دەپ،ئۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق› دەپ شۇنداق كايىپ قويىمىز-يۇ، لېكىن ئۇنىڭغا كۆمۇر ياكى گاز ئەكىلىپ بىرەلمەيمىز.بىزنىڭ ئانىلىرىمىزغا بولغان غەمخۇرلىقىمىز ئۇنە شۇنداق ئۇنى قىل ،بۇنى قىل ،دېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.
ئانىلىرىمىزنىڭ شۇنى قىلغۇسى يوقمۇ؟،-بار لېكىن تۇرمۇش ئۇنى شۇنداق قىلالمايدىغان ھالغا چۇشۇرۇپ قويدى.بەلكىم بىزنىڭمۇ قىلىپ بەرگىمىز بار بولۇشى مۇمكىن.لېكىن تۇرمۇش بىزنى شۇنداق ھالغا چۇشۇرۇپ قويغان.ئۇلار بىزنىڭ تاتلىق گەپلىرىمىزنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ .قوشنىلىرىغا ،باشقىلارغا بىزنىڭ ناھايىتى كۆڭۇل بولىۋاتقانلىقىمىزنى سۈيۈنۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرىدۇ.بالىلىرىنىڭ قولى قىسقا بولمىغان بولسا ،ئۆزىنى ھېچ نەرسىدىن قىسىپ قويمايدىغانلىقىنى ھېلىمۇ ياخشى خەۋەر ئىلىۋاتقانلىقىنى ئىيتىپ ماختىنىدۇ.
ئانا ھېچقاچان بالىسىنىڭ نامراتلىقىدىن نۇمۇس قىلمايدۇ،پەقەت بالا ئانىسىنىڭ كىيىمىنىڭ كونىلىقىدىن،قولىنىڭ قىسقىلىدىننۇمۇس قىلىدۇ.ئانا ئۆيگە كەلسە كۆرپە سالمايەۇ،كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بەرمەيدۇئۆز قاچىسىدىكى گۆشنى ئۆز قاچىسىغا سالمايدۇ.بالا نۇرغۇن ئىشلارنى ئانىدەك ئويلىيالمايدۇ.
توغرا،ئانىنىڭ ئۆيى كونا،زەي پۇراپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭ گاز ئوچىقىمۇ يوق،ئوي سەرەمجانلىرىنى تاشلاۋەتسە ئوغرى ئالمايدۇ.ئانا توكنى تىجەيمەن دەپ ئاخشاملىرى قاراڭغۇدا ئولتۇرىدۇ .پۇل تىجەش ئۈچۈن خىلى يىراق يەرلەرگىمۇ پىيادە ماڭىدۇ.سودا قىلغاندا باھا تالىشىدۇ ھەمدە ئەرزان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئانا،ئۇنى چۇشەنمەك ھەقىقەتەن تەس.
ئانا ھەقىقەتەن بىزگە يىتىشىپ بولالمىدى،جەمئىيەتنىڭ كەينىدە قالدى.ئۇنى تىرىك ئاسارە-ئەتىقە دىسىمۇ بولىدۇ.لېكىن ئويلاپ باقساقبۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۈك سەۋەبلىرى بار.ئەسلىدە ئاشۇ كونا ئۆي بىز تۇغۇلغان چوڭ ئۆي بولغان ئىدى.
بىز شۇ ئۆيدە توي قىلدۇق،ئۆي تۇتتۇق،ئۇ چاغد ابۇ ئۆيلەر بىزگە كونا بىلىنمەيىتتى.كېيىن بىزگە يېڭى ئۆي سېلىپ بىرىپ بۆلەك چىقاردى.ئاشۇ ئۆي سايمانلىرى ،تېلېۋىزۇر بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىزگە يۆتكەلدى.بۇ چاغدا ئۇ نەرسىلەر زاماننىڭ ئالدىدا ئىدى،شۇڭا بىز باشقىلار ئالدىدا مەيدىمىزنى كىرىپ يۇرەتتۇق.
زامان تەرەققىي قىلدى،كونىنىڭ ئورنىغا يېڭى زامانىۋى ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىۋالدۇق ئانىمىزنىڭ شۇ پىتى تۇردى.ئۆيىمىزدىكى زامانغا ماسلاشمىغان سەرەمجانلارنى ئانىمىزغا ئاپىرىپ بەردۇق.شۇنىڭ بىلەن ۋاپادارلىقىمىز،كۆيۇمچانلىقىمىز قانائەت تاپقاندەك بولدى.
ئىسىمىزدە بولسۇنكى:بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىز بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز چۇشمەيدىغان نەرسىلەردۇر.شۇڭا ئىككىلەنمەي بىرىۋەتتۇق.مۇشۇنداق ئىشلار تۇپەيلىدىن ئانىمىزغا يىتەرلىك غەمخۇرلۇق قىلالمايۋاتقاندەك،داۋاملىق بالىلىق قەرزىگە بوغۇلۇپ ياشايمىز شۇڭا داۋاملىق ۋاپادار بالا بولۇشنى ئويلايمىز،ئەمما مەڭگۈ قىلى بولالمايمىز.
ئەمدى قارىساق ئانىمىزنىڭ يىشى بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ،ئۇ ئارتۇقچە نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلمايدۇ،بۇرۇنقىدەك ئاددىي ئۆتكەن ھاياتىغا قانائەت قىلىپ ياشايدۇ.ئۆز ئۆيىمىزگە ياندۇرۇپ چىقايلى دېسەك ئۇنمايدۇ.ئاستىغا كۆرپە سالساق قايرىۋىتىپ كىگىزدە ئولتۇردۇ.مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىز ياش ۋاقتىمىزدا قۇربىمىز يەتمەي قىلالمىغان ئىشلار ئىدى.
ئەمدى قىلغۇدەك بولغاندا ئانىمىزنىڭ يىشى بىر يەرگە بىرىپ قالدى .بەلكىم ئاز كۈن ئۆتمەي بىز بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قىلىشى مۇمكىن.
شۇنداق نۇرغۇن ئانىلىرىمىزشۇنداق،جاپا-مۇشەقەتلىك كۈنلەردە پەرزەنىتى بىلەن بىللە بولۇپ ،راھەت كۆردىغان چاغدا ئۈن-تىنسىز كىتىپ قالدى.بۇ چاغدىكى ئۆكۈنۈش قەلبىمىزگە سىغمايدۇ.چۇنكى ئانىمىز نى ئىلىپ كەتكەن ئۇ كىسەل بىزنى قاتارغا قوشۇش جەريانىدا پەيدا بولغان بۇ چاغدا ئوبدان كۆڭۇل بۆلەلىگەن بولساق ،ۋاقتىدا داۋالىتالغان بولساق بىزنەچچە يىل ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرەلىگەن بولغىدى.لېكىن ئۇ بۇ چاغدا ساقتەكلا يۇرگەن،ئاغرىق ئازابىدىن قىينىلىپ تۇرسىمۇ ئالدىمىزدا كۇلۇپ تۇرغان بىزنى خوشال -خورام ياشىغىلى قويۇش ،ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن كېسىلىنى بىزگە ئېيىتمىغان ئىدى. نۇرغۇن ئانىلار مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز بىلەن ئۈن-تىنسىز خوشلىشىپ كېتىپ قالىدۇ.بىز شۇ چاغلاردا كۆز ياشلىرىمىزنى تۆكۈپ تۇرۇپ ‹ ئانامغا ياخشى قارىيالمىدىم ،ھالدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم › دەپ ھەسىرەتلىنىشىمىز مۇمكىن .بۇنى كۆرۇپ ھەر قانداق بىر ئىنسان تەسىرلەنمەي قالمايدۇ.بىزنى كۆيۇمچانكەن ئانىغا ۋاپادار ئىكەن دەپ باھا بىرىدۇ.
چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئانىسى بار .ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئانامېھرىگە چۇمۇلگەن .شۇڭا بىزنىڭ ئانا ئۈچۈن تۆكۈلگەن كۆز ياش ھەر قانداق بىر قەلىبنى ئېرىتمەي قالمايدۇ.ئەمما بىز ئۆزىمزىنىڭ راستىنلا ئاقكۆڭۇل ،ۋاپادار پەرزەنىت دەپ دېيەلەمدۇ؟.........!!!!!
ئانا ،بۇ دۇنيانىڭ مېھمىنى .بەلكىم بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىزلىرىنى كۆرەلمەسلىكىمىز،ئۇ بىز بىلەن ئۈن-تىنسىز ۋىدالىشىپ كېتىپ قىلىشى مۇمكىن.
شۇڭا ئازراقلا ئىنكانيىتىمىز بولسىلا ئۇنىڭ ھالىغا يېتىپ قويايلى ،ئۇنىڭ قورايدەك قوللىرىنى يۇرىكىمىزگە تاڭايلى.مانا مۇشۇ قوللار دۇنيانى ياراتقان،ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ سانسىز جەبىر-جاپالىق مۇساپىسىنى سۆزلەپ بىرىدۇ.ئۇنىڭ يۈزىدىكى يول-يول قورۇقلارغا نەزەر سالايلى،ئۇنىڭغا نۇرغۇن سۈكۈت ،تەلەپ ،ئىلتىجالار يۇشۇرۇنغان.ئۇ قورۇقلار يىللارنىڭ ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىغا قالدۇرغان يالدامىمىز.
بىز ھاياتىمىزدا سانسىز جەبىر-جاپالارنى ئۇنىڭ يۈزىگە گۈل قىلىپ چەكتۇق.ئۇنىڭ قاداق باسقان پۇتلىرىننى سىلاپ باقايلى،ئۇ يەردە تۇرمۇش يوللىرىنىڭ سانسىزلىغان ئەگرى-توقاي سىزىقچىلىرى قالغان .ئانىنىڭ يىگىلەپ كىچىككىنە قالغان مۇسكۇللىرىنى تۇتۇپ باقايلى ،بەلكىم بىز كۈزەتكەن چاغلىرىمىزدا ياشلىرىمىزنى توختىتالماي باغرىغا تاشلىنىشىمىز،مۇشۇ چاغدا قانچىلىك مۇشەققەت ئىچىدە چوڭ بولغانلىقىمىزنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن.بۈگۈندىن باشلاپ شۇنداق قىلايلى ،ئانىمىزغا قىلىپ بىرەلمىگەن نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى ھازىردىن باشلاپ قىلايلى.قەلبىىمىز تېخىمۇ ئۆكۈنۈشلەردىن خالىي بولسۇن،ئۆزىمىزنى نۇرغۇن ئەپسۇسلىنىشلار ئىچىدىن قايتۇرۇپ كېلەيلى.
ئانا، بىز سىزنىڭ ئىسسىق قۇچاقلىرىڭىز ئىچىدە تۇرۇپ خىجىللىق ئىچىدە سىزگە قىلىپ بىرەلمىگەن نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمىز.
مەنبە:شىنجاڭ ئاياللىرىدىن ئىلىندى
ئاپتۇرى:نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-10 04:07 PM