2- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 10 لاردا، 40 ياشلىق رامىلە قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىدە ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئېغىرلىقى 5965 گىرام كىلىدىغان بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغدى، بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى نۇرمال تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كىلىدىكەن. 40 ياشلىق رامىلەنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.70 مېتىر ، ئېغىرلىقى 90 كىلوگىرام بولۇپ، ئىلگىرى تۇغقان 3 بالىسىنىڭ تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى نۇرمال ئىكەن. رامىلە ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:«ھامىلدار بولۇپ 6 – 7 ئاي بولغاندا بۇ بالىنىڭ ئادەتتەكىدەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم، ئۇ قورسىقىمدا ناھايىتى <پائالىيەتچان> ھەم كۈچلۈك ئىدى، يەڭگىشكە 1 ئايچە قالغاندا ئۇ ھەر كۈنى قورسىقىمدا نەچچە قېتىم تېپىپ تەۋرايىتتى ». رامىلە بىر قەدەر سېمىز بولۇپ، كارۋاتتا ياتقاندا ئۆرۈلمىكى بىرئاز قىيىن ئىكەن، ئۇ مۇخپىرغا مۇنداق دەيدۇ :«مەن ئادەتتە كالا – قوي گۆشلىرىنى يىيىشكە ئامراق، تاماقلارنىڭمۇ مايلىقراقىنى ياقتۇرۇپ يەيمەن، شۇڭا مۇشۇنداق سەمىرىپ كەتتىم» .
دۆلىتىمىزدە بوۋاقلارنىڭ نۇرمال ئېغىرلىقى ، قىز بوۋاقلارنىڭ 3 كىلوگىرام، ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ 3.3 كىلوگىرام بولۇپ، ئېغىرلىقى 4 كىلوگىرامدىن ئاشقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە ئېغىر بوۋاق ھېساپلىنىدىكەن. ئەشۇ دوختۇرخانا توغۇت بۆلۈمى سېستىرالار باشلىقى جىيڭ يەن خوڭ تونۇشتۇرۇپ، بۇ بوۋاقنى «گىگانىت بوۋاق» دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ دىدى.
40 ياشلىق رامىلە قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىدە ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئېغىرلىقى 5965 گىرام كىلىدىغان بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغدى، بوۋاقتا باشقا غەيرى ئالامەت يوق.
2- ئاينىڭ 8- كۈنى ، ئۈرۈمچى ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىدىكىلەر «گىگانىت بوۋاق» نى تارازىغا قويغاندا، تارازا ئىكرانىدا 5860 گىرام دىگەن سان كۆرۈلدى، بالىچاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغان چاغدىكى ئېغىرلىقى 5965 گىرام بولغان.
2- ئاينىڭ 8- كۈنى ، ئۈرۈمچى ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمى سېستىراسى تۇغۇلغىنىغا 1كۈن بولغان «گىگانىت بوۋاق» كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
2011- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى بىر داۋالاش مەركىزىدە يېڭى تۇغۇلغان بىراۋۇن بوۋاقلار كارۋىتىدا ئۇخلىماقتا. بىراۋۇن 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ شۇ چاغدىكى ئېغىرلىقى 7.3 كىلوگىرام ئەتراپىدا ، بوي ئىگىزلىكى 61 سانتىمىتىر بولغان .
مەنبە: http://news.ifeng.com/photo/hdsociety/detail_2012_02/09/12405627_0.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-9 07:43 PM