|
|
|
|
روھىي تۆلەم توغرىسىدا مەسلىھەت
مەلۇم شەھەردە مۇنداق ئىككى دېلو يۈز بەرگەن: 1-دېلو: غەيرەت بىلەن ساھىپجامال تۇرمۇش قۇرغىلى 10 يىل بولغان. ئۇلار تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي، ساھىپجامال يامانلاپ كېتىپ، بىر يىلدىن بۇيان ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان مەزگىلدە، غەيرەتنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ، غەيرەتنى ئۇنىڭ بىلەن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان نۇرگۈل بىلەن غەيرى مۇناسىۋىتى بار دەپ، گەپ تارقىتىپ (ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى يوق بولسىمۇ، گۇمانىغا ئاساسەن شۇنداق گەپ تارقاتقان)، نۇرگۈل بىلەن جىدەل قىلغان، شۇ سەۋەبتىن نۇرگۈلنىڭ ئۆيى بۇزۇلۇشقا تاس قالغان. ساھىپجامال يەنە مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ، غەيرەت قىمار ئوينايدۇ دەپ ئەھۋال ئىنكاس قىلغان. غەيرەت مەكتەپ تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى دەپ باھالانغان بولسىمۇ، مائارىپ ئىدارىسى ئۇنى مۇكاپاتلاش تىزىملىكىدىن قالدۇرىۋەتكەن. غەيرەت ئىككى بالىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاجرىشىش نېيىتىدىن يانغان. لېكىن نام-شۆھرىتىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى ئويلاپ، ساھىپجامال ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ناماقۇل بولۇپ ئەپۇ سوراشنى، 10 مىڭ يۈەن روھىي تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
2-دېلو: سايىمجان بىلەن پاتىگۈل تۇرمۇش قۇرغىلى 15 يىل بولغان. سايىمجان پاتىگۈلنىڭ ئىستىلىدىن گۇمانلىنىپ (باشقىلار بىلەن غەيرى مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمانلىنىپ) نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلغان. سايىمجان ج خ ئىدارىسىنىڭ مەلۇم دېلو ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشىدە پاتىگۈلنىڭ باشقىلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، سوت مەھكىمىسىدىن شۇ ئىسپاتنى ئالدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. سوت مەھكىمىسى ئالدۇرغان ئىسپاتتا پاتىگۈلنىڭ سايىمجان بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن باشقىلار بىلەن كۆپ قېتىم زىنا قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان. سايىمجان پاتىگۈلنىڭ ساداقەتسىزلىك قىلمىشى مېنىڭ نام-شۆھرىتىمگە ۋە كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىمگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزدى دەپ قاراپ، نىكاھدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە 15 مىڭ يۈەن روھىي زىيان تۆلىمى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سۇئال: غەيرەت ۋە سايىمجانلارنىڭ روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشىنىڭ قانۇن ئاساسى بارمۇ -يوق؟ قانۇن ئاساسلىرى بولسا، ئېنىق كۆرسىتىپ مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-9 05:43 PM
|
|
|
|
|
|