مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1266|ئىنكاس: 26

چوڭلار،ئالىي مەكتەپتىكى تەسراتىڭلارقانداق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36489
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3073
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 12:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چوڭلار،ئالىي مەكتەپتىكى تەسراتىڭلارقانداق؟


ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار!
مانا ھەش-پەش دېگۈچە مەنمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇپ تۇرۇپتىمەن.ئالىي مەكتەپ كىلىشتىن ئىلگىرى
نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمان بىلەن كەلگەنىدىم،چوڭلاردىنمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتى دېگەن ناھايىتى گۈزەل بۇلىدۇ،پۇلنى ئاتا-ئاتاڭ ئەۋەتىپ بېرىدۇ،خالىغانچە غەجلىيەلەيسەن ،چىرايلىق قىزلار،كىلشكەن ئوغۇللار بىلەن مۇھەببەتلىشەلەيسەن.
يۇرتقا بارساڭ ئالىي مەكتەپنى ئوقۇغان دەپ ھەممەيلەن بېشىدا كۆتۈرىدۇ  دەيتتى. ئاڭلاپ بەك ھاياجانلىناتتىم ھەمدە تىزرەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم.
ئەمما ئالىي مەكتەپ ھاياتى مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق گۈزەل ،رومانتىك چىقمىدى.دەرىسلەر ئاز،ئوقۇتقۇچىلار پەقەت دەرس ئۆتسىلا بۇلاتتى،سەن ھاراق ئىچىپ بىريەردە قۇنۇپ قالامسا،نەچچە كۈن يۇقاپ كەتسەڭمۇ ھېچكىم سىنىڭ
سورىقىڭنى قىلمايتتى.شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى سائەت 11،12لەرگىچە يوتقاندىن چىقماي ئۇخلاۋاتقان،ئاتا-ئاتا
ئەۋەتكەن پۇلنى قالايمىقان ئولتۇرۇش،مۇھەببەت دەپ خەجلەپ بېرىۋاتقان.پۇل يوق ۋاقىتتا چىراي ساغارتىپ دوستلاردىن
ساۋاقداشلاردىن پۇل سوراۋاتقان،مۇھەببىتى يوقلار پاك قىز يوق دەپ دەرتكە ھاراق ئىچىۋاتقان،قىزلار قىلاغا ئىش يوق
زىرىكىپ يامان باللار بىلەن ئارللىشىۋاتقان،ياتاق ئېچىشىۋاتقان....ساۋاقداشلار ئارا پەقەت ئىتتىپاق يوق،نەچچە ھەپتە
ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بىر ئېغىز پاراڭلاشماي ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىتىشلەر ھازىرقى زامانىۋى دەۋىرنىڭ مەھسۇلى ئىدى.....چۈشكۈنلىك ،زىرىكىش،تاماكا،ھاراقتىن ئاچچىقنى چىقىرىش ،دىپلۇم ئالالماي،يا تۈزۈك بىر نەرسە ئىگىلىمەي ،كەسىپكە قىززىقماي ئۈمىدسىزلەكتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش بۇدەۋردە يۈز بەرمەكتە...
چوڭلار سىلەرگە بەك ھەۋەس قىلىمەن ،10،20يىل بولغاندا ساۋاقداشلار ئۇچرىشى دەپ يىغىلىپ بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلغانلىقىنى ئاڭلىسام مەنمۇ نېمىشكە بۇرۇنراق90-يا 80-يىللىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ
قالمىنىمىغا پۇشايمان قىلىمەن.
بەزى ساۋاقداشلىرىم بەزىدە ئۇھسىنىپ شۇنداق دەيدۇ:ھەي،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ  ساۋاقداشلار ئۇچرىشى قىلالامىزمۇ
يا بىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەڭگۈ كۆرۈشەلمەي كىتەمىزمۇ دەيمىز ئۈمىدسىزلەرچە ..
90يىللاردا مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىدا ئوقۇغان (中央民族大学)ئۈمىد غەنى،يازغۇچى ئەنۋەرھاجى مۇھەممەت بىر سىنىپتا
ئوقۇپتىكەن.....80يىللردا ئوقۇغان شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىدا”新疆大学“ يالقۇن رۇزى،باتۇر رۇزى ،دوكتۇر راھىلە داۋۇت ئەلچىن بىر سىنىپتا
ئوقۇپتىكەن.....يەنە...لەيلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپتىكەن دەپ  ئاڭلىسام شۇنداق ھەۋەسلىنىمەن.شۇنداق ساۋاقداشلار تېلىۋىزورلاردا،گېزىت-يورناللاردا چىقىپ قالسا ،پەخىرلەنگەن ھالدا «ئۇ مەن بىلەن بىرگە ئوقۇغان،مىنىڭ ساۋاقدىشىم
دېسە مىنىڭمۇ شۇنداق ساۋاقداشلىرىم بۇلىدۇ دەپ ئۈمىتلىنىمەن....ھەممەيلەن  بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلارنى ئەسلەپ تۇرايلى!


قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 733
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 04:24:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىچكىرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيمەن . شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ
ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمەيمەن،ئەمما ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر ماڭا شۇنچىلىك تىمتاس بىلىنىدۇ،
بەلكىم ئۇيغۇر بالىلار بەك ئاز بولغاچكىمۇ،كۈندىلىك مەشغۇلاتىمىز ئاساسەن ئوخشاش،دەرسكە چىكىش،تاماق يېيىش،ياتاقتا ئولتۇرۇش،بەزىدە بازار ئايلىنىش،تورغا چىقىش،تاپشۇرۇق ئىشلەش،
بەزىدە ‹يۇرتداشلار يىغىلىشى›غا قاتنىشىش،،،،! ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئادەمنى بەك مۇستەقىل
ياشايدىغان قىلىۋېتىدىكەن،ئالىي مەكتەپ ھەقىقەتەن جەمئىيەتنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەن !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7945
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 04:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭمۇ تولۇقتىكى ئوقۇتقۇچىلار ، ئالىي مەكتەپكە بارساڭلار ئويۇن دىگەن ئونداق  ئوينايسىلەر بۇندا ئوينايسىلەر دەپ قىزىقتۇراتتى ، ئالىي مەكتەپكىمۇ باردۇق ، لىكىن ئۇ يەردە ئويۇن ئوينىسا قەتئى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم ،
ئازغىنە ئايلىق تۇرمۇش پۇلى ، دىپلۇم ئىلىش بىسىمى . ئوقۇش پۇتتۇرسە نىمىش قىلىپ جان بىقىش بىسىمى ..،.،
قاتارلىقلار ئادەمنى ئوينىغىلى قويمايدىكەن ، لىكىن ئوينىغانلارمۇ بار ، ئۇلار ئاخىرىدا ئۆز بەختىگە ئوينىدى،
ئويۇن دىگەننى يەنىلا قىلىدىغان ئىش قىلىپ بولۇپ ، پۇلنى تىپىپ  قويۇپ ئاندىن ئوينىسا راۋرۇس ئوينىغىلى بولىدىكەن .

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئاللاھ ئۆزىگە ئە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11186
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 11261 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 04:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ سىزنىڭ ھەقىقىي ئادەم بولىشىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئورۇن. ئۇ يەردە سىز نىشان بەلگىلەيسىز. ھايات يولىنى تاللايسىز. تۇرمۇشنىڭ سىزگە بولغان سىنىقى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. مەنمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقىلى 4يىل بولدى. تۇرمۇش ھەقىقەتەن سەل زېرىكىشلىك. گەرچە تۇرىۋاتقىنىم ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان مەركىزىي شەھەر بولغىنى بىلەن سىز بۇ يەردە ئوبدانلا ياتسىرايسىز. لېكىن ئىچكىرىنىڭ مەن ھېس قىلغان بىر ياخشى تەرىپى سىزنى ھەقىقىي مۇستەقىللىق يولىغا باشلايدۇ. تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى، ۋەزىپىسىنى، ھايات يولىنى سىزگە بالدۇرراق بىلدۈرىدۇ.....

ئانا يۇرت رومانىنىڭ تۇنجى نەشرى لازىملار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار:591769621QQ. باشقا تاپالمايۋاتقان قەدىمكى قىممەتلىك كىتابلار لازىم بولسىمۇ ئىزدەڭلار!!

مۇسۇلماننىڭ كۆز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7746
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2574 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 06:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالمىدىم ، راست ، ھېچقانداق بىلىم ئالماپتىمەن ،  ئالمىدىم ئەمەس ، ئالالماپتىمەن .  بىراق تۇرمۇش ئۆگەندىم ، ئۆگەتتى .  بىر ۋاقىتلاردا ئىسىت ئۆتۈپ كەتكەن 5 يىل ئۆمرۈم دەپ ئىچىم ئاغرىىيتتى .  بىراق ھازىر ئويلىسام شۇ تۇرمۇش ئۆگەنگىنىممۇ بوپتۇ .

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10652
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 7985 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 06:20:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھازىرقى ئالى مەكتەپلەر راستىنلا ئاشۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ ؟ مەن 95 - يىلدىن 2000 - يىلىغىچە ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان . ئۇنداق ئويناپ ياتاققا كىرمەيدىغان ساناقلىقلا ئىدى . بولغاندىمۇ بەك ئاز ئىدى . دىبا دىگەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . بىز پەقەت مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا ئاشۇنداق يەرگە سىنىپتىكى ھەممىمىز بىر قېتىم كىرگەن . مانا ئەمدى مەن بىر ئانا بولدۇم . پۇل تېپىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ، بىر ئاي قاتتىق ئىشلىسەك ئاران ئازغىنە مۇئاشىمىزنى ئالالايدىغانلىقىمىزنى بىلدىم . لېكىن ئالى مەكتەپتە ئاتا ئانىسىنىڭ پۇلىنى بىھۇدە خەجلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇنى ئويلىسا بۇلاتتى !

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ئۈمىد ئەتىنى يار

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4232
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 06:33:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي... ئۆتۈپ كەتكەن بىھۇدە ئۆمۈرلەر!

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ چوقۇم سورىقى كېلىدۇ!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4839
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1995 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 06:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەردەك ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغانلارغۇ مەيلى ئۇنداق مەيلى مۇنداق ئىشلارنى ئەسلەپ تۇرىدىكەنسىلەر  لىكىن بىىزدەك ئۇقۇيالمىغانلار ئەسلەي دىسەكمۇ ئۇنداق ئەسلىمە يوق، بەك بىچارە ئىكەنمىز .

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 07:58:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ansar1013 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-9 06:57 PM
سىلەردەك ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغانلارغۇ مەيلى ئۇنداق مەيل ...


ئۇنداق دىمەڭ قىرىندىشىم مەنمۇ بەزىدە نىمىشقىمۇ ئوقۇغاندىمەن،بۇيەردە ئوقۇغۇچە بىرەر ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسام بولمامدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا ئۇ بولسىمۇ پۇل تىپىش،ھايات كەچۈرۈش. چۈنكى قورسىقىمىز كۈندە 3قىتىم ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oguz2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-9 07:58 PM  


يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5771
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44123
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2389 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 08:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
80-90-يىللاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ قىسىملىرى  ھەقىقى بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە ئوقۇغۇنلار ھەم پاك،ساپ ئوقۇغانلار دەپ ئويلايمەن......
ئۇ ۋاقىتلاردا  ئاتا -ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر،قىز -ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا  پەدە -شەپ،شەرمىي -ھايا بار ئىدى،كىشىلەر ئاقكۆڭۈل،مېھرىبان ئىدى،ھاياسىز ئىشلار كۆزگە چېلىقمايتتى....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش