ھەر مىسرادا بىر مۇنبەرداش
مىسرانىمدا كۈلكە زەپ تولا،
يىغلىمىسۇن دەيدۇ ھۆكۈمران.
كەپتەر بولۇپ ئۇچسۇن قايغۇلار،
قالماس شۇندا ھېچكىمدە ئارمان.
سەھرا ئوغلى دېگەن باشلىقمۇ،
مارشال بىلەن ياشاپتۇ كۈلپەت،
قايغۇلاردىن يىراق تۇرغىن دەپ،
ئۇدۇن ئوغلى قىلىپتۇ سەۋەپ.
ئەلتېكىنمۇ كۈلدۈرمەك بولۇپ،
شېئىر يىزىپ دۇتتارىم چاپتۇ،
ئەزىزىم دەپ ناخشا توۋىلاپ،
گۈلبەشىكەر يىنىغا كەپتۇ.
تۇزسىز تاماق تەمسىز بولارمىش،
ئۈمىدسىز ئەر كۈتەرمىش تېۋىپ،
دېگەن كاتتا پىكىرلەر بىلەن،
كەلدى مۇرات مەقستكە يېتىپ.
شەۋقى بىلەن ئۇيغۇر شاھ يەنە،
رەسىم يوللاپ ئاپتاپلىق بىر كۈن،
سىماپ قىلىپ يۈرەكنى ئېرىتىپ،
جۇدالىقتىن يىراقلاپ كۈن-تۈن.
ئوماق لەيلى رەسىمنى كۆرۈش،
بىھۇش بولۇپ قالدى ھەيرەتتە،
قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ ئەرتېكىن،
كۆكتۈرۈكتەك بولدى شەرەپتە.
مەيىنشامال كېلىپ يۈرەكنى،
نەپرەتلەردىن قىلدىغو يىراق،
ھۆرقىز بىلەن ئاتىللا يىگىت،
نەپرەت بىلەنقۇرغانتى تۇزاق.
نېمە جاپا بىزگە ئەمدى بۇ،
دەپ قاخشىدى ئوماق پەرىشتە،
شاتئاي قىزمۇ يىغلىدى يەنە،
مازاق قىلغاچ ئۇنى پەرىشتە.
خوشاللىقنى بېغىشلاپ لېكىن،
مۇسلىنە قىز توقۇدى قوشاق،
جۆر بولۇپتۇ بارچۇقمۇ ئاڭا،
كۈلكە ئېلىپ كەلدى ھەم توغراق.
سۇچى يىگىت سۇ بىلەن مەشغۇل،
كۈلقىز ئۇنى ئىزدەر تاپالماس،
قوشۇق سىلىپ گىپىگە ئارزۇ،
ياۋايى بوپ دوستمۇ تاپالماس.
نۇربىيە قىز خىجىل بولۇپتۇ،
تەلەپ قويغاچ ئاڭا ئەپەندىم،
ھۆرلىقاغا دەرتلەت تۆكۈپتۇ،
تەسەللىيلەر بېرىپتۇ مۇسلىم.
ئۈزۈمتالمۇ شەھىدە ئۈچۈن،
سۆيگۈ تولغان مەكتۇپ يىزىپتۇ،
رۇھزاد شىرىن شىكەر سۆز بىلەن،
شاكىرەنىڭ كۆڭلىن ئۇتۇپتۇ.
ئۇيغۇرۇمنى ئويلىغاچ تاڭنۇر،
ئۇيغۇر دەپلا شېئىر يىزىپتۇ،
چارتېكىنمۇ ئۇيغۇرجان كەبى،
مىللىتىم دەپ شائىر بولۇپتۇ.
خارسەن مىللەت ئويغان ھازىرلا،
دەپ يىزىپتۇ ئالمىلىق دىلبەر،
زامانىمۇ ئەلىجانغا ھەم،
ھەر كۈن مىللەت دەردىنى تۆكەر.
كۆرەش قىلىپ نادانغا قارشى،
ئۆتۈكەندىن كەلدى جانپولات،
تاڭنۇرىغا ئۇلىشىپ كەلدى،
تۈركىيەگە كەتكەن پەرىزات.
خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى ئوغۇز،
ئەسلىمەلەر كەچتى كۆزىدىن،
كۆزۈم بىلەن كۆرگەن كۈنلىرىم،
دەپ يىغلىدى بەڭگى كەينىدىن.
ھىدايەتنى تىلەپ ئاللاھتىن،
خەلىفەمۇ نامازدا يەنە،
شەھىدە ھەم تۈركىناز بىلەن،
كۆكنۇر ئۈچۈن گۈل تەردى ئەنە.
كارۋان بىلەن سۈبھىنۇر كەتتى،
قالدى زۈمرەت مەڭگۈگە يالغۇز،
قەيسەر بول دەپ زۇلەيخا ئاڭا،
كۈلكە بەردى كەلگەندە نەۋرۇز.
شىرخان مەڭگۈتاشلارنى كۆرۈپ،
قىزغىنلىقتا شىر بولىۋالدى،
مىليونىر بوپ ئىلىم ئىرپانغا،
قەلبىمۇ ھەم نۇرلارغا تولدى.
پازىل كىشى ئىدى مۇستافا،
جەلىپكاردى كەپسىز قىزمۇ ھەم،
سۇكۇت قىلىپ ھەر ئىككىلىسى،
قادىخانغا بولدىغو بىر غەم.
ئۆزتۈرۈكمۇ ئاشتى كۆپ داۋان،
مىراس ئۈچۈن كەزدى باياۋان،
سەھەر قوپۇپ يول كىزەر بولدى،
بولىۋالدى ھەمدە نەۋقىران.
بودەك رىنات پاۋىلنى يەڭدى،
زەپەر بىلەن قايتمىدى پاۋىل،
سەپرابەگنى مايۇر قىلىپ ئۇ،
تەمكىنلىكنى ئۆگەتتى قابىل.
ھىنرى دېگەن مۆتىۋەر ئادەم،
تاتلىق دىدى ناز پەرى ئۈچۈن،
فاتىمەمۇ قىزغاندى ئۇنى،
ئىسيانكار بوپ بولدى بىرتۈگۈن.
مەتۇ يىگىت دەقيانۇسمۇ ھەم،
كىلەچەكلەر قۇرىدۇ پارلاق،
تەقدىرداشى بوزقىر ئەپەندى،
جىنەستەنى قىلىدۇ تالاق.
گۈلۈم قىنى دەيدۇ ئاتامان،
شاھلالەدەك ئېسىل قىز كۆرسە،
ئەنقا كەبى بەخت تاپاتتى،
ئەگەر ئۇ قىز كۆڭلىنى بەرسە.
بېھزات دېگەن ۋەھشى خام كاۋا،
سەبىنۇرغا قويۇپتۇ تەلەپ،
بىلىپ بۇنى باي خىنىم چوڭام،
بەرمەك بوپتۇ ئۇنىڭغا ھەلەپ.
ئىپارەنى ئۆل دەپ تاشلىدى،
مۇزلۇق چىراي ۋىجدانسىز يىگىت،
قەشقەر تامان كەتتى ئۇ قىزمۇ،
داڭگال يىدى ئۆلمىگۈر يىگىت.
تەنھا قالدى ئەزھەر تالىبى،
دىلناز قىزغا بەرمىگەچ سۆيگۈ،
غېرىپ بىلەن سەنەمگە ئوخشاش،
تاپالمىدى مەڭگۈلۈك سۆيگۈ.
بېرشىرىقلىق نازىلە قىزچاق،
شەمشەر بىلەن پىياز توغرايدۇ،
توشقانجاننى تۇتالمىغاچ ئۇ،
ئىدىقۇتتا ئۇلار ئوۋلايدۇ.
جەسۇر يىگىت تۇغلۇق ئەپەندى،
مەرھابا دەپ كەلدى چېچەككە،
مۇڭداشماقچى بولۇپ قىز بىلەن،
يەتمەك بولۇپ رەزىل تىلەككە.
سەنسىز قانداق قىلىمەن دېدى،
ئوۋچىلىقنى بەك بىلگەن ناتىق،
كېپىنەكتەك ئۇچتى قىزچاقمۇ،
بولغاچ يىگىت ۋاپاسىز پاسىق.
جەڭچى يىگىت ئەنسارمۇ يەنە،
زەرەپشانغا ئاتلاندى قايتا،
جاسارەتلەر بەردى ئۆركىشى،
قەبرى بولدى يادىكار سايدا.
مىھىر بىلەن غۇنچە كەلدى ھەم،
گىنىرالنى چىداشقا ئۈندەپ،
نىجات تاپتىڭ ئەل ئۈچۈن ئۆلۈپ،
پىداكارلىق ساڭا لايىق دەپ.
سەنجەر يىگىت باھار ئاخشىمى،
شەرمىنازنى ئالدىماق بولدى،
ھەقىقەتنى كۆرۈپ شەرمىناز،
ئەزرائىلنى چاقىرماق بولدى.
پىدائىيلىق قىلدى كۆكبۆرە،
دانىشمەندەك ھەرىكەت قىلىپ،
خوشال بولدى تارىم سەنجىرى،
خەزىنەگە قايتا ئېرىشىپ.
دەتمەن يىگىت نەسرۇللاھ يەنە،
كالا سۆيۇپ كۆڭۈلگە ساتتى،
ھېسلىرىمنى ناركۇس قىلدى دەپ،
دورا ئىزدەپ كۆكيالغا كەتتى.
ئارىف جىمغۇر بولدى بۇگۈنمۇ،
گۈلبىكەگە كۆڭۈل بېرەلمەي.
باھادىرخان ئويغاندىن دېدى،
بىچارىگە پەقەت چىدالماي.
ئاشكار ئاڭا بېرىپ تەسەللىي،
ئارشاڭ بىلەن زىيارەت قىلدى،
چەشمە زۇلال سۇلىرى كەبى،
خوشال قىلىش سۆزىنى قىلدى.
ھىجران بىلەن ياشىغان دوستۇم،
ئىدرىسجاندىن قايماق تىلىدى،
ئوتقاش كەبى ئاكىلار تۇرسا،
ئۇنتۇپ قىلىپ تازا يىغلىدى.
ئىسمى خەنزۇچە ۋە ياكى رەقەملەر بىلەن تولغانلاردىنئۇلارنى قوشاققا قوشالمىغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىللە ئىسمى چىققانتورداشلارنىڭ ئېغىر ئالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىسمىچىقمىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمدىنمۇ كەچۈرۈپ سورايمەن، مۇنبەردە 100 مىڭدىنئارتۇق ئەزا بولغاچقا ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى تېپىپ شېئىر قىلىش مۇمكىن بولمايدىكەن!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-9 05:13 AM