|
|
|
|
ئىلاۋە:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىردان مۇنبەرداشلار،ناھايىتى تېزلا بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،بىر يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە مەن مۇنبىرىمىزگە مەن سەيياھ سۈپىتىدە كىرىپ،پىكىرلىرىمنى ھېچكىمگە ئاشكار قىلالماي چىقىپ كەتكەنىدىم،مانا بۈگۈن مىسرانىمنى تولىمۇ قەدىرلەيدىغان ئەزاغا ئايلاندىم.ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىرىڭلارنىڭ ئەزالىق يېشى مېنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ،ھەتتا مۇنبەر يېشى بىلەن تەڭ.شۇنداقتىمۇ بۇ بىر يىلدىكى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرىنى يېزىپ سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مىسرانىم ئائىلىسىگە ئەزا بولغىنىمغا بىر يىل بوپتۇ،ۋاقىت بەكمۇ تېز ئۆتىدىكەن،مەن مۇنبەرگە ئەزا بولغان شۇ ۋاقىتمۇ قىشلىق تەتىل بولۇپ ،يۇقىرى ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم،2011-يىلى مەن ئۈچۈن بىر قارا يىل بولغانىدى، ھېلىھەم ئۇ كۈنلەرنى ئويلىسام كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ،چوڭ بولۇپ ئاغرىپ ياتقىنىنى كۆرمىگەن ئاپامنىڭ ئاغرىق ئازابىدا ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنى شۇ يىلى كۆرگەنىدىم،كۆزىدىن تامچە ياش ئاققۇزمايدىغان دادامنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياشنىڭ يالتىراپ قالغىنىنى شۇ يىلى كۆرگەنىدىم.ئاللاھنىڭ سىناقلىرى بەندىلىرىنى قەيسەر ھەمدە ياراتقۇچىسىغا تېخىمۇ بەك مۇھەببەت باغلايدىغان قىلىپ تاۋلاپ چىقىدىكەن.ئۇ چغلاردا كۆزۈمدىن ياش قۇرىمايتتى،مۇنەردىن ئۇمۇرۇتقا ئاغرىقىغا دائىر تېمىلارنى ئىزدەپ تېپىپ كۆرەتتىم،ئۇۋلاپ داۋالاشنى ئۆگىنەتتىم، ئاللاھدىن ئاپامنىڭ شۇ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىپ بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلاتتىم،نېمىشقا بۇ ئاغرىق مېنىڭ قەيسەر ئاپامنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؟نېمىشقا باشقىلار بۇنداق بولمايدۇ دېگەندەك ئەخمىقانە گەپلەرنى قىلىپمۇ قالاتتىم.(ھازىر ئويلىسام تولىمۇ خىجىل بولىمەن)كۆڭلۈم يېرىم ۋاقىتلاردا مۇنبەردىكى ياخشى تېمىلارنى كۆرۈپ،كەيپىياتىمنى ياخشىلاشقا تىرىشاتتىم،ئاپامغا ئەڭ تېتىمىلىق تېمىلارنى،ئىنكاسلارنى ئوقۇپ بېرىپ،بىردەم بولسىمۇ ئاغرىق ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشاتتىم.مېنىڭ قەلبىمنى تولىمۇ چۈشىنىدىغان ئاپام ئاغرىقىنى چاندۇرماي مەن بىلەن تەڭ مۇنازىرلىشەتتى،ياخشى پىكىرلەرنى قىلىپ بېرەتتى.سەل غەلىتىرەك ئىنكاسلارنى كۆرگىنىمىزدە ئىككىمىز ئولتۇرۇپ تەنقىد قىلىپ كېتەتتۇق(ئۇ چاغلاردا مەن تېخى مۇنبەر ئەزاسى ئەمەس ئىدىم)ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا مۇنبەر ئۇ چاغدا ئاپام ئىككىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان،ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ۋاستە ئىدى.ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر مەزگىلدىن كىيىن ئاپام پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كەتتى.
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ياخشى تېمىلار ماڭا مەنىۋى دەرسلىك بولۇپ قالغانىدى،كومپىيۇتىر ئېكرانىدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي ناماز ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقىنىمدا،كەمدىن كەم يوللىنىدىغان ئېسىل تاتلىق يازمىلار مېنى دەس تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا ئۈندەيتتى،ئەنە شۇنداق يازمىلار ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەن بەزى سۇئاللىرىمغا دەلىللىرى يېتەرلىك جاۋاپ بولالايتتى.كەيپىياتىم ناچار ۋاقىتلاردىمۇ مۇنبەرداشلارنىڭ قىزىق-قىزىق پاراڭلىرى مېنى كۈلدۈرىۋېتەتتى.گەرچە جىق يازما يوللاپ كەتمىسەممۇ تېمىلارنى ئەستايىدىل كۆرەتتىم،زامانى،كۆڭۈل،ئاشكار قاتارلىق ئەزالارنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيتتىم(ھازىر ئانچە كۆرۈنمەس بولىۋالدىڭلار لېكىن!)يېڭى تېمىلار ئىچىدىن ئىلىملىكلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى ئىستەيتتىم،شۇ مۇنازىرىلەردىن زەررىچە نەرسىنى بىلىۋالسام بۆلەكچىلا خۇشال بولۇپ كىتەتتىم.
ئىشقىلىپ مەن مىسرانىمغا ئەزا بولغان بۇ بىر يىلدىن بۇيان،مۇنبەردىن كۆپ پايدىلاندىم،گەرچە تەتىلدىن باشقا ۋاقىتتا تورغا چىقىش ۋاقتىم كۆپ بولمىسىمۇ،مەنىۋى ئوزۇقتىن،ئۆگىنىۋىلىش شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدۇم.ئەمما بىلىدىغانلىرىم چولتا بولغانلىقتىن مۇنبىرىمىز ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم،ماڭا ياردەم قىلغانلارغا پەقەت چىن دىلىمدىن«رەھمەت»لا دېيەلىدىم.شۇ سەۋەپلىك تولىمۇ خىجىلمەن.بۇ تېمىدا مىسرانىم مۇنبىرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە مەن بەزى بىر پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.بىرىنجىدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم يۇمۇرلار تەكرار-تەكرار يوللىنىپ كەتمىسە ياخشى بولاتتى،ئاشقا تۇز سالغاندەك ئازغىنە،تېتىمىلىق،كىشىگە شادلىق بېرەلەيدىغان يۇمۇرلار بولسا نېمىدىگەن ياخشى-ھە؟! ئىككىنجىدىن: بەلكىم باشقا ئەزالارمۇ دىققەت قىلغان بولسا كېرەك،مۇنبەردە غەلىتە ئەزالار پەيدا بولۇپ قالدى،جىددى ياردەم كېرەك،قان كېرەك دېگەندەك تېمىلارغىمۇ«太棒了,好帖子,顶起来!»دېگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىپ يۈرىدۇ.نېمىمۇ قىلار ئۇيغۇرچە ئۇقمايدىغانلىنى ئۇنچە چاندۇرۇپ!باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىپ قويسا دېگەن ئۈمۈدتىمەن!
قۇرۇق پاراڭلىرىم ھەرھالدا تۈگەپ قالدى،ئاخىرىدا مىسرانىمدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنبەرنىڭ سۈپەتلىك بولۇسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ئەسلىدە ئەزا بولغانلىقىمنىڭ بىر يىللىقىغا يەنە بىر نەچچە كۈن بار ئىدى،ئەمما سۆيۈملۈك تەتىل تاپشۇرۇقۇمغا تېخى قەلەم تەگمىگەنلىكى ئۈچۈن كىيىنكى بىر نەچچە كۈنۈمنى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق تولۇقلاشقا ئاتىۋەتكەن،شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇنلا يوللىۋەتتىم،توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nawruzay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-9 02:56 AM
|
|
|
|
|
|