
دۇردانىــــــلەر خـــــەزىىــــنىــــــسى ( 7 )

بىھۇدە سۆزنى كۆپ قىلىش كىشىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ .

ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى باشقىلاردىن يۇقىرى چاغلىما .

ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغاندا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنى ئەسلەيمىز ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەندە قەپەزدىكى قۇشلارغا قاراپ ئۇھ تارتىمىز .

ئانا _ بارىلىق خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پوزىئىيلىك ئىبارە ، پەرزەنت دىلى ۋە تىلىدىكى تەڭرى .

تۇرمۇش خۇددى ئوكيانغا ئوخشايدۇ . پەقەت ئىرادىلىك كىشىلەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ چىقالايدۇ .

ئەخمەقنىڭ كۈنى ھاراق بىلەن ئۆتىدۇ ، ئەقىللىقنىڭ كۈنى تەپەككۈر بىلەن ئۆتىدۇ .

ئىرادىنى يېگىلى بولمايدۇ . لېكىن ئىرادىسىزلىك كىشىگە ھەرنېمىنى يېگۈزۋىتىدۇ .

<< ھېچكىمگە دېمەڭ >> ، دەپ تۇرۇپ ئېيتىلغان سۆز << ھېچكىمگە دېمەيمەن >> دەپ تۇرۇپ ئېيتىلغان سۆزدۇر . شۇڭا باشقىلاردىن ئاغرىنىش بىھاجەتتۇر .

ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن ئۇزاقلاشسا ، ئۆتكەن ھاياتنىڭ ۋەسلىنى ئىستەيدۇ .

كىم ئۆز كۆڭلىگە يېقىن سىردىشىدىن ئايرىلسا ، يۈز تۈرلۈك ناۋاسى بولسىمۇ تىلسىزدۇر .

كومپىيۇتېر ئالدىدا : شــــەرمىـــــناز
