سىز ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىسمىنڭ مەنىسىنى بىلەمسىز
http://www.kuznak.com
1.راك مۇقامى مەنىسى-شىپالىق ئىزدەش
2.چەببيات مۇقامى مەنىسى-گۈزەللىكنى سېغىنىش
3.مۇشاۋىرەك مۇقامى مەنىسى-مۇڭدىشىش
4.چارىگاھ مۇقامى مەنىسى-گۈزەل ھايات ئىزدەش
5.پەنجىگاھ مۇقامى مەنىسى-ئۇلۇغ،يۈكسەك
6.ئۇزھال مۇقامى—ئەھۋاللىشىش
7.ئەجەم مۇقامى مەنىسى-ئانا ۋەتەننى سۆيۈش
8.ئوشاق مۇقامى :ئوشاق مۇقامى (ئاشىقلار مەنىسىدە) جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىدىكى چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق يۈرۈشلۈك كۈي بولغان كلاسسىك ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ سەككىزىنچى مۇقامى . بۇ مۇقامدا مۇھەببەتنى كۈيلەش ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ ، تېكىستلارغا ئاساسىي جەھەتتىن بۇرۇنقى زاماندا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نەزمە شېئىرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى داستان پارچىلىرى سەپلەنگەن . جۈملە–مىسرالىرى ئىنتايىن گۈزەل ، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ئىگە ؛ مۇزىكىلىرى راۋان ، ھېسىياتقا باي؛ رېتىم ئۆزگىرىشى رەڭدار ، مېلودىيىسى گۈزەل بولۇپ ، كۆرۈرمەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ؛ ئۇسسۇللىرى كۆركەم ، جەزبىدار بولۇپ ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كۈچلۈك . ئۇششاق مۇقامى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان
9.بايات مۇقامى مەنىسى-ئەسلەش
10.ناۋا مۇقامى مەنىسى-جاسارەت،كۈچ-قۇدرەت
11.سىگاھ مۇقامى مەنىسى-ئۇزۇن غەپلەتتىن ئويغۇنۇش
12.ئىراق مۇقامى مەنىسى-دەريا سۈيىنىڭ دولقۇنى