مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yawayi

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75164
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 02:31:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ بۇ بىزنىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بايرىمىمىز ئەمەس،ھەقىقى مۇھەببەت بولسىلا ئاشىق مەشۇقلار ئۈچۈن ھەركۈنى ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى!ئۇلۇغ ئاللاھ دىن  ھەممىمىزنىڭ بەختىنى تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32437
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 05:48:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xaparang يوللىغان ۋاقتى  2012-2-8 09:58 PM
تېما ئگىسىگە ئازراق تۇزۇتىش تەكلىپى بەرمەكچىمەن .
بىرى ...

قارىغاندا بۇ تىمىنى ئانچە ياقتۇرمىغان ئوخشايسىز بىرسى قولىڭىزدىن تۇتىۋالمىغاندىكىن ئۆزىڭىز ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ ئۆتكىزىۋەرمەمسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6558
تۆھپە نۇمۇرى: 822
توردا: 2522 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 10:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xaparang يوللىغان ۋاقتى  2012-2-8 09:58 PM
تېما ئگىسىگە ئازراق تۇزۇتىش تەكلىپى بەرمەكچىمەن .
بىرى ...

قانداق ئادەمنى پەتىۋاچى دەپ بىلدىڭىز؟
تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش ھارام دىگەن قاراشتا بىرلىك بار .مەۋلۈت كۈنىنى بىر بۆلەك
مۇسۇلمانلار ئۆتكۈزىدۇ زور كۆپچىلىكى ئۆتكۈزمەيدۇ .بەلكى شۇ ئايدا پەيغەمبەرنى ئەسلەپ
قۇرئان ئوقۇيمىز .
سىزگە ئەگەر ئىسلام پەتىۋا ئۇيۇشمىسىدىكىلەر پەتىۋا بىرىپ خاتا كەتكەن يولىڭىزنى
توغۇرلاپ قويمىغىنىدا ھەر قىسما ئەگرى يوللارغا كېتىپ قالىسىز دوستۇم .
بوپمۇ ئىسلامغا مۇخالىپ يوللارغا .بۇرنىڭىزنى ئۇچىنى كۆزلەپلا ما ئىنكاسنى يېزىپسىز .
ئەگەر سىز دىگەندەك بولسا مۇنداق بىر مەنزىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ كۆزىڭىزگە
ياش كىلەمدۇ يوق .
سىزنىڭ قىزىڭىز 18 ياشقا كىردى .قىزىڭىزنى قاتتىق باشقۇرىدىغان سىز 18 كىرگەندىن
كېيىن تولا گىپىڭىزنى ئاڭلىمايدىغان بولدى .دەل 2-ئاينىڭ 14- كۈنى سىزدىن
بىسوراق مەخپى سىرتقا چىقىپ كەتتى .ئۇنىڭ بىر ئوغۇل دوستى ئاشىق مەشۇق
بايرىمىنى قۇتلۇقلاپ شاكىلات ئېلىپ بەردى .ۋە كەچلىك سەيلىگە تەكلىپ قىلدى .
شۇ كىچە ئوغۇل دوستىنىڭ تاتلىق گەپلىرىگە ئالدىنىڭ كىچىك زىنا يولىغا ماڭدى .يەنى
قوللىرىنى تۇتقۇزدى ،سۆيگۈزدى .ئىش مۇشىنىڭ بىلەن ئاستا ئاستا باشلاندى ..
گەرچە بۇ كۈنى بىر قىزنىڭ ئىپپىتى بىراقلا بۇزۇلمىسىمۇ لېكىن زىنا يولىغا قاراپ ماڭدى .
كۆزىڭىزگە ياش كەلمەمدۇ بۇ مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزغا كېلىپ ؟سىز 2-ئاينىڭ14-كۈنى
كوچىغا چىقىپ بېقىڭ جۈپ جۈپ بولۇپ كېتىپ بارغان 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان
قىزلار كوچىغا بىر كېلىدۇ .ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ بېقىڭ .
بۇ قېرىندىشىمىز بەزى تەپسىلاتلارنى كام يېزىپ قويغان بولسا تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بولىدۇ .
لېكىن بۇ بايرامغا ھىسداشلىق قىلغىنىڭىز بولماپتۇ .سىز بىر ئىسلام ئۈممىتى بولغانكىن
ئۆز ئۆلىمالىرىڭىزغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇلار چىقارغان پەتىۋالاردىن چولتا
ئىلىمىڭىز بىلەن پۇتاق چىقارماي بوي سۇنىشىڭىز كىرەكتى .

cahil insanin yaninda kitab gi

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5159
تۆھپە نۇمۇرى: 815
توردا: 6364 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 11:17:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirlik+ot يوللىغان ۋاقتى  2012-2-8 05:34 PM
تېمىدىكى ما گەپكە قاراڭلا:
  

تورداش ،بۇ تىمىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارغا  ئەمەل قىلىش ياكى  قىلماسلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ، ئەمما بىرە گەپ -سۆزلەر ئۆز ئىدىيەرىڭىزگە توغرا كەلمىسىلا  باشقىلارنى ، بولۇپمۇ دىنى ئالىملارنى تىللاشقا ، ئۇلارغا تىل تەككۇزۇشكە ھىچقانداق  ھەققىڭىز يوق، ھىچ بولمىغاندا ئۆزىڭىز قويۇۋالغان ئاۋۇ ئىمزايىڭىزغا  ئەمەل قىلىپ قويۇڭ......
مۇنبەردە ئاجايىپ ئادەملەر باردىسە .. .

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66213
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 12:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ay-turk يوللىغان ۋاقتى  2012-2-9 11:17 AM
تورداش ،بۇ تىمىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارغا  ئەمەل قىلىش ي ...

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش تۈپتىن خاتا .

بۇ يەردىكى ئانىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى دىگەنلەرنى ئۆتكۈزۈش بىدئەت ، ھارام دىسە سىزچە توغرا ئوخشىمامدۇ؟ . بۇ  زادى ئىسلام دىنىمىزنىڭمۇ ياكى باشقا دىننىڭ پەتىۋاچىلىرى پىچقان پەتىۋامۇ؟

قۇرئان كەرىمدە ئانىلارنى، مەزلۇملارنى، ئىلىم تارقاتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش توغرۇلۇق نۇرغۇن ئايەت ھەدىسلەر بار . ئانىلار بايرىمىمۇ  ئانىلارنىڭ ئەجرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئانىلارنى ھۆرمەتلەشنى مەقسەت قىلغان . ئەجەبا ياخشى ئىشلارنىمۇ ھارام ، بىدئەتكە چىقارسا مۇشۇ پەتىۋانى چىقارغان كىشىنىمۇ قالتىس ئولىما چاغلايدىغان ئوخشىماملا؟
   ئاۋال تاھارەتنى ئوبدان ئېلىپ، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس كىتابلارنى ئوبدان كۈرۈپ باقسىلا . كىم كىچىككىنە پەتىۋا پىچسا شۇنى ئولىما دەپ ئەگەشسىلىرى ئىختىيارلىرى . ئەمما شۇنىڭدىكى مەقسەتنى چۈشۈنىپراق ئىنكاس يازسىلا .

مۇنبەردە ساختا بوۋىم قىياپىتىگە كىرىۋالغانلار ھەجەپ ئاۋۇپ كەتتى دىسە.....

باشقىلارنى تىللىما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66213
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 01:18:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلىفە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-8 10:33 PM
سىز مۇسۇلمان بولغانكەنسىز چۇقۇم دىنغا يات بولغان دىن  ...


ئاۋۋال ئوچۇق ئېيتىپ قۇياي: ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن دىنىمىزغا مۇخالىپ . شۇنداقلا ئېغىر گۇناھلىق ئىش .

ئۆزىڭىزنى قالتىس مۇسۇلماي چاغلايدىغان ئوخشىمامسىز ؟
   
ئاۋال دۇنياغا بىر نەزەر سېلىڭ. نۇرغۇن پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرى دەل سىلەردەك كىشىلەر  پەن ئۈستىدە ئىزدىنىشنى دىنغا مۇخالىپ دەپ قارىغانلىقىڭلار ئۈچۈن باشقا يات تائىپە كىشىلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى . كومىيوتېر، يانفۇن، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى..... قاتارلىقلارنى ھازىر نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئۆز تۇرمۇشىدا كەڭرى ئىشلىتىۋاتىدۇ .

بۇ يەردىكى ئانىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى دىگەنلەرنى ئۆتكۈزۈش بىدئەت ، ھارام دىسە سىزچە توغرا ئوخشىمامدۇ؟ . بۇ  زادى ئىسلام دىنىمىزنىڭمۇ ياكى باشقا دىننىڭ پەتىۋاچىلىرى پىچقان پەتىۋامۇ؟

قۇرئان كەرىمدە ئانىلارنى، مەزلۇملارنى، ئىلىم تارقاتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش توغرۇلۇق نۇرغۇن ئايەت ھەدىسلەر بار . ئانىلار بايرىمىمۇ  ئانىلارنىڭ ئەجرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئانىلارنى ھۆرمەتلەشنى مەقسەت قىلغان . ئەجەبا ياخشى ئىشلارنىمۇ ھارام ، بىدئەتكە چىقارسا مۇشۇ پەتىۋانى چىقارغان كىشىنىمۇ قالتىس ئولىما چاغلايدىغان ئوخشىماملا؟
   ئاۋال تاھارەتنى ئوبدان ئېلىپ، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس كىتابلارنى ئوبدان كۈرۈپ باقسىلا . كىم كىچىككىنە پەتىۋا پىچسا شۇنى ئولىما دەپ ئەگەشسىلىرى ئىختىيارلىرى . ئەمما شۇنىڭدىكى مەقسەتنى چۈشۈنىپراق ئىنكاس يازسىلا .

    تېخى 20 يىلنىڭ ئالدىدا ئاپلىسىننىمۇ مۇشۇ دىيارىمىزدا ھارام دەپ پەتىۋا پىچقۇچىلار چىققان. چۈنكى ئاپلىسىننىڭ مىۋىلىك دەرەختە بولىدىغانلىقنى بىلمەيلا خەنلەر ياسىغان نەرسە دەپ قاراپلا پەتىۋا پىچىۋەتكەن . كېيىن ئۇنىڭ تېرەكتە بولىدىغان مىۋە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، شۇ پەتىۋا پىچقانلامۇ تالىشىپ يەيدىغان بولۇپ كەتتى . مۇشۇنداق ساختا پەتىۋا پىچىپ باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قېلىۋاتقانلارمۇ كۆپ .
   
شۇڭا ھەر بىر پەتىۋاغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسىلا . مەيلى سەئۇدى ئولىمالىرى بولامدۇ ، ياكى پەتىۋا كومىتىتىنىڭ ئولىمالىرى بولامدۇ ھەممىسى ئوخشاشلا ئادەم . بۇ يەردە داڭلىقلارنىڭ دېگىنى مۇتلەق توغرا دەپ قارىسىلىرى ئىختىيارلىرى . ئەمما مورىلىرى ئۈستىدىكىنى قاپاق ئورنىدا ئەمەس مېڭە ئورنىدا ئىشلىتىپ ئوبدان ئويلىنىپ كۆرسىلە . ئەڭ ياخشىسى ‹‹قۇرئان كەرىم ›› دىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئوبدان كۆرۈپ تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئاندىن قەلەم تەۋرەتسىلە .

   بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش يالغۇز پەتىۋا پىچىشلا ئەمەس . شۇڭا باشقىلارغا خاتا ئىدىيەنى تاڭماڭ دىيىشتىن ئىلگىرى نىمىنىڭ خاتا ، نىمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىپ باھا بەرسىلە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirlik+ot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-9 01:20 PM  


باشقىلارنى تىللىما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74652
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-2-3
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 01:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ...بىلىۋالدىم ...رەھمەت.:qiray121

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 8456 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 03:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
agah يوللىغان ۋاقتى  2012-2-9 10:00 AM
قانداق ئادەمنى پەتىۋاچى دەپ بىلدىڭىز؟
تۇغۇلغان كۈن ئ ...


مەن پەتىۋاچى دىگەن سۆزنى بانا -سەۋەپ ئىزدىگۈچۈ دەپ بىلگەچكە ، سىلەردىن توغرىسىنى سوراۋاتىمەن .
  سىز مىسال ئالغاندەك مېنىڭ 18 ياشلىق بىر قىزىم بولۇپ ، 2.14 كۈنى سىز دىگەندەك ئاشۇ ۋەقەلەر يۈز بەرسە ،،، مەن بالامنىڭ ئەخلاقىدا مەسىلە بار دەپ بىلىمەن ،  بۇنى ئۆزەمنىڭ بالا تەربىيلەش جەھەتتىكى قابىليەتسىزلىكىمنىڭ نەتىجىسى دەپ چۈشىنىمەن .

  مېنىڭ ئائىلە باشقۇرۇش نىزامىم ؛ ئەدەپ - ئەخلاقلىق ۋە غورور - ۋىجداننى ئالدىنكى ئورۇنغا قويۇش، ئىلىم - پەننى سۈيۈش ، ھەرقانداق ئىشتا ئۆزكاللىسىنى ئىشلىتىپ ئىش كۆرۈش ، راست - يالغاننى پەرىق ئەتكۈدەك كاللا بولۇش .........

بۇ تېمىدا پەتىۋاچىلار توغرىسىدا تالىشىپ ئولتۇرغۇم يوق ،، قارىسام دىننىي بىلىمى يوقۇرى تورداشلار خېلى باردەك قىلىدۇ ، ئەگەر ۋاختىڭلار يەتسە قۇرئاندىن ( پەقەتلا قۇرئاندىن )  ئىككى بايرامدىن باشقىلىرىنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلىغۇدەك بىرەر ئايەتنى ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويارسىلەر .

  ئىزاھات : پەتىۋا ئەمەس، ئايەتنىڭ ئۆزى بولسىلا بولدى ، يىشىپ بىرىمەن دەپ قىممەتلىك ۋاختىڭلارنى ئىسراپ قىلماڭلار . ئۆزۈم ئانالىز قىلىپ جاۋاپ تېپىۋالىمەن .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xaparang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-9 03:53 PM  


يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2159
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 10:28:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى يوللاپ ياخشى قىپسىز.:qiray121

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

cahil insanin yaninda kitab gi

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5159
تۆھپە نۇمۇرى: 815
توردا: 6364 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 07:14:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirlik+ot يوللىغان ۋاقتى  2012-2-9 01:18 PM
ئاۋۋال ئوچۇق ئېيتىپ قۇياي: ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىنى  ...


ئۇلارنىڭ گەپلىرى ياقمىسىلا تىللامسىز  ، قارشى پىكرىڭىز بولسا پاكىتلىرىڭىزنى ئوچۇق كەلتۈرۈپ ئورۇنلۇق گەپ قىلىڭ ،ئەمما باشقىلارنى قالايمىقان تىللاپ ئۆزىڭىزگە گۇناھ يۈكلىمەڭ ، ئۇلارغا ئىلىمنى سىز ئۆگىتىپ قويمىغاندىن كىيىن  ئۇلارنى تىللاش ھەققىڭىز يوق ، گەرچە بۇ ئىنتىرنىت مەۋھۇم دۇنيادا  بىرەسىنى تىللاپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋەتسەممۇ  ھىچ ئىش بولمايدۇ دەپ قالغان ئوخشايسىز  ، ئىككى مۇرىڭىزدىكى كىرامەن -كاتىبىينلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ  ،   ناھەق تىل-ھاقارەتلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللانىڭ ئالدىدا ھىساپ بىرىدىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.  
«ئالىملارنىڭ گۆشى زەھەرلەنگەن گۆشتۇر » دىگەنكەن  ئىبنى ئەساكىر .
ۋە يەنە داڭلىق ئىسلام ئالىمى ئىمام شافىئى «مەن 1000 ئالىم بىلەن مۇنازىرلىشىپ يەڭدىم، بىر نادانغا يىڭىلدىم » دىگەنكەن.   نىمە بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىك ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى . ئەمما باشقىلار ھەققىدە يامان گۇمان قىلىپ ،خالىغانچە تىللاش ھەققىڭىز يوق . دىمەكچى بولغان مەقسىتىم شۇ . ۋەسسالام . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ay-turk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-10 07:16 PM  


دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش