1-قىسىم
كىرىش سۆز
كومپىيوتېر ئۇچقاندەكتەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۈگۈنكى بىلىم بىلەن ئەتە پۇت تىرەپ تۇرۇشمۇمكىن ئەمەس،ئۇچۇر ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كومپىيوتېر سېستىمىلىرى كۈنسىرى يىڭىلىنىپ،بىخەتەرلىكى يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۈنۈگۈنكى سېستىمىلار بۈگۈن بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالمىدى.دەۋىربىلەن تەڭ ئىلگىرلەيمىز دەيدىكەنمىز جاھان يىڭىلىقلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەرداربۇلىشىمىز،دۇنيا بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن بىزشاللىنىمىز.
كومپىيوتېرداتەرەققىيات نەگە باردى،كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش قانداق؟
بۇنى نۇرغۇن دوستلىرىمىز بىلمىسە كىرەك.يەنە بەزىلەرWindows 8گە بېرىپ توختىدى دىيىشى مۇمكىن،بۇ پەقەت سېستىمىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يۈزلىنىش،دۇنيادا Windowsتىن مۇباشقا نۇرغۇن كۆزنەكلىك مەشخۇلات سېتىمىلىرى بار،ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشائىشلىتىش ئورنى بار،كومپىيوتېرنىڭ تەرەققىياتىنى پەقەت Windowsنىڭ تەرەققىياتىغا باغلاپلا چۈشەنسەك بولمايدۇ.كومپىيوتېرنىڭ ھىسابلاش ئىقتىدارى،قاتتىق دىتال قۇرۇلمىسى،سېستىما قۇرۇلمىسى،سۈرئىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.بىز كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلاجاھننىڭ ھەممە يىرىدە بۇلىۋاتقان ئىشلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بۇلىمىز،تور ئالدىدامائۇسنى تۇتۇپلا ماللارنى ئىشىك ئالدىغىچە ئەكىلىمىز،تور بانكىسىدا ھىساۋات يۆتكىيەلەيمىز،تىلفۇن ئۇرۇش،سۈرەتلىك پاراڭلىشىش.... ئىشقىلىپ كومپىيوتېرنىڭ تۇرمىشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قۇلايلىقلارنى كومپىيوتېر بىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ.
نىمە ئۈچۈن كومپىيوتېر سېستىمىلىرى يىڭىلىنىدۇ؟نىمىشقا بۈگۈنكى سېستىمىلار ئەتە ئىشلىتىشتىن توختايدۇ؟
چۈنكى ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرلىشىغا ئەگىشىپ كومپىيوتېرنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالمىدى،سېستىمىلاردىكى نۇرغۇن يۇچۇقلار بىزنىڭ توردا بىخەتەرمەشخۇلات قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلدى،قارامىھمان،كومپىيوتېر ۋىروسى دىگەنلەرھەرخىل يۇچۇقلاردىن پايدىلىنىپ بىزنىڭ توردا نورمال سودا قىلىشىمىز،كۆڭۈل ئېچىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلدى.
شۇ ۋەجىدىن سېستىمىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى كۈنسىرى يۇقۇرلاپ،ئىقتىدارى مۇكەممەلەشتى،كوناسېستىمىلار ئاستا-ئاستا ئىشلىتىشتىن توختىدى.
ھازىر دۇنيادا كەڭكۈلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان سېستىماWindowsبۇلۇپ مەيلى ئىقتىدار،سۈپەت جەھەتتە بولسۇن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى رازى قىلىپ كەلدى،بارلىق ۋىروسلار پەقەت مۇشۇ سېستىمىنىڭ يۇچىقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىزدەندى،مىكروسوفىتمۇ مۇشۇ ۋىروسلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخنىكىنى يىڭىلاپ،سېستىما نەشىرىنى يۇقۇرلاتتى.
بىزنىڭ سۆزلىمەكچى بولغان دەرىسىمىز ئاساسلىق Windowsنى ئىشلىتىش بۇلۇپ ھەرگىز كونىسىنى ئەمەس بەلكى يىڭىسى،چۈنكى بىز يىڭىلىققا ئىنتىلگۈچى ئەقىللىق مىللەت.
قېرىندىشىم سىزھازىرمۇWindows xpئىشلىتىپ يۈرەمسىز؟بۇ سېستىما ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولدى،پات يېقىندا 10يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئاتامان دەپنە قىلىنىدۇ،ئۇ چاغداسىز يىغلاپ يۈرەمسىز؟ياق.. ھەرگىز ئۇنداق قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ،ئۇ ئاللىقاچان ئىزباسار تاللاپ بولدى.
ئۇنىڭدىنمۇمۇكەممەل،ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق،ئۇنىڭدىنمۇ سىلىق ھەم تىز سېستىما دۇنياغا كەلگىلى خېلى بولدى،ئەمما بۇ يېڭى سېستىما كىشىلەر قەلبىدىن ئۇرۇن ئالغۇچە تەخىتكەئالدىراپ چىقىۋالسا بولمايدۇ،ھازىر بۇ شاھزادە رەسمى ھالدا پادىشاھلىق ئورنىغا كۆرسىتىلدى،نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قوللىدى،بىزنىڭمۇ ئۇنى قوللىماي ئامالىمىزيوق،ئۆلگەننىڭ كەينىدىنكىتىشكە تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن يىڭىلىققا يۈزلىنەيلى،بىزمۇ قۇچاق ئېچىپ يىڭى پادىشاھنى قارشى ئالايلى.
بۇ كىتاب جەمئى 6قىسىم قىلىپ تۈزۈلدى،ھازىر پەقەت كىرىش سۆز قىسمىنىلا يوللىدىم،تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ئىلكىتابنى چۈشۈرۈپ ئۆگىنىشنى باشلىسىڭىز بۇلىدۇ.پەقەت 1-قىسمىنىلا يوللاپ قويدۇم،چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ كىيىنكى قىسىملىرىنىمۇ يوللايمەن.1-قىسىمدا ئاساسەن ۋىندوسنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى سۆزلەندى،2-قىسىمدىن باشلاپ ۋىدوس 7گە ئۆتىمىز.قىزىققۇچىلار بولسا كۆرۈپ بىېقىپ باھا بەرگەيسىلەر.
چۈشۈرۈش ئادىرسى:http://115.com/file/dp2t0x8o
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا QINSOYGU تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-8 01:03 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-9 12:54 PM):
بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/23032503.html