كۆزلۈرۈمنىڭ نۇرى جان ئاتا، ھاياتىمدا سەن بولساڭ ئىدى. مىھىرلىرىم ئىچرە مەن ئەتكەن، تامىقىمنى بىر يىسەڭ ئىدى.
ئامراق ئىدىڭ سەن نارىن چۆپكە، ئېتىپ بەرسەم بىر كەلسەڭ ئىدى. <قىزىم ھەجەپ ئوخشار تامىقىڭ>، دىگەن سۆزۈڭ، ئاڭلىسام ئىدى. ~ بوسۇغاڭدىن ئاتلاپ كىرسەممەن، <كەلگىن قىزىم- كەل >دىسەڭ ئىدى. ۋۇجۇدۇمدا قاترىدى بىر سۆز، <دادا -!>دىسەم بىر كۈلسەڭ ئىدى.
دادا،دىسە بىراۋ جان دادا؛ يىغلاپ قالدىم ئاغزىم ئۆمەللەپ. قانىتىممۇ راس سۇنۇپ قاپتۇ، كۈلەلمىدىم جان دادا ئۈنلەپ. ~ ياتقان جايىڭ جەننەتتىن بولسۇن، دۇئالىرىم ساڭا يار بولسۇن. مەھشەر كۈنى مىھرىبان دادا، نۇرلۇق يۈزۈڭ كۆزۈمدە بولسۇن . ~ چۈشلىرىمگە كىرگىنە دادا، چاقىرۋالاي سېنى نەچچە رەت. كۈندە كىرىپ چۈشۈمگە دادا، تىللىساڭمۇ مەيلى بىلىپ يەت.
قەلىمىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-8 06:34 AM
|