مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2406|ئىنكاس: 37

موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 11:24:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆمۈر تاپاننىڭ ئاسىيا-ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقنى چەيلىشى

   13- ئەسىردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپادىكى كەڭ رايۇنلارغا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلۈملىك ھەربىي يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى، يەنى چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى (1219-1223)، باتۇنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى(1236-1242)  ۋە ھىلاكۇنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى(1253-1260) قوزغىدى. بۇ بىر قاتار يىراققا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى شۇ رايۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى تەرەققىياتىغا ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىگە زور تەسىر كۆرسەتتى.

   13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللارنىڭ ئاقساقىلى تېمۇچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇل خانلىقىنى قۇردى، چىڭگىزخان دەپ ئاتالدى. چىڭگىزخاننىڭ كۆپ يىل جان كۆيدۈرۈپ ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئىپتىدائى ھالەتتە ياشاۋاتقان موڭغۇللار شىددەت بىلەن راۋاج تېپىپ ۋە زورىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە غەربتىكى نۇرغۇن ئەللەر بىلەن پەيدىنپەي سودا ئالاقىسى ئورناتتى. شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا خارەزىم دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىسلام دۆلىتى پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەنىدى. بۇ دۆلەت دەسلەپتە سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، كېيىن مۇستەقىل بولغانىدى. 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالاۋۇددىن مۇھەممەد تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە بۇ دۆلەتنىڭ چېگرىسى شەرقىي شىمالدا سىر دەرياسىغا، شەرقىي جەنۇبتا ھىندى دەرياسىغا شىمالدا ئارال دېڭىزى بىلەن كاسپى دېڭىزىغىچە، غەربىي شىمالدا ئەزەر بەيجانغىچە، غەربتە باغداتقىچە، جەنۇپتا ھىندى ئوكيانغىچە باراتتى. خارەزىملىكلەر موڭغۇلىيىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربكە بارىدىغان سودا يولىدا دائىم  پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇراتتى. 1218- يىلى ئالاۋۇدىن مۇھەممەتنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن چىڭگىزخان غەربكە ماڭغۇزغان كارۋاننى قىرغىن قىلىش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتەك ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەسى يۈز بەردى. چىڭگىزخان شۇ ۋەجىدىن 1219- يىلى كۈزدە 2000 كىشىلىك مۇڭغۇل قوشۇنىغا  قۇماندانلىق قىلىپ، ئېرىتىش دەرياسى بويىدىن ئاتلىنىپ، خارەزىم قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

   بۇ چاغدا خارەزىم ھۆكۈمدارلىق گۇرۇھى ئىچىدە قاتمۇقات زىدىيەتلەر مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ گەرچە 400 مىڭ كىشىلىك خىل قوراللانغان قوشۇنى بولسىمۇ، دۈشمەنگە مەركەزلىك ھالدا قارشىلىق كۆرسەتمەستىن، قوشۇنلىرىنى پارچىلاپ مۇداپىئە كۆردى. نەتىجىدە موڭغۇل قوشۇنى ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ يەڭدى. ئالاۋۇدىن مۇھەممەد يېڭىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كاسپى دېڭىزىدىكى بىر كىچىك ئارالغا قېچىپ بېرىۋالدى، ئۇۇزۇن ئۆتمەي كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئوغلى جالالىدىن ئاستانىگە قايتىپ بېرىپ، قوشۇن تەشكىللەپ قارشىلىق كۆرسەتتى. 1221- يىلى موڭغۇل؛ قوشۇنى بۇ شەھەرنى زور بەدەل تۆلەپ ئىشغال قىلدى، ئاندىن كېيىن ئامۇ دەريسىنىڭ قېشىنى بۇزۇپ شەھەرگە سۇ قۇيۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئاۋات شەھەر بىردەمدىلا سازلىق ماكانغا ئايلىنىپ كەتتى. چىڭگىزخان خارەزىمنى يوقاتقاندىن كېيىن سەركەردىلىرىدىن جەبە نويۇن بىلەن سۇبۇتاينى 20 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ، خارەزىمنىڭ قالدۇق قوشۇنىنى قوغلاشقا بۇيرۇدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئارقىدىنلا تاشقى كاۋكازغا كىرىپ تۈركلەرنىڭ پولگۋۇچ قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پولگۋۇچلارغا ياردەم بېرىپ موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1123- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى كالكا دەرياسى بويىدا موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنى بىلەن قانلىق جەڭ قىلدى، موڭغۇل قوشۇنلىرى جەڭدە غەلىبە قىلدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن چاغاتاي، ئوڭداي، تۆلۈلەر موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ، كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى يايلاقنى بويلاپ موڭغۇلىيىگە قايتتى.

   چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى. 1235- يىلى موڭغۇللار قۇرۇلتىيى (قەبىلىلەر كېڭىشى يىغىنى) كېيىۋروسكنى بويسۇندۇرۇش نىشانى قىلىپ، يەنە بىر قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى. 1236 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى باتۇر باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، يايىك دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئۆتۈپ، غەربكە يۈرۈش قىلدى. موڭغۇل قوشۇنى شۇ يىلى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا يېتىپ بېرىپ، بۇلغارلارنى يەڭدى. ئاندىن روسىيە تۈزلەڭلىكىگە كىرىپ مۇسكىۋا، روستوۋ، تۋېر، ۋىلادىمىر قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشغال قىلدى، كېيىن يەنە كېيۋىنىمۇ ئالدى، روسىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى ۋەيران قىلىندى. 1241- يىلى ئەتىيازدا موڭغۇل قوشۇنى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇمغا ئاتلاندى. بىر قوشۇن بولۇتاي قۇماندانلىقىدا پولشاغا ھۇجۇم قىلدى، 3-ئايدا كىراكوۋنى ئىشغال قىلدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ سىلېزىيىگە بېسىپ كىردى، 4- ئايدا لېگىنىردا پولشا قوشۇنى، گېرمان قوشۇنى ۋە تېۋتون ئاتلىق پولكىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ئارمىيىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 6- ئايدا چېغ تەۋەسىگە بۆسۈپ كىردى. ئورىلىم شەھىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، ۋىنگرىيىدە باتۇنىڭ چوڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. يەنە بىر يولدىكى قوشۇن غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ باتۇ قۇماندانلىق قىلغان ئاساسىي كۈچى بولۇپ، بۇ قوشۇن كارپات تاغلىرىدىن ئېشىپ ۋېنگرىيىگە كىردى. ۋە تۆتىنچى ئايدا ۋېنگرىيە قوشۇنىنى يېڭىپ پىيۇرت شەھىرىنى ئېلىپ، ۋيناغا تەھدىت سالدى، ۋېنگرىيە پادىشاھىنى تاكى ئادرئاتىك دېڭىزىغىچە قىيىن ئەھۋالدا قالدۇردى. پەقەت 1242- يىلى 2- ئايدا موڭغۇل خاقانى ئوگدايخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندىلا باتۇ ئاندىن قوشۇنلىرىنى شەرقكە ئېلىپ قايتتى. باتۇ شەرقى ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلىپ، يېرىم يولدىن ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قايتىپ كەلدى ۋە ساراينى پايتەخت قىلىپ، قىپچاق خانلىقىنى (يەنى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى) قۇردى.

   1251- يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى مۆڭكۈ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ موڭغۇلىيە خاقانى بولدى. 1253- يىلى مۆكۈ ئىنىسى ھىلاكۇنى چوڭ قوشۇنغا قۇماندان قىلىپ تەيىنلىدى، ئۇنى موڭغۇلىيىدىن يولغا چىقىپ، 3- قېتىملىق غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئىرانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئەۋەتتى. غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن توسالغۇسىز ئىلگىرىلەپ، ئىراننىڭ مازاندىران رايۇنىنى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلدى، ئارقىدىنلا ئىككى دەريا ۋادىسىغا بېسىپ كىردى. 1258- يىلى باغداتنى ئېلىپ خەلىپە مۇستاسىننى ئۆلتۈرۈپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنى يوقاتتى. ئۇلار باغداتتا توپتوغرا يەتتە كۈن ئوت قويۇپ، قىرغىن قىلىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ بۇ مەدەنىيەتلىك قەدىمكى شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. ھىلاكۇ شۇ يىلى تەبەرىستاننى پايتەخت قىلىپ، بويسۇندۇرۇلغان زېمىنىدا ئىلىكخان خانلىكىنى قۇردى. 1259- يىلى ھىلاكۇ داۋاملىق غەربكە يۈرۈش قىلىپ، سۈرىيىگە بېسىپ كىردى ۋە 1260 يىلى 4- ئايدا دەمەشىقنى ئىشغال قىلدى. 9- ئايدا مىسىر قوشۇنى دەمەشىقنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ئايزۇلۇتتا مۇڭغۇل قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش دولقۇنىنى ئاخىر تىزگىنلىدى. موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپا رايۇنلىرىغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى يەتكەنلىكى جايلار خارابىلىككە ئايلاندى، بىھېساب پۇقرالار پاجىئەلىك قىرغىنچىلىققا دۇچار بولدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بىراق، موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرى ئاسىيا-ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوبېيكتىپ جەھەتتە شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى. غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى چەت ئەللەردىن ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇلاپ ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن ھۆنەرۋەن ئۇستىلار شەرققە ئېسىل قول سانائەت ھۈنەر سەنئىتىنى تارقاتتى. 13- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ۋېنتىسيىلىك سودىگەر ماركوپولونىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىپ تۇرۇپ قالغانلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرق- غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ گەۋدىلىك بىر مىسالىدۇر.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك مەسىلە،بۇلارنىڭ قەدىمى تەككەن يەردە ئادەم ئۇرۇقى قۇرتۇۋىتىلگەن.مۇڭغۇل قوشۇنلىرى بىيجىڭ شەھىرىگە كىرگەندە شەھەر سىپىلىنىڭ تۈۋىدە جەسەتلەر تاغدەك دۆۋلىشىپ كەتكەن،مۇڭغۇل قوشۇنلىرى يەرلىك كىشىلەردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا بۇ كىشلەر:-سىلەرنىڭ قوشونىڭلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن 60مىڭ خەنزۇ قىزى ئۆزىنى سىپىلدىن تاشلىۋالدى دىگەن،بۇلار ئۆزىگە قارشى چىققان شەھەرلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن،چىڭگزخان 9 يەردە كاللا مۇنارى قاتۇرۇپتىكەنمىش،ھەر بىر مۇنار 5000 ئادەمنىڭ كاللىسىدىن پۈتۈپتىكەن.بۇلار شۇ شەھەرلەردىكى ئىت-قويماي ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىپتىكەن.شۇ زاماننىڭ كىشىللىرى بۇلاردىن شۇنداق قورقۇپتىكەنكى ھەتتا بىر موڭغۇل چىرىكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىلىپ سىلەر بىشىڭلارنى ئاۋۇ تاشقا قويۇڭلار،مەن كاللاڭلارنى كىسىۋالاي دىسە ماقۇل دەپ يىتىپ بىرىپرىكەن.بۇ قىتىملىق يۈرۈشلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوينىغان رولىمۇ ئاز بولمىغان،يەنى قوچۇ خانلىقى 10 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرىنى بۇ قىتىملىق يۈرۈشكە قاتناشتۇرغان،ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئالىم ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەر بۇ مۇڭغۇل ئىمپىريىسىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن!مۇڭغۇللار باشتا ئۈچ قىتىملىق يۈرۈش قىلغان بولۇپ كىيىنكى يۈرۈشلەرنى تىمۇرلەڭ،بابۇر قاتارلىقلار ئىلىپ بارغان،مۇڭغۇللار 1363-يىللىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن قوغلاپ چىقىرىلغان،تىمۇرلەڭ مىڭ سۇلالىسىغا قارشى جازا يۈرۈشىدە قازا قىلغان،شۇنىڭ بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئاساسەن توختىغان!يۇقىردا ئىيتىلغانلىرىم ھەممىسى تارىخ ۋە راس بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار تورداشلارنىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىشىنى سورايمەن،بۇلارنى ھازىرغىچە ئۆگەنگەن تارىخ بىلىملىرىمگە ئاساسەن يازدىم،بۇندىن كىيىن ئاسەسەن تارىخ ۋە خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى يوللايمەن،تورداشلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى سورايمەن،ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ تىمامنى تەستىقلاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەنبە:_ئۆزۈم                  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-7 11:31 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38221
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1708 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2014-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 10:31:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭگىزخان  ئۇلۇغ ھەربىي ئالىم.ۋە سىياسىئون، مەن ئۇنىڭغا بەكمۇ قىزىقىمەن.........تارىخ

كىتاپلاردىن كۇرۇشۇمچە..........1-ئىسلام ئىمپىرىيەسى  2-مۇڭغۇل ئىمپىرىيەسى..

-1840يىللاردىكى ئەنگىلىيە ئمپىرىيەسى.....قاتارلىقلار.........تارىختىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ

ئىپىرىيەلەر ئىكەن......

ئۆلۇم..،،،،،،،،،،..؟؟
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 11:12:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 11:17:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باتۇخان شۇ چاغدا تېخى تولۇق شەھەرلەشمىگەن رۇسلارنى كۆپ يوقىتىپتىكەن.رۇسلارغا بولغان يۈرۈشتە ئاساسلىقى تاتار تۈرىكلىرى چوڭ كۈچ چىقارغاچقا19-ئەسىردە رۇسلار تاتارىستاننى بېسۋالغاندىن كيىن بىچارە تاتارلارنى يۇرت يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلۋەتتى.موڭغۇللار ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى قىرغان بىلەن ھېچ بولمىسا خەلقنى مەجبۇرى سەرگەردان قىلۋەتمىگەن.
ھازىرقى زامان ئۇرشىمۇ بىر قاراشقا مىللەت،دىن،دۆلەت ئۇرشىدەك كۆرۈنسىمۇ ئاساسلىقى يەنىلا شۇ نەچچە تال سىياسئوننىڭ شەخسى مەنپەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.پەقەت تىېنچلىق ئۇچۈن ئۇرۇشتۇق دىگەن چىرايلىق قالپاق كەيدۈرۈلگەن.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26380
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4537
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 11:28:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى  ماتىرىيال كەن ،  مەن ساقلىۋالدىم ئەمسە.....  ەارمىغايسىز..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6705
تۆھپە نۇمۇرى: 840
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 12:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭگىزخان شۇ ۋەجىدىن 1219- يىلى كۈزدە 2000 كىشىلىك مۇڭغۇل قوشۇنىغا  قۇماندانلىق قىلىپ، ئېرىتىش دەرياسى بويىدىن ئاتلىنىپ، خارەزىم قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى قوزغىدى.
بۇ سان 20000 بولسا توغرىغۇ دەيمەن.

روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پولگۋۇچلارغا ياردەم بېرىپ موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1123- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى كالكا دەرياسى بويىدا موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنى بىلەن قانلىق جەڭ قىلدى، موڭغۇل قوشۇنلىرى جەڭدە غەلىبە قىلدى1223-يىلى بولسا توغرا بولاتتى.

كومپاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5284
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 01:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتىريالنىڭ مەنبە سىنى ئەسكەرتىش كىرەك(پايدىلانمىلار نى).

تىرىشىش ھەممىنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10153
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8556
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 01:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەليەتتە خارازىملىقلارغا ئاپەت بولۇپ كەلگىنى چىڭگىسخاننىڭ قوشۇنى بولماستىن بەلكى ئىچكى زىدىيىتىدۇر . چىڭگىزخان مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتنى بايقاپ ئۇ ( خارازىم )ئەلنى ئۇزۇن مەزگىل تىڭتىڭلاپ ، ئىچكى زىدىيەت كۈچىيىپ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ۋاقتىنى ئۇلارغا ئۇرۇش قوزغاشنىڭ دەل پەيتى قىلىپ بېكىتكەن . بۇ تۈلكە ( چىڭگىسخان ) 2000  كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ تەپتارتماستىن خارازىمنىڭ 400 كىشىلىك قوشۇنىغا تېگىش قىلغان . ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن تېرىقتەك چېچىلغان خارازىملىقلارنىڭ 400 مىڭ كىشىلىك قوشونى ئاشۇ ئازغىنە موڭغۇل قوشونىغا تەڭ كېلەلمەي ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان .
ئىچكى نىزا سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ دۇنيادىن ئېچىنشىلىق غايىپ بولغان خانىدانلىقلار بەكمۇ كۆپ ، بەكمۇ كۆپ .

سۇمبۇل چاچلار ، ئەگىم قاشلار  ئات - ئېشەكتىمۇ بار . نوچى بولساڭ مېتالدىن قوشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، شۇندا سېنى دۇنيا  ئېتىراپ قىلىدۇ .

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 01:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
213245648946 (7).jpg
بىز ئۇيغۇرلارمۇ بوش ئەمەس!!!!!!!!
كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
DUTTARIM بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 01:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش