جۇدابولغۇم يوق ئى ئەجەپ گۈزەل بوستانىمدىن خالاس،
يەتمەي تۇرۇپ ۋېسالغا ساپ ھاۋا ئاسمانىمدىن خالاس،
ئارزۇيۇمدا ئازاد بولغايكىم دەرت-پىغانىمدىن خالاس،
توزىغايمۇ ياشلىقىم تاپمايلا ئەپغانىمدىن خالاس،
چۆلگە بەند بىچارە بۇلبۇلدەك گۈلۈستانىمدىن خالاس.
تەتۇرلا قارايسەن نە ئۈچۈن،مەندە نېمە باھا كەم،
ئوقار ئىدىم ھەركۈنى سۆيگەن يارىم گۈليارنىمەن،
بىلمىدىڭ مەشۇق تۇرۇپ ئاشىق كۆڭلىنى ئايانى سەن،
ئى پەلەك ئالساڭمۇ ئال شاتلىق ئويۇن دۇنيانى ھەم،
ئەت پېقىرنى بىر دەقىقە داغى ھىجرانىمدىن خالاس.
مەن ئاتالدىم تىلىڭدا، ھىجرىڭدە كۆيگەن نەس بولۇپ،
نەزىرىڭگە چۈشمىدىم يول-ئاياغىڭدا خەس بولۇپ،
گۈزەللىكىڭ ئاپىتىدىن مەجنۇنۇڭ قالدى پەس بولۇپ،
يارنىڭ ئەكسى ناۋا كۆرمىسە مەيدە مەس بولۇپ،
مەن كۆرەرمەن ھەر خىيال،ھەر جايدا پىنھانىمدىن خالاس.
كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشنى ھەركىم كۆرسە كۆل دىيەر،
ھالىمنى كۆرسە كىم،سۆيگۈ جاللىتىنى ئۆل دىيەر،
يىغلىمايمەن دېسەممۇ ھىجرانىڭ كۆزۈمنى ھۆل ئىتەر،
يار يۈزى يۇيغانلىكى سۇ تامچىسىدىن گۈل ئۈنەر،
دىمى خۇشخۇي كۈلكىسى كۆپ زارە-پىغانىمدن خالاس.
چىن دوست كۆرسىتىپ ئۆزىنى بەزىلەر بىزگە چاچتى قان،
غەيۋەت-شىكايەتنى كۈچەيتىپ ئارىمىزغا سەپتى دان،
بويۇڭ لالە،قېشىڭ ھىلال ئىشقىڭدا باغرىم ئەپتى قان،
لەۋلىرىڭ ياقۇت نە ياقۇت ئوتقا بەرگەي تەپتى جان،
جادۇ كۆزلىرىڭ قۇترىتار ھەم بولغىلى جانىمدىن خالاس.
مەخسەتلىرى قايغۇ، غەم، ھەسرەت بىلەن قېرىتماق مېنى،
قاخشال قىلىپ چۆلدىكى توغراق كەبى قۇرۇتماق مېنى،
كۆيدۈرۈپ ھەم كۆزلىرىڭدىن ئوت ئېتىپ يىقىتماق مېنى،
قەددى شەمشاد، قاشلىرى دار،چاچلىرى سىرىتماق مېنى،
بىر بوغۇشتا ئەيلىمەكچى كونا زىنداندىن خالاس.
مۇزلۇق چىرايكى قاپىقىدا چەيزىدەك دۈررەكلىرى،
قىزىل يۈزى ھەم لېۋى ئىششىق كۆپۈكتەك ھۈررەكلىرى،
ئارقىسىدا نەچچە ئون توپ-توپ دەيزىدەك كۇررەكلىرى،
جانغا پاتتى،جاننى قەستلەپ نەيزىدەك كىرپىكلىرى،
ۋەسلى ئەتكەي يا جاھاندىن يا پەرشتانىمدىن خالاس.
قاچساممۇ بولمىدى پايدا قوغلاپ يۈرەر ئاپەت جاپا،
ئاھ،ئاھۇ پىغانىمدىن لەرزىگە كىلەر ئالەم- ساما،
ۋىسال ئىزدەپ بۇ قەلبىم يىغلاپ يۈرەر سەكلى گويا،
يىغلىسا ھالىمغا يامغۇر، كۆكتە كۈلەر گۈلدۈرماما،
ئەتكىلى بولمايدۇ كۆپ خىللىقنى دەۋرانىىمدىن خالاس.
ئىتەلمىدىم قەلبىمنى ئىزھار ئەيلەپ ساباغا ھەم ئايان،
ئەزەلدىنلا مىھرىسىز ئۇف،كەلسۇن ھاياغا گۈل جانان،
ۋاپا قىلسام ئازاپ بەردى،سالدى جاپاغا ئاھ پىغان،
دەرتتىن ئۆزگە ھېچنەرسە بەرمەس ۋاپاغا بۇ جاھان،
ئى ئەجەپكى بولمىسا گۈلگۈن يېشىم قانىىمدىن خالاس.
يا يىتۈرمەن ۋەسلىمگە سۆيگۈ گۈلۈمنى ئەي قىلىپ،
يا كىتۇرمەن جەھاندىن ئازابقا جېنىمنى يەم قىلىپ،
بىر تۆكەرمەن ئالدىڭغا ھەممە ئازابنى قەي قىلىپ،
تۇت پەلەك ئاشىقلارغا ئالەم غېمىنى مەي قىلىپ،
جاندىن خالاس ئەتسەڭمۇ ئەتمە جانانىمدىن خالاس.
مەنبە:ئارقۇ قەلىمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-7 05:49 PM