مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 888|ئىنكاس: 7

ھىجران    (  يانغىن ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزىز ئىمىر يانغ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1354
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 21480
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 01:25:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىجران


ئەزىز ئىمىر يانغىن


[align=justify]*************************

[align=justify]ئالدى بىلەن مىسرانىم تورىدىكى بارلىق دوستلارغا سالام يوللايمەن .

[align=justify]مىسرانىم تورى قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان گەرچە تىزىملاتمىغان بولساممۇ ، نۇرغۇن دوستلارنىڭ مۇشۇ مۇنبەرگە يىغىلغانلىقىنى ھەم مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ تىزىملاتماقچى بۇلۇپ تۇراتتىم . كىيىن مىنىڭ ئىسمىمنىڭ تىزىلمىتىلىپ بولغانلىقىنى ھەم مىنىڭ نامىمدا ئەسەر يوللانغانلىقىنىمۇ كۈرۈپ ھەيران قالدىم .

[align=justify]باشتا ئازراق ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەردى . كىيىن دوستىمىز تارىم ئۆزى مىنىڭ ئىسمىمدا تىزملىتىپ قويغانلىقىنى ھەم مۇنبەرگە يېڭى -يېڭى تىمىلىرىمنى يوللاپ تۇرۇشنى ئېيتتى .  شۇڭا دوستىمىز تارىمغا رەھمەت ئېيتىمەن . دوستلارنىڭ  مىنىڭ تىمىلىرىمغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ پىكىر -تەلەپلىرىنى بىرىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ..

[align=justify]********************



[align=justify]

 
ھىجران- بەزىدە ئاچچىق، بەزىدە شىرىن، بەزىدە ئازاپلىق ھەسىرەتكە يانداشقان بولىدۇ. ئىنسان تۇيغۇلىرىنىڭ قوزغاتقۇچى گېن ئامبىرى بولغان يۈرەك مۇبادا ھىجران ياشلىرى بىلەن سۇغۇرلۇپ ھەركەتكە كەلسە ، ئۇ چاغدا مېنىڭ تۇيغۇم ھىسىياتتىن ئىبارەت بۇ چەكسىزلىككە تولغان ئىككىنچى تىلىمنى ھىجران ئىلكىدە سۆز قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئەسلىمىلەر مېنىڭ يەنە بىر ھايات كارتىنىم . بىلسەڭ دىلبەر ، سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ شېرىن ئەسلىمىلەردىن خۇشاللىق تاپىمەن، ئۆزەمگە تەسەللىي ئىزدەيمەن . ئۆكۈنۈش، پۇشايمانلاردىن ئەقىلگە ئىگە بولىمەن. كەلگۈسىگە ئۈمىد، ئىشەنچ بىلەن باقىمەن... ئىنسان ھاياتى مانا مۇشۇ خىلدىكى چېكىنمە باياندىن پۈتكەن. مانا بۇ مىنىڭ ساڭا بولغان سۆيگۈم ، پىنھانغا يوشۇرۇنغان سىرلىرىمنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئامبىرى .
ئايرىلىش - ھىجران !
ئازاپلارغا چۆمكەلگەن دۇنيا، ئۈنسىز سۈكۈتلەرگە كۆمۈلگەن ئاچچىق پىغانلار ...  
كۈتۈشلەرگە تولغان ھېسلاردىن چاڭقىغان يۈرەك....
مىنىڭ ئازابىم ... قەلبىمنىڭ پىنھانلىرىدا ساقلانغان ھېسلار ...
مىنىڭ دۇنيارىم .... خىياللارغا تولغان ئەسلىمىلەر ...
كۈتۈشلەرنىڭ باشلىنىشىنى ئېلىپ كەلگەن دەقىقە...
ئازاپ دېڭىزىغا مەھكۇم بولغان قەلىبنىڭ ياشلانغان كۆزلىرىدە كۈتۈش، ئۈمۈدلەرگە تەلپۈنگەن مۇڭلانغان سىما..
- قەلبىمنىڭ مۇڭلۇق تارىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۈزۈلمەس كۈيلىرى بىلەن سايرىتىپ قەلىب چۆلىمگە بوستانلىق بەرپا قىلغان سۆيۈملۈك دىلبىرىم قەيەردە سەن ؟ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتسەن ؟!
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھىجران چۆلىدىكى ئاشىقىڭنىڭ ساڭا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭمۇ؟
كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ ،سەن بىلەن ئەتىمۇ ،ئۆگۈنمۇ ۋە ياكى...بىلمەيمەن .قاچان سىنى تاپارمەن ؟ ئېيتقىنە ، سېنى قەيەردىن ئىزدەي ؟
توۋا ! ھەيران قېلىۋاتىمەن ،خىياللىرىمنىڭ ، چۈشلىرىمنىڭ سەندىن ئايرىلالمىغانلىقىغا ھەيران قېلىۋاتىمەن .سەن بۇنى ھېس قىلالامسەن ؟ قەلبىم ئۆرتىنىۋاتىدۇ ،ھىجراندا ،ئىشقىڭدا سوقىۋاتقان يۈرىكىم سېنىڭ ئىسمىڭنى تۇيدۇرماستىن يادقا ئىلىۋالدى.ياق ئۆزىگە ئويىۋالدى .يۈرىگىم ، مۇھابىتىم ۋە پۈتۈن جىسمىم ساڭا تەلپۈنىدۇ ،سېنى كۈتىدۇ .ساڭا بولغان سۆيگۈم كۈندىن كۈنگە كۈچىيپ كېتىپ بارىدۇ ...
دىلبىرىم ، سەن مېنىڭ ھىجرانلىق سېغىنىشلىرىمنى بىلەرسەنمۇ ؟! ساڭا بولغان مۇھابىتىمنىڭ قانچىلىك پاك،چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلەرسەنمۇ ؟مېنىڭچە چوقۇم بىلىشىڭ كېرەك .بۇنى پەقەت سەنلا بىلىشكە ھەقلىقسەن .چۈنكى پەقەت سەنلا پاك مۇھابىتىمنىڭ سىمۇۋولى قىلىپ ھىجرانى ماڭا ھەدىيە قىلغان ....
ھىجرانلىق سۆيگۈ...
يىراقلاردا سىنى سۆيگىلەر ئىلكىدە كۈتۈۋاتقىنىمنى بىلەمسەن دىلبىرىم ..... 
سىنىڭ ئىسمىڭنى ھەربىر تىلغا ئالغىنىمدا  مۇھەببەتلىك كۈيلەرگە جۆر بولغان شۇ چاغلارنى ئەسلەيمەن...
خىياللىرىمدا سەن، كۈيلىرىمدە سەن...
سېغىنىش، ئازاپ ، ھىجرانغا تولغان يۈرۈكۈمدىن سىنى كۈتۈۋاتىمەن... .
ئويلارسەنمۇ ....
يىراق سەھرادىكى شۇ مۇھەببەت كۈيىنى...
ئەسلەرسەنمۇ ، كۈلكىلەرگە تولغان شۇ شېرىن چاغلارنى...
ھەممە ئەسلىمىگە ئايلانغان يالغۇز يۈرۈكۈمدىن شۇ چاغلارنى ئويلىدىم ...
چۈشلىرىمدە سىنى ئىزلىدىم  ...
ھەر بىر قۇرلىرىمدا سىنى ئەسلىدىم..
خىياللىرىم ۋۇجۇدۇمغا سېغىنىش بىلەن ھېجراننى سوۋغا قىلىپ يىتىپ كەلدى.
ئەنە،خىياللىرىم سىنىڭ باغرىڭدا تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ؛مەن ئاھ ئۇرۇپ كۆزۈمدىن سىرغىپ چۈشكەن ھىجرانلىرىمنى سوغۇقتا مۇزلىغان ئالقىنىمغا يىغىۋاتىمەن.بۇ قوللار،سەن دائىم چىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان قول؛ھازىر مۇزلىدى،سىنىڭ مېھرىڭسىز قالدى.  

ئەنە،يىراقتىن قاراپ كۈلۈمسىرەپ كىلىۋاتىسەن،ھەممنىڭ نەزىرىدىكى مۇز تەلەتىڭ مىنىڭ نەزىرىمدا شۇنچە ئىلىلىق ئىدى، تۇرمۇشنىڭ ھەممە ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى سىنىڭ چىرايىڭدىكى مۇھەببەتلىك سۇس تەبەسسۇم بىلەن ئىللىتاتتىم، ھازىر يوق،مۇزلىدىم،كۆزۈمدىن ئاققان ھېجران تامچىسىمۇ مۇز....
يۈرەك مۇزلىمىسۇن !
كۆز ياشلىرىڭ مۇزغا ئايلانغان شۇ چاغ ئېيتىم : 
- يىغلىما دىلبەر !!
مەن ھەم سەن ئەسلىمىگە ئايلانغان دەقىقىدە سەن ئۈچۈن مىسرالارغا قۇشۇلدۇم .... 
يۈرۈكۈمدىن ئېيتىپ كېلىۋاتقان سۆزلىرىمنى قۇرلارغا قۇشتۇم ...
ئاڭلامسەن دىلبەر.... شاماللارغا ھەمداش بولغان كۈيلىرىمنى...... !
بىلەمسەن دىلبەر، سۈكۈتلەر ئىلكىدىكى كۈتۈشلىرىمنى......
كىچە ...
كۆككە قارىدىم ... يىراقتا مۇڭلىنىپ تۇرغان تۇلۇنئاي يۈزىدىن سىنىڭ سىمايىڭنى ئىزلىدىم .
سەن يوق.....
سىنى يۇلتۇزلاردىن سورىدىم ، يەنىلا جاۋاپ يوق ... 
ئىككى تامچە ياش مەڭزىمدىن سىرغىپ چۇشتى...
يۈكۈرۈم ئۈنسىز يىغلىماقتا ئىدى....
مەن كەچكى شەپەققە قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشكە ئامراق!
بىلەمسەن،كەچىكى شەپەققە بىر كۈندۈزنىڭ ئوتلۇق ھارارىتى سڭگەن،
خۇددى مىنىڭ يۈرۈكىمگە ئوخشاش...
كەچكى شەپەقتىن سېنى ئىزدەيمەن،ئۆتمۈشنىڭ ھەممە ئىزنالىرىنى ئىزدەيمەن، 
خىيالغا غەرىق بولۇپلا كىتىمەن،يەنە شۇ خىيالدىن سېنى تاپالماي قايتىمەن.  قەلبىم ھەسرەتتە پۇچىلاندى،كۈلكە مەندىن يىراقلاپ كەتتى، خىياللىرىمنىڭ قەدىمى ئاستىلاپ كەتتى،ئۇمۇ ماغدۇردىن كەتتى.
لىكىن،ئۇ يەنە ئەتىگە قاراپ كىتىپ بارىدۇ...سېنى ئىزدەپ....
يىغلىدىم،ئوغۇلبالىمۇ يىغلامدۇ دىگەن ئىدىڭ ، لىكىن مەن  يىغلىدىم،سەنچۇ؟پەرۋامۇ قىلمىدىڭ،مانا بۇ ھەممە كىشى قورقۇيدىغان ئايرىلىش،ھېجران شۇمىكىنە ؟!!
مەن بەك قورقىۋاتىمەن،ئەتە يەنە تاڭ ئاتارمۇ؟بۇنى بىلمەيمەن....


ئۆچۈپ بولدى جىمى چىراقلار،
ئايمۇ مۆكتى بۇلۇت كەينىگە.
خۇددى سىنىڭ قەلبىڭگە ئوخشاش،
شۇنچە سۇغۇق، تىمتاس بۇ كىچە.

يۇلتۇز بىلەن مۇڭدىشاي دىسەم،
ئۇخلاپ قاپتۇ كۆرۈپ شىرىن چۈش.
بۇلۇت قاپلاپ سۈزۈك ئاسماننى،
پۇرار كىچە شۇنچىلىك مۇدھىش.

ئاي نۇرىدا مۇڭلىنار قەدىرىڭ ،
بورانلارمۇ شۇنچلىك غەمكىن .
بۇ دەھشەتلىك ھىجران كىچسى ،
يۇلتۇزلارمۇ يىغلدى بەلكىم .


خىيالىمدا مىسكىن قەدەملەر ،
ئېرتمەكتە خىياللار تامان.
ئاھ كۆزلىرىمنڭ يامغۇرى چوغدەك ،
يۈرىكىمنى ئۆرتەيدۇ ھامان .


ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى نىمە دىگەن تېز - ھە ؟ توختىماي ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇدەك ، گاھ تىنىچ تۇرغان كۆل يۈزىدەك تۇراقسىز ئۆتۈپ كەتكەن ، گاھ سوقۇشۇپ ،گاھ كۈلۈشۇپ ئۆتكەن مەن بىلەن سەن ،يەنە بىز بىللە يۈرگەن توپىلىق يوللار ،ئالما ،ئۆرۈك ،جىگدىلىك باغلار ، گۈپۈلدەپ تاغ گۈلى پۇراپ تۇرىدىغان كۆز يەتكۈسىز يېشىل يايلاق ، لايدىن ئۆي ياساپ ، لەگلەك ئۇچۇرۇپ ، ياغاچ ئات مىنىپ يۈرگەن شۇ مىنۇتلار كۆز ئالدىمغا كەلدى .
ھەركۈنى ھېچقانداق كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ كۆڭلۈم نىمىشقىدۇ چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بۇلۇپ قالاتتىم . مەنلا ئەمەس بەلكىم ماڭا ئوخشاش ئايرىلىشنىڭ ، ھىجراننىڭ تەمىنى تېتىغان مۇھەببەت ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھېسياتتىدۇر بەلكىم .
يۈگەنسىز خىياللىرىم مىنى ئىلگىركى غەمسىز ، غۇبارسىز ،مەنىلىك ،شوخ ھەم تەنتەكلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرگە باشلاپ باردى .
توغرا ، سەن بىلەن ئىككىمىزنىڭمۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك مۇھەببەت ھىكايىمىز بولغان ، تالاي ۋاقىتلار سەن بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ۋەدىلەرنى بىرىشكەن ...
تۇيۇقسىز چىققان قاتتىق كۈلكە ئاۋازىدىن خىياللىرىم ئۈزۈلۈپ قالدى . مىنىڭدىن ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر جۈپ قىز -يىگىت قىزغىن كۈلكە - چاقچاق قىلىشىۋاتاتتى . توغرا ، بىر چاغلاردا بىزنىڭمۇ شۇنداق كۈلگەن چاغلىرىمىز بولغان - ھە ؟ نىمە دىگەن مەنىلىك ، تاتلىق ،ئۇنتۇلغۇسىز چاغلار ئۇ !
شۇنداق گۈزەل كۈنلەرمۇ بولغان ھە !
شۇ بىر جۈپلەرگە ئوخشاش شوخ كۈلكىلەرگە جۆر بولۇپ بەختنى ھېس قىلغان چاغلار..  
بىلەمسەن دىلبىرىم  ...
ھىجرانلىق يۈرۈكۈمدىن ساڭا تىلىگەن بەخىتلىرىمنى....
يىراقتا قالغان سۆيگۈمدىن سىنى ياد ئەتكەن مىنۇتلاردىكى تىلەكلىرىمنى....
قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايرىشى ھەم بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىغا قوشۇلۇپ ،يىراقتىن سۇس بىر ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى ،خۇددى مېنىڭ بۇ بۇرۇقتۇرما ھېسياتىمغا جۆر بولغاندەك .
دىلبەر ، چۈشەنسەڭ ئىدى سىنىڭسىز ياشاپ ئۆزەمنىڭ قانچىلىك ئازاب ئىچىدە ئۆتىۋاتقىنىمنى ...
ھىجران بارا -بارا مىنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقتا ، يۈرىكىم قانداقتۇر بىر كۈچ تەرىپىدىن يىغلىماقتا ، قان -ياش يىغلىماقتا ....
ساڭا ئىشىنىمەن دىلبىرىم ...
شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ ... بەخىتتىن شادلىنىپ كۈلەلەيدىغان...
كۈتۈشلەر ئىلكىدە ئۈمۈدلەرگە تولغان قەلبىمدىن ساڭا ئېيتتىم:
گەرچە ھىجران بىزگە پەقەت ئازاپ ئېلىپ كەلسىمۇ ، يەنىلا سەن ، پەقەت سەنلا ماڭا خۇشاللىق ، بەخت ئېلىپ كېلەلەيسەن. مەن كۈتىمەن .....
سىنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن.. 
قايتىپ كەل دىلبىرىم .....
ھىجرانلىق يۈرۈكىمىزگە خاتىمە بېرەيلى!





ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sahraogli + 100 لىرىكىلارغا تويۇنغان قەلىپ،
al-azhari + 100 ھەي..ھېجران.....

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 03:25:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا
ئوڭاي ئەمەس يۇرەكتىن سۆيۇش،
ئۇنتۇشمۇ ھەم شۇنچىلىك قىيىن،
خاتىرەڭدىن ئۆچۇرگەن بىلەن ،
  يۇرەگىڭدە ئەسلەيسەن كىيىن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1487
يازما سانى: 827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10910
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3827 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 06:41:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ.........ھېجراندا ئوتكەن كۇنلەر.............
ھېجرانلىق كۇنلىرىمىزگە قاچانمۇ خاتىمە بېرەرمىز؟

مېھرىزا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 10:37:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3805
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14456
تۆھپە نۇمۇرى: 1065
توردا: 2169 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 11:52:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەن جۇمۇ يانغىن~~!

ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇڭنى قەدىرلە~~~~!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 12:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىمىلارغا " پۇچەك ئىنكاس " يازماقتىن باشقا ئامالىم يوق .
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز ، يوقاپ كەتمەي ئەسەر يوللاپ تۇرۇڭ .

PS : بۇندىن كېيىن مەندەكلەر قۇسۇر تاپالىغۇدەك يازايلى .
[s:34]

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

خان دەك ياشاپ ئۆ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3970
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9097
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2010-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 12:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئىسىل تىما يوللاپ سىز . قولىڭىزغا دەت تەگمىسۇن .

خان ___ ئۇيغۇرخان  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9028
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 07:34:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ھىجراندىن تۆكۈلگەن ئېسىل لىرىكىلار ئىكەن ! سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز ھەقىقەتەن يۈرەك تارىلىرىمىزنى چىكىدۇ جۇمۇ ! يانغىن ئاكا !  [s:36]

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش