ئىران21تۈرلۇك ھەربىي پەن-تېخنىكا مۇۋاپىقىيىتىگە ئىرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى
شىنخۇا تورى،تىھران2-ئاينىڭ6-كۈنىدىكى تىلىگراممىسى: ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئەھمەد ۋاشىر 6-چىسلا سۆز قىلىپ،ئىران يىقىندىن بۇيان ئىلىكتىرون، نۇر ئىلمى ،خەۋەرلىشىش سىستىمىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىي ئەسلىھە ساھەسىدە 21تۈرلۇك پەن-تېخنىكا مۇۋاپىقىيىتىگە ئىرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىران يەرلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئەھمەد ۋاشىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ،ئىران يىقىندىن بۇيان9تۈرلۇك ئىشلەپ چىقىرىش لىنىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى،بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ ھەتتا لازىر نۇر بىلەن باشقۇرلىدىغان بومبا،ئىغىر تىپتىكى تانكىغا زەربە بەرگۈچى باشقۇرلىدىغان بومبا،لازىر نۇرلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئەسلىھەسى، 3تۈرلۇك ئىلغار تىپتىكى رادار سىستىمىسى ۋە بىر تۈرلۇك مىكرو چىراغ قاتارلىق بىر قاتار ئىلغار ئەسلەھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەد ۋاشىر مۇنداق دىدى: بۇنىڭدىن باشقا يەنە 8تۈرلۇك ھاسىلات ھەربىي مۇداپىئە قوشۇنىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بىرىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە،ئىسسىقلىققا سەزگۈر ئاپپارات(دۇربۇن بولىشى مومكىن.تەرجىماندىن)،لازىر نۇر سىستىىمىسى، ھاۋا مۇداپىئە سىستىمىسى، سۇئاستى كىمىسى ئىلىكتىرو خەۋەرلىشىش سىستىمىسى قاتارلىقلار ۋە بۇنىڭدىن باشقا، 4تۈرلۇك ئىلىكتىرون جېڭى تەتقىقات تۈرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى،يىقىندا مەبلەغ چىقىرىپ ئىشلەپچىقىرىشقا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى، ئەھمەد ۋاشىر ئاخىرىدا ، يۇقارقى مۇۋاپىقىيەتلەر ئىراننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.-دىدى.
ھەر يىلى 2-ئاينىڭ1-كۈنىدىن11-كۈنىگىچە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ھەرقىتىمقى مۇشۇ ۋاقىتتا ، ئىران بىر قاتار ھەربىي مۇۋاپىقىيەتلەرنى ئىلان قىلىدۇ. ئەھمەد ۋاشىر 4-چىسلا سۆز قىلىپ: ئىران بىر تۈرلۈك <غەلىبە>بەلگىلىك چارلىغۇچى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىران مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا چارلىغۇچى سۈنئىي ھەمرانى قويۇپ بەردى. ئالدىنقى ئاينىڭ 30-كۈنى،ئەھمەد ۋاشىر ئىران دۆلەت مۇداپىئە سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ لازىر نۇرئارقىلىق ئەقلىي باشقۇرلىدىغان بومبىنى ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىغانىدى، يەنە شۇ كۈنى، ئىران ئاخبارات تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىپ،پات يىقىندا ئىراننىڭ ئۆزى ياسىغان بىر تۈرلۈك يۇقۇرى ئىقتىدارلىق ئادەمسىز ئايروپىلانىنى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەنبە: سوخۇ خەۋەرلەر تورى
ئۇلانما:http://news.sohu.com/20120207/n333925160.shtml
تەركىن تەرجىمىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-7 12:21 PM