مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1510|ئىنكاس: 16

ئادەمسىمان ئالۋاستىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ( سۆز ئويۇنى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5560
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1049 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 01:10:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەمسىمان ئالۋاستىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش

( ئا ھەرپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى)


    ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىردا، ئادەم ئارىلىدىن ئالەم ئاستانىسىغا ئاجايىپ ئاۋاز ئاڭلانغان. ئاۋازدىكى ئاتالغۇلار: _ ئادەملەرگە ئادەمسىمان ئالۋاستى، ئاق ئالۋاستى ئارىلشىۋېلىپ ئادەملەرنى ئالدىغان، ئازدۇرغان، ئازابلىغان.
   ئالەم ئاستانىسىدىكى ئادۇۋكات_ئادالەت ئادىل ئادەملەر ئارخىپىنى ئاختۇرۇپ ئادەمسىمان ئالۋاستىلارنىڭ ئاق ئالۋاستىلارغا ئارلىشىپ ئادەملەرنى ئالدىغان، ئازدۇرغان ئادالەتسىزلىك ئالامەتلىرىنى ئاشكارلىغان.
   ئالۋاستىلاردىكى ئادالەتسىزلىك ئامىللار _ ئادەم ئادەمنى ئالداش، ئادەمنى ئازاپلاش، ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك ئالامەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئادەملەرنى ئالۋاستىلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئادەملەرنڭ ئابرويىنى ئازايتىش، ئالقانلىرىدىكى ئالتۇنلىرىنى ئادەمنى ئازاپلايدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئادەمسىمان ئالۋاستىنىڭ ئاسلانلىرىغا ئالماشتۇرۇش. ئاق ئالۋاستىنىڭ ئالامەتلىرى_ ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئاتلاپ، ئاشقازانلىرىنى ئايلىنىپ، ئادەمنىڭ ئازادىلىكىنى ئاسرايدىغان ئاستىنقى ئاراللىرىنى ئازاپلايدۇ.
   ئالەم ئاستانىسىنىڭ ئادۇۋكاتى_ ئادالەت ئادىل ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇردىكى: ئادەملەردىن ئاڭلانغان ئاجايىپ ئاۋازلارغا ئاساسەن، ئالايلى! ئادەملەر ئايلىنىۋاتقان ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئانتاراكتىدا، ئالجىرىيە، ئالمۇتا، ئاتموسفېرا، ئاي ئايلانمىسى..... ئالتاي، ئاتۇش، ئاۋات، ئائىلە، ئاتا-ئانىلار ئارىسىنى ئارىلاپ ئاختۇرسا ئالۋاستىنىڭ ئادەمگە ئايلانماي، ئادەمنىڭ ئالۋاستىغا ئايلانغانلىق ئالامىتى ئاشكارلانغان. ئادەمنىڭ ئالۋاستىغا ئايلىنىشى ئادەملەرنىڭ ئادىمىيلىك ئابرويىغا ئاھانەت، ئادەملەرگە ئازاب.
   ئادەملەر! ئادىمىيلىك ئالاھىدلىكىڭلارغا ئاساسەن ئادەم ئاراللىرىنى ئادىل ئايلاندۇرمىساڭلار: ئادەمنى ئالدايدىغان، ئازدۇردىغان ، ئازاپلايدىغان ئادەتلىرىڭلارنى ئاخىرلاشتۇرمىساڭلار، ئاق ئالۋاستى ئارلاشمىسىدىن ئايرىلمىساڭلار ئادەملەرگە ئايانكى: ئادالەت ئادىل ئاخىرەتنىڭ ئاتەش ئامبىرىدا ئاخىرغىچە ئازابلايدۇ. ئادەملەرنىڭ ئارخىۋى ئادالەتنىڭ ئالقىنىدا.
    ئاڭلىق ئادەملەر ئادالەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن، ئادەمسىمان ئالۋاستىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىپ، ئاق ئالۋاستىنىڭ ئالداشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئادالەت ئادىلنىڭ ئادەمنى ئالەم ئالدىدا ئالقىشلايدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاشقا ئالدىرايلى. ئاللاغا ئامانەت!


ئالدانساڭلار ئادەملەر،
ئالۋاستىغا ئارلىشىپ.
ئادىمىيلىك ئازىيار،
ئالۋاستىغا ئالمىشىپ.

ئالۋاستىنىڭ ئادىتى،
ئادەملەرنى ئازدۇرۇش.
ئالقاندىكى ئالتۇنغا،
ئاق ئازابنى ئالدۇرۇش.



ئاپتور: مەخەت ئابدۇرىھىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-7 02:05 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
阿不力米提 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
ansar1013 + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 176   باھا خاتىرىسى

بەخىت ئمان ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11721
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5653
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 02:25:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىز غا رەخمەت ................
ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان يازمىكەن.

قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ،
باتۇرلۇق ئۆمۈرنى قىسقار تالمايدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20831
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5340 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 02:43:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سىز، ئۇزۇندىن بېرى يازمىلىرىڭىزنى ناھايتى ياختۇرۇپ ئۇقىۋاتىمەن، بۇ ئەسەرمۇ شۇنداق ياخشى ھەم چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ماڭا ئازراق ياردەم قىلسىڭىز ...
ياردەم مەزمۇنى .
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلى بۇيىچە يېزىلغان، چۈشىنىشلىك، ئىخچام، مەزمۇنلىرى باغلاشقان، 32 ھەرپنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتكەن بىر يازما لازىم ئىدى. ھەرپ تەكرارلىقىغا چەك قۇيۇلمايدۇ، پەقەت ئەڭ قىسقا، (كۆپ بولغاندا 300 ھەرپ ) ھەم ھەممە ھەرپ ئىشلىتىلگەن بولسا . (ھەرپلەرنىڭ باش   ئوتتۇرا، ئاياغ ئۇلانمىلىرىغىمۇ چەك قۇيۇلمايدۇ).
ياردىمىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. :qiray11

مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
         يىغا  ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

.‹سۇكۇت›.

تىرىشچان ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2321
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 07:48:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بولغان بولسام يازالماي باشقا ھەرىپنى ئارلاشتۇرۇپ قوياتتىم  قىيىنلىق دەرىجىسى خىلى يوقىركەن

ھەقىقەت پەقەت قىيامەت كۈنىلا مەۋجۇت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 420
توردا: 1887 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 10:50:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق يېزىش تەس جۇمۇ، مەزمۇننى توغرا ، چۈشۈنۈشلۈك قىلىشقا خىلى كۈچ كېتىدۇ. رەھمەت سىزگە تىما ئىگىسى. يەنىمۇ تېرىشىڭ.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1022
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2148
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:33:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەندەر- قادىر قاشاڭ  قاراملىق قىلىپ  قوشنىسى قاسىمكامنىڭ قىزى قەمبەرنىسانىڭ  قاپىقىغا قەلەمتۇراشنى قاداپ قانىتىۋەتتى .  قەمبەرنىسا قوشۇمىسىنى قورۇغىنچە قوغۇنلۇقنىڭ قىرىدىكى قارا قانجىقنى قويىۋەتتى، قەلەندەر - قادىر قاشاڭ  قارا قانجىقنىڭ قاۋاشلىرىدىن قورقۇپ  قۇيرىقىنى قىسىپ قاچتى،  قەلەندەر_ قادىر قاشاڭنىڭ قاچقىنىغا قاراۋاتقان ،قامەتلىك قاۋۇل قۇربانمۇ قىيا قاققان قوزوقتەك قېتىپ قالدى.:qiray2

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1884
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3733 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن...تىل قابىلىيىتىڭىزگە قول قويدۇم !!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا دىن باشلان ماقالىكەن ، بۇنداق ئۇزۇن سۆز ئويۇنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ، ئۇيغۇر تىلى ھەقىقەتەن پاساھەتلىك تىل دە:qiray121

<نە ئېلاج؟&

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4124
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6844
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 01:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلى ھەقىقەتەن پاساھەتلىك تىل دە
!     قوللايمەن!

ھەقىقەت ئىگىلەر سۇنماس!  ئېسىل ياشا تەڭتۇشلەر!!!!     خاتالاشمايدىىغان ئادەم يوق!كەڭ قورساقلىققا يەتمەس!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4684
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 04:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە تىما ئىگىسى. يەنىمۇ تېرىشىڭ.

Http://Www.Kuznak.Com   === ئەڭ يىڭى تىمىلار كۆزنەك بىلوگىدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش