مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 400|ئىنكاس: 8

ياخشىلىققا بۇيرۇپ ،يامانلىقتىن تۇسۇشنىڭ پەزىلىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2159
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 11:01:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ياخشىلىققا بۇيرۇپ ،يامانلىقتىن تۇسۇش ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى ،ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىنراقى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشنىڭ يۈكسەكراقى بولۇپ،ئلگىركى  ئۆلمالار ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىققتىن تۇسۇشنىڭ ئورنىنى بىلپ يەتكەن،ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇنى ياخشى ئۇسلۇپتا ئېلىپ بارغان،ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن ئاللاھنىڭ پەزىلى بىلەن بەخىتلىك بولۇپ ، دۇنيادا ھۆرمەتكە،شان -شەرەپكە،  ئرىشكەن. بۇ تەربىيىيۋى دەئۋەتنىڭ تۈرتىكسىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئۇلارمۇ بەخىتكە مۇيەسسەر بولغان. ئەمما بۇگۈنكى دەۋرىمىزدە بۇ ئەمەلگە سەل قاراش ،سەۋەبىدىن جەمىيتىمىزدە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قىسىم ناچار ،بولمىغۇر ئىللەتلەر كۆرۈلۋاتىدۇ.
ئاللاھ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسۇشنى ئسلام ئۈممىتىگە پەرىز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشنى شۇ ئۈممەتنىڭ ياخشىلىق بىلەن سۈپەتلىنىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ شەرىتلىرىدىن  بىرى
قىلغان.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن{سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرىلىك ئشلارغا بۇيرۇپ ، يامان ئشلاردىن  تۇسىدىغان بىر جامائە بولسۇن :ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئىرىشكۈچىلەردۇر}[سۈرە ئال ئىمران 104- ئايەت]
ياخشىلىققا بۇيرۇپ ،يامانىقتىن تۇسۇش ئاللاھنىڭ ئەمرى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپتى بولۇپ، ئۇنىڭ پەرىزلەرنىڭ بىرى بولشى، ئۇنىڭ قەدىرىنىڭ يۇقۇرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۆز بەندىللىرىگە پەرىز قىلغان ئەمەللەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كاتتا ئورۇن بار  بولۇپلا  قالماستىن، بەلكى شۇ ئەمەللەربەندە ئۆز پەرۋەردىگارىغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنىڭ سۆيۇملۇكرەكى ھىساپلىنىدۇ. ئاللاھ ھەدىس قۇددۇسىتا مۇنداق دەيدۇ: {بەندەم ماڭا مەن ئۇنىڭغا پەرىز قىلغان ئەمەللەردىن سۈيۈملۈكرەك بولغان ئەمەل بىلەن يېقىنلىشىپ باقمىدى }. پەرىز ئەمەللەرنى  بۇيرۇلغان ئۇسۇل بويچە ئادا قىلىش،بۇيرۇقلارنى ئجرا قىلىش  ئاللاھنى  ئۇلۇغلاش ۋە بويسۇنۇش ئارقىلىق  ئاللاھنى رازى قىلىش بولۇپ ،بۇلار ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش قەدىمىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى ياخشى ئۈممەت دەپ سۈپەتلىدى، ئەمما ئۈممەتنىڭ ياخشىلىق بىلەن سۈپەتلىنىشىنى بىر قانچە سەۋەپلەرگە باغلاپ قويدى،
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن ؛{ئى مۇھەممەت ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ،يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغانئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر }سۈرە ئال ئىمران 110 -ئايەت. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ، ئۈممەتلەرنىڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىنى،ياخشىلىق بىلەن سۈپەتلىنىشنىڭ  ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش،ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش سەۋەبىدىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسۇش_ مانا بۇ  پەزىلەتلىك ئەمەلنى قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن كىشىلەرگە قىلغان بىر تۈرلۈك سەدىقە ھىساپلىنىدۇ،ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن:{ئۇلار غەيىپكە ئىشىنىدۇ ،نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال مۈلۈكتىن(خۇدا يولغا)سەرىپ قىلىدۇ} سۈرە بەقەرە 3- ئايەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشىلىققا بۇيرۇپ ،يامانلىقتىن تۇسۇشنىڭ  سەدىقە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەبۇ زەردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:{ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقە، يامانلىقتىن تۇسۇش سەدىقە} دىگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسۇشتىن ئىبارەت بۇ پەزىلەتلىك ئەمەل بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىرىدەك ئەجىر بېرىلىدۇ ئەبۇ ھۇرەيرە دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :{ كىمىكى بىراۋنى ياخشىلىققا چاقىرسا،چاقىرغۇچىغا بىرىلگەن ساۋاپ  ئۇلارنىڭ  ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كىمەيتىۋەتمەيدۇ. كىمىكى بىراۋنى يامانلىققا چاقىرسا، چاقىرغۇچىغا  يېزىلغان گۇناھ ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسىنى كىمەيتىۋەتمەيدۇ} دىگەن (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ساۋاپ خاس بىر ئەمەلگە چاقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ،بەلكى بۇ پەزىلەتلىك ئەمەل بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ چاقىرىقىغا ئاللاھنىڭ پەزىلى بىلەن باشقىلار ئەگەشسە، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچى شۇ ساۋاپقا ئىرىشىپ تۇرىدۇ،ئەبۇمەسئۇدتىن  رىۋايەت قىلنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:{كىمىكى بىراۋنى ياخشىلىققا باشلاپ قويسا ،ئۇ ئادەمگە شۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئەجىرىدەك  ئەجىر بولىدۇ} دىگەن (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ  يامانلىقتىن توسقۇچىغا كاتتا ساۋاپ بىرىدىغانلىقى بىلەن قىلغان ۋەدىسى بۇ ئەمەلنىڭ دەرەجىسىنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ئىكەنلىكىنى ،كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن :{ ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن سۆھبىتىدە خەيرىيەت يوقتۇر.پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى  كىشلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمىر قىلغان كىشىلەر(نىڭ يۇشۇرۇن سۆھبىتى)بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمىكى ئۇ(ئىش)لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن،ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز} سۈرە نىسا 114- ئايەت.
شۇڭا ھەر بىرىىمىز ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشىلىقتىن يىراقلىشىپ ،يامانلىىققا  كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرگەندە،مەسلىنى سوغۇق قانلىق بىلەن  ھەل قىلىشقا تىرىشىپ ، باشقىلارغا نەسىھەت قىلغاندا، مۇناسىپ ۋاقىت ، مۇناسىپ ئورۇن تاللاپ  ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە،ئىلمى ئۇسۇلدا مەسىلىنىڭ توغرا تەرىپىنى ھىكىمەتلىك ئىبارە ۋە ئىلمى يول بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن :{پەرۋەر دىگارىڭنىڭ يولىغا(يەنى ئىسلام دىنىغا)ھېكىمەتلىك ئۇسلۇپتا ياخشى ۋەز_نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن ،ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار بىلەن  چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ} سۈرە نەھىل 125- ئايەت.
يۇقىرىقى ئايەت ۋە  ھەدىسلەرنىڭ رويىغا  ئاساسەن بىز چوقۇم ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسۇشنىڭ دىندىكى ئورنى ۋەئەھمىيىتىنى  توغرا تونۇپ  يىتىپ ، كىشىلەرنى ياخشى ئشلارغا بۇيرۇپ ،  يامان ئشلاردىن تۇسۇپ ، تىنىچ، ئىناق بولغان جەمىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم . ئاخىردا ئاللاھ تائالا  ھەممەيلەننى بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىدىغان تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن! ئامىن!
مەنبە : قۇرئان ۋە ھەدىس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulahad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-6 11:16 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
erol + 50
سابا + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 149   باھا خاتىرىسى

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

دۇنيادىن كىتىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1194
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 04:14:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز ئەزىز.

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.

ئۈزىنى تونۇش_ئۆزلۈك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45130
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6002
تۆھپە نۇمۇرى: 2191
توردا: 2155 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 11:13:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8415
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2716 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 12:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ كەرەملىك ئاللاھ تائالاھ  ھەممەيلەننى بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىدىغان تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن! (ئامىن!)

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2089
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 02:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنى ياخشى يولغا باشلاپ،يامان يولدىن توساش........بۇ راستىنلا ئېسىل پەزىلەت...لېكىن قانچىلىغان ئادەم ،مۇشۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى توغرا چۈشىنەر......بىلگۈچى ئاللاھ...بۇنداق ئىشنى ئاللاھ رىزالىقى بىلەن قىلغان كىشىلەر بۇنداق خاتا چۈشىنىشلەردىن ھەرگىز قورقۇپ كەتمەيدۇ...ئەلۋەتتە...\\
  بۇ تېمىغا چۈشىدىغان بىر ئىشنى مۇنبەرداشلارغا دىگىم كېلىپ قالدى...يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ تويى بولغان..ئىسلامچە قىلغان توي ئىدى...نىكاھتا قارىم ئالدى بىلەن قىز يىگىتتىن ئىمان كەلىمىسىنى سوراپ ئاندىن نىكاھ ئوقىدى...بۇنى كۆرۈپ شۇنداق خوشال بولدۇم...قارىم شۇ يەدە ئېمان كەلىمىسىنى بىلمەيدىغان ئادەمگە قانداق نىكاھ ئوقىغىلى بولسۇن...بىر ئانا بولغان قىز ئىمان كەلىمىسىنى بىلمىسە،قانداق ئانا بولىدۇ؟شۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ نۇرغۇن نىكاھدا قىز يىگىتتىن ئىمان كەلىمىسىنى سورىغاندا دۇدۇقلاپ قالغانلىقىنى سۆزلىدى....يەنە سۆزلەپ،بۇ توي شۇنداق ياخشى ئىسلامچە قىلىنىپتۇ،بەك خوش بولدۇم ،لېكىن بىردىنبىر كۆزۈمگە سىغمىغىنى،بۇ سىنغا ئېلىشنى قايسى تەرەپ چاقاغان؟ ئىسلامچە توي دەيمىز يەنە سىنغا ئالىمىز، بىر قىز بالىنىڭ نىكاھتا ئۆزىڭىزنى قۇبۇل قىلدىڭىزمۇ دەپ سورىغاندا قىلدىم دىگەن سۆزنى قىلغان ۋاختى ئەڭ گۈزەل ۋاختى،بۇ ۋاقىتنى ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ئەر كۆرمەي،سىنغا ئېلىۋېلىپ،كىم سورىسا شۇنىڭغا بېرىمىز...ئەرلىرىمىز بۇ توغرىمىدۇ؟ باشقىلا شۇ سىننى كۆرگۈچە ئاۋۇنىڭ ئايەرى ئوچۇقكەن،مايەرى مانداقكەن دىگەن گەپلەرنى قىلىشىدۇ، بۇ بىزگە گۇناھ بولماسمۇ؟؟؟  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ راسلا كۆپ نەرسىلەردە كەمتۈكلىكىمىزنى ھېس قىلدىم....دىمىسىمۇ توغرا گەپلەرغۇ ؟؟ مۇشۇ قارىم مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى دەپ يامان يولدىن ھېچ بولمىغاندا مېنى توساپ قالدى...مەنمۇ ئۇ يولدىن ياندىم....مەنمۇ ئاللاھ خالىسا،تويۇمنى سىنغا ئالمايمەن....دوستۇممۇ سىنغا ئالغۇزغىنىغا بەكلا پۇشايمان قىلدى،ئۇمۇ ھېچ بولمىغاندا كەلگۈسى بالىسىنىڭكىنى ئالغۇزماس.....بەزەنلەر دىيىشى مۇمكىن،ئاشۇ سىن ئالىدىغانلارمۇ پۇل تاپمىسا بولمايدۇ،بىز قوللىمىساق قانداق بولىدۇ دەپ؟  ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن ياراتقان ئاللاھ رىسقىمىزنىمۇ تەڭ ياراتقان...ئاشۇنداق گۇناھ بولىدىغان ئىشنى قىلىپ ئوننى تاپساق،شۇنىڭدىن قول ئۈزۈپ باشقا يول تۇتسىڭىز ئاللاھ 100 نى بېرىدۇ.....

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4684
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 04:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

Http://Www.Kuznak.Com   === ئەڭ يىڭى تىمىلار كۆزنەك بىلوگىدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53245
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 492
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1392 سائەت
تىزىم: 2011-8-25
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 04:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8104
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2907 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 06:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلارنى بىز قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن يوللىغان ئەجىرىڭىز ئۈچۈن ئۇلۇغ اللاھ   سىزگە دۇنيا  ۋە ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىقلار ئاتا قىلسۇن ، امىين !

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2159
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 07:36:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizgul يوللىغان ۋاقتى  2012-2-7 06:16 PM
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلارنى  ...

رەھمەت ! ئاللاھ تائالا سىزىگىمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتىنى نىسىپ قىلسۇن

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش