(فىليەتۇن)
تۆمۈر خەلىپە قوشۇنلىرىنىڭ قۇمۇل دىيارىدا بارغانسېرى زورىيىپ كېتىشى بىلەن ئۆزىگە كېلىۋاتقان خەۋپنى ھېس قىلىپ يەتكەن ياڭ جاڭجۇڭنىڭ موشۇ كۈنلەردە بارغانسېرى ئۇيقۇسى قېچىپ، تاماقتىنمۇ قېلىشقا باشلىدى. بۈگۈن كېچىمۇ ئۇ تاڭ ئاتقۇچە ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈلۈپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى. كۆزىنى يۇمسىلا يۇغان پالتىنى كۆتۈرۈۋالغان ساقاللىق تۆمۈر خەلپىنىڭ بېشىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ ئۇيغىنىپ كېتەتتى. تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۇ ئۇخلاپ قالدى. چۈشىدە ئۇ ئۆزىنى ئەرش ئوردىسىدا- يورۇن سۇلتاننىڭ ھوزۇرىدا كۆردى. ئۇ يۇرۇن سۇلتانغا ھال ئېيتىۋاتقۇدەك:
ـــ يۇرۇن سۇلتان ئالىيلىرى، مەن 10نەچچە يىلدىن بېرى خانلاردەك سوراپ كېلىۋاتقان، ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىۋاتقان زېمىنىم شىنجاڭنىڭ قۇمۇل دىيارىدا تۆمۈر خەلىپە دەيدىغان بىرى چىقىپ، چېرىكلىرىمنى سۈر- توقاي قىلىپ، ماڭا پەقەتلا ئارامچىلىق بەرمىدى. ھەتتا كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇ يوق. كۆزۈمنى يۇمساملا ئۇ پالتىسىنى كۆتۈرۈپ بېشىمنى چېپىشقا ئاران تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشقا ئامال بولمىدى. ئۇنى يوقىتىشقا تېخىمۇ ئامال قىلالمىدىم. بولسا ئالىيلىرى مۇنارچى پەلەك شاھ باشچىلىقىدىكى ئەرش لەشكەرلىرىنى قۇمۇلغا ئەۋەتىپ، ئۇ تۆمۈر خەلىپە دېگەننى پەلەك شاھنىڭ پەلەك مۇنارىغا سولاپ، مېنى بۇ غەمدىن خالاس قىلغان بولسىلىرى!
ـــ ھەي، ئەخمەق! سەن ئەرش لەشكەرلىرىنى ئۆزۈڭنىڭ ئەخمەق، دۆت چېرىكلىرىگە ئوخشىتىپ قالدىڭمۇ؟ خالىغان يەرگە سەن تەلەپ قىلساڭلا ئەۋەتىدىغان. بۇنداق كىشىلەرنى ئۆزۈڭ بىر تەرەپ قىلغىن!
ـــ ئۇنداق بولسا ئالىيلىرى ئۇنى قانداق يوقىتىشنىڭ ئامالىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلىرى بەكمۇ ياخشى بولاتتى.
ـــ سەن ئەينى يىلى مېنىڭ سۇن ۋۇكۇڭنى قانداق جايلىغىنىمنى بىلەمسەن؟
ـــ ياق بىلمەيدىكەنمەن.
ـــ ۋۇ دۆت كالۋا، شۇنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەم نېمەڭگە ئۇ مۇنبەت تۇپراقتا قانداقسىگە شۇنچە يىل ھۆكۈمران بولالىغانسەن؟
ـــ خاپا بولمىغايلا ئالىيلىرى، شۇ سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن....
ـــ سۇن ۋۇكۇڭنى قانداق قىلغىنىمنى بىلمىگەن بولساڭ، بېرىپ «غەربكە ساياھەت» رومانىنى ئوقى! ساڭا يەنە قايتا سۆزلەپ بېرىدىغانغا مەن سېنىڭ داداڭمىدىم.
....
ياڭ جاڭجۇڭ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ سەھەردە كۆرگەن بۇ خاسىيەتلىك چۈشىدىن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ پات يېقىندا بېيجىڭغا خانغا سالامغا بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بېيجىڭغا بارغاندا ئۇ روماننى تېپىپ كېلىپ ئوقۇپ چىقىش قارارىغا كەلدى .
دېگەندەك ياڭ زېڭشىن بېيجىڭدىن ئۇ روماننى تېپىپ كېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ يۇرۇن سۇلتاننىڭ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆز بېشىمچىلقىنى كۆزىگە سىغدۇرالماي، ئۇنى ئالداپ ئەرشكە چاقىرتىپ چىقىپ، مىراخورلۇق مەنسىپىنى بەرگەنلىكى، ئارقىدىن يەنە «ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن قۇرۇق ئەمەل بىلەن شاپتۇللۇق باغنى ساقلاشقا قويغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلىكلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپىنى قانداق قىلىپ ئوجۇقتۇرۇشنىڭ يولىنى تاپقاندەك بولدى. ئەمما ئۇ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يۇرۇن سۇلتاننىڭ ھىيلىسىنى بىلىپ قېلىپ، ئەرشتىن قايتىپ چۈشۈپ، يەنىمۇ زور مالىمانچىلىق قىلغانلىقىنى ئوقۇغاندا، كاللىسىدا تېخىمۇ رەزىل خىيال پەيدا بولدى.
دېگەندەك ئۇ لى شۇفۇ (تۇڭگان)نى ۋەكىللىككە ئەۋەتىپ، ھىيلە- مىكىرلەر بىلەن نۇرغۇن قۇرۇق- ۋەدىلەرنى بېرىپ، تۆمۈر خەلپىنى ئالداپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭغا دارىن دېگەن نامنى بەردى. ئاندىن يېرىم يىلدىن كېيىن، يالغان بەدناملار بىلەن تۆمۈر خەلپىنى قولغا ئېلىپ، ئېتىپ تاشلىدى. مانا بۇ ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىغا كەلگەن رەزىل خىيال - يەنى تۆمۈر خەلپە سۇن ۋۇكۇڭغا ئوخشاش بۇ ئالدامچىلىقنى سېزىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئوجۇقتۇرۇش خىيالى ئىدى.
مەنبە: «غەربكە ساياھەت» فىلىمى، «ئىز رومانى» يەنە مېنىڭ كاللام.