jaywalk يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 11:11 PM 
شۇنداق دەپ قارايمەن ، شەخسەن ئۆزۈم . قانداق دەيسىز ، ب ...
قارنى كۆكسى كەڭرى ، ئۇچۇق پىكىرلىق مۇشۇنداق ئادەملەر بىلەن ياخشى پىكىرلەشكىلى بۇلۇشى مۇمكىن .
لايىھەلىگەن ماركىڭىزدا ئخلاسنىڭ ئەسلىدىكى ماركا لايھىسنىڭ خەت نۇسىخسىنى شۇ پېتى ئاپسىز ئاخرىدىكى ئا ھەرپىنى شەكىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېڭىچە بىر خىل ماركا قىياپىتىنى شەكىللەندۈرمەكچى بوپسىز
ماركىنىڭ شەكلىنىڭ مۇئەييەن دەۋردە ئۆزگەرتىلىشى نۇرمال ئەھۋال سىتار باكس ، ئاۋدى، نوكىيا ،ئالما ، پېپسى قاتارلىق نۇرغۇن دۇنياۋى كارخانىلار ماركا شەكلىنى ئالماشتۇرغان بىراق ئۆزگەرتكەن ماركا ئەسلىدىكىدىن كۆرنەرلىك دەرىجىدە كۆركەملەشكەن ، دەۋرچانلىققا ئىگە بولغان شۇنداقلا كۆرگۈچىلەرگىمۇ ئىستىتىك زۇق بىرىشنى ئويلاشقان . بىراق بۇ ماركىدا ئىخلاسنىڭ ئىلگىرىكى ماركىسىغا سېلىشتۇرغاندا بەدىئىلىكى خېلىلا تۆۋەن بۇلۇپلا قالماستىن كىشلەرگە ئىستىتىك زۇق بىرىش جەھەتتىنمۇ مەغلۇب بولغان .
شەكىل نۇقتىىسدن ئېيتقاندا ئا ھەرپىنىڭ شەكل ئۆزگەرگەن ھالىتى ئىخلاسنىڭ ئەسلىدىكى خەت نۇسىخسى بىلەن ياخشى ماسلىشالمىغان .
ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىن ئېيتىقاندا ئا ھەرپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىدا مەسىلە بار يەنى تەڭپۇڭلىقى ساقلانمىغان .
قورۇلما جەھەتتىن ھەرپ شەكىلەرنىڭ ئىگىز پەس ئورۇنلاشتۇرلۇشىدا «ئىخلاس » مەنىسى ۋە ياكى شىركەت ئالاھىدىلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمىغان .
مەن پەقەت ماركا توغۇرلۇقلا باھا بەردىم ، ماركىدا ئىپادىلەنگەن «كارخانا ئوبراز لايىھىسى » (VI) ھەققىدە باھا بىرىشكىمۇ ئەرزىمىگۈدەك دەرىجىدە سەۋىيسىى تۆۋەن لايھىلىنىپتۇ شۇڭا بۇ ھەقتە جىق توختالمىدىم .
چەتئەل ۋە ئىچكىردىكى نادىر ئېلان شىركەتلىرىنىڭ توربەتلىرىگە ئانچە مۇنچە كىرىپ قويۇڭ ! ياكى گوگىلدىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ مول بولغان چۈشەنچىلەرنى ئىزدەپ كۆرۈڭ !