ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەر ئەھلى،قۇتلۇق شەۋقى توغۇرلۇق مۇنبەردە خېلى كۆپ تېمىلار يوللانغان،لېكىن،مەن كۆپ ۋاقىتلاردىن بۇيان قاراپ باقسام،قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئۆز ئوغلى،قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى .مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم توغۇرلۇق تېمىلارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم،مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ،بۇ ھەقتە توپلىغان ماتىريالارنى مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق كۆردۈم!
مەشھۇر مۇئەررىخ، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم قۇتلۇق ھاجىم (شەۋقى) نىڭ ئوغلى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم مىلادىيە 1900 – يىلى (ھىجىرىيە 1318 – يىلى) 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قەشقەر شەھەر ئىچى قازانچى كوچا مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. يەتە ياشقا كىرگۈچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنجان كوچىسىدىكى ناتىۋان خەلپىتىم ھاجىم، ناسىر ئاخۇن خەلپىتىملەر ئاچقان مەھەللىۋى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، خەت ساۋاتىنى چىقىرىدۇ، مىلادىيە 1914 – يىلى قەشقەر ھېيتگاھا جامەسىدىكى مەدرىسەگە ئوقۇشقاق كىرىپ، بىر تەرەپتىن سابىر ئاخۇن مەخدۇمدىن پىققە ئىلىمنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتىسى قۇتلۇق ھاجىم (شەۋقى) دىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە مەخسۇس تەربىيە ئالىدۇ.
مىلادىيە 1922 – يىلى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىڭ ئائىلىسى قەشقەر يېڭىشەھەر ئارا باغ مەھەللىسىگە كۆچۈپ چىقىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئارا باغدىكى مەشھۇر مۇدەررىس ئەمەت ئاخۇن خەلىپەمنىڭ ھۇزۇرىدا 14 يىل ئوقۇپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ. 1933 – يىلى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ مەھكىمە شەرئىسىگە قازى بولىدۇ. بۇ قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈن ئۆلكىدە تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن بولغان كۈرەش سادالىرى ئەۋجىگە چاغ ئىدى. بۇ چاغدا ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئاتىسى قۇتلۇق ھاجىمنىڭ گېزىتچىلىك پائالىيىتىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. 1937 – يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قۇتلۇق ھاجىمنى قولغا ئالغاندا، ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىمۇ بىللە قولغا ئالىدۇ. قۇتلۇق ھاجىم (شەۋقى) شۇ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈرمىدە ۋاپات بولىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنى بوشىتىدۇ.
ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 1946 – يىلىغىچە داۋاملىق قازىلىقنى قىلىدۇ.
1947- يىلى 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن جاڭ جىجۇڭ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار خەلقچىللىق، دېموكراتىيىنىڭ ئىزچىللىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە، قەشقەر خەلقى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زورلۇق – زۇمبۇلۇقلىرىغا قاتتىق نازارىلىق بىلدۈرۈپ، زور كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىممۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، جاڭ جىجۇڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ئىنقىلابىي زىيالىيلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. گومىنداڭنىڭ قەشقەردىكى ھەربىي، مەمۇرىيلىرى جاڭ جىجوڭ كېتىشى ھامان ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمىنىڭ قازى ھاجىمنىڭ قازىلىق مۆھۈرىنى تارتىۋېلىپ، قازىلىقتىن مەھرۇم قىلدۇ ھەم بىتىم بۇزۇلۇشى بىلەن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنى «ئۈچ ۋىلايەت تەرەپدارلىرىغا يان باسقان» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم گومىنداڭ تۈرمىسىدە بىر يېرىم يىل ياتقاندىن كېيىن تۈرمىدە بوشىنىپ، 1952 – يىلىغىچە قازىلىقىنى قىلىدۇ. 1952 – يىلى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ قازىخانا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
مەدەنىيەت زور ئىنقلابى جەريانىدا پارتىيىنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتىمۇ تۆت كىشلىك تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. 1966 – يىلى 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم «نەق ئەكسىلئىنقىلابچى» دەپ قولغا ئېلىنىپ، 14 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. 1978 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىممۇ ئاقلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى سۈپىتىدە پارتىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ.
ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 1930 – يىللاردىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسەن ئەدەبىيات ۋە تارىخ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ھايات ۋاقتىدا ھەر خىل تېمىدا200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە «قەمەرسىما»، «تاھىر – زۆھرە»، «مېھرى سەھرا چىغاندا باتۇر»، «نۇر ئەبزا خېنىم ۋە بەختىيار باتۇر» ناملىق 20000 مىسرادىن ئارتۇق بەش داستان يازىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا تاتىۋېلىنىپ يوقىلىدۇ.
ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىڭ چوڭراق ھەجىمدىكى يىرىك ئەسەرلىرىدىن بىرى «تارىخىي ئەسەر ۋاقىئاتى كەشغەر» دۇر ( بۇ ئەسەرنى قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى باشلىغان بولۇپ، ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئاتىسىنىڭ يازمىشىنى داۋاملاشتۇرغان). 600 بەتكە يېقىن ھەجىملىك بۇ تارىخىي ئەسەردە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىدىن تارتىپ تاكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلقتىكى شىنجاڭ ھەم قەشقەر رايونىدا قۇرۇلغان خانلىق ۋە ھاكىمىيەتلەر، بۇ خانلىق ۋە ھاكىمىيەتلەر دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن زور سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر،قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى، ھەر قايىسى خانلىق ۋە ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ نەسەبنامىلىرى، ئاتاقلىق شەخسلەر ھەم ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى، خەلقنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىيەت، ھۈنەر – سەنئەت ئەھۋالى، غەللە – پاراق، ئالۋان – ياساق، باج تۈزۈملىرى، جاي ئىسىملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەسچىت، مەدرىسە، مۇھىم مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ بىنا بولۇش، كۆل – ئۆستەڭلەرنىڭ چېپىلىش تارىخى، چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، چەت ئەل كونسۇلخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن تەپسىلىي، كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە بايان قىلىنغان. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم – موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى تەرىپىدىن ھەزرىتى موللام مازىرىغا ۋەخپە قىلىنغان «مەسنەۋى شېرىن» كىتابنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە قوشۇپ جەملەنگەن ۋەخپە قىلىش ھەققىدىكى ھۆججەتنى تېپىپ چىقىپ، مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ ئېنقلىنىشىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت «قەلىمى قۇرئان»، «بەھرىل ئەنساپ» قاتارلىق ماتېرىياللارنى تېپىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرىدۇ.
ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم 1985 – يىلى ھەج تاۋاپقا بارغاندا ئىسسىق ئۆتۈش كېسىلى بىلەن ئاغرىپ، مەككە مۇكەررەمدىكى پايسال دوختۇرخانىسى كۆڭۈل قويۇق داۋالىغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي، شۇ يىلى 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ۋاپات بولىدۇ. 7 – چېسلا شۇ يەردە دەپنە قىلىنىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم،2008-يىلى تىلشۇناس،مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ 1000يىللىق تەۋەللۇت يىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،پەن-مائارىپ نەشرىياتى بۇ يىلنى مەھمۇد قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن،مەھمۇد قەشقىرى مازىرى توغۇرلۇق نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بۇرۇن مەۋجۇد ئىدى،مىللەت تەۋەلىكى توغۇرسىدىمۇ قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا ھەرخىل خاتا يەكۈن،تەتقىقاتلار چىققان،دەل مۇشۇ پەيتلەردە،يەنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تىلشۇناس،ئالىملىرىمىزدىن ئىبراھىم مۇتىئى،مىرسۇلتان ئوسمانوۋ قاتارلىقلار قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىنى نۇقتىلىق مەركەز قىلغان ئاساستا،مەھمۇد قەشقىرى مازىرى ۋە نەسەبى توغۇرلۇق كۆپ ئىزدىنىش،ئەمەلىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان،ئۇلار،1982-يىلى12-ئايدىن 1983-يىلى3-ئايغىچە ئىلمىي تەكشۈرەش ئېلىپ بېرىپ،نۇرغۇن مول ماتىريال،ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن،بۇ قېتىملىق مەخسۇس تەكشۈرەشتە،يەنى 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن،قەشقەرنىڭ دىننىي ئۆلىماسى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم بىر ئاق بەتكە كىتابنى مازارغا ۋەخپە قىلىش ھەققىدىكى ۋەخپىنامە يېزىلغان بىر‹‹مەسنەۋى شېرىف››نى تەقدىم قىلغان،بۇ ۋەخپىنامە مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنى بېكىتىشتە،بىرىنجى قول پاكىت بولغان،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا،بەزى يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى،بۇ مازارغا توپلانغان كىتابلار تالان-تاراج قىلىنىپ كەتكەن بۇلۇپ.‹‹مەسنەۋى شېرىف››بەختكە يارىشا،ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئاتىسى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ قالغان.
بۇ ۋەخپىنامە 1983-يىلى 5-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇن،مەركەزدىكى مەخسۇس ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قەلىمى،ئىشلەتكەن سىياھى ۋە قەغىزى قاتارلىقلار تەكشۈرەشتىن ئۆتكەن،ۋەخپىنامە كاربۇنلۇق سىياھ بولماستىن،قەدىمكى قارا سىياھ،خەت قۇمۇش قەلەم بىلەن يېزىلغان،كۆپ قېتىملىق تەكشۈرەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق،بۇ ۋەخپىنامىنىڭ ۋاقتىنى 1836-يىلى قىلىپ بېكىتكەن.
مەن بۇ ۋەخپىنامىنى بۇرۇن كۆرگەن،لېكىن،2008-يىلى 10-ئايدا 1000نۇسخا تارقاتقان‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى ››دېگەن كىتاب بەك قىممەت بولغاچقا،ئېلىش قۇربىم يەتمىدى،بۇ ۋەخپىنامىنى باشقا ژۇرناللاردىن،تور بەتلەردىن ئەسلا تاپالمىدىم،شۇنىڭ بىلەن كىتابخانىدىن شۇ ۋەخپىنامىنى كۆچۈرۈپ مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپتىم.
‹‹مەسنەۋى شېرىف››تىكى ۋەخپىنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:
ھىجرىيە 1252-يىلى(كالا)يىلى ئۇلۇغ رەجەپ ئېيىنىڭ 14-كۈنى شەرىئەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغان قەشقەر ۋىلايىتى قازى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى،تۆۋەندە مۆھرۈمنى باسقۇچى موللا سادىق ئەلەم شاھ ئەلا ئاخۇن ئوغلى بىر يۈز ئون تۆت ياشقا كىرگەن تەندۇرۇسلۇق ھالىتىم،ئىلىمگە بولغان ھېسىياتىم،ئىشتىياقىم ۋە كەيپىياتىم بىلەن ئىلىم مەرىپەتنى مەزمۇن قىلغان،ئالتە دەپتەرنى بىر مۇقاۋىغا تۈپلەپ،ۋاراقلىغاندا ئىجتىھات قەلىمى بىلەن زىننەت بېرىپ يېزىلغان قىممەت باھالىق ،ئالتۇنغا سېتىۋالغان مۈلكۈم بولغان‹‹مەسنەۋى شېرىف››ناملىق كىتابىمنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايۇنى تاغ باغرىدا،سۈزۈك بۇلاق سەھنىسىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلام،دىننىڭ قۇياشى،ھۈسەيىن (ئوغلى)قەلەم ئېگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەبەدىي سەدىقە (قىلدىم)
بۇ ئۇلۇغ ئەدىبكە (مۇتلەق ۋەخپە قىلغان)ئىلىم-مەرىپەت مەزمۇنىدىكى بۇ كىتابىمنى ئەدىبلەر بىلەن ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ دىننىڭ قۇياشى،ھۈسەيىن(ئوغلى)قەلەم ئېگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك قەبرىسى ئۈستىدە،سۈزۈك بۇلاق ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ مۇتائىلە قىلىپ،قەلەم ئېگىسى بولغان ھەزرىتى مەۋلام،دىننىڭ قۇياشى،ھۈسەيىن (ئوغلى)مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە دۇئا قىلىپ،مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى ۋە مىللىتىمىزنىڭ خەلق ئاممىسىغا ئىلىم ئۆگىتىپ،ئۇلارنىڭ تۇلۇق پەزىلەتلىك بۇلۇشىغا تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.ۋەخپە قىلغان مەزكۇر كىتابىمغا باش شاگىرتىم موللا ئەيد خەلپەت ئەۋەز ئوغلىنى باشقۇرغىچى قىلىپ تەيىنلىدىم،دەپ تۆۋەندە موللا سادىق ئەلەم ئۆز مۆھرۈمنى باستىم.
مەزكۇر ئىقرارنامىنىڭ راستلىقىغا مۇدەرىس ئۆلىما ئەلنەزەر ئاخۇنۇم،باش كاتىپ موللا ئابدۇرەھىم نىزارى،نۇرۇز كاتىپ،تۇردۇش كاتىپ،تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم،موللا غوجىلاق،ئوپالدىن زەيدىن قۇرۇلبېگى قاتارلىقلار گۇۋاھتۇر.
مۆھۈر:
داڭلىق ئۆلىما،دەۋرنىڭ ئالىمى موللا سادىق شەھ ئەلا ئوغلى
مۆھۈر ھىجرىيە 1208-يىلى ئويۇلغان)
ۋەخپىنامىدا ئىسمى چىققان شەخسلەر توغرىسىدا:
موللا سادىق ئەلەم بىننى شاھ ئەلا:قەشقەر شەھىرىدىن،قەشقەر دۆلەتباغ يېزىسىدىكى مەدرەسەئى ھامىدىيەدە ئوقۇپ،كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە مۇدەرەرىس بولغان،قەشقەر قازىلار مەھكىمىسىنىڭ قازىسى،ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئالىمى.
ئەلنەزەر ئاخۇنۇم:ئەسلى لۈكچۈندىن،ئۆز دەۋرىدىكى قەشقەرنىڭ چوڭ دىننىي ئۆلىمالىرىدىن،ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ مەدرىسگە مۇدەررىس بولغان.
ئابدۇرەھىم نىزارى:قەشقەر ئوپالدىن،ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن،قەشقەر ھاكىمى زوھۇرۇدۇننىڭ ئوردا كاتىپى،ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرى.ئەدەبىي تەخەللۇسى زىيائىي.
تۇردۇش كاتىپ:قەشقەر ھاكىمى زوھۇرۇدۇننىڭ ئوردا كاتىبى،ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ بىرى.ئەدەبىي تەخەللۇسى غېرىبى.
تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم:شۇ يىللاردا ‹‹ھەزرىتى مەۋلام››مازىرىنىڭ شەيخى،‹‹سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى ››نىڭ ئاپتۇرى.بىرنى بۇ نۆۋەت ماتىريال بىلەن تەمىنلىگەن باۋدۇن قارىنىڭ بوۋىسى.
موللا غوجىلاق:ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ شەيخى.
زەيدىن قۇرۇلبېگى:شۇ دەۋردە قۇرۇلبېگى (چېگرا بېگى)بولۇپ تۇرغان شەخس.
بۇ ۋەخپىنامىنى ئىبراھىم مۇتىئى ۋە مىرسۇلتان ئوسمانۇفلار قەشقەردىكى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىڭ ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنى بېكىتىشتە بىرىنجى قول ماتىريال بۇلۇپ قالغان.
مەن مەرھۇم ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم،ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىق مەرھۇملارنىڭ روھىغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.مىرسۇلتان ئوسمانۇف ئاكىمىزغا تېنىگە سالامەتلىك،ئۆمۈر ئۇزۇن تىلەيمەن،ئۇلارنىڭ بۇ تۆھپىسى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
ئىبراھىم مۇتىئى