مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1053|ئىنكاس: 14

ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىش ، باشقۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70767
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 02:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىش ، باشقۇرۇش چارىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

114 – نومۇرلۇق

« ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىش ، باشقۇرۇش چارىسى» 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 38 – قېتىملىق دائىمى يېغىنىدا ماقۇللاندى ، ھازىر ئېلان قىلىندى ، 2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

شەھەر باشلىقى : جارۇللا ھىسامىدىن

2012 – يىلى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى

1 – باپ ئومومىي پىرىنسىپ

1- ماددا مەزكۇر شەھەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، كۆپ خىل يوللار بىلەن ئوتتۇرا كىرىملىكتىن تۆۋەن ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ، جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە بىرىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ، قائىدە – نىزاملارغا ئاساسەن ، شەھرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، بۇ چارە تۈزۈلدى .

2 – ماددا بۇ چارە مەزكۇر شەھەرنىڭ مەمۇرى رايون دائىرىسى ئىچىدىكى ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى پىلانلاش ، سېلىش ، ئىجارىگە بىرىش ۋە باشقۇرۇش پائالىيىتىگە تەدبىقلىنىدۇ .

3- ماددا مەزكۇر چارىدە ئىيتىلغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بىرىش – ھۆكۈمەت مەبلىغى سالغان ياكى سىياسەت جەھەتتىن قوللىغان ، ئۆي قۇرۇلمىسى ، ئۆي كۆلىمى ۋە ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىگە چەك قويۇلغان شەرتكە توشقان ئائىلە ، شەخىسلەرگە ئىجارىگە بىرىلىدىغان كاپالەت تۇرالغۇ ئۆينى كۆرسىتىدۇ .

4- ماددا جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە بىرىش ، باشقۇرۇشتا ھۆكۈمەت يىتەكچىلىك قىلىش ، ئىجتىمائى جامائەت قاتنىشىش ، ئاشكارە ، ئادىل بولۇش ۋە ئۆلچەملىك باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ .

5 – ماددا شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى مەزكۇر مەمۇرى رايون دائىرىسى ئىچىدىكى جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىش ، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ، كونكېرت خىزمەتنى تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت ئاپپاراتى ئۈستىگە ئالىدۇ .

شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ، قۇرۇلۇش ، شەھەر ، يېزا پىلانلاش ، زېمىن بايلىقى ، خەلق ئىشلىرى ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ، دۆلەت مۈلكى ، باج ، مالىيە ، ئىستاتىستىكا ، مۇپەتتىشلىك ، مەمۇرى تەپتىش ۋە جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسى ئىچىدە جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىش ، باشقۇرۇشقا چېتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك .

2 – باب ئۆي مەنبەسىنى جۇغلاش ۋە پىلانلاپ سېلىش

6 – ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى سېلىش ، تەرەققى قىلدۇرۇش مەبلىغىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ، بىۋاستە مەبلەغ سىلىش ، دەسمايىگە كىرگۈزۈش ، مەبلەغ سېلىپ تولۇقلاش ، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ، ئىجارىگە بىرىلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي سېلىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشى لازىم .

7- ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىگە ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل بىرىشى ، سۇغۇرتا ۋە ھاۋالە مەبلىغىنى ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىگە مەبلەغ سېلىشقا يىتەكلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ .

8- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي مەنبەسىنى جۇغلاشنىڭ يولى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

1) ھۆكۈمەت بىۋاستە مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن سېلىش ، ئۆزگەرتىپ سېلىش ۋە سېتىۋىلىش ؛

2) ئادەتتىكى تاۋار ئۆي تۈرىدە يانداشما سېلىش ؛

3) ئەرزان ئىجارىلىك تۇرالغۇ ئۆي ، ئەرزان باھالىق تۇرالغۇ ئۆي ، بىۋاستە باشقۇرۇلىدىغان جامائەت ئۆيلىرىدىن بەلگىلىمىدىكى تەرتىپ بويىچە ئۆزگەرتىلگەن ئۆيلەر ؛

4) كارخانا ، كەسپى ئورۇنلار ئۆزىنىڭ يېرىدىن پايدىلىنىپ ، كوللىكتىپ سالغان ياتاق بىناسى ؛

5) پۇقرا ، قانۇنى ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھاۋالىسى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرى ؛

6) جەمئىيەت ھەدىيە قىلغان ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق جۇغلانغان ئىجارىگە بېرىلىدىغان جامائەت ئۆيلىرى .

9- ماددا شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ، شەھەر ، يېزا پىلانلاش ، قۇرۇلۇش ، زېمىن بايلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ، مەزكۇر شەھەرنىڭ ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي ئىسلاھات پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىپ ، تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ .

10- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى پىلانلاشقا ئورۇن تاللاشتا ، ئۆي قېيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قاتناش ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ، مەكتەپتە ئوقۇش ، داۋالىنىش قاتارلىق ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئىلىپ ، جايلاشتۇرىلىدىغان ئورۇننى بىر تۇتاش پىلانلىشى لازىم .

11 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش يېرىنى يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىغا ۋە تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت پىلانىنى يىللىق يولغا قويۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ ، يىللىق يەر ئىشلىرىش كۆرسەتكۈچىنى ئىلتىماس قىلغاندا ، ئايرىم تۈزۈپ چىقىپ ، ئالدىن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم .

12- ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سىلىپ سالىدىغان ياكى ھاۋالە بىلەن سىلىنىدىغان ئەرزان باھالىق تۇرالغۇ ئۆي ئوبېكىتلىرى تەمىنلىنىدىغان ئىجارىلىك جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىرى ئاجرىتىپ بېرىش شەكلى بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، باشقا شەكىلدىكى مەبلەغ سىلىنىدىغان ئىجارىلىك جامائەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش يېرى ئۆتۈنۈپ بىرىش ، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەقلىق تەمىنلىنىدۇ .

13- ماددا يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئادەتتىكى تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىدە يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىشتە ، يانداشما قۇرۇلۇشنىڭ ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئومومى ھەجىمى ، تاق يۈرۈشلۈك ئۆينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى ، يۈرۈشلۈك ئۆي سانى ، يۈرۈشلۈك ئۆي قۇرۇلمىسىنىڭ نىسپىتى ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە يانداشما قۇرۇلۇش نىسپىتى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى ۋە توختام شەكلىدە بەلگىلىنىشى لازىم .

14 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى مەمۇرى ، كەسپى ھەق ئېلىش ۋە ھۆكۈمەت فوندىلىرىغا چېتىلسا دۆلەت ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئېتىبار سىياسەتلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ .

15 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش تۈرى ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى ، بىخەتەر تازىلىق ئۆلچىمى ۋە ئېنىرگىيە تىجەش ، مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى لازىم .

16- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش تۈرى پۈتۈپ تاپشۇرۇپ ئۆتكۈزىۋىلىش ، سۈپىتىگە ۋە رېمونت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ .

17 – ماددا كارخانا ، كەسپى ئورۇنلار ئۆز يېرىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى سېلىشتا ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە تەمىنلەش ئوبېكتىنى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كارخانا ، كەسپى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىدۇ ۋە تىجارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ .

18- ماددا جەمئىيەت ھەدىيە قىلغان تۇرالغۇ ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيى قىلىنغان بولسا ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باج ئېتىبار سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ .

3- باب ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىجارە ئۆيىنى تەقسىملەپ بېرىش

19- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاساسلىقى ئوتتۇرا كىرىملىكتىن تۆۋەن قېيىنچىلىقى بار ئائىلە ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئوبېكىت قىلىنىدۇ .

20- ماددا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ئوتتۇرا كىرىملىكتىن تۆۋەن ئۆي قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :

(1) ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ مەزكۇر شەھەرنىڭ دائىملىق نوپۇسى بولۇش ؛

(2) ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى ئالدىنقى يىللىق شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولۇش ؛

(3) تۇرالغۇ ئۆيى يوق بولۇش ياكى ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمى 13 كۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولغان بولۇش ؛

(4) تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئىسلاھاتى سىياسىتىدىن بەھىرلەنمىگەن بولۇش ؛

شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، كارخانىلار ، مەمۇرى كەسپى ئورۇنلار كىرگۈزگەن ئالاھىدە كەسىپ ئىختىساسلىقلىرى ۋە مەزكۇر شەھەردە خىزمەت قىلىدىغان مەملىكەتلىك ، ئۆلكە ، مېنىستىر دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ، مەملىكەتلىك قەھرىمان نەمۇنىچىلار ، 2 – دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەن كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قېيىنچىلىقى بار بولغانلاردىن ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئىلتىماس قىلغان بولسا ، ئالدىنقى ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ .

21 – ماددا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدىغان يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ :

(1) تولۇق ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇش ؛

(2) مەزكۇر شەھەردە دائىملىق نوپۇسى بولۇش ياكى «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» نى بېجىرگەن بولۇش ؛

(3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك (تەكلىپ قىلىش) توختامى تۈزگەن بولۇش ؛

(4) مەزكۇر شەھەردە مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ ئۆيى بولمىغان ھەمدە جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالمىغان بولۇش .

22 – ماددا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى ئائىلىلەر ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

1) ئائىلە ئەزالىرى «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» بىجىرگەن ھەمدە مەزكۇر شەھەردە ئۇدا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئولتۇراقلاشقان ؛

2) ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم مەزكۇر شەھەردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى تۈزگەن ياكى مەزكۇر شەھەردە ئۇدا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغان بولۇش ؛

3) ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى ئالدىنقى يىللىق شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان بولۇش ؛

4) مەزكۇر شەھەردە مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ ئۆيى بولمىغان ھەمدە جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالمىغان بولۇش .

23- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلغانلار ئائىلىنى بىرلىك قىلغان بولسا ، ئائىلە ئەزالىرى قانۇنىي بىقىش ۋە تەربىيەلەپ بىقىش مۇناسىۋىتى بولۇش ھەمدە تۇرمۇشى بىللە بولغان بولۇش لازىم . ھەر بىر ئىلتىماس قىلغۇچى ئائىلىدە ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان بىر ئائىلە ئەزاسى ئىلتىماس قىلغۇچى ، قالغان ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق ئىلتىماس قىلغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بويتاقلاردىن ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى ئىلتىماس قىلغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

24- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بىجىرىلىدۇ .

1) ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ نوپۇسى ياكى «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» تۇرۇشلۇق جايدىكى كوچا باشقارمىسى (يېزىلىق ، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى) غا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى ، ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپشۇرىشى لازىم ؛

2) كوچا باشقارما (يېزىلىق ، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى) لىرى ئىلتىماس ماتىريالىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشى ؛ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرى نوپۇسى ياكى «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىدە ئېلان قىلىنىشى ، ئېلان مۇددىتى يەتتە كۈن بولۇشى ؛ ئېلان قىلىش ئارقىلىق پىكىر بولمىغان ياكى پىكىر بولۇش شەرتىگە توشمىغان بولسا ، تۇنجى قېتىمدا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئىلتىماس ماتىريالىنى رايون (ناھىيە) لۇق تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىشى لازىم ؛

3) رايون (ناھىيە) لۇق تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتى رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ، كىرىم قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ ؛ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى رايون (ناھىيە) لۇق تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ ؛ ئېلان قىلىش مۇددىتى يەتتە كۈن بولىدۇ ؛ ئېلان قىلىش ئارقىلىق پىكىر بولمىغان ياكى پىكىر بولۇپ شەرتكە توشمىغان بولسا ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمىتى لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئىلتىماس ماتىريالىنى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىدۇ .

4) شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماس ماتىريالىنى قايتا تەكشۈرىدۇ ؛ قايتا تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ ، ئېلان قىلىش مۇددىتى يەتتە كۈن بولىدۇ . ئېلان ئارقىلىق پىكىر بولمىغان ياكى پىكىر بولۇپ شەرتكە توشمىغان بولسا ، پىكىر بولماي لاياقەتلىك بولغانلار ئۆي ئىجارە ئېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ .

25- ماددا تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتى ، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شۇنىڭدەك كوچا باشقارمىسى (يېزىلىق ، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى) ئائىلىلەرگە بىرىپ تەكشۈرۈش ، قوشنىلىرىنى زىيارەت قىلىش ھەمدە خەت ئالاقە ئارقىلىق گۇۋاھلىق ئىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە كىرىمى ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ، شەخىسلەر بۇنىڭغا ماسلىشىپ ، ھەقىقى ئەھۋاللارنى تەمىنلىشى لازىم .

26- ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئادەم سانى ، نوپۇسى ، كىرىمى ، مۈلىكى ھەمدە تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولۇپ ، ئۆي ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە توشمىغان ياكى ئۆي ئىلتىماس قىلغۇچى ساختا گۇۋاھنامىنى سۇنغان ، كىرىمى ياكى تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئاساسلىق ئەھۋاللارنى يوشۇرغان بولسا ، تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشنى مەلۇم قىلىدۇ .

27- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى تەقسىم قىلىشتا ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ . تەقسىم قىلىنغان ئۆينىڭ ھەجىمى ئىلتىماس قىلغۇچى ئائىلىنىڭ جان سانىغا مۇناسىپ كىلىشى ھەمدە دۆلەت ، ئاپتونۇم رايوننىڭ ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى تەقسىم قىلىش ھەجىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كىلىشى لازىم ؛ كونكېرت چارىنى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتىدۇ .

28 – ماددا شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى شۇ يىلدىكى ئۆي مەنبەسى ئەھۋالىغا ئاساسەن ، تەقسىم قىلىش لايىھەسىنى بېكىتىدۇ . چەك تارتىش ياكى نومۇر ئايلاندۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆيگە ئېرىشكەن ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۆي تەقسىماتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنامە تارقىتىپ بىرىلىدۇ .

ئۆي تەقسىماتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىلتىماس قىلغۇچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن ئورۇندا « ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي توختامى» نى ئىمزالاپ ، ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم .

29 – ماددا يېڭىشكە مۇمكىن بولمايدىغان سەۋەپلەردىن باشقا ، ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە توشىدىغان كىشىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە بۇ قېتىمقى ئۆي ئىجارىگە ئېلىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىك ، دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئىككى يىل ئىچىدە ئۆي ئىجارىگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ :

1) بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئۆي تاللاشقا قاتناشمىغان ؛

2) ئۆي تاللاشقا قاتناشقان لېكىن بىكىتىلگەن ئۆينى ئېلىشنى رەت قىلغان ؛

3) ئۆينى تاللىغان لېكىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىجارە ئۆي توختامىنى تۈزۈشنى رەت قىلغان ؛

4) ئىجارە توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن ئىجارە ئالغان ئۆيدىن ۋاز كەچكەن ؛

5) باشقا ئىجارىگە ئىلىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەن ئەھۋاللار .

4- باب ئىجارىگە بىرىش – باشقۇرۇش

30 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي توختامىنىڭ مۇددىتى ئادەتتە ئۈچ يىلدىن باش يىلغىچە بولىدۇ ؛ تۇرالغۇ ئۆينى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەلىپى ، ئۆي ئىجارىسى ، خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى ، سۇ ، توك قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنىڭ ئۆلچىمى ، تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ، ئىجارىگە ئىلىش مۇددىتى ، قايتۇرۇپ بىرىش تەلىپى ۋە توختامغا خېلاپلىق قىلىش قاتارلىقلار توختامغا يىزىلىدۇ .

31- ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىدە ئىجارىگە بىرىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ . ئىجارىگە ئالغۇچى توختام مۇددىتى توشقاندىن كېين بەلگىلەنگەن شەرتكە داۋاملىق ئۇيغۇن كىلىپ ، داۋاملىق ئىجارىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە ، توختام توشۇشتىن ئىلگىرى ئۈچ ئاي ئىچىدە شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقىغا قايتىدىن ئىلتىماس سۇنۇشى ؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق داۋاملىق ئىجارىگە بىرىش شەرتىگە توشسا ، شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى ئىجارىگە ئالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئېلىشنى ئۇزارتىش توختامى ئىمزالايدۇ .

32 – ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان ، جەمئىيەتتىن مەبلەغ غەملەپ سىلىنىدىغان ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىنى شەھەرلىك مالىيە ، تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادى ، ئىجتىمائى تەرەققىيات سەۋىيەسى ، تەمىنلەش ئوبىكتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئىقتىدارى ، ئىجارىگە ئالىدىغان ئۆينىڭ ئورنى ، قەۋىتى ، يۆلىنىشى ھەمدە بازار ئىجارە سەۋىيىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ، بازار ئىجارىسى ئەرزان ئىجارىلىك تۇرالغۇ ئۆي ئىجارىسىدىن يۇقىرى بولۇشنىڭ دەرىجىلىك ئىجارە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەشنى يولغا قويۇپ ، جەمئىيەتتىكى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ .

33 – ماددا كارخانا ، كەسپى ئورۇنلار ئۆزىنىڭ يېرىدىن پايدىلىنىپ ، كوللىكتىپ سېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى تەمىنلەيدىغان ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىنى كارخانا ، كەسپى ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئەھۋالى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ .

34 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىدە ئىجارە ئالغۇچى ئۆزى ئولتۇرىدۇ ، ئارىيەتكە بىرىشكە ، ئىجارىگە بىرىشكە شۇنداقلا باشقا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ .

35 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ نوپۇسى ، ئائىلە ئادەم سانى ، كىرىمى ، مۈلىكى ھەمدە تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولغاندا ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك .

تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتى ھەر يىلى ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ مەلۇم قىلغان ئائىلە كىرىمى ، ئادەم سانى ھەمدە تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى لازىم .

36 – ماددا ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ كىرىمى ، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولۇپ ، ئىجارىگە بېرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەندە ، شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى ئۆينى ئىجارىگە بىرىش توختامىنى ئۆز ئالدىغا توختاتسا بولىدۇ .

37 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغۇچى ئىجارە ئېلىش توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققى ، سۇ ، توك ، گاز ، ئالاقىلىشىش ، تېلېۋىزور ، خوجىلىق مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەقلەرنى ۋاقتىدا تاپشۇرىشى لازىم .

38 – ماددا ئىجارىگە بېرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىجارىگە ئالغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، ئىجارە توختامى بىكار قىلىنىپ ، ئىجارە بىرىلگەن جامائەت تۇرالغۇ ئۆيى قايتۇرۋىلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھەركىتى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرلىنىدۇ . بەش يىل ئىچىدە ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ :

1) ساختا ئىسپات ماتىرياللىرى قاتارلىق ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىگە ئېرىشكەن ؛

2) ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بەرگەن ؛

3) ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسى ياكى پايدىلىنىش خارەكتىرىنى ئۆزگەرتكەن ؛

4) ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق ئۆينى ئالتە ئايدىن ئارتۇق بوش قالدۇرغان ؛

5) ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆ ئىجارىسىنى تاپشۇرمىغان ؛

6) ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىدە قانۇنغا خېلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ؛

7) ئىجارە توختامىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپلىق قىلغان .

39 – ماددا ئىجارە توختامى توشقان ياكى ئىجارە توختامىغا توختىتىلغان بولسا ،ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىگە ئالغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى قايتۇرۇشى لازىم ، ئۆينى قايتۇرۇشتا ھەقىقەتەن قېيىنچىلىق بولسا ، شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ . بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئوخشاش رايون ، ئوخشاش تۈردىكى تۇرالغۇ ئۆي بازىرى باھاسى بويىچە ھەر ئايدا ھەق ئېلىنىدۇ . بۇ ئالتە ئايلىق ئۆتكۈنچى ۋاقىت توشۇپ ، ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلغان بولسا ، توختامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق دائىرىدە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ ، زۆرۈر تىپىلغاندا ، شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي – زېمىن مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بىرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

40 – ماددا تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ئاپپاراتى ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي ئارخىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئارخىپ ماتىرياللىرىنى يىغىش ، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ، ئارخىپتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇكەممەل ، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تۇرالغۇ ئۆيدىن بەھرىمەن بولغۇچىدىن كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ، تۇرالغۇ ئۆي ئارخىپىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ ، ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆي ئارخىپىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم .

41 – ماددا ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى باشقۇرغۇچى خىزمەتچى خادىملار ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خىزمەتچى خادىملاردىن مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپلىق قىلىپ ، خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلغان ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ، شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغان ، پارە تەلەپ قىلغان ۋە پارا ئالغان ياكى ئىجارىگە بىرىلىدىغان جامائەت تۇرالغۇ ئۆيىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ، ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە دەخلى – تەرۈز قىلغانلار بولسا ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماق چارە كۆرىدۇ ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا ، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .

5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

42- ماددا بۇ چارە 2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ .

تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى

http://www.kanunblog.com/


قانۇندىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13999275440

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1025
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2151
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray15

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئــــــــــــــــــــــــــــلدىرماي تەپــــــــــــــــــــــــــــسىلى كۆرەي








:qiray190

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 547 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق جىق ئالدىرماي كۆرەي

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4152
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5427
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:27:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما سىياسەت خېلى بۇلۇپ قۇيامدۇ نىمە،،،،،،،،،قەغەز يۇزىدىكىلا گەپ بۇلۇپ قالمىسىلا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9875
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5744
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 1680 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:29:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي كۆرەي ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:29:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ئاقسۇدىن :qiray13


    ساقلىۋالدىم ..كىينچە ئەسقىتىپ قالار!!!:qiray19


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   joda☠ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-5 06:58 PM  


دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1058
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ىسىياسەت ئىكەن .

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12756
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:57:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇننى ئۈگەنگۈلۈك ئۈگەنگەندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگۈنۈپ قانۇندىن ياخشى
پايدىلانغۇلۇق .

ئىلىم باشقا،تالانت باشقا . غورۇر ۋىجدان يەنە باشقا .
بۇلۇر ساھىبقىرانلىق ئۈچ پەزىلەت كەلسە بىر باشقا  .

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2552
تۆھپە نۇمۇرى: 14
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 07:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىللەشتۈرسىلا بولاتتىغۇ قانداقلا سىياسەت بولسا....

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش