مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2652|ئىنكاس: 1

شى جىنپىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شان-شەرەپ مال-دۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12684
تۆھپە نۇمۇرى: 1437
توردا: 3715 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 01:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شى جىنپىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


شى جىنپىڭ (习近平) ئەر، خەنزۇ، 1953-يىلى 6-ئايدا شەنشى فۇپىڭدا (陕西, 富平) تۇغۇلغان.1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ماركىسىزىم نەزىرىيىسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيىسى كەسپىنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ، قانۇن ماگىستىرىلىق ئۇنۋانى ئالغان. ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ.


تەرجىمھالى

1969-1975 شەنشى ئۆلكىسى يەنچۈەن (延川) ناھىيىسى ۋېنئەن (文安) ئۆتىڭى كوممۇناسى لىياڭ جاخې  (梁家河) ئەترىتىنىڭ زىيالىيسى بولۇپ، پارتكوم شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1975-1979 چىڭخۇا ئۇنىۋىرستېتى خىمىيە سانائەت ئىنىستىتۇتى ئورگانىك سىنتېزلەش كەسپىدە ئوقۇپ، 1979-1982 گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى،  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. (ھازىرقى خىزمىتى)

1982-1983 خېبىي ئۆلكىسى جىڭدىڭ(正定) ناھىيىلىك پارتكومىدا مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

1983-1985 خېبىي ئۆلكىسى جىڭدىڭ ناھىيىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

         1985-1988 فۇجيەن ئۆلكىسى شىيامېن شەھىرى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

         1988-1990 فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې (宁德) ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1990-1993 فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ (福州) شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1993-1995 فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئىتى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1995-1996 فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1996-1999 فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1999-2000 فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2000-2002 فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ( 1998-2002 چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە پەنلىرى ئىنىستىتۇتى ماركىسىزىم نەزىرىيىسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيىسى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان ۋە قانۇن ماگىستىرىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن) بولغان.

2002-2002 جىياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2002-2003 جىياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

2003-2007 جىياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

2007-2007 شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2007-2008 مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان.

2008-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان.

2010-يىلى 10-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى،مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.


ۋەزىپىسى:

ج ك پ 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى كاندىدات ئەزاسى، 16-17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ھەيئىتى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن، ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ.


شەخسكە بولغان باھا:

شى جىنپىڭ ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن ھەيئەت باشلىقى، جوڭگۇ كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن-شىمالى شەنشى ئازاد رايونىنى قۇرۇپ ماۋزېدۇڭنى ئۇزۇنسەپەر ئارقىلىق جىڭگاڭشەن ئازاد رايونىدىن  شىمالى شەنشى ئازاد رايونىغا كېلىشكە چاقىرىق قىلغان ج ك پ رەھبەرلىرىدىن بىرى شى جۇڭشۈننىڭ ئوغلى. گەرچە يۇقىرى كادىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق تاۋلانغان. ھەر بىر قەدىمىنى ئاساسىي قاتلامدىن باشلىغان بولۇپ، شى جىنپىڭنى زىيارەت قىلغان، ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، 1969-يىلى دادىسىدىن ناھايىتى كۆپ ئازار يېگەن شى جىنپىڭ، تېخى 16 ياشقا توشماي تۇرۇپلا يەنئەن شەھىرىگە قاراشلىق يەنچۈەن ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسىغا ئورۇنلاشقان. خىزمەت پوزىتسىيىسى ناھايىتى ئاكتىپ بولغانلىقتىن، ئەينى ۋاقىتتا يەنئەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 30000 غا يېقىن زىيالىي ياشلار ئىچىدە ناھايىتى تېزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ، تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ياچېيكا شۇجىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

          ئۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ باردى-كەلدى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ مەزگىلدىكى كەچۈرمىشلىرىنى دائىم ئەسلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېزىغا بېرىپ زىيالىي بولغانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

          شى جىنپىڭ ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1979-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خىمىيە ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپلا ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا قەدەم قويغان.

          ئۇ ئاۋۋال گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن. 1982-يىلى ج ك پ خېبىي ئۆلكىسى جىڭدىڭ ناھىيىلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1985-يىلى ئۇ جىڭدىڭ ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ، شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز ياقىسى شەھىرى شيامىنغا كەلگەن ۋە بۇ يەردە تۇنجى بولۇپ شەھەر دەرىجىلىك رەھبەر ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، بۇ چاغدا ئۇ ئارانلا 32 ياش ئىدى.

          بىرەيلەن ئىلگىرى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ھاياتىنى « شىمالىي شەنشىدىكى يېزىنىڭ ياچېيكا شۇجىلىقىدىن باشلىنىپ، خېبىينىڭ جىڭدىڭ ناھىيىسىدە رەسمىي باشلانغان، فۇجيەن سىياسىي مۇنبىرىدە پىشىپ-يېتىلىشكە قاراپ ماڭغان» دەپ شەرھلىگەن.


  چەكلىك ھۆكۈمەتنى تەشەببۇس قىلغان

فۇجيەندە ئۆتكۈزگەن 17 يىللىق مۇساپە شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مول مەزمۇنلارغا تولغان مەزگىل بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ھەر قايسى رايونلاردا ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەن.

          شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، خېبىيدىن شىيامېنغىچە بولغان مۇساپە، 32 ياشتىلا ئالاھىدە رايونغا قەدەم قويۇش چوڭ بىر ھالقىش ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى 17 يىل ئىچىدە ئۇ ئاساسلىق نىڭبو، فۇجۇ قاتارلىق مۇھىم رايون ۋە شەھەرلەرنى باشقۇرغان، 1999-يىلى ئۆلكە باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

          شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ :« مەن ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا شىيامېنغا كەلگەنىدىم، چۈنكى مەن ئىسلاھاتنىڭ، سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسىنى كۆرۈشنى خالايتتىم» دېگەن.

          شى جىنپىڭ بىلەن دائىم ئالاقە قىلىشىدىغان  فۇجيەنلىك بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ شىيامېنغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق شەھەر باشقۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون جەھەتتە ھېچقانداق تەجرىبىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن، شىيامېندىكى بۇ ئۈچ يىلىنىڭ ئاساسەن جاپالىق ئىزدىنىش جەريانى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. شى جىنپىڭ دائىم « شىيامېندىكى بۇ ئۈچ يىللىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون چېنىقىشىنىڭ مېنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمگە بەكمۇ زور ياردىمى بولدى» دەپ، شيامېندىكى بۇ جاپالىق ئەمما كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەپ تۇرغان.


ئەل رايىغا بولغان قارىشى

  1990-يىلى شى جىنپىڭ فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولۇپ يۆتكەلگەن. فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومى قوروسىدا « ئىشنى تېز بېجىرىش» دېگەن سۆزلەر كىشىنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ تاراتقۇلارغا چۈشەندۈرۈشىچە، « ئىشنى تېز بېجىرىش» خىزمەت ئۈنۈمىگە قارىتا ئېيتىلىپلا قالماستىن يەنە، ناھايىتى كەسكىن بازار رىقابىتىدە كىشىلەردىن ھوشيار ئەمما تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقىمۇ قارىتىلغان، چۈنكى ھەممە كىشى مۇشۇنداق سەزگۈر بولغاندىلا، فۇجۇنىڭ تەرەققىياتى ھامان ئۆزىنىڭ ياش ۋە چەبدەس ھالىتىنى ساقلىيالايدىكەن. تاراتقۇلارنىڭ نەزىرىدە ، شى جىنپىڭ بىر ئىسلاھات روھىغا باي، دەۋر روھىغا ئىگە، ئىدىيىسى ئەركىن كىشى ئىكەن.

          شى جىڭپىڭ شيامىن ۋە فۇجۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن سىرت، يەنە نىڭدې شەھىرىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، زور شەرەپلەرگە نائىل بولغان. ئەينى چاغدا شى جىنپىڭ نىڭدې شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئۇ چاغلاردا نىڭدې ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز شەھەرلەردىن ھېسابلىناتتى. كونا قاراش بويىچە ئۆي سېلىش، قەبرە بېزەش ۋە توي قىلىش نىڭدېلىقلارنىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ ئىش دەپ قارىلاتتى، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بىر قانچە يىل  بۇرۇن، خېلى كۆپ ئەمەلدارلار ئۆي سېلىشتا ئىقتىساد جەھەتتىن قىينىلىپ قالغانلىقتىن، ھوقۇقى ئارقىلىق ئىقتىساد غەملىگەن. شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئىشنى بۇ ئەمەلدارلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشتىن باشلاپ، نىڭدېدىكى ئۆي سېلىش قىزغىنلىقىنى كونتىرول قىلغان. شى جىنپىڭ بۇ ئىشتىن كېيىن :« بۇ يەردە كىم زادى كىمنى رەنجىتتى دېگەن سۇئال مەۋجۇت، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كادىر بۇ ئەمەلدارلارنى رەنجىتمىدى، ئەكسىچە، نىڭدې ئەمەلدارلىرى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆي سېلىپ، پارتىيىنىڭ نوپۇزى ۋە شەنىگە داغ كەلتۈردى، ئۇلار پارتىيىنى، خەلقنى رەنجىتتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.» دېگەن.

خالىسە ئەھمەد تەرجىمىسى

http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=11961

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-5 02:03 PM  


Rank: 8Rank: 8

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42611
تۆھپە نۇمۇرى: 859
توردا: 13734 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 02:42:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئادەم باش شۇجى بولۇپ قالدىغاندەك ......

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش