مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5671|ئىنكاس: 68

مۇھەببەت بىر خىل راھەت ۋە ھۇزۇر دېمەكتۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4474
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9018
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 7931 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 10:33:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

مۇھەببەت  بىر خىل راھەت ۋە ھۇزۇر دېمەكتۇر
ئوشۇ (ھىندىستان)
مۇختار مەخسۇت تەرجىمىسى


   بىر ئادەم موھتاج بولماستىن، بەلكى سۆيۈش پەللىسىگە ئۆتكەندە، بۇ ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا بۇ ئادەمنىڭ ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېغىشلايدۇ ۋە ئۇلارنىمۇ تەڭ بەھرىمەن قىلىدۇ. مۇھەببەت بىلەن موھتاجلىقنىڭ كۆزلەيدىغىنى تامامەن ئوخشىمايدۇ، موھتاجلىق قانداق قىلسام كۆپرەك ئېرىشىمەن دېگەننى ئويلايدۇ، مۇھەببەت بولسا، ئۆزۈمدىكى نەرسىلەرنى قانداق قىلسام كۆپرەك بېغىشلايمەن، قانداق قىلسام تەمەسىز ۋە مىننەتسىز بېغىشلايمەن دېگەننى تەكىتلەيدۇ. مانا بۇ  ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگىنى.
مۇھەببەت  بىر خىل راھەت ۋە ھۇزۇر دېمەكتۇر. ئۇ مەنىلەرگە ئىنتايىن باي كېلىدۇ، ھاياتىڭىزنى تەكرار - تەكرار يارىتىدۇ، لېكىن سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرىشنى بىلەلمەيسىز، شۇڭا باشقىلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىشنى ئويلايسىز. قەلبىڭىزگە سىغماي قالغان ناخشىلارنى تىڭشايدىغان ئادەمنىڭ بار - يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئېيتماي زادى تۇرالمايسىز، ھەتتا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالماي ئۇسسۇل ئويناپ كېتىسىز.
بەلكىم باشقىلار مۇھەببەتكە ئىگە بولغان بولۇشى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سىز ھامان ئۇنىڭ دولقۇنلىنىپ، ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز، دەريالار ھەرگىزمۇ سىزنى دەپ ئاقمايدۇ، سىزنىڭ بار - يوقلۇقىڭىز بىلەن ئۇنىڭ پەرۋايى - پەلەك، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ چاڭقىغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا، ئېتىزلارنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئاقمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆز يولى بىلەن ئېقىپ ئۆتىدۇ. شۇ پۇرسەتتە بەلكىم سىز ئۇسسۇزلۇقىڭىزنى قاندۇرۇۋېلىشىڭىز ۋە ياكى قۇرۇق تەلمۈرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق ئىش. دەريالار ھەرگىزمۇ سىزنىڭ رايىڭىزغا بېقىپ ئاقمايدۇ، سىز ئۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىرىڭىزنى سۇغۇرۇۋالسىڭىز ياكى چاڭقاقلىقىڭىزنى قاندۇرۇۋالسىڭىز، بۇنى بىر تاسادىپىيلىق دېيىشكىلا بولىدۇ.
قەلبىڭىزدە سۆيگۈ - مۇھەببەت بولمايدىكەن، سىز خۇددى قەلەندەرگە ئوخشاش ئۇنى باشقىلاردىن تەلەپ قىلىسىز، باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ، بىرسى - بىرسىدىن مۇھەببەت سوراۋاتقان ئىككى قەلەندەر تەلمۈرۈشكەن ھالدا بىرسى - بىرسىگە قوللىرىنى ئۇزىتىشىپ قالىدۇ... ئاخىرقى ھېسابتا ھەر ئىككىلىسى مەغلۇپ بولغانلىقلىرىنى، بىرسى - بىرسىگە ئالدانغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش، قەلبىدە سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ زەررىچىسىمۇ بولمىغان بەزى كىشىلەر ئىشقى - مۇھەببەت ئوتىدا ئۆرتىنىپ يۈرىدۇ، دەل ئۇلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ - مۇھەببەت دېگەن نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارمۇ باشقىلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلالمايدۇ. يېتىلمىگەن ئادەم ھامان ئىككىنچى بىر يېتىلمىگەن ئادەم بىلەن سۆيۈشۈپ قالىدۇ، چۈنكى پەقەت مۇشۇلارلا بىرسى - بىرسىنىڭ تىلىنى چۈشىنىدۇ، يېتىلگەن ئادەم بولسا چوقۇم يېتىلگەن ئادەمنى سۆيىدۇ.
ئالدى بىلەن سىز پىشىپ - يېتىلىشىڭىز كېرەك، بۇ مۇھەببەتنىڭ مۇھىم ئاساسى. شۇندىلا سىزمۇ پىشىپ يېتىلگەن جورىنى ئىزدەيسىز، پىشىپ يېتىلمىگەن ئادەم سىزنى ھەرگىزمۇ مەھلىيا قىلالمايدۇ. ئالايلۇق، سىز يىگىرمە بەش ياشقا كىرىپ تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ئىككى ياشلىق بوۋاقنىڭ ئىشقى  ئوتىدا كۆيۈپ يۈرمەيسىز، بۇنداق بولۇشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز پسىخىك جەھەتتىن، مەنىۋى جەھەتتىن پىشىپ  يېتىلگەن ئادەم بولسىڭىز بىر بوۋاقنى ياخشى كۆرۈپ قالمايسىز، بۇنىڭ ئىنتايىن بىمەنە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز.
ئەمەلىيەتتە پىشىپ يېتىلگەن ئادەملەر مۇھەببەت سەۋدالىقىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، ئۇلار سۆيگۈ ئىچىدە يېتىلىدۇ، سەۋدايىلىق ئۇلارغا خاس ئەمەس. پەقەت پىشىپ يېتىلمىگەن كىشىلەرلا ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولىدۇ، كۆڭۈل توختىتىپ، مۇستەھكەم دەسسەپ تۇرالمايدۇ. بىرەر ئايالنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىدۇ، بىرەر ئەرنى ئۇچراتسىلا ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بۇنداق ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ئايىغىغا باش قويۇشقا، ئۆمىلەشكە ھەرقاچان تەييار تۇرىدۇ، ئۇلار ئومۇرتقىسى يوقتەكلا لىڭشىپ تۇرىدۇ، ئەۋرىشىمدەك ئېگىلىدۇ، مۇستەقىللىقى بولمايدۇ.
پىشىپ يېتىلگەن ئادەملەر بولسا مۇستەقىل ياشاشتەك مۇكەممەللىككە يەتكەن بولىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا مۇھەببەتنى بېغىشلىغاندا، ھېچقانداق شەرت تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆز مۇھەببىتىنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىدىن مىننەتدار بولىدۇ، سىزگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ.
پىشىپ يېتىلگەن ئىككى ئادەم بىرسى - بىرسىنى ياخشى كۆرگەندە، ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە گۈزەل ھادىسە بارلىققا كېلىدۇ. گەرچە ئۇلار خۇددى بىر ئادەمدەك ئىجىل ۋە يېقىن بولۇپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆز شەخسىيەتلىرىنى ھەرگىزمۇ يوقىتىپ قويمايدۇ، تولۇق مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ، شەخسىيەتلىكى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدا، بىرسى - بىرسىگە ھۈنەر ئىشلەتمەيدۇ، دىپلوماتىك ۋاسىتە قوللانمايدۇ، بىرسى - بىرسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ، بەلكى بىرسى - بىرسىنى تېخىمۇ ئەركىن قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئۆزىڭىز سۆيگەن ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنايدۇ؟
سىز ئۆيىڭىزگە قايتىپ بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ھايات بېغىڭىزدا سۆيگۈ گۈللىرى بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپ، جاھانغا خۇش پۇراق چاچىدۇ، سىز سۆيگۈڭىزنى باشقىلارغا ئاتا قىلالايسىز. ھېچنېمىسى يوق ئادەم باشقىلارغىمۇ ھېچنېمە بېغىشلىيالمايدۇ. بېغىشلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز مەلۇم نەرسىگە نائىل بولۇشىڭىز كېرەك.
بەلكىم كېيىنچە سىز ئۆزىڭىز موھتاج بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىڭىز ئۈستىدە، يەنى روھىيىتىڭىزنى تېخىمۇ پاك، سەزگۈر قىلىش ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇشقا باشلىشىڭىز مۇمكىن. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم بىر مۇكەممەللىككە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلغانسېرى، قەلبىڭىزدە سۆيگۈنىڭمۇ شۇنچە تېز يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
ئۇ ئېتىراپ قىلىشقا، چۈشىنىشكە موھتاج ئەمەس. ئۇنىڭغا ئىسپاتنامە تارقىتىپ بېرىش ھاجەتسىز، ئۇنى ھېچكىم تېتىپ باقمىسىمۇ بولىدۇ. باشقىلارنىڭ چۈشىنىشى تاسادىپىيلىقتىن ئىبارەت. بۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ئانچە مۇھىم نەرسە ئەمەس. مۇھەببەت ئۆز يولى بىلەن خۇددى دەريادەك ئېقىۋېرىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئېقىش جەريانىدىلا سىز بەخت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلىسىز... ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئېقىشى جەريانىدا، سىزدىكى كۈچ - قۇدرەتمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
سىز ھېچكىم يوق بىر قۇرۇق ئۆيدە ئولتۇرغان بولسىڭىز، كۈچ - قۇدرىتىڭىز ئۇرغۇپ، سۆيگۈ - مۇھەببىتىڭىز پۈتۈن ئوينى قاپلىغان بولسا، سىزگە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ. لېكىن سىزدىكى كۈچ - قۇدرەت ئۆز نۇرىنى چېچىۋېرىدۇ، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋېرىدۇ... شۇندىمۇ سىز ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلىۋېرىسىز، خۇددى شامال خۇش پۇراقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ، گۈل خۇش ھىدىنى تارقىتالىغانلىقى بىلەن ئۆزىنى بەختلىك سانىغانغا ئوخشاش.
مۇرتلىرىمنىڭ بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر مەن ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىمەن. مەن ھەرگىزمۇ ئۇلارغا بېقىنىپ ياشىمايمەن. مەنمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارنى مەندىن مۇستەقىل ياشىسىكەن، دەيمەن.
مەن سىلەرگە ئەركىنلىك بېرىمەن، سىلەرنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشنى خالىمايمەن، مەن سىلەرنىڭ پەقەت ئۆزۈڭلارگىلا ئوخشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەر مەندىن مۇستەقىل تۇرالىغان چاغدىلا، مېنى چىن دىلىڭلاردىن سۆيىدىغان بولىسىلەر.
مەن سىلەرنى سۆيىمەن، مەن سىلەرنى سۆيۈشكە مەجبۇر، مەن سىلەرنى سۆيەلەمدىم يوق، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، سىلەر يېنىمدا بولمىساڭلارمۇ مەن يەنىلا سىلەرنى سۆيۈۋېرىمەن، مېنىڭ مۇھەببىتىم پۈتۈن زالغا تولۇپ تاشىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، مەن بۇ دەرەخلەرنى، بۇ قۇشلارنى ئەبەدىلئەبەد سۆيىمەن، ئۇلار بۇ ئالەمدىن يوقىلىپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىم يەنىلا مەۋجۇت  بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ، يەنىلا دەريادەك دولقۇنلىنىپ ئېقىۋېرىدۇ.

مۇھەببەت ۋە ئىستىقامەت

ئوشۇ، مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇزاققا داۋامىشىدىغان مۇستەھكەم مۇھەببەتكە تەلپۈنىمەن، ئېيتىڭا، بۇ بىر ئەخمىقانىلىقمىدۇ؟

مۇھەببەت گورزىنتال تەكشىلىك ۋە تىك سىزىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل رەۋىشتە مەۋجۇت بولىدۇ. بىز بىلىدىغان مۇھەببەت تەكشىلىكتىكى مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ ۋاقىتقا يەنى زامانغا مەنسۇپ بولغان مۇھەببەتتۇر. تىك سىزىقلىق مۇھەببەت بولسا، ئەبەدىيلىككە مەنسۇپتۇر.
كۆڭۈل ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان مۇھەببەتنى ئارزۇ قىلمايدۇ. بۇ سىزدە ۋە ھەممە كىشىدە دېگۈدەك پەيدا بولىدىغان خاتا تۇيغۇ. چۈنكى بىز پەقەت تەكشىلىك ۋە ۋاقىتتىنلا ئىبارەت ئۆلچەمنى بىلىمىز. بۇ ئۆلچەمدە ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولۇشى، يەنى بەزى ئىشلار ۋاقىتلىق ياكى ئۇزاق داۋاملىشىدىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان ئاشۇ ئىشلارمۇ نۇرغۇنلىغان دەقىقىلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭمۇ باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىشى بولىدۇ. ئۇزاققا داۋاملىشىشنى ئەبەدىيلىك دېگىلى بولمايدۇ ھەم بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ۋاقىت ھەم زامان بىرلىكىدە ھەرقانداق نەرسە ئەبەدىي بولمايدۇ، ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولغان نەرسە چوقۇم ۋاقىت ئىچىدە يوقىلىدۇ. دېمەك، باشلىنىشىلا بولىدىكەن، ئاخىرلىشىشمۇ بولىدۇ.
مۇھەببىتىڭىز ۋاقىت ئىچىدىكى مەلۇم بىر دەقىقىدە باشلانغانىكەن، ئۇنىڭمۇ چوقۇم ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. بەلكىم ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇ ناھايىتى تېز ئاخىرلىشىشى ياكى ئۇزاققا داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئۇ ئۇزاققا سوزۇلغان تەقدىردىمۇ كۆڭۈل ئۇنىڭدىن قانائەت تاپمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى مۇتلەق ئاخىرقى نۇقتىسى بولمىغان نەرسىلەرگە، يەنى ئەبەدىي بولغان نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. مانا بۇ «ئىلاھ»قا بولغان تەلپۈنۈش بولۇپ، ئۇ ئەبەدىي مۇھەببەتنىڭ ئىككىنچى بىر خىل ئاتىلىشىدۇر.
ئەقىل ئەبەدىيلىكنى چۈشەنمەيدۇ، قەلب بولسا ئەبەدىيلىككە ئىنتىلىدۇ، شۇڭا ئەقىل ئۈزلۈكسىز ھالدا قەلبكە پىچىرلايدۇ، چۈنكى ئەقىل ناھايىتى قىسقا ۋە سەل ئۇزاق داۋاملىشىدىغان مۇھەببەتنىلا بىلىدۇ، مۇھەببەتنىڭ ھاياتى ئۇزاقراق داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ، سىز ھامان ئۇنىڭ ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيسىز، سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىز تامامەن ئورۇنلۇق، ئۇ ھامان ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر سىز ئەقىللىق بولمىسىڭىز ئۇ ئۇزاقراق داۋاملىشىدۇ، ئەگەر ئىنتايىن دۆت ۋە كالۋا بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىمەنىلىكلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇزاقتىن - ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىسىز، ئەگەر سىز ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇ ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى سىز ئۇنىڭ ئىچىدە ئەرزىگىدەك ھېچنەرسە يوقلۇقىنى چۈشىنىسىز.
بىر ئادەم قانچىكى ئەقىللىق بولغانسېرى ئۇنىڭ مۇھەببىتىمۇ شۇنچە قىسقا بولىدۇ. ئۆتمۈشتە مۇھەببەت ئىنتايىن مۇستەھكەم ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان نەرسە ئىدى. نىكاھدىن ئاجرىشىش دېگەن نەرسە بولمايتتى. تەلىم - تەربىيە بولمىغان دۆلەتلەردە ھېلىمۇ نىكاھتىن ئاجرىشىدىغان ئىشلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، بىر دۆلەتتە تەلىم - تەربىيە قانچە كۈچەيگەنسېرى، مەدەنىيەت قانچىكى گۈللەنگەنسېرى، ئىنسانلار قانچىكى ئەقىللىق بولغانسېرى نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بۇ مۇشۇنداق  تەتۈر تاناسىپ بويىچە كۈچىيىپ بارىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار بىرسى - بىرسىدىن بىزار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى زورلاشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى، دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.
ئەقىل مەلۇم بىر ئىشنى ئاخىرلاشتۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ناھايىتى تېزلا يەنە بىر خىيال ئىگىلەيدۇ، بۇنداق خىيال ئۈزلۈكسىز ئالمىشىدۇ، ئەقىل بولسا بىرنەرسىنى ئۆگىنىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەقىللىق ئادەملەرمۇ شۇنداق. ئەقىل شۇقەدەر قۇدرەتلىك بولۇپ كەتتىكى، قەلبتىن كەلگەن ھەرقانداق نەرسە ئەقىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، سىز مەڭگۈ ئۆز ماھىيىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز.
قەلب ئەبەدىي دەپ قارىغان نەرسىنى ئەقىل ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان نەرسە دەپ چۈشەندۈرىدۇ، مانا بۇ سىزنىڭ خاتالىشىشىڭىزنىڭ مۇھىم سەۋەبى. قەلبنىڭ ئىنتىلىشى تىك سىزىقلىق بىرلىككە مەنسۇپ بولۇپ، بىز ئۇنى ئىستىقامەت دەيمىز.
سىز قەلبىڭىزدىكى ئىنتىلىش تۈپەيلىدىنلا ئەخمەق بولۇپ قالغان ئەمەس، بۇ بىر چۈشىنىشمەسلىك. سىز ئېرىشمەكچى بولغان مۇھەببەت ئەقىلدىن ئەمەس، بەلكى ئىستىقامەتتىن كېلىدۇ، بۇ مۇھەببەت مەن ئۈزلۈكسىز دەپ كېلىۋاتقان، ئەيسا ئەلەيھىسسالام زىكىر قىلغان ئىلاھلىقتىن ئىبارەتتۇر. بۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ئەمەس، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ھەرگىزمۇ ئىلاھ بولالمايدۇ، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز پەقەت بىر خىل ئەقلىي بولغان، بىئولوگىيىلىك بولغان، فىزىئولوگىيىلىك بولغان ۋە پسىخىكىلىق بولغان ھادىسە بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ.
مەن سىزگە مۇنداق بىر تەكلىپنى بەرمەكچىمەن: ئەگەر سىز قەلب ئارزۇلىرىڭىزنى ھەقىقىي قاندۇرماقچى بولسىڭىز، ھەرقانداق مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ، ئىستىقامەت ھالىتىگە كىرىڭ، چۈنكى ئىستىقامەت ئاشۇ گۈلنى ئېچىلدۇرىدۇ، ئاشۇ گۈلگە خۇش پۇراق ئاتا قىلىدۇ، ئۇ سىزنى ئەبەدىيلىك دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىدۇ. سىز ھېچنېمىنى ئويلانمايسىز، ۋاقىتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيسىز، خۇش پۇراقنىڭ بالقىۋاتقانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلىسىز، مانا بۇ ھېچقانداق شەرتسىز ھالەتتىكى ئەبەدىيلىكتۇر.
چۈش مەڭگۈلۈك بولمايدۇ، مۇھەببەت بىر چۈش دېمەكتۇر. سىزنىڭ كاللىڭىز پەقەت چۈش كۆرۈشنىلا بىلىدۇ، ئۇ سىزگە ھەقىقىي بولغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلىشقا قادىر ئەمەس.
سىز ئەقىلنى چۆرۈپ تاشلاپ، بارلىق مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، سىز مۇھەببەتنى ھېچقانچە چۈشەنمىدىڭىز، چۈشىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئىستىقامەت ئارقىلىقلا ئۇ سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزنى دەقىقىلىكتىن ئەبەدىيلىككە، ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە ئېلىپ كىرىدۇ... مانا شۇ چاغدىلا سىز ئاندىن ئەبەدىيلىك ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايسىز.
بىرسى - بىرسىنى سۆيىدىغان ئىككى كىشى شېرىن خىيال ئىچىگە غەرق بولغان چاغدا، ئەبەدىيلىكنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەرقانداق بىر ئاشىق - مەشۇقتىن سورىسىڭىز، ئۇلار «بىز مەڭگۈ بىرگە بولىمىز» دەيدۇ.
لېكىن، مۇھەببەت سىزنىڭ بارماقلىرىڭىز ئارىسىدىن ئاستا سىيرىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا بولسا، ئەقلىڭىز: «ئۇنى دەرھال تۇتۇۋېلىپ ئۆزۈڭگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىل، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئۇنى ئەبەدىي ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقىن، دەز كېتىۋاتقىنى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇ، بار ئاماللار بىلەن ئۇنى يوشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشقىن» دەپ دالالەت قىلىدۇ.
لېكىن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر.
مەن سىزگە ئىستىقامەت قىلىشنى ئۆگىتىمەن، ئىستىقامەتتىن بارلىققا كەلگەن مۇھەببەت ئۆزگىچە پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇ ئەخمەقلىق، ھاماقەتلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى سىزنى ئەقىل - پاراسەت بىلەن سۇغۇرىدۇ، سىز ئىشق ئوتىنىڭ دامىغا چۈشمەيسىز، بەلكى سۆيگۈ ئىچىدە يۈكسىلىسىز. ئۇ چاغدا مۇھەببەت سىزنىڭ بىر پەزىلىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ، خۇددى گۈلخان ئەتراپىدىن نۇر جۇلالىنىپ تۇرغانغا ئوخشاش، سىزدىن سۆيگۈ بالقىپ تۇرىدۇ. سىز سۆيۈۋاتقان شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۆزىڭىز سۆيگۈگە ئايلىنىسىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبەدىيلىككە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ نىشانى بولمايدۇ، سىزگە يېقىنلاشقانلىكى ئادەم ئۇنىڭغا مەھلىيا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بەھرە ئالىدۇ، ھاياتى مەنىلەرگە تولىدۇ، مەيلى ئۇ دەرەخ، قىيا تاش، ئادەم ياكى ھايۋانات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر... ساكيامۇنى دەرەخ تۈۋىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ مۇھەببەت تاراتقان، مۇھەببەت ئۇنىڭ ئەتراپىدىن خۇددى نۇرغا ئوخشاش ئۈزلۈكسىز بالقىپ تۇرغان، ئەبەدىيلىك دېگەن ئەنە شۇ دېمەكتۇر، قەلبنىڭ تەلپۈنۈشى ئەنە شۇ دېمەكتۇر.

ئىنتايىن خەتەرلىك بىر خىل ئەھۋال

ئوشۇ، سىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ روگېنسبوللىندىكى پائالىيەت سورۇنىڭىز مېنى كۈچلۈك مەھلىيا قىلدى. ئۇنىڭ كىشىنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش تارتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ پلانىتتا ھاياتنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئۇنىڭدەك يەنە بىر جاي بولمىسا كېرەك. مەن سىزنىڭ كىتابلىرىڭىزنى ئوقۇپ باققان ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان كىتابلارنىمۇ، تۇيغۇ توغرىسىدىكى كىتابلارنىمۇ ۋە ياكى كىشىنىڭ ئېڭىنى يۈكسەكلىككە ئىنتىلدۈرىدىغان كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ باققان ئەمەس. نېمە ئۈچۈنكى، مەن تېخى ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلماي تۇرۇپ، ھېچ بولمىغاندا، ئۇسسۇزلۇق توغرىسىدا تەجرىبىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، يەنە سىزنىڭ بۇلاقلىرىڭىزنىڭ بويىغا كېلىپ قالدىم.

ھاياتلىق ئاجايىپ بىر تىلسىماتقا ئوخشايدۇ، سىزنىڭ قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىزنى، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى خالىغان چاغدا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن بىز بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن بېشارەت بەرمەستىن قەلبىمىزگە كىرىپ كېلىدۇ، دېگەنگىمۇ ئەقەللىي جاۋاب تاپالمىدۇق، نېمە ئۈچۈن قىزىلگۈل سىزگە شۇقەدەر ئۇزكۆرۈنىدۇ، دېگەن مەسىلىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيۋاتىمىز.
سىز: «پائالىيەت سورۇنىڭىز مېنى كۈچلۈك مەھلىيا قىلدى. ئۇ ماگنىتقىلا ئوخشايدۇ. ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن» دەپسىز. بۇنى ھېچكىممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. سىز مۇشۇ ئادەملەرنى ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولۇپ قالغانلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارامسىز؟ سىز مېنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولىدىغانلىقىمنى ئۆزى چۈشىنىدۇ، دەپ قارامسىز؟ مەن پەقەت: «سىلەر بۇ يەردە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا مەن بولۇۋاتىمەن، مەن بولغانلىقىم ئۈچۈنلا سىلەر بولۇۋاتىسىلەر» دېگەن جاۋابنىلا بېرەلىشىم مۇمكىن. ئەپسۇسكى، بۇنىڭلىق بىلەن ھېچقانداق نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ پلانتادا ھاياتنىڭ تولۇق لەززىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئىككىنچى بىر جاينىڭ يوقلۇقىنى سىز ھەقىقىي ھېس قىلىپ، كۈچلۈك مەھلىيا بولغان بولسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ.
ھەرقانداق بىر ئادەم قانائەتلىنەرلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن جەمئىيەت بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، مەدەنىيەت پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ، دىن ئىسكەنجىگە ئالىدۇ، ئائىلە ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يۇلۇپ تاشلايدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى مەنپەئەت دېسە جېنىنى تىكىدىغان ئادەملەر سىزنى تولۇق ياشاشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ تولۇق ياشىيالمىغانلىقىنى تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەتكە قاراتقان بىر يۈرۈش ئېكسپىلاتاتسىيىدىمۇ ئەنە شۇنى دەسمايە قىلىدۇ.
مۇكەممەل ياشايدىغان بىر ئادەمگە ھېچقانداق شاراب ۋە مەلھەم ھاجەت ئەمەس. تەبىئىيكى شاراب ۋە مەلھەمدىن نەچچە مىڭ تەڭگە ئۈندۈرۈۋالىدىغان ئادەملەر بولسا، سىزنى مۇكەممەل ياشاشقا يول قويمايدۇ. مۇكەممەل ياشاش شۇقەدەر خۇشاللىنارلىق ئىشكى، سىز شاراب  ئىچىش ئارقىلىق بۇ خۇشاللىقنى بىتچىت قىلىشنى خالىمايسىز. ئازابقا مۇپتىلا بولغان كىشىلەر، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەر، ئىزتىراپتىن، قىيىن سوئالدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان كىشىلەرلا شارابقا موھتاج بولىدۇ. شاراب ئىچكەندە ئۇلار ئاشۇ مەسىلىلەرنى ھېچبولمىغاندا بىرنەچچە سائەت بولسىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ. شاراب ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسىمۇ، لېكىن نەچچە مىڭلىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىرنەچچە سائەت ئارام ئېلىۋېلىشنى تامامەن ئەرزىيدىغان بىر ئىش دېيىشكە بولىدۇ.
مۇبادا بىر ئادەم مۇكەممەل ياشىيالىغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىر دەقىقىسىدىن قانائەت ھاسىل قىلغان بولاتتى. ئۇ چاغدا سىز كىنوخانىغا ئېقىۋاتقان توپ - توپ ئادەملەرنىمۇ كۆرمىگەن بولاتتىڭىز. مۇھەببەتلىشىشنى بىلىدىغان ئادەم باشقىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە. سىزنىڭ ھاياتىڭىز شۇقەدەر گۈزەل سېھىريەتلەرگە تولغان، شۇقەدەر بۈيۈك رىقابەتلەرنى بايقاۋاتقان چاغدا، شۈبھىسىزكى، ناچار فىلىملەرگە ئىشتىياقىڭىزنى ئىسراپ قىلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايسىز.
مۇكەممەل ياشايدىغان ئادەملەر قارا نىيەت بولمايدۇ، ئۇلار خۇشال - خۇرام يۈرىدۇ. ئارتۇقچە ئېھتىماللىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر مۇكەممەل ياشىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەبىيلىشىپ خىلمۇخىل خىياللارنى قىلىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشىدا نېمىدۇر بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى، قانداقتۇر بىرنەرسىنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى كېرەك ئىدى، دەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن باشلانغان قارا نىيەت پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئويۇنغا ئايلىنىپ داۋاملىشىدۇ. بەزىلەر باي بولماقچى بولىدۇ، بەزىلەر نام چىقارماقچى بولىدۇ، بەزىلەر سىياسىيون بولماقچى بولىدۇ، بەزىلەر زۇڭتۇڭ ياكى زۇڭلى بولماقچى بولىدۇ.
بۈگۈنگە كەلگىچە ئىنسانلار مۇكەممەل ياشاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان خىلمۇخىل توسالغۇلارنى بەرپا قىلىپ كەلدى. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ھاياتلىقتا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، چۈنكى مۇكەممەل كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى شۇقەدەر كۆپ ئېرىشىلگەن مەنپەئەتنى بىتچىت قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار ئېرىشىلگەن مەنپەئەتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلىرىدۇر. سىز ھاياتتىن تولۇق، مۇكەممەل بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئادەمنى بىر قۇلغا ئايلاندۇرالىشىڭىز، ئۇنى ئەسكەرلىككە قاتناشتۇرۇپ باشقىلارنى قىرىشقا ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قىرىلىشقا مەجبۇرلىيالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا سىزنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت قۇرۇلمىڭىز كۈكۈم - تالقان بولىدۇ.
مۇكەممەل كىشىلەر يېتىپ كەلگەن چاغدا، جەمئىيەت باشقىچە قۇرۇلمىغا كىرىدۇ: قارا نىيەت تۈگەپ غايەت زور خۇشاللىق كىشىلەر قەلبىنى ئورايدۇ، ئۇلۇغ ئادەملەرمۇ بولمايدۇ. سىز مۇنداق بىرنەرسىنى ئويلاپ يەتكەنمىدىڭىز؟ يۈز مىڭلىغان ئۇلۇغ ئەمەس كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ كىشىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان. ئىش مۇشۇنداق بولمىغان بولسا، ساكيامۇنى بۇددا ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىغان بولاتتى.
مۇبادا ساكيامۇنى بۇددا بىلەن ئەيسا خرىستوس بىر ئەمەس مىڭلاپ بولغان بولسا، ئۇلارغا ھېچكىممۇ پىسەنت قىلمىغان بولاتتى.
مۇشۇ يۈز مىڭلىغان ئادەمنىڭ مۇكەممەل ياشىشى ئۈچۈن ئىجازەت بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئاشۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇلۇغ زات بولالىغان. كىشىلەرنىڭ قەلبى ئازابلانمىغان بولسا، ئۇلار چېركاۋغا، ئىبادەتخانىغا، مەسچىتكە باراتتىمۇ؟ جەننەت، دوزاخ دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرەتتىمۇ؟ ئۇ يەرلەردە خۇدانى كاشىلا قىلىپ يۈرەتتىمۇ؟ بەرىبىر ئادەمنىڭ ياشىغان ھەربىر دەقىقىسى شۇقەدەر قۇدرەتلىككى، ئۇنىڭ ھاياتىنى جەننەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ھاياتنىڭ ئۆزى خۇدالىق پەللىسىگە يەتكەن چاغدا، ئۇ جانسىز ھەيكەللەرنىڭ، ئۆلۈك كالاملارنىڭ، چىرىك تەپەككۇر شەكىللىرىنىڭ، نادانلىق ۋە خۇراپىيلىقنىڭ چوقۇنغۇچىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
مۇكەممەل كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى سىزنىڭ مەۋجۇت تۈزۈمىڭىزگە ئەڭ چوڭ تەھدىت كەلتۈرىدۇ.
پۈتكۈل دۇنيانىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئەيىبلەيدىغانلىقىنى سىز چۈشىنىپ يېتەلەيسىز، مۇبادا ئۇلار مېنى كرېستقا مىخلاپ قويسا، مەن خۇداغا: «ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان بۇ كىشىلەرگە رەھىم قىلغايسىز» دېمەسلىكىم مۇمكىن. چۈنكى بىرىنچىدىن، مەن بۇ گەپنى دەيدىغان خۇدا مەۋجۇت ئەمەس؛ ئىكىنچىدىن، مەن پەقەت «كىشىلەر راستتىنلا ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى مەقسەتلىك ھالدا قىلىۋاتىدۇ» دېسەم دەيمەنكى، ھەرگىزمۇ «ئۇلار ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» دېمەيمەن.
ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇش شەكلى خەتەرلىك ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بۇ تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ، ھەتتا دەرد ۋە ئازابلىرىمۇ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ. ئازابلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەر شۇقەدەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇكى، ئۇلار ھېچنەرسىسى بولمىغان، ئەمما شۇقەدەر شاد - خۇرام، شۇقەدەر قانائەت بىلەن يايراۋاتقان كىشىلەرگە چىداپ تۇرالمايدۇ. ھېچنەرسىسى بولمىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قەلبى ناخشىغا تولغان، ئۇلار جان - جەھلى بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا ھامان تەييار.
ئامېرىكىلىق ئادۋوكات ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بىز ئوشۇنىڭ پائالىيەت سورۇنىنى كۆزدىن يوقىتىشنى ئالدى بىلەن ئويلىشىمىز» دەپ نۇتۇق سۆزلىگەن. كىشىلەر شۇنچە كۆپ ھوقۇققا ئىگە ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەت چۆللۈكىدىكى ئالىقانچىلىك بىر رايوندا پۈتۈنلەي تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاۋاتقان بەش مىڭچە ئادەمدىن شۇنچە ئەنسىرەۋاتقانلىقىغا ھەيران بولماي قالمايدۇ. ئۇ يەرگە ئەڭ يېقىن بولغان ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ ئارىلىقىمۇ يىگىرمە چاقىرىم كېلىدىغۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنچە خاتىرجەم بولالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار ھەربىر خرىستىئان ئىبادەتخانىسىدا مېنى ئەيىبلەيدۇ؟ بۇنىڭ ناھايىتى ئاددىي بىر سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ  ئاشۇ بەش مىڭ ئادەم ھەرقانداق چەكلىمىدىن خالىي ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن تولۇق، ئەركىن  ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار بارلىق توسالغۇلارنى چۆرۈپ تاشلاپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، بەلكىم ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ جاپاكەش كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار بىر كۈندە ئون ئىككى سائەت، بەزىدە ئون تۆت سائەت خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن كەچتە ھامان روھىي كۆتۈرەڭگۈ ھالدا بىرنەچچە سائەت ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىدۇ. ئەتىسى يەنە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن تاڭ سەھەردىلا ئويغىنىپ، بىرنەچچە سائەت ئىستىقامەت قىلىدۇ.
مانا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋالنى، يەنى ھېچنەرسىسى بولمىغان بۇ بىر توپ كىشىلەر شۇقەدەر شادىمان ياشاۋاتقان يەردە توققۇزى تەل بولغان ئامېرىكىلىق بارلىق خرىستوسلار ۋە ئامېرىكىلىق بارلىق يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز ئۆلۈمنىمۇ تەبرىكلىيەلەيمىزۇ، ئۇلار ھەتتا ھاياتنىمۇ تەبرىكلىيەلمەيدۇ، ھەرقانداق بىر مۇرت ئۆلگەن چاغ بىزنىڭ شادلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ناخشا ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق خوشلىشىدىغان ۋاقتىمىز بولىدۇ. ئۇ باقى ئالەمگە سەپەر قىلىدۇ ياكى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ. بۇ قايغۇرىدىغان، ئازابلىنىدىغان، پەرياد سېلىپ يىغلايدىغان چاغ ئەمەس.
مانا بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر مەسىلە بولۇپ تۇيۇلغاچقا، ئۇلار پائالىيەت سورۇنىمىزنى يوقىتىۋېتىش خىيالىغا كېلىپ قالدى. ئۇلار قانۇنغا مۇخالىپ كېلىدىغان، گۇناھ بولىدىغان ۋە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلدى. لېكىن بۇ بەش مىڭ ئادەم بولسا تامامەن يار - يۆلەكسىز كىشىلەر بولۇپ، ئۇ خۇشال - خۇرام ياشاشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. ئازاب بىلەن تولغان بۇ دۇنيادا سېنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىڭ باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، ھەربىر ئادەم ئازابلىنىپ ياش تۆككەن چاغدا، سېنىڭ كۈلۈشۈڭگە بولمايدۇ، ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، ئازاب ئىچىدە ياش تۆكۈۋاتقانلار سېنى بوغۇزلاپ تاشلايدۇ.
سىز ھېچقانداق كىتابنى ئوقۇپ باقمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پائالىيەت سورۇنلىرى سىزنى جەلپ قىلغان، ئارىيەت ئالغان بىلىملەرمۇ سىزنى ھالسىرىتىپ قويمىغان، سىز تېخى ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقمىغان، ئۇنداق بولمىغان بولسا، سىز تەبىئىيكى كالاملارنى تەتقىق قىلغان بولاتتىڭىز. يەھۇدىي مىسسىئورىنى، باش روھانىنى ياكى بىرەر ئۆلىمانى ئىزدەپ بارغان بولاتتىڭىز. سىزدە ھەقىقەت ئىزدەش ئىستىكى يوق، مېنىڭ كىتابلىرىمنىمۇ باشقىلارنىڭ كىتابلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىدىڭىز، سىزدە ھېچقانداق غەم يوق، سىزنىڭ خىياللىرىڭىز ئىنتايىن سەبى.
پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىزنى جەلپ قىلغانلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. ناۋادا سىز پائالىيەت سورۇنىغا بېرىپ قالسىڭىز، تامامەن باشقىچە بولغان تۇرمۇش شەكلىنى، يەنى ئەڭ ئاقىلانە بولغان تۇرمۇش  شەكلىنى كۆرەلەيسىز. كىشىلەر ئەڭ ئۇلۇغ بىر پۇرسەتنى، يەنى ئۆزلىرىنى بايقايدىغان، يېڭى تۇرمۇش ساھىلىنى بايقايدىغان، يېڭى بەخت غۇنچىلىرىنى بايقايدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇۋاتىدۇ، ئۇلار يېڭىچە مۇھەببەتنى، يەنى كىشىگە قۇللۇق ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور ئەركىنلىك بېغىشلايدىغان مۇھەببەتنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىدۇ.
بۇ يەردىكى ئىشلار تارىختا تۇنجى قېتىم بولۇۋاتىدۇ، بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ بەش مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە بارلىق مىللەتتىن بولغانلار، ھەرقانداق دىنىي ئېتىقادتىكىلەر، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھەر خىل ئىرقتىكىلەر بار، ئۇلار چوڭ بىر ئائىلە بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. نەچچە مىڭ ئادەم بىر يەرگە جەم بولۇپ تاماق يەيدۇ، ئۇلار كىمنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، بىرسى - بىرسىدىن «سېنىڭ دىنىي ئېتىقادىڭ نېمە» دەپ سورايدىغانلارمۇ بولمايدۇ.
ھەر بىر ئادەم بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز تولۇق ۋە مۇكەممەل ياشاشتىن ئىبارەت، دەپ بىلىدۇ. ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆز تۇرمۇش شەكلى بويىچە، ئۆز خاھىشى بويىچە ياشىشىغا يول قويىدۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياشىشىغا ئارىلىشىۋالمايدۇ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىدىغانلارغىمۇ يول قويمايدۇ، بەش مىڭ ئادەم بەئەينى ئۇيۇلتاشتەك ئىجىل ياشايدۇ.
سىزنىڭ ئاقىلانىلىكىڭىز ۋە سەبىيلىكىڭىز سىزنى بۇ بۇلاق بېشىغا باشلاپ كەلدى، مەيلى سىزنىڭ چاڭقىغان ياكى چاڭقىمىغانلىقىڭىزدىن قەتئىينەزەر... بۇنداق چاڭقاشنى سىز ھېس قىلالمايسىز، ئۇ سىزنىڭ ئېڭىڭىزغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىراق سىز بۇ بۇلاق بېشىغا كەلگەن ھامان چەكسىز قانائەتكە ئېرىشىسىز. سىز چاڭقاش ھېس قىلمىغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن چوڭقۇر كۆڭلىڭىزدىكى ئارزۇلارنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز.

تەۋەككۈلچىلىك

ياشاش ئۈچۈن ئىنتايىن زور باتۇرلۇق كېرەك، قورقۇنچاقلىق بىلەن ياشىغانلارنى ياشىدى دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى قورقۇنچ بىلەن تولۇپ تاشقان، قورقۇنچ بىلەن تولغان ھايات ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر ھاياتتۇر. بۇنداق كىشىلەر خام خىيال ئىچىدىلا ياشايدۇ، ھەممە نەرسىدىن قورقىدۇ، ھەقىقىي ئىشلاردىنلا ئەمەس، ساختا ئىشلاردىنمۇ قورقىدۇ، ئۇلار دوزاختىن، ئەرۋاھتىن، ئىلاھتىن قورقىدۇ، ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان بارلىق ئىشلاردىن ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلاردىن قورقىدۇ. ئۇلارنىڭ قورقىدىغىنى شۇقەدەر كۆپ بولغاچقا، تۇرمۇشتا بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.
جاسارەتلىك كىشىلەرلا ياشاشنى بىلىدۇ، ئادەم ئالدى بىلەن جاسارەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىپ، ھەرقانداق نەرسىگە پەرۋا قىلماستىن ياشىشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن نېمىشقا جاسارەت بولۇشى كېرەك دەمسىز؟ چۈنكى تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىخەتەر ئەمەس، سىزدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك بولۇپ كېتىدىكەن. ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى تولىمۇ تار دائىرىگە بەنت قىلىپ قويىسىز، بۇ خۇددى ئۆزىڭىزنى تۈرمىگە قامىۋالغىنىڭىزغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئىچى ناھايىتى بىخەتەر بولسىمۇ، لېكىن سىز ئەركىن بولالمايسىز، ئۇنىڭ ئىچى  ناھايىتى بىخەتەر بولسىمۇ، لېكىن سىز ئەركىن بولالمايسىز، ئۇنىڭ ئىچى خاتىرجەم بولسىمۇ، لېكىن تەۋەككۈلچىلىك ۋە بەھۇزۇر يايراپ كۈلۈشلەر بولمايدۇ.
ھاياتلىق  ئىزدىنىش دېمەكتۇر، ئۇ نامەلۇملۇققا، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ كېڭىيىدۇ. ھايات ھەربىر دەقىقىسىدە سىزنى باتۇرلۇققا، پىداكارانە روھقا چىللاپ تۇرىدۇ، ھاياتنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىممىتى بولمىسا كېرەك، سىز پۇل، خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك دېگەنگە ئوخشاش قىممىتى بولمىغان نەرسىلەرگە ھاياتىڭىزنى قۇربان قىلىۋەتمەڭ، ئادەم ئىمكانقەدەر ئۆز مەيلىچە مۇكەممەل ياشىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا خۇشاللىق ئۇنىڭغا يار بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي بەخت رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
ھەقىقىي ياشاشنى ئويلىغان ئادەمدە تەەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك، ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان ساھەلەرگە ئۈزلۈكسىز ئىچكىرىلەپ كىرىشى، چوقۇم ئەڭ ئاساسلىق بولغان بىر ئىلىمنى ئۆگىنىۋېلىشى، يەنى «مېنىڭ ئائىلەم يوق» دەپ بىلىشى كېرەك. ھايات خۇددى ھەج سەپىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ باشلىنىشىمۇ ئاخىرقى پەللىسىمۇ بولمايدۇ. شۇنداق، ئۇنىڭدا ئارامگاھ بولمايدۇ، بۇ سەپەرگە ئاتلانغان كىشىلەر كېچىسى توختاپ، ئەتىگەندە يەنە سەپەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھاياتلىق ئۈزۈلمەيدىغان بىر ھەرىكەت جەريانى بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ چېكى بولمايدۇ. شۇڭا ھايات مەڭگۈلۈكتۇر.
ئۆلۈمنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرى بولىدۇ.
بىراق، سىزگە ئۆلۈم ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق مەنسۇپ بولۇشى كېرەك.
ئۆلۈم كىشىلەردىكى بىر خىل خاتا چۈشەنچە بولۇپ، ئۇنى بىخەتەرلىككە ئىنتىلىدىغانلار كەشىپ قىلغان. ئۆلۈمنى كەشىپ قىلىپ، كىشىلەرنى ياشاشتىنمۇ ۋەھىمە يەيدىغان قىلىپ قويغان. خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى نامەلۇم ساھەلەرگە كىرىشتىن چۆچۈيدىغان قىلىپ قويغان.
ھاياتنىڭ بىردىنبىر ئېنېرگىيىسى تەۋەككۈل قىلىشتۇر، سىز قانچىكى زور تەۋەككۈل قىلسىڭىز، ھاياتىي كۈچىڭىز شۇنچە ئۇرغۇپ تاشىدۇ. مۇبادا ئۈمىدسىزلىكتىن، ھىماتسىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئىستىقامەت ئاتا قىلغان تۇيغۇدىن چىقىپ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىمكانىيىتى ئېلىپ كېلىدىغان ئاشۇ ساپ گۈزەللىكتىن زىلزىلىگە كېلىسىز.
ئىنسانلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ماكانسىزلىك رېئاللىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، مەۋجۇدىيەتچىلىك كاساپىتىدىن ئىنسانلار پۈتكۈل ھالقىلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇلار ئالدىدىكى دوقمۇشتىلا خۇددى بۇدداغا ئوخشاش ئىنتايىن يېقىن تۇرغان ھەقىقەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇلار بەختنى ئىنتايىن ھەسرەتلىك نەرسە قىلىپ قويىدۇ، ئۇلار ھاياتنى قىلچە ئەھميىتى، ھېچقانداق مەقسىتى، خاتىرجەملىكى بولمىغان نەرە دەپ قاراپ، ئىنتايىن تۇترۇقسىز بولۇپ كېتىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئۆز - ئۆزىنى گۇمران قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇددىلارمۇ ئوخشاش مۇشۇنداق يەكۈننى چىقارغان، لېكىن ئۇلار نامەلۇم دۇنياغا كىرگەنلىكىدىن ھەسرەتلەنگەن ئەمەس. ئۇلار بارلىق چېگرا - چەكلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھاياتنىڭ تەبىئىي ھالدا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلار خاتىرجەملىكى بولمىغان ھاياتنىڭ سەلتەنەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن، چۈنكى پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ھاياتتا ئىزدىنىشمۇ، يارىتىشمۇ، يېڭى ساھەلەرگە ھالقىشمۇ، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان مۇمكىنچىلىكمۇ بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەردە  ھەممە ئىشلار مۇقىم، بىخەتەر، ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋە كاپالەتلىك بولىدىكەن، ئۇنداقتا ھاياجانلىنىشمۇ، تەنتەنە قىلىپ ساما سېلىشمۇ بولمايدۇ.
بۇددىلارمۇ ئۇسسۇل ئويناپ باققان! ئۇلار ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، مۆجىزىلەرنىڭ يارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىنى باسالماي قالغان. ئەيسا ئۆزىنىڭ مۇرتلىرىغا: «ئېچىلىڭلار، يايراڭلار! بار ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خۇشال بولۇڭلار!» دېگەن.
مانا بۇ مېنىڭ سىزگە قىلىدىغان پۈتۈن تەۋسىيەم، مەن سىزگە ھېچقانداق نىشان كۆرسىتىپ بەرمىدىم، ھەتتا ئۇنداق بېشارەتنىمۇ بەرمىدىم. مەن پەقەت سىزگە ھاياتنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ھېس قىلدۇردۇم، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. سىز ئۇنىڭغا ھەمنەپەس بولۇڭ، ماسلىشىڭ، ئۇ مۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، دېگەن شەخسىي ئارزۇ - ئىستەكلەردە بولماڭ، ئۇنى ئەسلى ھالىتىگە قويۇپ بېرىڭ، سىزمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايسىز.
بىخەتەرلىككە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كەتسىڭىز، ئويىڭىز گۆرلۈككە تېخىمۇ بەك ئوخشاپ قالىدۇ، بىخەتەرلىككە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ھاياتنى بوغۇپ تاشلايدۇ، چۈنكى ھايات شۇنداق تىنچسىز نەرسىدۇر! ھاياتنى بىخەتەر قىلىشقا ھېچكىم قادىر ئەمەس. ھەرقانداق بىر بىخەتەرلىك ساختا بولىدۇ، ئويلاپ چىقىلغان بولىدۇ، سىزنى ياخشى كۆرگەن بىر قىزنىڭ ئەتە قانداق قىلىدىغانلىقىنى كىم جەزم قىلالايدۇ؟ سىز ئەتىگە كېپىللىك قىلالامسىز؟ سىز سوتقا بېرىپ بىر قانۇنىي كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۇنى ئەتىمۇ ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق خوتۇن قىلالىشىڭىز مۇمكىن، قانۇنىي كېلىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا سىزنىڭ خوتۇنىڭىز بولىدۇ. لېكىن مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇھەببەتنىڭ قانۇنى بولمايدۇ. مۇھەببەت يوقالغاندا، خوتۇنى يەنىلا خوتۇنى، ئېرى يەنىلا ئېرى بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان ئۆلگەن بولىدۇ.
بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن بىز نىكاھنى بارلىققا كەلتۈردۇق، بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن بىز جەمئىيەتنى ياراتتۇق، بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن بىز ھامان كىچىك چىغىر يوللاردىن ماڭدۇق.
ھايات ياۋايىدۇر، مۇھەببەت ياۋايىدۇر، ئىلاھمۇ تامامەن ياۋايىدۇر. ئۇ ھېچقاچان سىزنىڭ بۇ ئاددىي گۈلىستانىڭىزغا سەيلە قىلىپ كەلمەيدۇ، بۇ تار كۈلبىڭىزگە قەدەم تەشرىپ قىلمايدۇ، سىزگە ئاشۇ تار يولدا ئۇچرىشىپمۇ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ياۋايى.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھايات ياۋايىدۇر!

قەلب مۇزىكىسى

ئىنساننىڭ قەلبى بىر چالغۇغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغۋار مۇزىكىلار يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ چېلىشىڭىزنى، ئىپادىلىشىڭىزنى، ناخشا قىلىپ ئېيتىشىڭىزنى، ئۇسسۇللارغا تەڭكەش قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ. ئۇ مۇھەببەت ئارقىلىق ئاندىن بىزگە نامايان بولىدۇ، مۇھەببەتنى بىلمەيدىغان ئادەم ئۆز قەلبىدىكى مۇزىكىنىمۇ مەڭگۈ ھېس قىلالمايدۇ، مۇھەببەت بولىدىكەن، مۇزىكىغا جان كىرىدۇ. ئۇ ئويغىنىدۇ، يوشۇرۇن ھالەتتىن ھەقىقىي ساداغا ئايلىنىدۇ.
مۇھەببەت ئەنە شۇ مۇزىكىنىڭ قوزغاتقۇچىسى. قەلب قەسىرىدىكى مۇزىكىنى ئويغىتالمىغان مۇھەببەت چوقۇم مۇھەببەت قىياپىتىگە كىرىۋالغان ساختا نەرسە بولۇشى، ئېنىق ئېيتقاندا، مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چوقۇم بىر خىل تىلەك بولۇشى، جىنسىي تىلەك ياكى جىسمانىي تىلەك بولۇشى مۇمكىن. جىنسىي ۋە جىسمانىي تىلەكتىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوق، مەن ئۇلارنى ئەيىبلەۋاتقىنىم يوق، ئۇ ئەسلى بىر ياخشى ئىشلار ئىدى. لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ھېسابلانمايدۇ، بۇ نەرسىلەر مۇھەببەت قىياپىتىدە كۆرۈنۈپ باشقىلارنى ئالدىيالايدۇ، باشقىلارنى مۇھەببەت ئىكەن دېگەن خىيالغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇ نەرسىلەردىن بىز مۇھەببەتكە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇنداق ئۆلچىمىنى بىلىۋالالايمىز: مۇبادا قەلبىڭىزدىكى مۇزىكا چىرتىلىشقا باشلايدىكەن، سىز ئۇنى مۇھەببەت دەپ چۈشىنىڭ، ئۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر تومۇرلىرىڭىز بىلەن تەڭكەش بولۇۋاتقانلىقىڭىز، سىزدىكى قوپال، چۇۋالچاق ئاۋازلارنىڭ يوقاپ، گارمۇنىك پەللىگە يەتكەنلىكىڭىزنى، رىتىملىق، لەرزانلىق ئەۋجىدە كائىناتقا سىڭىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ھاياتىڭىزدا چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدىغان يېڭى بىر سەھىپە بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ.
مۇھەببەتكە ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى مانا شۇ؛ سىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ تاكى مۇھەببەتكە يەتكىچە ئىچكىرىلەپ كىرىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز قەلبىڭىزدىكى مۇھەببەتنى بايقايسىز - دە، ھاياتىڭىز باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھاياتىڭىز شۇنىڭدىن باشلانغان بولىدۇ.


سىز ئېشەكنىڭ كۈلگىنىنى كۆرگەنمۇ؟

سىز ئېشەكنىڭ كۈلگىنىنى كۆرمىگەن بولغىيدىڭىز، سۇ كالىسىنىڭ چاقچاقتىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلگىنىنىمۇ كۆرمىگەن بولغىيدىڭىز، پەقەت ئىنسانلارلا چاقچاقتىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلەلەيدۇ، كۈلۈش ئىنسانلارغا خاستۇر. سىلەرنىڭ ھېلىقى ئەۋلىيالىرىڭلار خۇددى سۇ كالىسى بىلەن ئېشەككە ئوخشايدۇ! ئۇلار ئىنسانلاردىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويدى، خۇشال بولۇپ كۈلەلمەيدىغان ئادەم خۇددى چېچەكلىمەيدىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ.
لېكىن، جەمئىيەت ئەستايىدىل ئادەملەرگە موھتاج. مەسىلەن، زۇڭتۇڭ، زۇڭلى، مەكتەپ مۇدىرى، پروفېسسور، ئېپىسكوپ، ھىندى دىنى داھىيلىرى، ئىسلام دىنى پەيغەمبەرلىرى، كاھىنلار ۋە شۇنىڭدەك بارلىق مىسسىئونېر، ئوقۇتقۇچى، ھاكىم، باجگىر، ئۆلكە باشلىقى... دېگەنگە ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل ۋە سۈرلۈك بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار يۇمۇرلۇق بولۇپ كېتىدىكەن، جەمئىيەتتە ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۇمۇرلۇق بولۇپ كېتىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، جەمئىيەت ئۇلارنىڭ ماشىنا ئادەمدەك بولۇشىنى كۈتىدۇ.
ئادلوف گىتلىرنىڭ مېڭىشلىرىمۇ ماشىنا ئادەمگە ئوخشاپ قالغان، بىز ئۇنىڭ رەسىملىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ قىياپىتىدىن، سالام ۋە چاس بېرىشىدىن، چىرايى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن بەئەينى بىر ماشىنا ئادەمنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۇ پۈتۈن گېرمانىيىنىمۇ بىر ماشىنا ئادەمگە ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئۇ گېرمانىيىنى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ بەتتەر ۋەيران قىلغانىدى، لېكىن ئۇ ئىنتايىن جەڭگىۋار بىر ئارمىيىنى بەرپا قىلدى، پەقەت ئادەملەر ئەقىل ۋە بارلىق ئەقىل ئوراپ تۇرغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىنغاندىلا، جەڭگىۋار ئارمىيىنىڭ شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ.
يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئەقىل ئامىللىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى، سىز ئۇنى يوقىتىپ قويغان چاغدا ئەقىلدىنمۇ بىگانە بولىسىز، سىز قانچىكى يۇمۇرلۇق بولغانسېرى، شۇنچە زېرەك بولىسىز. يۇمۇر تۇيغۇسىنى قانداق قوزغاش كېرەك دېگەن مەسىلە مەۋجۇت بولمايدۇ، سىز ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى يوقاتسىڭىزلا، ئۇ تەبىئىي كېلىۋېرىدۇ، سىز ئاتا - ئانىلىرىڭىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىڭ، جەمئىيەتتىكى يۇمۇرلۇق بولۇشىڭىزغا  پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان تاشلارنى چۆرۈپ تاشلاڭ، جەمئىيەت سىزنى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشقا  مەجبۇرلىسا، يۇمۇر سىزنى ئەركىن ياشاشقا ئۆگىتىدۇ...
سىز ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنىڭ ئالدىدا كۈلمەسلىكىڭىز، مۇئەللىمىڭىز ئالدىدا كۈلمەسلىكىڭىز، سىزگە تەلىم بەرگەن موللام ئالدىدا كۈلمەسلىكىڭىز، چېركاۋ ئىچىدە كۈلمەسلىكىڭىز كېرەك.
خرىستىئان مۇخلىسلىرى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەزەلدىن كۈلۈپ باقمىغان دېيىشىدۇ، مەن ئۇنىڭ سۇ كالىسىغا ئوخشايدىغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن! ئۇ بۇ دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ دانا ئادەملەرنىڭ بىرى، ئۇ چوقۇم كۈلۈپ باققان، چوقۇم كۈلۈشتىن ھۇزۇر ئالغان. ئۇ ساكيامۇنىغا قارىغاندا بۇ دۇنياغا تېخىمۇ يېقىن تۇرغان ئادەم، ئۇ بارلىق ئەۋلىيالار ئىچىدە ئەڭ قىزغىن، ئەڭ ئىشتىياق بىلەن ياشىغان. ئۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ يېنىدا چىرايلىق ئايال مۇرتلىرى ھەتتا ئەڭ داڭلىق پاھىشىلەر بار ئىدى. ئۇ ئېسىل تائاملارنى يېيىشنى، ئەنتۇمۇر شارابلارنى ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ شارابقا ئىشقى بار بىردىنبىر پەيغەمبەر ھەم ھەقىقىي ئىنسان ئىدى! ئۇ زىياپەتكە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، ھەر كۈنى كەچتە دېگۈدەك زىياپەتتە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىياپەت نەچچە سائەت داۋاملىشاتتى.
ئەيسا ئەلەيھىسسالام بۇ دۇنيالىق ئادەم ئىدى. ئۇ «مەن ئاللانىڭ ئوغلى» دېگەنگە قارىغاندا، «مەن ئىنساننىڭ ئوغلى» دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلايتتى. ئۇ جەننەتكە قارىغاندا، بۇ دۇنياغا تېخىمۇ يېقىن ئىدى. ئۇ بۇ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مەنسۇپ ئىدى. ئۇ چوقۇم كۈلۈپ يايرىغان ھەم بۇ دۇنيادىن ھۇزۇر - ھالاۋەت ئالغانىدى.
مىسسونېرلار، پاپالار ھەم چېركاۋلار ئىنتايىن سۈرلۈك كېلىدۇ، چېركاۋغا كىرگەن ئادەم ئۆزىنى قەبرە ئىچىگە كىرگەندەك ھېس قىلىدۇ، سىز ئۇ يەردە سۈرلۈك، جىددىي بولۇشقا مەجبۇر بولىسىز. مانا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.
لوندۇندا ئاسكىلوف دېگەن بىر خانىم ھەشەمەتلىك زىياپەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ئەنگلىيىگە ئەمدىلا مۇساپىر بولۇپ كەلگەن كېبزا ئىسىملىك بىر قىزنى مۇلازىملىققا ياللىۋاپتۇ.
 قەن قىسىدىغان قىسقۇچ تەييارلاپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ، دەپتۇ خوجايىن ئۇ قىزغا جېكىلەپ، ئەرلەر قول يۇيۇش ئۆيىگە كىرگەندە ھېلىقى نەرسىسىنى چىقىرىپ، يەنە سېلىۋىتىدۇ، ئاندىن ئۇلار قايتىپ چىقىپ قەننى قولى بىلەن تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق بولۇپ قالسا تازا قاملاشمايدۇ.
 بۇيرۇقىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمەن، خانىم، دەپتۇ ھېلىقى ئىتالىيىلىك قىز.
كەچتە مېھمانلار تارقىغاندىن كېيىن، ئاسكىلوف خانىم ئۇ قىزدىن سوراپتۇ:
 كېبزا خېنىم، مەن سىزگە قەن قىسىدىغان قىسقۇچ تەييارلاپ قويۇشىڭىزنى تاپىلىغانىدىمغۇ دەيمەن؟
 قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇ نەرسىلەرنى ئەچىقىپ قويغان، خانىم.
 ئۈستەل ئۈستىدە مەن ئۇ نەرسىلەرنى كۆرمىدىمغۇ؟
 ئۈستەلدە دەمسىز؟ مەن ئۇ نەرسىلەرنى قول يۇيۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ قويغان.
بۇرۇمبىلا ئوغلى ئارتوغا «تويۇڭنى ئۆتكۈزۈۋالغىن» دەپ 200 دوللار بېرىپتۇ، ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئۇ ئوغلىدىن بۇ پۇللارنى قانداق خەجلىگەنلىكىنى سوراپتۇ:
 مەن بىر سائەت سېتىۋالدىم دادا، دەپتۇ ئوغلى.
 ئەخمەق! دەپتۇ دادىسى ئوغلىغا ۋارقىراپ، سەن ئەسلى بىر مىلتىق سېتىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى.
 نېمىشقا مىلتىق سېتىۋالىدىكەنمەن؟
 كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن ئۆيۈڭگە قايتىپ، بىر ئەر كىشىنىڭ ئايالىڭ بىلەن بىللە ياتقانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، ھازىر سائەت نەچچە بولۇپ كەتتى، دەمسەن؟
دادىسى ئوغلىغا ئەنە شۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ.

مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى

مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق قورقۇنچنى يوقىتىش كېرەك، ئۇلار قارىمۇقارشى بولغان ئىككى قۇتۇپتۇر. كىشىلەر خاتا ھالدا مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى قارىمۇقارشى بولغان ئىككى قۇتۇپ دەپ قارايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر - بىرىگە زىت ئەمەس، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئوخشىشىدىغان بىر خىل كۈچتۇر، مۇھەببەت نەپرەتكە، نەپرەت مۇھەببەتكە ئايلىنالايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىز ئوخشاش بىر ئادەمگە ھەم مۇھەببەت باغلايمىز، ھەم ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمىز، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ھامان بىرگە بولىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە دۈشمەن ئەمەس، بەلكى دوست. ھەقىقىي قارىمۇقارشىلىق مۇھەببەت بىلەن قورقۇنچ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ئۇلار زىنھار بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ، ئەگەر سىز زىيادە قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدىكەنسىز، قەلبىڭىزدىن مۇھەببەت يوقايدۇ، قورقۇنچ مۇھەببەتكە ئايلىنالمايدۇ، مۇھەببەتمۇ قورقۇنچقا ئۆزگەرمەيدۇ.
مۇھەببەت ئادەمنىڭ روھىنى بېيىتسا، قورقۇنچاقلىق ئادەمنى زەئىپ ۋە گومۇش قىلىپ قويىدۇ. سىزدىكى گومۇشلۇق قانچە كۈچەيگەنسېرى، شۇنچە قورقۇنچاق بولۇپ كېتىسىز، شۇڭا ئۇنى يامان سۈپەتلىك دەۋر قىلىش دەيمىز.
مۇھەببەت سىزگە پەرۋاز قىلىدىغان قانات ئاتا قىلىپ، ئازادە ياشاشقا يېتەكلەيدۇ، ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشتىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بەھرە ئېلىشىڭىزغا جاسارەت بېغىشلايدۇ، ئۇ ھاياتىڭىزغا چوڭقۇر مەنىلەرنى قوشىدۇ، پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ھەسەن - ھۈسەندەك جىلۋىدار قىلىدۇ. شۇڭا سىز بارلىق قورقۇنچنى تەرك ئېتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەتنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
سىز يەنە ئاسماننىڭ پايانسىزلىقىنى، ئەركىنلىكنىڭ چەكسىزلىكىنى ئويلاڭ، ئەرزىمەس كىچىك ئىشلارنى خىيال قىلماڭ، قورقۇنچاقلىق ھامان كىچىك ئىشلارنىلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، مۇھەببەت كىچىك ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، ھەرقانداق قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدۇ. ئۇ ئەڭ بۈيۈك شەيئىلەرنى ئويلايدۇ، ئۇ خۇددى بوران ئىچىدە قانات قېقىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشاش نامەلۇملۇققا قاراپ ئىنتىلىدۇ.

ئۆزىمىزنى سۆيەيلى

ئوشۇ، سىز «باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلەيلى» دەپ تەلىم بېرىۋاتىسىز، بۇ تەلىماتىڭىز «دۇنيادىكى نۇرغۇن دىن تەشەببۇس قىلىدىغان ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك» دېگەن روھقا زىت ئەمەسمۇ؟ بۇنداق قىلىش دىنىي تەلىماتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك بولۇپ قالمامدۇ؟ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ باقسىڭىز.

مېنىڭ بۇ قارىشىم نۇرغۇن دىن بىلەن ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق دىن بىلەن زىت، ئۇلار باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، شەخسىيەتسىز بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەن شەخسىيەتچىلىكنى بىر خىل تەبىئىي ھادىسە دەپ قارايمەن.
شەخسىيەتسىز بولۇش دېگەن كىشىلەرگە مەجبۇرى تېڭىلغان نەرسە.
شەخسىيەتچىلىك ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى.
سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى ئالەم بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇۋېتەلىگەن پەللىگە يەتكەندىلا، ھەقىقىي شەخسىيەتسىز ئادەم بولالايسىز. ئۇنىڭدىن باشقىسى تامامەن ساختا بولىدۇ. مەن ئادەملىرىمنىڭ ساختا بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن، شۇڭا بۇ ئىش سەل مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ھامان ئۇنى چۈشىنەلەيدۇ.
شەخسىيەتچىلىك ئالدى بىلەن ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى چوقۇم رەت قىلماسلىقىڭىز كېرەك. ئۇ تەبىئىتىڭىزنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئەڭ نېگىزلىك ئىشلارنى قىلىپ كەلگەن، شۇڭا ئۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
شەخسىيەتچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا سىز ياشاۋاتىسىز. سىز ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىسىز، ئەكسىچە بولغاندا، ئىنسانىيەتمۇ ئاللىقاچان يوقالغان بولاتتى.
بىر كىچىك بالىنى ئالايلى، ئەگەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئۇنىڭدا قىلچە شەخسىيەتچىلىك دېگەن نەرسە بولمايدىكەن، ئۇ ياشىيالمىغان، ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى. چۈنكى نەپەس ئېلىشمۇ، تاماق يېيىشمۇ بىر شەخسىيەتچىلىك. قاراڭ، كۈرمىڭلىغان ئادەم ئاچلىقتىن زار - زار قاقشىسا، سىز يەپ - ئىچىپ كېكىرىپ ئولتۇرىسىز، سانسىزلىغان ئادەم كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈۋاتسا، سىز ساغلام، بېجىرىم ياشايسىز. بۇ شەخسىيەتچىلىك ئەمەسمۇ؟
بىر بالا دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەبىئىتىدە شەخسىيەتچىلىك دېگەن نەرسە بولمايدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ ياشىيالمايدۇ. مۇبادا بىر يىلان ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ؟ ئۇ ئۆزىنى يىلانغا تۇتۇپ بەرسە بولمامدۇ؟ دېمەك، سىزنىڭ شەخسىيەتچىلىكىڭىز سىزنى قوغدايدۇ، قوغدىمايدىكەن، سىز يىلانغا يەمچۈك بولىسىز.
ئەگەر ئېچىرقىغان بىر شىر سىزنى يەيمەن دەپ ئالدىڭىزغا ئېتىلىپ كەلسە، سىز ئۆزىڭىزنى قوغدىماي، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشماي، ئۇنىڭغا بىر ۋاقلىق ئوزۇق بولۇپ بەرسىڭىز، مانا بۇ شەخسىيەتسىزلىك بولىدۇ.
ئاشۇ دىنلارنىڭ ھەممىسى ئۈزلۈكسىز ھالدا تەبىئىي بولمىغان ئىشلارنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مانا بۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سەپسەتە.
مەن كىشىلەرنى تەبىئىي بولسىكەن، تامامەن تەبىئىي بولسىكەن، مەردانىلىق بىلەن تەبىئىي ياشىسىكەن دەيمەن.
شۇنداق، مەن سىلەرنى شەخسىيەتچى بولۇڭلار دەۋاتىمەن، مەندىن بۇرۇنقىلار ئۇنداق دېگەن ئەمەس، ئۇنداق دېيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالىغان ئەمەس، گەرچە ئۆزلىرى شەخسىيەتچى بولسىمۇ. مانا بۇ كىشىنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرىدىغان لەتىپە.
نېمە ئۈچۈن راھىب ئۆزىنى شۇنچە قىينايدۇ؟ چۈنكى ئۇنىڭدا جەننەتكە كىرىپ ئۇ يەردىكى بارلىق خۇشاللىقلارغا ئېرىشىمەن دېگەن مەقسەت بار، ئۇ ھېچنېمىسىنى قۇربان قىلمايدۇ، پەقەت سودىلىشىدۇ، ئۇنى بىر سودىگەر دېيىش كېرەك. ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن «بۇ دۇنيادا قىلغانلىرىغا ئۇ دۇنياغا بارغاندا مىڭ ھەسسىلەپ يانىدۇ» دېگەننى ئوقۇغان. كىشىنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەن زەررىچىدىنمۇ كىچىك نەرسە، يەتمىش يىل دېگەنمۇ ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئەگەر سىز يەتمىش يىللىق راھەت - پاراغەتنى قۇربان قىلىپ، مەڭگۈلۈك راھەت - پاراغەتكە ئېرىشسىڭىز، بۇ بىر ياخشى سودا ئەمەسمۇ؟ مەن بۇنى ھەرگىزمۇ شەخسىيەتسىزلىك ئەمەس، دېمەيمەن.
نېمە ئۈچۈن بۇ دىنلار سىزگە ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى دالالەت قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ مۇددىئا، مەقسىتى نېمە؟ سىز ئۇنىڭدىن نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟ بەلكىم سىز ئەزەلدىن «بۇنى قانداقمۇ خىزمەت قىلىش دېگىلى بولسۇن؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
بۇ دىنلار تەكىتلەۋاتقان خىزمەت قىلىش ئىدىيىسى مەلۇم مەقسەت ئاستىغا قۇرۇلغان، ئۇلار ئىنسانلارنى داۋاملىق نامرات ئۆتسىكەن، دەيدۇ. بالىلار يېتىم بولسىكەن، ئاياللار تۇل قالسىكەن، قېرىلار يار - يۆلەكسىز قالسىكەن، تىلەمچىلەر بولسىكەن، دەيدۇ. مۇشۇنداق ئادەملەر چوقۇم بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ چاكارلار تامامەن ئېھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ دىنلار مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلماي نېمە قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى زادى نېمە؟ جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، بۇ ئادەملەر چوقۇم شوتا بولۇپ بېرىشى كېرەك.
سىز ئۆزىڭىزنى مەن شەخسىيەتچى ئەمەس، دېيەلەمسىز؟ دىن تارقاتقۇچىلار شەخسىيەتچى ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشى ئۆزى ئۈچۈندۇر، گەرچە ئۇلار «باشقىلار ئۈچۈن شەخسىيەتسىز خىزمەت قىلىمىز» دېگەن چىرايلىق تونغا ئورىنىۋالسىمۇ، لېكىن تېگى - تەكتىدىن ئۇلار يەنىلا شەخسىيەتچى ھېسابلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئۇلاردا خىزمەت قىلىدىغان ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ؟ بىز بۇنداق ئېھتىياجنىڭ تۇغۇلۇش پۇرسىتىنى يوقىتالمايمىزمۇ؟ يوقىتالايمىز. لېكىن بۇنىڭدىن ئۇلار قاتتىق ئاغرىنىدۇ. بۇنداق قىلساق ئۇلار پۈتكۈل ئاساسىدىن، پۈتكۈل سودىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بىز ئىلىم - پەننىڭ قۇدرىتىگە تايىنىپ نامراتلارنىڭ، ئاچ - يېلىڭلارنىڭ، ئازاب چېكىدىغانلارنىڭ ۋە ئاغرىق - سىلاقنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ ئىشقا تامامەن قادىر، ئەگەر دىن ئىلىم - پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلارغا توسالغۇ بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى ئاللىقاچان يوق قىلغان بولاتتۇق. لېكىن بۇ دىنلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە گەپ سېتىپ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ھەرقانداق تەرەققىياتقا قارشى چىقىدۇ.
دىن دەل ئاشۇ خىل كىشىلەرگە موھتاج. ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكنى چىقىش قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بۇنى ئۆزلىرىگە نىشان ۋە مەقسەت قىلىۋالغان.
مەن خىزمەت قىلىش دېگەن بۇ سۆزنى بۇلغانغان ۋە پەسكەش بىر سۆز دەپ قارايمەن، ئۇنى مەڭگۈ تىلىڭىزغا ئالماڭ. لېكىن سىز بىرەر كىمگە خىزمەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بۇ ئادەمنى خىجىل قىلماڭ، باشقىلارنى خىجىل قىلىش نومۇس ئىشتۇر.
سىز بىرەركىم ئۈچۈن خىزمەت قىلغان چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلاپ كېتىسىز، مانا بۇ سىزنىڭ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى تۆۋەن كۆرگىنىڭىز. سىز شەخسىي مەنپەئىتىڭىزنى قۇربان قىلىپ، نامراتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى كەمسىتىسىز.
ئەگەر سىز مەلۇم نەرسىگە ئېرىشسىڭىز، ئۇ سىزگە راھەت، خۇشاللىق ۋە تىنچلىق ئاتا قىلىدىغان نەرسە بولسا، ئۇنىڭدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇڭ، سىز تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقان چاغدا، سىزدە ھېچقانداق غەرەز بولمايدۇ. مەن ھەرقانداق نەرسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولسىڭىز جەننەتكە كىرىسىز، دېمەكچى ئەمەسمەن، مەن سىزگە بۇنداق مەقسەتنى سىڭدۈرمەيمەن.
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزدە غايەت زور قانائەتلىنىش ھېس قىلىسىز، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئۆزى قانائەت دېمەكتۇر. بىزدە بۇنىڭدىن باشقا مەقسەت يوق، بۇنىڭدىن باشقا ئاخىرقى پەللە يوق.
سىز ئۆزىڭىزنى خىزمەت قىلىۋاتىمەن دەپ ھېس قىلمىغان چاغدىلا، ئۆزىڭىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولغان كىشىدىن مىننەتدار بولىسىز. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن مىننەتدارلىق كۈتمەيسىز. پەقەت خىزمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى دەسسىتەلىگەن كىشىلەرلا، بارلىق خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى  پۈتكۈل دۇنيانى ئوراپ تۇرغان بۇ ئىپلاس پۇرسەتنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ. بارلىق دىنلار ئاشۇ پۇرسەت ئارقىلىق ئېكسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى، ئۇلار ئېكسپلاتاتسىيىنى چىرايلىق نام بىلەن پەردەزلىۋالدى... نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۇلار رەزىل ئىشلارغا چىرايلىق نام بېرىشكە ناھايىتى ئۇستا بولۇپ كەتتى. بەلكىم سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ قاملاشمىغان ئىشلىرىنى پەردەزلەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، نىقابى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ماھىيىتى بىر ئىكەنلىكىنى يادىڭىزدىن چىقىرىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.
بىز دىن تارقاتقۇچى دېگەنگە ئوخشاش ئاتالمىش چاكارلارغا موھتاج ئەمەس، بىزگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل كېرەك.
شۇڭا، مەن شەخسىيەتچىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
ئالدى بىلەن مەن، ئۆزىڭىزنىڭ گۈلىڭىزنى ئېچىلدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، قارىماققا بۇ شەخسىيەتچىلىكتەك بىلىنسىمۇ، مەن بۇنداق شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قارشى  ئەمەس، ئۇنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
قىزىل گۈل ئېچىلغاندا، ئۇنى شەخسىيەتچىلىك دېگىلى بولامدۇ؟ نېلۇپەر گۈلى ئېچىلغاندا ئۇنى شەخسىيەتچىلىك دېگىلى بولامدۇ؟ قۇياش جۇلالىنىپ نۇر چاچقاندا ئۇنى شەخسىيەتچىلىك دېگىلى بولامدۇ؟ ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن شەخسىيەتچىلىكتىن ئەندىشە قىلاتتىڭىز؟
سىزنىڭ دۇنياغا كېلىشىڭىز بىر پۇرسەت، بىر باشلىنىش، ھەرگىزمۇ ئاخىرقى پەللە ئەمەس. سىز چوقۇم ئۆز گۈلىڭىزنى ئېچىلدۇرۇڭ، ئۆمرىڭىزنى خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەخمىقانە ئىشلارغا بىھۇدە سەرپ قىلماڭ. سىزنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى مۇھىم مەجبۇرىيىتىڭىز، ئۆز گۈلىڭىزنى ئېچىلدۇرۇش. تولۇق ئاڭغا، تۇيغۇغا ۋە سەزگۈگە ئىگە بولۇش. سىز ئەنە شۇنداق ئاڭ ئىچىدىلا باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان قانداق نەرسىڭىز بارلىقىنى، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز.
بەلكىم دۇنيادىكى توقسەن توققۇز پىرسەنت مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ، ھەل بولمايدىغان مەسىلە پەقەت بىر پىرسەنتلا بولۇشى مۇمكىن. ئەنە شۇ چاغدىلا سىز ئۆزىڭىزدىكى باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا بولىدىغان نەرسىڭىزدىن باشقىلارنىمۇ بەھرىمەن قىلالايسىز. لېكىن سىزدە چوقۇم ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان نەرسە بولۇشى كېرەك.
بارلىق دىنلار تاكى ھازىرغىچە ئىنسانىيەتنىنڭ بىرەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرەلمىدى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇلار ھەل قىلغان بىرەر مەسىلە بارمۇ؟ ئۇلار پەقەت خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ سودىنى نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
نامراتلار نامرات پېتى قېلىۋەردى، بەلكى تېخىمۇ نامراتلاشماقتا. ئاغرىق - سىلاقلار، قېرى - چۆرىلەر يەنىلا بار. تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، جىنايەت يەنىلا سادىر بولۇۋاتىدۇ، ھەتتا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، دۇنيادا جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان تۈرمە بىلەن سوت ئۆزلىرىنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز دەۋالسىمۇ، لېكىن جىنايەت يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.
بەزى جايلاردىكى ئايرىم ئىشلار خۇددى مەيدىسى قىچىشسا دۈمبىسىنى قاشلىغانغا ئوخشاش ئىنتايىن خاتا قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمنى جىنايەتچى دەپ قاراپ زىندانغا تاشلاپ قىينىماقتا، ئۇلار ئەسلىدە روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلىشى، ئىززىتى بلەن مۇلازىمەتكە مۇيەسسەر بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇلار ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزگىنى يوق.
بىز ھازىر ھەرقانداق بىر ئاەمنى ئىززەتلىك قىلىدىغان يېتەرلىك ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە.
بىزگە خىزمەت قىلىش، دېگەن نەرسە كېرەك ئەمەس، كېرەك بولغىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغان بىلىم، مەۋجۇتلۇق ۋە غۇرۇردىن ئىبارەت. بىراق ئالدى بىلەن سىز، بۇ نەرسىلەرگە چوقۇم ئىگە بولغان بولۇشىڭىز كېرەك.
(داۋامى كېيىنكى ساندا)
مەن ئىنسانىيەتتە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ زور مەسىلە ئۇلارنىڭ ئىستىقامەت قىلىشنى بىلمەيۋاتقانلىقىدا دەپ قارايمەن، مېنىڭچە ئەڭ زور مەسىلە نوپۇس مەسىلىسىمۇ ئەمەس، ئاتوم بومبىسى مەسىلىسىمۇ ئەمەس، ئاچارچىلىق مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بۇلارنى تۈپ مەسىلە دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئىلىم - پەنگە تايىنىپ ئاسانلا ھەلقىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.
ئىلىم پەن پەقەت ئىنسانلار قانداق ئىستىقامەت قىلىشى كېرەك، دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ.
مەن ئۆز ئادەملىرىمگە: «سەن ئاۋال شەخسىيەتچىل بول، تەلتۆكۈس شەخسىيەتچىل بول، سەن گۈل بولۇپ ئېچىلىپ خۇش پۇراق تارقات، بەختسىز ئادەملەرنى ئۇنىڭدىن بەھرىمان قىل، ئۇلاردىمۇ سىلەرگە ئوخشاش قۇدرەت بار ئىدى، ئۇلارغا پەقەت ھاياتلىقنىڭ چوڭقۇر مەنبەلىرىگە چۆكۈپ ئۆزىدىكى ئىلاھلىقنىڭ مىغىزىنى چاقىدىغان پۇرسەت نىسىپ بولمايۋاتىدۇ، خالاس،» دەيمەن.
مەن ھەرقانداق دىنغا قارشى، چۈنكى مەن ئۇلارنى قىلچە ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. لېكىن ئۇلار ئىشنى چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن بىزەپ تۇرۇپ قىلىدۇ، خالاس.
مەن سىزنى تەبىئبىي بولۇشقا دەۋەت قىلىمىز.
مەن سىزنىڭ ئۆز تەبىئىيلىكىڭىزنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى دەۋەت قىلىمەن.
مەن جەز قىلالايمەنكى، سىزنىڭ گۈللىرىڭىز ئېچىلغان چاغدا باشقىلارنىمۇ ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمان قىلىسىز، ئۇنداق قىلمايمۇ ئامالىڭىز يوق، چۈنكى گۈللىرىڭىز ئېچىلىپ خۇشپۇراق چاچقان چاغدا، ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھەرگىزمۇ تۇتۇپ قالالمايسىز.
شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆز ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىڭىز، تەبىئىي بولۇشىڭىز، ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە ئايلىنىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا مەۋجۇدلىقىڭىزنىڭ خۇش پۇراقلىرى ھەر تەرەپكە چېچىلىدۇ، ئۇ بىر خىل خىزمەت قىلىش ئەمەس، مېنىڭچە، باشقىلارنىمۇ ئۆز خۇشاللىقىدىن بەھرىمان قىلىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.

مۇھەببەت كونكرېت بولىدۇ

بىر ئادەم يېڭىدىن ياسالغان بىر يولغا  سىمونت ياتقۇزۇۋاتاتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، بىر توپ كىچىك بالىلارنىڭ تېخى قاتمىغان سىمونت ئۈستىگە دەسسەپ ئىز چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ بالىلارنى تىللىغانلىقىنى ئاڭلىغان قوشنىسى، بۇ كىشىنى ئەيىپلەپ: «گىئورگى، سىز بالىلار ياخشى كۆرمەمسىز؟» دېدى.
«مەن بالىلارنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى ھېلىقى كىشى «بىراق، ئۇلارنىڭ سىمونت ئۈستىدە يۈگۈرگەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئابىستراكىت جەھەتتىن ياخشى كۆرىمەن».
بىرەر نەرسىنى ئابىستراكىت جەھەتتىن ياخشى كۆرۈش ناھايىتى ئاسان، لېكىن مۇھىم مەسىلە ئۇنى  كونكرېت ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز كىشىلەرنى ھەقىقىي، كونكرېت ياخشى كۆرىشىڭىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ھەتتا دەل - دەرەخ، قۇشلارغا بولغان مۇھەببىتىڭىز ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنىڭىز تامامەن يالغان ھەم ئەھمىيەتسىز بولىدۇ.
مۇبادا سىز ئىنسانلارنى ياخشى كۆرەلىگىنىڭىزدە، قۇشلار، دەل - دەرەخلەر ۋە تاغۇ - دەريالارنى ياخشى كۆرىدىغان مۇھەببەتمۇ تەدرىجى يىتىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر - بىرسىگە شۇقەدەر يىقىن بولغان شەيئىلەرنى ئوخشاش كۆزىتەلمىسىڭىز، يىراق شەيئىلەرنى ككزىتىشكە قانداقمۇ مۇۋەپپەق بولالايسىز؟ قورام تاش بىلەن قانداقمۇ چۈشىنىش ھاسىل قىلالايسىز؟ ئوتتۇراڭلاردا ئورتاق تىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ايكى سىز قورام تاشقا ئۆزگىرىشىڭىز، ياكى قورام تاش ئادەمگە ئۆزگىرىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلارنى بىر - بىرسىگە باغلاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى بىر - بىرسىگە باغلاش كېرەك.
بىر تۈپ دەرەخنى ياخشى ككرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىز بىلىمىز، لېكىن سىز ئىنسانلارنى چوڭقۇر ۋە تولۇق ياخشى كۆرگەن چېغىڭىزدىلا ئاندىن سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن دەرەخنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. پەقەت مۇشۇ پەللىگە يەتكەندىلا، ئاندىن سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن ھايۋاناتلارنى، قۇشلارنى تاپقىلى بولىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بىر گەۋدە بولۇپ كىتىش پەللىسىگە يەتكەندىلا، سىزنىڭ تۆۋەن ئېڭىڭىزدىن ياكى كوللېكتىپ تۆۋەن ئېڭىڭىزدىن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولىدۇ. سىز ئىلگىرى بىر تۈپ دەرەخ، بىر قۇش، بىر ھايۋانات ياكى بىر قورام تاش ئىدىڭىز، سىز ئىلگىرى كۈرمىڭلىغان نەرسە  بارلىق نەرسە ئىدىڭىز، ئاشۇ سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ھەممىسى قەلبىڭىزدە ساقلانان بولىدۇ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى بىردىنبىر ئۇسسل ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ قەلبىدىكى دەرەخ بىلەن ئالاقىلىشىشتۇر.
بىز ئىنسانلارنى ياخشى كۆرەيلى، ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماستىن باتۇرلارچە ياخشى كۆرەيلى.
مۇھەببەتنىڭ ئازابلىرىغا ۋە ئەسەبىي خۇشاللىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئادەمنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرسىڭىز ئادەمنىڭ ھەرگىزمۇ يەككە - يىگانە ئەمەسلىكىنى، ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇجەسسىمى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تېز بايقىۋالالايسىز. چۈنكى بىر ئادەم تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى قۇتۇبى دېمەكتۇر. ئىنساننىڭ بۇرۇنقى بارلىق مەۋجۇتلۇقى ھازىرمۇ مەۋجۇت بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتلاممۇ - قاتلام چوڭقۇرلاشقان بولىدۇ.
سىز ئاياللارنىڭ مۈشۈككە ئوىشايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانمۇ؟ سىز ئاياللارنىڭ كۆزىگە دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مۈشۈكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. مۈشۈك بولمىغان بولسا، ئاياللارمۇ ئايال بولمىغان بولاتتى. يەنە دىققەت قىلىپ قارىسىڭىز ئۇنىڭ بىر چىشى ئىت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرەلەيسىز؛ بۇ خىل ئەھۋال ئەرلەردىمۇ ئوخشاش كۆرۈلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بۆرە كۆرۈنىدۇ.
ئىنسانلار بارلىق مەۋجۇتلۇقلارنى بىشىدىن كەچۈرۈپ تەدرىقى تەرەققىي قىلدى. سىز بالىلىقتىن ئۆسۈپ قورامىڭىزغا يەتكەن چاغدا، بالىلىق دەۋرىم پۈتۈنلەي تۈگىدى، دەپ ئويلامسىز؟
سىز قېرىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ياشلىق ۋۇجۇدىڭىزدىن شۇنداقلا كېتىپ قالامدۇ؟ ياق، ئۇ ھېچقانداق يەرگە كەتمەيدۇ، سىز ئۇنى ۋۇجۇدىڭىزدىكى يەنە بىر قاتلامدىن كۆرەلەيسىز. خۇددى كېسىپ تاشلانغان دەرەخنىڭ قاتمۇ - قات يىل ھالقىلىرىدىن ئۇنىڭ يېشىنى كۆرەلىگىنىمىزگە ئوخشاش. ئەگەر دەرەخ 60 ياشقا كىرگەن بولسا، ئۇنىڭ 60 قات يىل ھالقىسى بولىدۇ، ئۇ ھەر يىلى بىر قەۋەت قوۋزاق تاشلايدۇ - دە، يېڭىدىن بىر قەۋەت شەكىللىنىدۇ. قورام تاشلارنىڭمۇ ئاشۇنداق قاتلىمى بولىدۇ. مۇبادا ئادەملەرنى چوڭقۇلاپ كۆزەتسىڭىزمۇ، خۇددى دەرەخ ۋە قورام تاشلارغا ئوخشاش ئۇنىڭمۇ قاتلاملىرى بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. چوڭقۇرلاپ كۆزەتكەنسېرى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرەلەيسىز. سىز بىر ئايال بىلەن بىرگە بولغان چاغدا، ئەگەر ئۆزىڭىزنى تامامەن ئۇنتۇيدىكەنسىز، ئۇ چاغدا بىر دەرەخ بىلەن، ھايۋان بىلەن، قورام تاش بىلەن قىسقىسى، پەقەت بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە بولغاندەكلا ھېس قىلىسىز.
ھەربىر ئادەم كىچىككىنە بىر دۇنيا دېمەكتۇر. ھەربىر كىچىك دۇنيا ھەممە نەرسىنى، ھەممە پۈتۈنلۈكنى ۋە چوڭ ئالەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. لېكىن سىز ھەرگىزمۇ ئادەمدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرالمايسىز، سىز «مەن دەرەخنىلا ياخشى كۆرۈپ، ئىنساننى ياخشى كۆرمەيمەن» دېيەلمەيسىز. سىزنىڭ دەرەخنىلا ياخشى كۆرىمەن، دېگىنىڭىز يالغان، سىز ئۇنىڭغا توغرىدىن توغرا يىقىنلىشالمايسىز، ئۇنى چوقۇم ئادەم ئارقىلىق ياخشى كۆرۈشىڭىز، ئۇنى ئادەمنىڭ قەلبىدىن بايقىشىڭىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا سىز ئاندىن ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشىنەلەيسىز.

مۇھەببەت ۋە خۇشاللىقنىڭ كۈيچىسى

ئوشۇ، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك، قايغۇ ۋە ھەسرەت قاپلاپ كەتكەن بۇ دۇنيادا، سىز مۇھەببەت بىلەن خۇشاللىقنى كۈيلەيدىغان بىردىنبىر شائىر ئىكەنسىز، بۇ كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟

شۇنداق. بۇ ئادەمنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان ئىش، لېكىن ئۇ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدىن باشلىنىشى كېرەك.
مەن بۇ دۇنيادا جىددىيلىك ئازىيىپ، تېتىكلىك كۆپەيسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە، تەقۋادارلار ئەمدى سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋالماسلىقى كېرەك.
بىز دۇنياغا يۇمۇرىستىك تۇيغۇنىڭ دىنغا چوقۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خىسلىتى ئىكەنلىكىنى تونۇتماقچى.
ئەگەر سىز كۈلەلەيدىكەنسىز، ھاياتىڭىزدىكى نۇرغۇن نەرسىلەردىن، نۇرغۇن سىرلىق نەرسىلەردىن مەھرۇم بولىسىز.
كۈلكىڭىز سىزنى سەبى بىر بالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇ سىزنى نەرە تارتىۋاتقان دېڭىز ۋە جىمجىتلىق قاپلىغان يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ئىبارەت بىر پۈتۈن مەۋجۇتلۇق ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ.
كۈلكىڭىز سىزنى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاقىللارنىڭ بىرقىسمىغا ئايلاندۇرىدۇ. چۈنكى پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا كۈلەلەيدۇ، ھايۋانلاردا ئۇنچىلىك ئەقىل بولمىغاچقا، ئۇلار كۈلمەيدۇ.
ئەيتاۋۇر ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئېھتىياجدىن بولسا كېرەك، ھەربىر ئادەمنىڭ جىددىي قىياپەتتە يۈرۈشى تەشەببۇس قىلىندى ھەمدە ئۇلار ھېچ سەۋەبسىزلا سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋېلىشتى. مانا ئەمدى بۇ ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تەبىئىتىگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇلار سۈرلۈك بولۇۋېلىشنىڭ بىر خىل كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدى. بۇ ئۇلارنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەكسىچە بولسا ئىدى، پۈتكۈل ھاياتلىق كىشىنى شادلاندۇرىدىغان ئاجايىپ مول رىۋايەتلەر بىلەن تولغان، كىشىلەرنىڭ ھەسرەت چېكىشكىمۇ چولىسى تەگمىگەن بولاتتى.
ئىنسانىيەتكە ئۆزلىرى ئۇنتۇپ كەتكەن خۇشاللىقنى ئېلىپ كېلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. سىز كۈلۈشنى ئۇنتۇغان چاغدا ناخشا ئېيتىشنى، سۆيگۈنى ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۇنتۇپ كېتىسىز. خۇددى سۈرلۈكلۈكنىڭ ئۆز خىسلىتى بولغىنىغا ئوخشاش، كۈلكىنىڭمۇ ئۆز خىسلىتى بولىدۇ.
كۈلۈشنى ئۇنتۇغان ئادەم سۆيگۈ - مۇھەببەتنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
سىز يىغلامسىرىغان چىرايىڭىز بىلەن بىر قىزغا «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېيەلەمسىز؟ سىز جەزمەن ئازراق بولسىمۇ تەپەسسۈم قىلىشىڭىز كېرەك.
سۈرلۈك چىرايىڭىز بىلەن ھەتتا ئەڭ كىچىك ئىشلارنىمۇ ئىغىزىڭىزدىن چىقىرالمايسىز.
ئادەم ھەممە ئىشلاردا جىددى ۋە سۈرلۈك بولۇپ كەتسە، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ بىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.
كۆپرەك كۈلۈشنى ئۆگىنىۋالايلى.
مەن كۈلۈش بىلەن ئىبادەت قىلىشنى ئوخشاشلا مۇقەددەس ئىش دەپ قارايمەن.

 ئۆكۈز ۋە ئۇي

ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ بىرى ئۇنى ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىش بىلەن سۈرلۈك قىياپەتكە كىرگۈزۈپ قويۇش بولسا كېرەك. بۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى كىشىلەرنى ھەسرەتكە ۋە سۈرلۈك قىياپەتكە بەنت قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى قۇل قىلغىلى بولمايدۇ. يەنى ئۇلار روھى جەھەتتىن مەلۇم بىر غايىۋى ئىلاھنىڭ، غايىۋى جەننەت ياكى غايىۋى دوزاقنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ پسىخىك جەھەتتىنمۇ بىر قۇل بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ھەسرەت بىلەن سۈرلۈكلۈك ئۇلارنىڭ كالىسىغا مەجبۇرى ئېلىپ كىرىلىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسى زەئىپلەشتۈرۈلىدۇ، سەكپارە قىلىنىدۇ... شۇڭا ئۇلار فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىنمۇ قۇلغا ئايلىنىپ، كۈلۈشنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، ھەقىقىي ساغلاملىق ۋە مۇكەممەللىكتىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ.
كۈلۈش يەككە - يىگانە ھەرىكەت ئەمەس، ئۇنىڭدا ئىنسانلار مەۋجۇدلىقىنىڭ ھەر ئۈچ تەركىبى بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەم كۈلگەن چاغدا، بۇ كۈلكىگە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ نىرۋىسى قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتى قاتنىشىدۇ. كۈلكە ئىچىدە ھەر خىل پەرقلەر، ھەر خىل چىگرالار ۋە نىرۋىسى چېچىلغاندىكى ھەر خىل مىجەز - خۇلقلار يوقايدۇ.
لېكىن ئۇ كىشىنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچىلارغا، يەنى  پادىشاھلارغا، مىسسىئونېرلارغا ۋە ھىيلىگەر سىياسىئونلارغا قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار كىشىلەرنى ئاجىز، ئاغرىقچان ۋە بىچارە قىلىپ قويساق، ئۇلار بىزگە مەڭگۈلۈك قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
كىشىلەرنىڭ شادىمان كۈلكىسىنى تارتىۋېلىش  ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تارتىۋالغان بىلەن ياراۋەردۇر.
كىشىنى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىش، ئۇنى روھىي جەھەتتىن ئاختا قىلىش بىلەن باراۋەردۇر.
ئۆكۈز  بىلەن ئۇينىڭ  قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمىسىڭىز؟ ئۇلار تۇغۇلغان چاغدا ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇي پىچىپ تاشلىنىدۇ، ئۇلار پەقەت پىچىپ تاشلانغاندىلا ئاندىن ئۇنى خۇددى قۇلغا ئوخشاش ئىشلىتەلەيسىز، ھارۋىغا قاتالايسىز، چاپچىپ تۇرغان ئۆڭۈزنى ھارۋىغا قوشقىلى، مۇلايىم بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە يۈگەنسىز بولىدۇ. لېكىن ئۇي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەبىئىتىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى پەقەت ئەسلى تەبىئىتىنىڭ كۆلەڭگىسى دېيىشكىلا بولىدۇ. دېمەك سىز ئۇنى ۋەيران قىلدىڭىز دېگەن گەپ.
ئادەملەرنى قۇلغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەيران قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. شادلىنىپ كۈلگەنلەر  ئەزەلدىن بالا  مىجەزلەر، ئىلىشىپ قالغانلار، دەپ ئەيىپلەندى، ئەڭ كەڭچىلىك بىرىلگەندە، پەقەت ھىجىيىشقىلا رۇخسەت قىلىندى، كۈلۈش بىلەن ھىجىيىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خۇددى ئۆكۈز بىلەن ئۇي ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشايدۇ، كۈلگەن ۋاقتىڭىزدا ئىچ - ئىچىڭىزدىن يايرايسىز، كۈلۈمسىرىگەن ۋە ھىجايغان ۋاقتىڭىزدا پەقەت مىيىقىڭىز مىدىرلاپ قويىدۇ، خالاس. كۈلۈمسىرەش بىر خىل ئەدەپ ھېسابلىنىدۇ. كۈلۈش ئەدەپ - يوسۇنغا كىرمەيدۇ، ئۇ بىر خىل ياۋايىلىق يەنى پۈتۈن گۈزەللىكلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ياۋايىلىقتۇر.
لېكىن مەنپەئەت قوغلىشىدىغانلار، مەيلى ئۇلار پۇل جەھەتتىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغانلار بولسۇن، دىنى مەرتىۋە جەھەتتىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغانلار بولسۇن ياكى ھۆكۈمرانلىق جەھەتتىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا بىر ئىشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. يەنى ئۇلار: ئادەملەرنى چوقۇم ئاجىز، بىچارە، قورقۇنچاقلارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇلار خام خىيالغا بېرىلىپ ياشايدىغان ھالەتكە مۇپتىلا قىلىنىشى كېرەك، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ئاندىن ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان ھەيكەل ئالدىدا تىز چۆكۈپ باش ئۇرىدىغان ۋە بارلىق ھوقۇق ئىگىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
خۇشاللىق سىزنىڭ بارلىق قۇدرىتىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، سىزنىڭ ھەربىر تال ھۈجەيرىڭىز جانلىنىپ ھاياتى كۈچكە تولىدۇ.
بۇ دۇنيادا ئىنسانىيەت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ گۇناھ  كىشىلەرنىڭ شاد - خورام كۈلۈشىنى تەقىپ قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، كىشىلەرنىڭ كۈلۈشى چەكلەنگەندە، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىمۇ، تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتىشمۇ، بەھۇزۇر ساما سېلىپ ئۇسسۇل ئوينىشىمۇ چەكلەنگەن بولىدۇ. كۈلۈش چەكلەنگەنكەن ئومۇمەن ھاياتلىقتىكى بارلىق گۈزەللىكلەر ھەمدە كىشىلىك ھاياتقا شوخلۇق، سۆيگۈ ۋە مەنە ئاتا قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران قىلىنىدۇ، مانا بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان ئەڭ رەزىل تاكتىكا.
سۈرلۈك بولۇۋېلىش بىر خىل گۇنا، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سۈرلۈك بولۇۋېلىش سەمىمىيەتلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. سەمىمىيلىك بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر ھادىسە، سۈرلۈك ئادەملەر كۈلۈشنى، ئۇسسۇل ئويناشتى، كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ھەرقانداق چاغدا ئۆزلىرىنى تىزگىنلىۋالىدۇ، ئۇلر بۇرۇندىنلا ئەنە شۇنداق تەربىيىلەنگەن. ئۇلار ئۆز ئۆزىگە گۇندىپاي بولۇپ، ئۆزىنى خۇددى ھەپسىدىكى تۇتقۇنلارغا ئوخشاش باشقۇرىدۇ. سەمىمىي ئادەملەر سەمىمىيلىك بىلەن كۈلەلەيدۇ، ئىچىلىپ - يېيىلىپ ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، سەبىيلەرچە شادلىنىپ كۈلەلەيدۇ، سەمىمىيلىكنىڭ سۈرلۈك بولۇۋېلىش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
سۈرلۈك بولۇۋېلىش پەقەت روھتىكى كېسەللىكتۇر، پەقەت ساغلام بولمىغان روھتىكىلەرلا قۇلغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى بارلىق تۆرىلەرنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيدىغان، قۇل بولۇشنى رازىمەنلىك بىلەن تىلەيدىغان ئىنسانلارغا مۇھتاج.
ئەمەلىيەتتە بالىلار بار ئاۋازى بىلەن يايراپ كۈلۈشنى ياقتۇرىدۇ، چوڭلار بولسا ئۇلارنى نادان، مەدەنىيەتسىز، تېخى ئىپتىدائىي ھالەتتىن قۇتۇلمىغان، شۇڭا ئۇلارنى ئەپو قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. پۈتۈن ئاتا - ئانىلار، جەمئىيەت، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مىسسىئونېرلار ئۇلارنى مەدەنىيەتلىك قىلىشقا، سۈرلۈك قىياپەتكە  ۋە قۇل تۈسىگە كىرگۈزۈشكە، مۇستەقىللىقى يوق ئادەم قىلىشقا تىرىشىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە سىزدە ئۆزىڭىزگە خاس پىكىر بولماسلىقى كېرەك، سىز ياكى خرىستىيان مۇلىسى، ياكى ھىندى دىنى مۇخلىسى ياكى ئىسلام بەندىسى بولۇشىڭىز، چوقۇم ياكى ئۇ ئىزىمچى ياكى بۇ ئىزىمچى بولۇشىڭىز كېرەك. سىز ھەتتا ئۆزىڭىز بولماستىن، بىر توپ ئادەمنىڭ بىرقىسمى، چىشلىق چاقنىڭ بىر چىشىلا بولۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئۆز ئۆزىنى ھالاك قىلىش بولماي نېمە؟
زوق - شوخ بىلەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ كۈلگەن ئادەملەر جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ، شۇڭا سىز سۈرلۈك قىياپەتتە يۈرۈشىڭىز، ئۆزىڭىزنى مەدەنىيەتلىك، ئەقىللىق قىلىپ كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. دېمەك، ئۇلار كۈلۈش پەقەت بالىلارغا، ساراڭلارغا ۋە مەدەنىيەتسىز ئادەملەرگە مەنسۇپ، دەپ ھېسابلايدۇ.
سىز چىركاۋغا كىرىپ كرىستقا مىجلانغان ئەيسانى كۆرگەن ھامان تەبىئىي ھالدا سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىسىز، پۈتۈن چىركاۋنىمۇ ئۇنىڭ سۈرى قاپلىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە زىنھار كۈلمەسلىكىڭىز كېرەك، خۇدانىڭ كۈلگىنىنىمۇ ھېچكىم ئاڭلاپ باققان ئەمەس.
بالىلار كۈلسە بولىدۇ، ئۇلر كۈلەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ھېچقانداق  ئىشقا مۇھتاج ئەمەس. ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق بىمەنە كۈلكىلىك ئىشلارنى، «شاپاققا تىيىلىپ يىقىلغان»لارنى توسالغۇسىز كۆرەلەيدۇ، كۆرمىگەنگە سېلىۋىلىشنىمۇ ئويلىمايدۇ! لېكىن بىزنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇلىرىمىز كۆزىمىزگە بىر قات پەردە تارتىپ قويىدۇ.
بارلىق دىنلار تۇرمۇشقا قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈلۈشنى قۇۋۋەتلىمەيدۇ، كۈلۈش تۇرمۇش بىلەن مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەركىبى، دىن تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە، كۈلكىگە، خۇشاللىققا، ئىش قىلىپ كىشىلىك ھاياتنى بەخت - سائادەتكە ئىرىشتۈرىدىغان بارلىق نەرسىگە قارشى تۇرىدۇ.
ئۇلار تۇرمۇشقا قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىپ بولدى، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ھايات جەۋھەرلىرىنى تارتىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلىيالىرى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى، بۇ ئەۋلىيالار تولا پەرھىز تۇتۇپ، قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتتى. خىلمۇ - خىل ئۇسسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنى قىيناشتى، ھەم يېڭىدىن - يېڭى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنى قىينىماقتا، ئۆزلىرىنى قانچىكى قىينىغانسىرى شۇنچە كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار ئۆز - ئۆزىنى قىيناپ، كىشىلەرنىڭ ئەبەدىل - ئەبەت چوقۇنىشىغا، تېخىمۇ زور ھۆرمىتىگە ئىرىشىشنىڭ شوتىسىنى ۋە ئۇسۇلىنى تېپىۋالدى.
ئۆز - ئۆزىنى قىيناش بىر خىل روھىي كېسەللىكتىن ئىبارەتتۇر، ئۇنىڭ چوقۇنغىدەك نەرى بولسۇن؟ ئۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەپسۇسكى، بىز نەچچە ئەسىردىن بىرى بۇ خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى قوللاپ كەلدۇق، چۈنكى بىزنىڭ كاللىمىزغا تەن بىلەن روھ بىر - بىرسىگە قارمۇ - قارشىدۇر، دېگەن قاراش سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا تەننى قانچىكى ئازابلىغانسېرى روھ شۇنچە كۈچىيىدۇ. تەن خۇشاللىققا، راھەتكە، سۆيگۈگە ئېرىشكەنسېرى روھ شۇنچە زەئىپلىشىدۇ، دەۋالدۇق. روھ بىلەن تەننى مانا مۇشۇنداق ئايرىپ تاشلاش ئىنسانلار ۋۇجۇدىدىن كۈلكە يوقىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەبى.
مەن ئىلگىرى ياۋرۇپا چىركاۋلىرىدىكى ئوتتۇرا ئەسىرگە ئائىت رەسىمەلرنى كۆرگەنىدىم، دىنىي تەرغىباتچىلارنىڭ ماھارىتى شۇكى، ئۇلر دوزاقتىكى كۆيۈۋاتقان ئوتلارنى، ئازابلىنىۋاتقان كىشىلەرنى ئىنتايىن ۋەھىمىلىك ۋە ئەينەن قىلىپ سۆزلەيدىكەن، چىركاۋدا بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن ئاياللار دائىم دېگۈدەك ئايلىنىپ ھۇشىدىن كېتىدىكەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر قانچىكى كۆپ ئادەمنى ھۇشىدىن كەتكۈزىۋەتكەنلەرنى شۇنچە ئۇلۇغ دىنىي تەرغىباتچى دەپ قارىغان، بۇ ھەم ئەڭ ئۇلۇغ دىنىي تەرغىباتچىنى بايقاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ قالغان.
پۈتكۈل دىنىي ئەقىدە دوزاقتىن قورقۇش ۋە جەننەتكە تەلپۈنۈشتىن ئىبارەت ئاددى بىر پسىخىكا ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت - پاراغەت كۆرگەنلەر ئۇ دۇنيادا دوزاققا تاشلىنىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر 70 يىللىق ھاياتىدىكى كىچىككىنە بىر خۇشاللىقى ئۈچۈن، ئەبەدىل - ئەبەت دوزاق ئازابىنى تارتىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان.
بېرتراند رۇسسېل مانا مۇشۇ سەۋەبلىك خرىستىيان دىنىدىن ۋاز كەچكەن، ئۇ مۇشۇ توغرىسىدا يازغان «مەن نېمە ئۈچۈن خرىستىيان مۇخلىسى بولمىدىم» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە بىر گۇناھىم ئۈچۈن مەڭگۈ جازاغا تارتىلغىدەكمەن، بۇ پۈتۈنلەي ئادىل بولمىغان ئىش، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قارارغا كەلگەن» ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇبادا شەرىئەت بويىچە مېنىڭ ئۆتكۈزگەن بارلىق گۇنالىرىم، تېخى ئۆتكۈزمىگەن، ئەمما تەسەۋۋۇر قىلغان گۇنالىرىممۇ قوشۇپ ھېسابلانسا، ئەڭ قاتتىق قول سوتچىمۇ ماڭا تۆت يېرىم يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم كەسمەيدۇ. لېكىن ئاشۇ كىچىككىنە گۇناھىم ئۈچۈن مەن شەرىئەت بويىچە مەڭگۈ ئازاب تارتىشقا مەھكۇم قىلىنىمەن. بۇنىڭ نەرىنى ئادىللىق دېگىلى بولىدۇ؟ ئۇنداقتا گۇنا بىلەن جازا ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت قالمامدۇ؟»
شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن ئۇ خرىستىيان تىئولوگىيىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىكى بىرمۇنچە كۈلكىلىك ۋە بىمەنە ئىشلارنى بايقاپ قاتتىق ھەيران بولغان، ئاخىرى داۋاملىق خرىستىئان مۇخلىسى بولۇش مېنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ دەپ ئويلاپ، خرىستىئان دىنىدىن ۋاز كەچكەن ھەمدە «مەن نېمە ئۈچۈن خرىستىئان مۇخلىسى بولمىدىم» دېگەن ئىنتاىن ئەھمىيەتلىك كىتابنى يىزىپ چىققان.
بۇ كىتابنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا 60 - 70 يىل بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر
 خرىستىئان ئالىمى ئۇنىڭدىى مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرەلىگىنى يوق. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا جاۋاب نېرىش مۇمكىن ئەمەس. ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كىم ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؟ بۇ سوئال ئالدىدا پاپالار ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ تېئولوگلارمۇ جىم تۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئۇلار رۇسېلنى سەن دوزاققا تاشلىنىسەن دەپ ئەيىپلەشتى، مۇبادا دوزاق بىلەن جەننەت دېگەن نەرسە راستىنلا مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا دوزاقنى جەننەتكە قارىغاندا تېخىمۇ پاكىز يەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى سىز جەننەتتە ئۆزلىرىنى ئازابلاپ، قورايدەك بولۇپ كەتكەن، ئادەم كۆرسىمۇ شۈركىنىدىغان ئاتالمىش ئەۋلىيالارنى ئۇچرىتىسىز. شۇڭا ئۇ ھەرگىزمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان جاي ئەمەس.
دوزاقتا سىز جىمكى شائىرلارنى، رەسساملارنى، ھەيكەلتاراشلارنى ۋە مىستىتىكلارنى ئۇچرىتالايسىز، بۇ ئادەملەر بىر - بىرسىگە ھەمرا بولغانلىقىدىن ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، ئۇ يەردە سوقراتمۇ بار؛ ساكيامۇنىمۇ بار، ئۇ ھىندى دىنى ئاساسلىرىغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، مۇرتلار ئۇنى شۇ يەرگە بەخشەندە قىلىۋەتكەن. سىز ئۇ يەردە يەنە پۇتىدامونى، جۇاڭزىنى، لاۋزىنى، كىشىلىك ھاياتقا تۆھپە قوشقان، ئالەمنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بارلىق ئالىملارنى ۋە سەنئەتكارلارنى كۆرەلەيسىز.
ئاشۇ ئاتالمىش ئەۋلىيالار زادى قانچىلىك تۆھپە ياراتتى؟ ئۇلار ئەڭ يارامسىز ئادەملەردۇر، ئۇلار كىشىلەر ئۈچۈن ئارتۇقچە يۈككە، پارازىتقا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇلر بىچارە كىشىلەرنىڭ قان - تەرىنى شوراپ كەلدى، ئۆز - ئۆزىنى ئازابلىدى، باشقىلارنىمۇ ئۆزىنى قىيناشقا ئۆگەتتى، كىشىلەرگە روھى كېسەللىك تارقاتتى.
مۇبادا پۈتۈن دۇنيا كېسەللىك بىلەن توشۇپ كەتسە، ئىنسانلارنىڭ قەلبىمۇ ھەسرەت بىلەن چىرمىلىپ كەتسە، بۇ پۈتكۈل «شەرەپ»نى ئاشۇ ئەۋلىيالارنىڭ تۆھپىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. جەننەتتە سىز جىمىكى  رەزىل ئادەملەرنى، يەنى سۆيگۈدىن خەۋىرى بولمىغان، كۈلۈشنى، ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى بىلمەيدىغان، پەقەت باشقىلارنىلا ئەيىپلەيدىغان، ھېچكىمگە خۇشاللىق نىسىپ بولمىسۇن دەيدىغان ئادەملەرنى ئۇچرىتىسىز. ئۇلار ئېھتىمال پەقەت ئازابلىنىش روھىيەتكە تەۋە، خۇشاللىق بولسا ماددىلىققا تەۋە دەپ قارىسا كېرەك.
روھىي كېسەللىكنى داۋالايدىغان ھازىرقى زامان مىدىتسىنا ئىلمى ئاشۇ ئەۋلىيالارنىڭ نېرۋىسىدىن ئاداشقانلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى، ئۇلار ھېچقانداق چوقۇنغۇچىلىكى يوق كىشىلەر، ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىنى بايقاپ قالسىڭىز، ئۇلارنى دەرھال روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇڭ، ئۇلار داۋالىنىش كېرەك، ئۇلار ساغلام ئادەملەر ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ كىشىنىڭ ھۆ قىلغۇسىنى كەلتۈرىدۇ، ئەپسۇسكى، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى بولۇپ قالدى، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۈرۈپ، ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بىر خىل كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.
ئادەملەر خۇشال كۈلۈپ يايرايدىغان، ئويۇن - تاماشا قىلىدىغان، بەھۇزۇر ئۇسسۇل ئوينايدىغان كۈنلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشتى، ئۇلار ئادەمگىمۇ ئوخشىماي قالدى، تۆۋەن دەرىجىلىك مەخلۇقلارغا ئايلىنىپ قالدى. كۆڭۈل ئېچىش ئادەمگە ئازادىلىك بېغىلايدۇ، سۆيگۈ - مۇھەببەت ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلايدۇ. كۈلكە ئادەمگە قانات بولىدۇ، ئادەمنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۇسسۇلغا ئۈندەيدۇ، بۇنداق ئادەملەر ئەڭ يىراقتىكى يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشالايدۇ، ھاياتنىڭ تىلسىماتلىرىغا سىڭىپ كېتەلەيدۇ.
«ھايات  Life، مۇھەببەت  Love، خۇشاللىق  Laughter، نۇر  Light دېگەن مانا شۇ، ئۇلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىدۇ.»

2003 - يىل 3 - سان
تەڭرىتاغ ژۇرنىلى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sultan + 100 نومۇر قوشۇلدى. بۇندىن كىيىن تېخىمۇ نادىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار!

ئادەمنىڭ سۈرىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 498
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21775
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 4080 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 10:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تىمىدىن بىرنى تەستىقلىغانلىقىمدىن خۇشالمەن

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 10:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاك مۇھەببەت كىشىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ ،ھەم ئۇكىشىگە ھەقىقي سۈيۈلۈشنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.

تىمىڭىزغا رەھمەت!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

بىز بۇدۇنياغا نى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5273
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8438
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 10:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت لىكىن مەن بۇ توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىم ئازدىيەرلىك

بىز بۇدۇنياغا نىمە ئۈچۈن يارتىلدۇق نىمە ئىشلارنى قىلىشىمىز.كىرەك....؟

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 11:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس گەپنى قىلسام بۇنى ئوقۇش ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت ئاجراتمىسام بولمىغۇدەك ،

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 11:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى  ياخشى يىزىلغان  ئەسەر ئىكەن   ..  ياقتۇردۇم    رەخمەت      بىلدىغىنىم ئاز ئىدى  ئەمدى خىلى بىر نەرسىنى  بىلىۋالدىم
يەنە بىرگەپ  : مۇنبەردە  مۇھەببەت (قىز يىگىت) تېمىدىكى ئەسەردىن باشقا تېما يوقما دەپ قالىمەن   بەزىدە   بۇلۇپمۇ شېئىريەتتە  [s:41]

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5101
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8694
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2010-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 11:37:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتسىز ھايات ئەجەپ زىركىنىشلىككەن [s:40]

ئويلىغانلىرىم~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مةن ماڭصمةن پاتس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4338
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18423
تۆھپە نۇمۇرى: 701
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 11:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت ئەمىليەتتە دەل شۇنداق كەڭ مەناغا ۋە چۇڭقۇرلۇققا ئىگە،ھە دىسە تار مەنىسىنى ۋە دۆڭ يېرىنى تۇتۇپلا تۇرماي تېخىمۇ چۆكۈش كىرەككەن،شۇندىلا ئاندىن ھاياتلىقنىڭ قەدرى قىممىتىنى يارىتالايمىز........

تۇرئالپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4561
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 1768 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 11:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويۇپ  تۇرۇپ  ئاندىن  ئوقۇي !

ھۆرمىتىم ھەممىنى بىلگەنگە ئەمەس،ئۆزىنى بىلگەنگە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 11:55:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارماي يېزىپسىز جۇمۇ ، بۇنى ئوقۇپ بۇلۇشقىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كەتتى . مەزمۇنى ياخشىكەن ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم .

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش