|
|
|
|
ھازىرقى ئالما شىركىتى زادى قانچىلىك قالتىس؟
تېخى يېقىندا، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى پەسىلدىكى مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،
پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %117.6 ئېشىپ، ساپ پايدا 13 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالما شىركىتىنىڭ iPhone ۋە iPad قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، iPhone نىڭ پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئېھتىياجى ھېلىھەم ئىنتايىن زور ئىكەن. ئۇنداقتا ئالما شىركىتى بۇ قىسقىنە بەش يىلدا قانچىلىك بېيىپ كەتكەندۇ؟ تۆۋەندە بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كۆرۈپ باقايلى…
400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار قىممىتىگە ئىگە
ناۋادا بۇ پۇل بىلەن يول ياتقۇزۇشقا توغرا كەلسە، ئامېرىكىنىڭ %42 زېمىنىغا يول ياتقۇزغىلى بولىدۇ؛ ناۋادا بۇ
پۇلنى ئالما شىركىتى خىزمەتچىلىرىگە بۆلۈپ بەرسە، ئۇنداقتا ھەر بىر ئادەمگە ئالتە مىليون 620 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن تېگىدۇ. بۇ پۇل نۆۋەتتە يەرشارىدىكى 105 دۆلەتنىڭ GDP سىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇ سان
ئامازون شىركىتىنىڭ بەش ھەسسىسىگە، eBay نىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
97 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نەق پۇل
ناۋادا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلسە، ئۇنداقتا سەككىز دۆلەتنىڭ قەرزىنى ياندۇرغىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا بۇ پۇل بىلەن، DELL، Yahoo، موتورولا كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، Activision Blizzard(دۇنياغا داڭلىق ئويۇن ئىشلەش شىركىتى)، Best Buy(دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى پارچە ساتىدىغان شىركەت) قاتارلىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا سېتىۋالالايدۇ.
13 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىم
بۇ سان گۇگېل،مىكروسوفىت، Yahoo ۋە Intel قاتارلىق گىگانت كارخانىلارنىڭ ئوخشاش پەسىلدىكى
پايدىسىنىڭ يىغىنىدىسىغا تەڭ.
مەنبە:تورخۇمارلار تورى http://www.torhumar.com/the-big-apple.html
|
|
|
|
|
|