ھۆرمەتلىك ۋە سۆيۈملۈك مۇنبەر باشقۇرغۇچى ۋە بارلىق مۇنبەر ئەھلى! مەن بۈگۈن ئۆزۈم ئوقۇپ سىلەرنىمۇ پايدىلانسۇن دىگەن مەخسەتتە بۇ پەندى- نەسىھەت تېمىسىنى يوللاۋاتىمەن، چۈنكى جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق يامان ، بۇزۇق ئەخلاقلار خېلى باش كۆتۈرۈپ قالغانلىغى ھەم شۇ ئىشنىڭ قانداق گۇناھ بولىدىغانلىغىنى مېنىڭچە بىلمەي شۇنداق قىلىۋاتقان بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىغانلىغىم ئۈچۈن بۇتېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى ئۆچۈرۋەتمىگەيسىلەر بۇ تېما پايدىلىق ئېلىپ كەلسە كېلىدۇكى زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. تورداشلار يەنە مېنى تىللاپمۇ كەتمەڭلار، مېنىڭ بۇ تېمىنى قانچىلىك تەستە يازغانلىغىمنى مېنىڭچە سىلەرمۇ بىلىسىلەر.
زىنا دىگەن نىمە؟
زىنا- ئۆزىنىڭ ھالال نىكاھلىق جۆرىسى بولمىغان بىرسى بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ ھارام قىلغان ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھتائالا بىز مۇسۇلمانلارنى قەتئيلىك بىلەن توسۇپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ‹‹ زىناغايېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبېھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.›› (1)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:‹‹ زىنا قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ئوغۇرلۇق قىلغۇچى مۆمىن ھالىتىدە ئوغۇرلۇق قىلمايدۇ، ھاراق ئىچكۈچى مۆمىن ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ.››(2)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:‹‹كىشى زىنا قىلغان چېغىدا، ئۇنۇڭدىن ئىمان چىقىپ كېتىپ ئۇنۇڭ بېشىدا كۈنلۈككە ئوخشاش تۇرىدۇ، ئۇ كىشى گۇناھىغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئىمانى ئۇنۇڭغا قايتىدۇ. ›› (3)
زىنانىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى:
زىنانىڭ ئىجتىمائي تۇرمۇشتا قانداق ئاقىۋەتلىرى بار؟
زىنا ئىناق ئائىلىلەرنى پارچىلايدىغان ، ئابرويلۇق كىشىلەرنى يەرگە قارىتىدىغان، گۇناھسىز نارىسىدە بالىلارنى يېتىم قېلىدىغان، ئوت يۈرەك ئەرلەرنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدىغان بىر خىل رەزىل قىلمىشتۇر .
زىنا شۇنچىلىك قەبىھ ۋە رەزىل ئىش بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئۇنۇڭ جازاسىنى تۆۋەندىكىچە بىكىتكەن ؛
بىرىنچى، زىنا قىلغۇچى ئۆيلەنگەن ياكى تۇرمۇشقا چىققان بىرسى بولسا، ئۇنى تاش- كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئەگەر ئۆيلەنمىگەن ياكى ياتلىق بولمىغانلار بولسا، ئۇنى خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈز قامچە ئۇرۇش ،ئەر- ئايال، باي- گاداي ، قېرى- ياش بۇ ھۆكۈمدە ئوخشاشتۇر. بۇلار زىنانىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى. ئەمما ئۇنۇڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان ، ئەقىلنى چۆچىتىدىغان بىر ئىشتۇر. ئاللاھ تائاللا قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان سۆزىدە زىنا قىلىشنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ۋە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەر ساناپ، بۇ گۇناھلارنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىنى مۇنداق بايان قىلغان:‹‹ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلىپ قوشىۋالمايدۇ ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى ئىشلىمەيدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى بۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن، ئۇ ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنۇڭغا ھەسسىلەپ ئازاپ قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك ئازاپ ئىچىدە خارلانغان ھالىدا قالىدۇ.››(4)
داۋامى بار ...
(1) ئىسىرا سۆرىسى 32-ئايەت
(2) بۇخارىي رىۋاىيىتى
(3) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
(4) فۇرقان سۆرىسى 68-،69-ئايەتلەر
مەنبە: ئىسلامدىكى 2000 سوئال دىگەن ئېلكىتاپتىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-4 11:34 PM