ئەگەر موھىم ھۆججەتلىرىڭىز بولسا ئۇنى مەخپىي شىفىرلاپ پرىسلاپ ساقلاپ قويسىڭىز باشقا يات ئادەملەرنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى دەمالىققا كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىز.
ئۇسۇلى مۇنداق:
1.پرىسلىماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەككەن چاغدىكى تىزىملىكتىن 添加到压缩文件 نى تاللىسىڭىز تۆۋەندىكى تىزىملىك ئېچىلىدۇ:
2.بۇ تىزىملىكتىكى 高级 نى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى تىزىملىك ئېچىلىدۇ:
3.ئاۋۋال بۇ تىزىملىكتىكى 保存文件安全数据 بىلەن 保存文件流数据 تاللاپ قويۇپ ئاندىن 设置密码 نى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى تىزىملىك ئېچىلىدۇ:
4.ئاۋۋال بۇ تىزىملىكتىكى 加密文件名 نى تللاپ قويۇپ ئاندىن 输入密码 ۋە 再次输入密码以确认 دېگەن ئىككى بوشلۇققا ئۆزىڭىز بېكىتمەكچى بولغان مەخپىي شىفىرىڭىزنى ئايرىم-ئايرىم كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن 确定 نى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى تىزىملىك ئېچىلىدۇ:
5.ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكتىكى 确定 نى چەكسىڭىز مەخپىي ھۆججىتىڭىز مەخپىي شىفىرلىنىپ پرىسلىنىدۇ.
دىققەت: پرىسلىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىز كېرەك. (بۇ ھۆججىتىڭىز ئەگەر يېزىق ھۆججىتى بولسا ئەسلىدىكى ھۆججەتنى قايتا ئېچىپ ئىچىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۋېتىپ ساقلاش بۇيرىقىنى بەرگەندىن كېيىن چېكىنىپ ئاندىن ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز باشقىلار قانۇنسىز ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرسىمۇ ھېچ قانداق مەزمۇنغا ئېرىشەلمەيدۇ. پىرىسلاشتىن كېيىن ئەسلىدىكى ھۆججەتنى ئۆچۈرۈشتىن ئاۋۋال ھۆججەت نامىنى ئىمكان قەدەر تەرتىپسىز ھالدا ئۆزگەرتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆچۈرسىڭىز قانۇنسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ئاز بولىدۇ.)
مەنبە: ئۆزۈم(201202041735)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilxikarxad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-4 05:38 PM