|
|
|
|
1. زىدانېنىڭ ماتىراسسىنى ئۈسۈش ۋەقەسى
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بىر نەچچە مىنۇت قالغاندا، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى زىدانې تۇيۇقسىزلا ئىتالىيە كوماندىسىدىكى ماركو ماتىراسسىنىڭ كۆكرىكىگە قاتتىق ئۈسۈپ يىقىتىۋېتىدۇ. شۇ سەۋەپ بىلەن رېپىر زىدانېغا قىزىل كارتا جازاسى بېرىپ، مەيداندىن چىقىرىۋېتىدۇ.
ئەزەلدىن ئېغىر بېسىق، كەڭ قورساق، ئىلمى توپ ئوينايدىغان زىدانېنىڭ بۇ قىلمىشىدىن بارلىق كوماندا ئەزالىرى، تېرىنىر ۋە توپ مەستانىلىرى قاتتىق ھەيران قالىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىدانې مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلايدۇ:
مۇسابىقە جەريانىدا ماتىراسسى ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ زىدانېنى ئۈچ قېتىم ھاقارەتلىگەن. دەسلەپتە زىدانېنى ۋە ھەدىسىنى ھاقارەتلىگەن. 3-قېتىمدا بولسا «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى تېرورچى» دېگەندەك گەپلەر بىلەن زىدانې ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىنى ھاقارەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن زىدانې بۇلارغا چىداپ تۇرالماي، توپ مەيدانىدىلا ماتىراسسىنى قاتتىق ئۈسۈۋەتكەن.
زىدانىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى-ئالجىرىيە ئارىلاش قان سېستىمىسىدىن بولغان بېر-بېر مىللىتى بۇلۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. زىدانېنىڭ ماتىراسسىغا كاللا قۇيۇشى-شۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلانغان.
2. ئوزىل بىلەن ۋىللا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش
2011-يىلى 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيە خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى گېرمانىيىلىك توپچى مەسۇت ئۇزىل تۇيۇقسىزلا بارسېلونا كوماندىسىدىكى داۋىد ۋىللا بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەپ بىلەن ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. ئۇزىل بولسا قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىدۇ.
ئۇزىلنىڭ كەمسۆز، سوغوققان، ئېغىر-بېسىق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان. ئۇنداقتا ئۇزىل نېمىشقا تۇيۇقسىز قىزىققانلىق قىلىپ جېدەل چىقىرىدۇ؟
ئۇزىل-گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۈرك يىگىتى بۇلۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 2010-يىلى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ چەبدەس ماھارىتى ئارقىلىق تېزلا تۇنۇلىدۇ ۋە دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن يۇقىرى ھەق بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كېلىدۇ.
بارسېلونا بىلەن بولغان شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە، ۋىللا سەۋەپسىزلا ئۇزىل ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلغان. شۇ سەۋەپ بىلەن ئۇزىل ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈن ۋىللا بىلەن ئۇرۇشقان. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «ۋىللا مېنىڭ دىنىمنى ھاقارەتلىدى، مەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىنىي ئېتىقادىمنى ھاقارەتلىشىگە قاراپ تۇرالمايمەن» !
بۇ قېتىمقى ماجرادا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى باشقا ئەزالارمۇ غەزىپىنى باسالمىغان. خانلىق مادرىد كوماندىسىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان توپچىلاردىن بىر نەچچىسى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭمۇ غەزەپلىنىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ سەۋەپتىن بۇلۇشى مۇمكىن.
3. كانۇتنىڭ فابرىگاسنى ئۇرۇش ۋەقەسى
2011-يىلى 10-ئايدا ئىسپانىيە بارسېلونا كوماندىسى بىلەن سېۋىللار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى، نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر ئىسراپ بولۇپ كەتتى ، مسسى نۇقتا توپنى قاپقىغا كىرگۈزەلمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا سېۋىللار كوماندىسىدىكى ئىككى توپچى قىزىل كارتا بىلەن جازالاندى، مۇسابىقە ئاياغلاشقىلى ئاز قالغاندا فابرىگاس تاياق يدى .
مۇسابىقە 91-مىنۇتىدا بارسىلونا بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى، مىسسى نۇقتا توپنى ئۇرۇشقا تەييارلانغاندا، چەكلەنگەن رايۇننىڭ سىرتىدىكى كانۇت سول قۇلى بىلەن بۇسكسنى ئىتتىرىپ، ئوڭ قولى بىلەن فابرىگاسنىڭ بوينىنى سىقتى ، ياندىكى سېۋىللار كوماندىسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى ئسكۇد كانۇتقا ياردەملىشىپ فابرىگاسنىڭ بوينىغا قول ئۇزاتتى، كانۇت بىلەن سىلىشتۇرغاندا فابرىگاسنىڭ بەدىنى كىچىك بولغاچقا ئۆزىنىڭ بىر يانغا ئالدى، يەنە نەچچە ئېغىز تىللاشقاندىن كېيىن مالى غەزەپلەنگەن ھالدا فابىرگاسنىڭ يۈزىگە بىرنى ئۇردى، قالايمىقانچىلىقتا فابرىگاس يۈزىنى تۇتقان ھالدا يەرگە يىقىلدى ، ئۇ يىنىك يارىلانغاندەك قىلمايتتى.
كانۇت نىمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىدۇ؟ ئىسپانىيە ‹‹ دۇنيا گېزىتى››نىڭ ئاشكارلىشىچە، ھەممە ئىش فابرىگاسنىڭ كەينىدىكى كانۇتنى بىر ئېغىز ‹‹ئىپلاس مۇرلار ›› دەپ تىللىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ، ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان مۇرلار بۇرۇن تارىختا يەتتە-سەككىز مىڭ بولۇپ ، تارىختا سەككىز يىل ئىچىدە خىرىستىيان دىنىغا ئىشىنىدىغان يېرىمىدىن كۆپرەك ئىسپانىيەلىك كىشلەرنى قايىل قىلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇرلار ئاساسلىق شىمالىي ئافرىقىلىقلار بولۇپ، ھازىرقى ئىبرىيە يىرىم ئارىلىدىكى ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ. فابرىگاسنىڭ بۇ سۆزى كانۇتنىڭ ئېتىقادىنى ھاقارەتلىگەن، شۇنىڭ بىلەن كانۇت فابرىگاسنىڭ بوينىدىن ئالغان.
1-2-ۋەقە تېلىۋېزوردا ۋە توردا كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن يېزىلدى. 3-ۋەقە پۇتبول تورىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mars-adimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-4 12:08 AM
|
|
|
|
|
|