مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1057|ئىنكاس: 17

ئويغان (مىليونىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 10:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئويغان(مۇۋەششەھ)


ئوتۇن ئارتىپ  يۈرىمىز جاڭگاللاردا ئېشەككە ،
كوچا-كويدا  بالىلار مايلامچى ھەم يانچۇقچى .
مەھمۇد يۈسۈپ  فارابىي  ئەۋلادلىرى ئىدۇق بىز ،
تۇنۇلغۇدەك ئالىم يوق تۇنۇلغۇنى مۇقامچى .


ياخشىلىقنى قىلمايمىز مىڭ سەر ئالتۇن بەرسىمۇ ،
يامانلىقنى ۋە لېكىن سېتۋالىمىز دوللارغا  .
نادانلىق ھەم يامانلىق  يوقالمىدى تېخىچە ،
ئاغرىپ قالساق بارىمىز ئەڭ ئالدىدا موللىغا .


غېرىپ بىلەن سەنەمدەك ، لەيلى  مەجنۇندەك  ،
ئاشىق-مەشۇقلار قېنى ، قېنى ۋاپا ساداقەت .
قېنى بىزدە مۇھەببەت ، قېنى بىزدە ھالاللىق ،
تەن ۋە روھنى بۇلغىدى زىنا بىلەن پەس شەھۋەت .


ئالىم بىلەن پەيلاسوپ  ئازلاپ كەتتى مىللەتتە ،
بىلىم ھېكمەت قەدىرسىز بولۇپ قالدى بۇ كۈندە .
قاڭسىق ھاراق پۇرىقى كېلەر مەكتەپلەردىنمۇ ،
يازغۇچىغا خىروئىن كونا تېما  بۇ كۈندە .


ناخشىچىلار كۆپەيدى پېتىشمايدۇ  سەھنىگە ،
ئۇيغۇر قىزى ئوينايدۇ كىيىم سېلىش ئۇسۇلى .
چېركىاۋلاردا يۈرمەكتە سەبىي ئۇيغۇر باللىرى ،
كىرىست ئېسىپ بوينىغا كۆتىرۋىلىپ ئىنجىلنى .


مىليونىر


ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 12:46:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 02:23:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىللاپ ئويغاتماي مىللەتنى، توغرا يول كۆرسىتىپ ئويغاتساق ياخشى بولاتتى..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74611
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 02:54:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناخشىچىلار كۆپەيدى پېتىشمايدۇ  سەھنىگە ،
ئۇيغۇر قىزى ئوينايدۇ كىيىم سېلىش ئۇسۇلى .
چېركىاۋلاردا يۈرمەكتە سەبىي ئۇيغۇر باللىرى ،
كىرىست ئېسىپ بوينىغا كۆتىرۋىلىپ ئىنجىلنى .


بۇنى نىمە دىگۈلۈك ئەمدى ؟ ئاللاھ


يىگىت بولساڭ مىللىتىڭنى سۆي،
سۈيىدەئاق-ئوتلىرىدا كۆي.
مىللەت بىلەن مەۋجۇتلىقىڭ بار.
مىللەت دىگەن ئۇلۇغۋار بىر كۇي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74554
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2013-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 08:57:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aykarim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-4 02:54 AM
ناخشىچىلار كۆپەيدى پېتىشمايدۇ  سەھنىگە ،
ئۇيغۇر قىزى  ...

ناھايتى ياخشى يىزىپسىز قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 09:28:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aykarim يوللىغان ۋاقتى  2012-2-4 02:54 AM
ناخشىچىلار كۆپەيدى پېتىشمايدۇ  سەھنىگە ،
ئۇيغۇر قىزى  ...

ئۇيغۇر دەپ قىلمەن قىلغان ئىشىمنى ،
ئۇيغۇر دەپ تۆكىمەن تۆككەن يېشىمنى ،
ئۇيغۇرغا ئاتايمەن ھەتتا بېشىمنى ،
چۈنكى مەن ئاتالدىم ئۇيغۇر ئوغلى دەپ .

ئۇيغۇرنى ئويلايمەن خوشال كۈلگىچە ،
ئۇيغۇرنى ئويلايمەن   ئامان يۈرگىچە ،
ئۆتىمەن ئۇيغۇردەك ياشاپ ئۆلگىچە ،
چۈنكى مەن ئاتالدىم ئۇيغۇر ئوغلى دەپ .

ئىڭەلەپ تۇغۇلدۇم ئۇيغۇر ئانىدىن ،
تانمايمەن بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر قېنىدىن ،
ئۇيغۇرلۇق كۆرىنەر ئىچى تېشىمىدىن ،
چۈنكى مەن ئاتالدىم ئۇيغۇر ئوغلى دەپ .

ئۇيغۇرۇم بەردى ۋىژدان غورۇرنى ،
قەلبىمنى بىر ئالدى مىللەت  سۆيگىسى ،
بۇ سۆيگۈ پورەكلەپ پۇراق چاشقۇسى ،
چۈنكى مەن ئاتالدىم ئۇيغۇر ئوغلى دەپ .






ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ayrilmas + 100 ماختاشقا تېگىشلىك ئېس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 11:38:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېرىپ بىلەن سەنەمدەك ، لەيلى بىلەن مەجنۇندەك  ،
ئاشىق-مەشۇقلار قېنى ، قېنى ۋاپا ساداقەت .
قېنى بىزدە مۇھەببەت ، قېنى بىزدە ھالاللىق ،
تەن ۋە روھنى بۇلغىدى زىنا بىلەن پەس شەھۋەت .

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239285
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 11:56:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1- ئۇيغۇرۇم جان ئۇيغۇرۇم


قەلبىمدە بىر باھار ، دىلىمدا نەۋرۇز ،
ئەل ئارا چاقنىغان ، نۇرانە يۇلتۇز ،
غورۇرى مۇجەسسەم كىچە ھەم كۈندۈز ،
يىلتىزداش قېرىنداش ، گۈلدەك ئۇيغۇرۇم .

ئۆزگىدەك ماختىماس ، يىگەن - ئىچكەننى ،
تۈلكىدەك ئوۋلىماس ، ساياق يۈرگەننى ،
كۈلكىگە جۆر قىلار ، ھەسرەت  يۇتكەننى  ،
مىھىرداش - قەلىپتاش ، سۈتتەك ئۇيغۇرۇم .

يىقىلغان ئىنساننىڭ ، تارتار قولىدىن ،
ئازغاننى يىتەكلەپ ، تۇسار يولىدىن ،
ئاچ قالغان شاپائەت ،كۆرەر توقىدىن ،
تەقدىرداش،باغىرداش كۈندەك ئۇيغۇرۇم .

ئۆلگەنگە ھەمرادۇر ، قايغۇ – يىغىسى ،
ئاقىلغا نائىلدۇر ، بەركەت –كۈلكىسى ،
يىتىمگە پايخاندۇر ، ئىللىق –جىلۋىسى ،
غورۇرداش،مەنزىلداش ،ئايدەك ئۇيغۇرۇم .

ھەقىقەت يولىغا ، تەسەددۇق قېنى ،
ئەدەپ ۋە ئىمانى ، بەئەينى جېنى ،
جاپا ھەم مۈشكۈلگە ، پايانداز تېنى ،
ئىمانداش،سۈزۈكداش،سۇدەك ئۇيغۇرۇم .

يازساممۇ ئۇيغۇرغا ، رومان ھەم نەسىر ،
ماختىسام ۋە ياكى يىل –ئاي ۋە ئەسىر ،
ئۇيغۇرغا  قاتۇرۇپ ، سالساممۇ قەسىر ،
شەنىڭگە ئاز كىلۇر ، باغدەك ئۇيغۇرۇم .

2- ئۇيغۇر قىزىمەن ‹ قىزلار تىلىدىن ›


رەڭگارەڭ ھاياتنىڭ قايناملىرىدا ،
ئەجىر ھەم جاپانىڭ ۋولقانلىرىدا ،
تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ، ئويمانلىرىدا ،
تاۋلانغان ......
پاكلىقنىڭ ئەلچىسى ئۇيغۇر قىزىمەن .

ئەدەپ ۋە ھايانىڭ ئارقانلىرىدا ،
پاك سۆيگۈ ۋاپانىڭ ،بالقانلىرىدا ،
ھەقىقەت،ئىشەنچنىڭ شاۋقۇنلىرىدا ،
تاۋلانغان .....
كۈلپەتنىڭ جەڭچىسى ئۇيغۇر قىزىمەن .

بۇلبۇلدەك باغ ئارا سايراپ يۈرۈشكە ،
نۇرانە قۇياشتەك ، تاتلىق كۈلۈشكە ،
ھوسۇللۇق گىياھتەك ،رەڭدار ئۈنۈشكە ،
ئاتلانغان ......
مىھىرنىڭ تامچىسى ، ئۇيغۇر قىزىمەن .

مىللەتكە بىر ئۆمۈر چىراق بۇلۇشقا ،
ئىللەتتىن بىر ئۆمۈر يىراق بۇلۇشقا ،
ئەل ئارا بىر ئۆمۈر ئىناق بۇلۇشقا ،
ئاتلانغان .....
ئىللەتنىڭ قامچىسى ،ئۇيغۇر قىزىمەن .

ئىناقلىق ، ئۆملۈكنىڭ ، تۇمانلىرىدا ،
رەزىللىك ،پەسلىكنىڭ ،گۇمانلىرىدا ،
مەردانە ، مەرتىلىكنىڭ بۇلاقلىرىدا  ،
تاۋلانغان .......
گۈزەللىك باغچىسى ، ئۇيغۇر قىزىمەن.

3- ئۇيغۇر مىللىتى

قولى گۈل تىرىشچان ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
باغرى باغ گۈلۈستان ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
تارىخقا ئىز سالدى ، كەلگۈسى ئۈچۈن ،
باسقىنى زىمىستان ... ئۇيغۇر مىللىتى .

خۇشچاقچاق ،مەردانە ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
يىتىمگە ، نۇر- سايە ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
ئەجرىدىن ئىستەيدۇ ، مىللەت يولىغا ،
ئۇلۇغۋار ،شات –غايە ، ئۇيغۇر مىللىتى .

گۈل كەبى جەلىپكار ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
توغراقتەك پىداكار ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
فارابى–ئۆتكۈرنىڭ ،قۇرماس يىلتىزى ،
ھەرىدەك ئىجاتكار ، ئۇيغۇر مىللىتى .

ئەدەپلىك ، ھاياللىق ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
ساپ سالقىن، ھاۋالىق ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
قەلبىگە مۇجەسسەم ،يېڭىلمەس، مەرتلىك .
چۈشكۈنگە  – ھاياتلىق ، ئۇيغۇر مىللىتى .

بۇلبۇلدەك – ئۈنلەيدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
گىياھتەك – كۆكلەيدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
ھەقىقەت تونىدا ، نامەرتنى يېڭىپ ،
قۇش كەبى –ئۆرلەيدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتى .

گوياكى – خەنجەردۇر ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
ئۆملۈكتە – زەنجىردۇر ، ئۇيغۇر مىللىتى ،
تىرىشىش –ئىزدىنىش ، روھى مۇجەسسەم ،
ئەقىللىق – پەملىكتۇر ،ئۇيغۇر مىللىتى .

ئەدەپ ۋە ئەخلاقتا ، نۇرانە – قۇياش ،
رىشتىمىز ئۈزۈلمەس ،يىلتىزدەك تۇتاش ،
مىھرىمىز –تومۇردىن ، دىللارغا ئۇلاش ،
يۇلتۇزدەك – نۇرانە – ئۇيغۇر مىللىتى .

زىمىندا ياشايدۇ ،خىلمۇ- خىل مىللەت ،
بەزىدە پاك – غورۇر ، بەزىدە ئىللەت ،
ئىزدىسەك تېپىلماس ، قىتەلەر ئارا ،
جاپاكەش، مىھماندوس، ئۇيغۇردەك مىللەت  .

4-ئۇيغۇرغا مەدھىيە

جەسۇرلۇق مەرتلىكنىڭ ئۈلگىسى ئۇيغۇر،
غېرىپلىق، قايغۇنىڭ كۈلكىسى ئۇيغۇر.
جاسارەت، ساداقەت، مىھىر- ۋاپانىڭ،
يېڭىلمەس، پاسىبان، سەركىسى ئۇيغۇر.

رەزىلىك، پەسلىكنىڭ  قامچىسى ئۇيغۇر،
چاڭقىغان دىلارنىڭ تامچىسى ئۇيغۇر.
ئىلىم –پەن، قۇرئاندىن رەڭلەر تۈزىگەن،
پاكلىقنىڭ، ئاقلىقنىڭ باغچىسى ئۇيغۇر.

ئىناقلىق، ئۆملۈكنىڭ ئەلچىسى ئۈيغۇر،
مۈشكۈلات، جاپانىڭ يەلكىسى ئۇيغۇر.
ۋىجدان ھەم غورۇرنىڭ، شەرمى–ھايانىڭ،
سۈپ-سۈزۈك بۇلىقى، ئەركىسى ئۇيغۇر.

شان – شەرەپ ،ئالقىشنىڭ شەۋكىتى ئۇيغۇر،
ساپ ئەجىر – ھوسۇلنىڭ  بەركىتى ئۇيغۇر.
يىتىمنىڭ –ئاجىزنىڭ، سۇنۇلغان قولنىڭ،
نىجاتلىق يۇلتۇزى، دۆۋلىتى ئۇيغۇر،

چۈشكۈنلۈك، غەپلەتنىڭ ،خەنجىرى ئۇيغۇر،
ئىناقلىق، ئۆملۈكنىڭ زەنجىرى ئۇيغۇر .
ئاقكۆڭۈل، كۈيۈمچان، ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ،
مىھماندوسىت، خۇشچىراي، ھەمشرى ئۇيغۇر.

دەرت –ئەلەم، كۈلپەتنىڭ شادلىقى ئۇيغۇر،
مۇڭ باسقان دىھقاننىڭ  ئاشلىقى ئۇيغۇر،
پاك- سۆيگۈ ، مۇھەببەت ،يىلتىزداشلارنىڭ،
سېخى نۇر –قۇياشى ،ياشلىقى ئۇيغۇر.

چىمەنلىك باغلارنىڭ  بۇلبۇلى ئۇيغۇر،
رىقابەت-دوئېلنىڭ  دۇلدۇلى ئۇيغۇر.
چىھرىدىن نۇر چاچقان ، ئاللاھ بەركىتى،
چىرايلىق، قامەتلىك، سۇمبۇلى ئۇيغۇر.

كائىنات –تەبىئەتنىڭ گىياھسى ئۇيغۇر،
رەڭگارەڭ ھاياتنىڭ  جۇلاسى ئۇيغۇر.
ياخشىلىق ئىزدىگەن، بارچە يۈرەكنىڭ،
قۇت-مەدەت، ئالقىشى، دۇئاسى ئۇيغۇر.

ئۇيغۇرغا مۇجەسسەم خىلمۇ خىل خىسلەت،
شۇ سەۋەپ ئاتالدۇق تىرىشچان مىللەت.
چىقسا گەر ئارىدىن  ئاز- تۇلا ئىللەت،
ئىللەتكە قۇل بولماي ئالايلى ئىبرەت.

5- ئۇيغۇرمەن - ئۇيغۇرغا يازىمەن شېئىر

ياشايمىز ئانا يۇرت، گۈزەل ماكاندا ،
مىللەتتىن سەسكىنىپ بولماي گۇماندا ،
گاھى بىز خوشلۇقتا، گاھى تۇماندا ،
ئۇيغۇرمەن-ئۇيغۇرغا يازىمەن شېئىر.

چىقسىمۇ ئارىدىن  بەزىبىر ئىللەت،
ئىللەتكە ۋەكىلىك  قىلمايدۇ مىللەت،
ئۇيغۇر بىز ئىللەتتىن ئالغاچقا ئىبرەت،
ئۇيغۇرمەن-ئۇيغۇرغا يازىمەن شېئىر.

قىز-ئوغول مىللەتكە يانغان شام چىراق،
كۆرىدۇ خۇشاللىق ، بەزى دەرىت -پىراق،
ئۆتكەچكە تارىختا بەك ئىجىل-ئىناق،
خوش بولۇپ-ئۇيغۇرغا يازىمەن شېئىر.

ئۇيغۇر بىز ئەدەپلىك، ھەمدە چىداملىق،
قىز - ئوغول ۋاپادار، شەرمى- ھايالىق،
ئانىلار كۈيۈمچان، ئەرلەر  ياراملىق،
ئۇيغۇرمەن-ئۇيغۇرغا يازىمەن شېئىر.

ئۇيغۇرلار ئۇيغۇردىن تانماس ئالدىراپ،
مىللەتكە شام بولدى ئۆچمەي يالتىراپ،
ھەم بەزى ئېقىن بوپ ئاققاچ شارقىراپ،
ئۇيغۇرمەن-ئۇيغۇرغا يازىمەن شېئىر.

مىللەتتىن بەزىدە كۆرسەممۇ ئەلەم،
ھەم بەزى كۆرسەممۇ شەرەپلىك قەدەم،
ۋە لېكىن قولۇمدا بولسىلا قەلەم،
ئۇيغۇرمەن-ئۇيغۇرغا يازىمەن شېئىر.

6- ئۇيغۇر بىز  

ئۇزاق يىللىق تارىخنى ، بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز ،
ئەجىرلەردىن گۈل كۆرۈپ ، شەرەپ قۇچقان ئۇيغۇر بىز ،
كۆز يەتمىگەن تاغلارغا ، ئىزلار سالغان ئۇيغۇر بىز ،
تەن - تېنىدە ئۇيغۇرنىڭ ،قېنى ئاققان ئۇيغۇر بىز ،
سادىر ھەمدە لۇتپۇلنىڭ، ئەۋلادى شۇ ئۇيغۇر بىز .

يەلكىمىزنى تال كەبى ، ئەگسىمۇ جۇت – بورانلار ،
مەنزىللەرنى ھەر ۋاقىت ،توسسىمۇ تاش – قىيانلار ،
ئەجىرىمىزنى شام كەبى ، ئۆچۈرۈپ ئۆتسە شاماللار ،
ياخشى ئىشنى يوق قىلىپ ،دوق قىلسىمۇ يامانلار ،
كۈلكە بىلەن ئاچچىقنى ، تېتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

ياشاپ كەلدۇق بىرىمىز ، يېڭىپ ئاچچىق كۈلكىنى ،
يەنە بىرىمىز ئوۋلىدۇق ، ئارىدىن  چىققان تۈلكىنى ،
تاللاش – شاللاش بولسىمۇ ، تالاشمىدۇق مۈلۈكنى ،
ئەگرى – توقاي يوللاردا ، ئۇنتۇپ قالماي ئۆزلۈكنى ،
ھەقنى كۆزلەپ يىراقنى ، ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

بولسا بىراۋ ھازىدار ، كۆزنى ھەممە ياشلايمىز ،
يىتىم – يىسىر، ئاجىزغا ، ئاتىغاننى تاشلايمىز ،
چىقسا بىزدىن بىر ئالىم ، چاۋاكلارنى باشلايمىز ،
ئىللەت بولسا ئارىدا ، ھەممە تەڭلا قاقشايمىز ،
گاھى ماتەم،خۇشاللىق ،كۆرۈپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

بىرلىرىمىز دىھقان بوپ ، تىنىپ تاپماي ئىشلەيمىز ،
بىرلىرىمىز كادىر بوپ ، يۇمشاق گۆشنى چىشلەيمىز ،
بىرلىرىمىز كۆچمەن بوپ ، ئانا يۇرۇتنى ئەسلەيمىز ،
بىرلىرىمىز ياش غۇنچە ، ئۇلۇغ غايە ، ئىستەيمىز ،
تەڭشەلمىگەن جاھاندا ، ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

ئەجىر قىلىپ چۆللەرنى ، ئايلاندۇرۇپ باغلارغا ،
مىللى ئۆرۈپ ئادەتنى ، باغلاپ مۇقام سازلارغا ،
تەبىي گۈزەل چىنلىقنى ،سىموۋۇل قىپ ئايلارغا ،
ساپ ئەقىدە - ۋاپانى ، ئاتاپ مەڭگۈ يارلارغا ،
قىزىل گۈلدەك خۇشپۇراق چېچىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

چىقسىمۇ گەر ئارىمىزدىن،بىرەر ئازغۇن، نۇمۇسسىز ،
سېتىپ مىللەت يۈزىنى ، ئىللەت سۈيەر ئۇياتسىز ،
دوس-  يارەننى  يىغلىتىپ ، قان قىلسىمۇ ۋاپاسىز،
ئاقنى سېتىپ بەزىلەر ، لەيلەپ يۈرسە ئىمانسىز ،
ئاشۇ ھەممە پۇشتىمىز ، تانالمايمىز ئۇيغۇر بىز .

قۇياش بۇلۇپ پارلىدۇق ، تەپتىمىزدىن نۇر تۆكۈپ ،
كىلەچەك دەپ ۋەتەن دەپ ، ئېقىنلارغا تەڭ چۆكۈپ ،
خەلىق ئۈچۈن ئەل ئۈچۈن ، دىلغا ئارمان لىق پۈكۈپ
يۈلتۇز بۇلۇپ چاقنىدۇق ، كۈندۈزلىرى ھەم مۆكۈپ ،
توغراق كەبى ئۆكۈنمەي،  ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .


مەنبە- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-4 12:00 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
MILYONIR + 500 ياشىسۇن ئۇيغۇر شائىرى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 12:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 3051 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:23:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن،
قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن.
پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا،
بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش