ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ يەنە بىر سەمەرىسى چۆپ ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
چۆپ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىدە ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ئۆزىنىڭ يېيىشلىك ھەم سىڭىشلىقلىقى بىلەن ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇپ كەلگەن تائامدۇر .
چۆپ ئېتىش ئۇسۇلى ۋە خۇرۇچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ، نېرىن چۆپ ،تۈگمەن چۆپ، قىرغىز چۆپى، پىتىر چۆپ، شوخلا چۆپ، قېتىق چۆپ،ماش چۆپ، قورشىما چۆپ،قىيما چۆپ،سەي چۆپ ، تۇخۇم چۆپ، چار چۆپ..... قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قەدىمى تائاملىرى بارا بارا ئىستېمالدىن قېلىشقا باشلىدى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇ خىل تائاملارنىڭ تەمى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز ئەتكەن تائاملارنىڭكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقى شۇنىڭ بىللە شەھەرلىشىش ۋە تۇرمۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ھازىرقى نۇرغۇن قىزلىرىمىز ئۇنداق تۈجۈپىلەپ ئېتىدىغان تائاملارنى بۇرۇنقىلاردەك تۈجۈپىلەپ ئېتەلمەيدۇ.تۆۋەندە مەن نېرىن چۆپنى نېرىن چۆپنى مىسال قىلساق ھازىر كۆپىنچە ئائىلىدە بالىلىرىمىز چۆپ دېسە بېشى ئاغرىيدۇ.يىگىلى ئۇنىمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى چۆپ مېنىڭچە بۇرۇنقىدەك تەملىك بولمايدۇ . بىرقاچاخېمىرنىڭ ئۈستىگە ئازراق نېرىن بىلەن سەۋزىنى توغراپ سېلىپ بېرىمىز خىمىيىۋى ئوغۇتنى بولدى دېگۈدەك سالغان بۇغداينىڭ خېمىرىمۇ بۇرۇنقىدەك تەملىك بولمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ھازىرقى تائاملارنىڭ ئالدىدا يېمەسلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
نېرىن چۆپ ئادەتتە ئاتۇش چۆپىمۇ دىيىلىدۇ بۇ خىل چۆپنى ئېتىشتە ئاۋال ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئاستا تەييارلىق قىلىمىز بۇرۇنقىلار ھەتتا قازانغا قۇيىدىغان سۇدىن تاتىپ قالايدىغان ئوتۇنغىچە تاللايتتى. چۆپنىڭ خېمىرىنى بۇرۇن يۇغۇرۇپ تىندۇرىلاتتى خېمىرنى بۇرۇن يۇغۇرۇپ راۋۇرۇس ئەيلەپ چىنە ياكى داس تەڭلە دېگەندەك نەرسىدە باسۇرۇپ قۇياتتى بۇنداق خېمىرنى تىندۇرغاندىن كىيىن يايغاندا ھەم تەكشى ھەم نىپىز يايغىلى بولىدۇ خېمىرنى ئەيلەپ نوغۇچقا ئالىدىغان چاغدا خېمىر يۈزىدە ئۇششاق كۆپۈكچىلەر پەيدە بولىدۇ بۇ خېمىرنىڭ ياخشى تىنغانلىقى بۇلۇپ بۇلار خېمىرنىڭ ئىچىدىكى ھاۋادۇر. شۇنداق خېمىرنى ئەيلەپ باسۇرۇپ قويغاندىن كىيىن سۈزۈك سۇنى قازانغا قۇيۇپ گۆشنى سالىمىز ئاندىن ياخشى ئېغىر ئوتۇندا( ئۆرۈك ياكى يۇلغان دېگەندەك ئوتۇندا) ئوتنى يېنىك قىلىپ ناھايىتى ئۇزۇن قاينىتىپ ئاندىن چامغۇر سالىمىز . بۇجەرياندا پىيازنى چېكىپ تۇرۇپ قاردەك ئۇششاق توغرايمىز.توغرالغان پىيازنىڭ ئۇستىگە قازاندىكى گۆشنىڭ شورپىسىنى ئالىمىز. سالغان گۆش ئازراق بولسا قازاندىكى سۇدا ۋىلىلداپ تۇرغان شورپىنى چۆمۈچتە سۈزۈپ ئېلىپ ئۈستىدىن پۈۋلەپ شورپىسىنى بايقى پىياز توغرالغان پىيالە ياكى چىنىگە چۈشۈرىمىز ئاندىن شورپىنى مىس قاچا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىگە تۆكۈپ ئوت ئۈستىگە قۇيۇپ پىيازنى پۇشۇرىمىز( پۇشۇرمىساقمۇ پۇشۇرساقمۇ بولىدۇ) .ئاندىن سوغوق ئۇرۇنغان قۇيۇپ قويساق بۇ شورپا سوغۇقتىن توڭلاپ تۇرىدۇ. گۆش راسا پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ دۈشىگە قۇيۇپ كېپەكتەك ئۇششاق نېرىن قىلىمىز. چۆپنى ئوخشىغىنى ئاساسەن نېرىن بىلەن شورپا نېرىن قانچە ئۇششاق بولسا چۆپ شۇنچە ئوخشايدۇ. گۆشنى سۈزۈپ ئالغاندىن كىيىن قازاننىڭ سۈيىگە قاراپ ئازلاپ كەتكەن بولسا ئازراق سۇ قوشۇپ، قاينىتىپ نىپىز يېيىلغان چۆپنى قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇپ سۈزىمىز . ( بۇرۇنقىلار ئاسان سوۋۇيدۇ دەپ ياغاچ تاۋاق ياكى لىگەنگە سۈزەتتى ) سۈزگەندىن كىيىن ئۈستىگە بايىقى پىياز ئارىلاشقان شورپىدىن سېلىپ ئارلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن نېرىننى سېلىپ ئەكىلىمىز. چۆپنى يېگۈچى نېرىننى راسا ئېلىشتۇرۇپ بىر باشتىن يەيدۇ ئۇششاق توغرالغان نېرىن ھەركاپام ئاشتا ئېغىزىمىزغا چىقىپ مۇۋاپىق ئارىلاشقان شورپا بىلەن شۇنداق يېيىشلىك بولىدۇ.ھازىرقى چۆپلىرىمىزدەك خېمىر تېتىمايدۇ.بۇ خىل چۆپ بەك سىڭىشلىق ھەم قۇۋۋەت بولىدۇ. شۇڭا كونىلار نېرىن چۆپ دېگەن ئادەمگە يىلىك بولىدۇ دېيىشىدۇ.
يەنە باشقىلىرىنى چۈشەندۈرسەم تىما ھەم ئۇزۇن ھەم زېرىكىشلىك بۇلۇپ قالغۇدەك چۈنكى ھەممەيلەننىڭ بۇ تىمىغا قىزىقىشى ناتايىن .مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلىدىغانلار ئورتاقلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى
ئەسەر ھوقۇقى پەقەت چارتېكىنگىلا خاس، خالىغانچە كۈچۈرمەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-5 12:02 PM