مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1251|ئىنكاس: 15

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13016
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 09:59:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار







ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىمەن





-ھەي، ئاچا توختاڭ، نەگە بارىسىز، بۇ يەردە تىزىملىتىڭ،- چاقىردى ئامانلىق ساقلىغۇچى.

- ھاكىم بىلەن كۆرۈشىمەن، خەلق سايلىغان ھاكىم بىلەن،- كېتىۋەردى ئايال

-توختاڭ-توختاڭ، كۆرۈشىمەن دەپلا كۆرۈشىدىغان چوڭ دادىڭىز ئەمەس ھاكىم دېگەن، رۇخسەت قىلسا كۆرۈشىسىز،- ئالدىنى توستى ئامانلىق ساقلىغۇچى.

ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئادەملەر توپلاشتى.

-ئەرزىيەت ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار،- بۇيرۇق قىلدى ئىشخانا مۇدىرى.

-ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بىرەر يۈز قېتىم باردىم، نېمىنى ھەل قىلدى، ئۆيۈمنى چېقىۋېتىپ، تالادا قالسام، ھاكىم ئىگە بولمامدىكەن، كونا زاماندىكى ھاكىم-ئامباللارمۇ دەۋاگەر ناغرا چالغان ھامان تەق بولۇپ دەۋا سورايدىكەن، ئەجىبا بۇ ھاكىم بىلەن كۆرۈشمەك شۇنچە تەسمۇ، ئۇ موشۇ ھويلىغا ياكى بىر پىكاپقىلا ھاكىممۇ، ئېسىت، ئېسىت شۇنداق ھاكىملىقىغا، دەپ قويۇڭلار، ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىمەن ئۇنداق ھاكىمنى،- ئايال سۆزلەيتتى، يۇلقىناتتى.

ئايال ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ھەر كۈنى باردى. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن، بىر كۈنى:

-بۈگۈن يېڭى ھاكىم كېلىدىكەن،- دېيىشتى شۇ ئىدارىدىكىلەر.

- ئاۋۇ ھويلىدىكى ھاكىمچۇ؟

- ۋىلايەتكە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ ئۆسۈپتۇ.

چەكچىيىپ قاراپ قالدى ئايال.




چىراي ئۆزگەرتىش






-30 يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىدا بۇنچىلىك ئاڭ بولمىسا، قانداق بولغىنى، چۈشەندۈرۈڭلار، بۇرۇتىنى چۈشۈرىۋەتسۇن دېدى،- دەپ باشلىقنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزدى
مۇئاۋىن باشلىق.

- يېشىم 60 كە تاقاپ قالدى، قۇدا-باجىلىق، نەۋرىلىك بولۇپ قالدىم، بۇ ياشقا يەتكەندە، بۇرۇتۇمنى چۈشىرېۋىتىپ يۈرسەم، سەت ئەمەسمۇ؟،-دېدى مۇئەللىم.

- باشلىق شۇنداق دېگەندىكىن چۈشۈرىۋەتمەمسىز، قاراڭ، بىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سوراپ چۈشۈرىۋەتتۇققۇ مانا، نەچچە يىل بولدى،- دېيىشتى بىرنەچچە خىزمەتدىشى.

- ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلسىڭىز، يىللىق مۇكاپات پۇلىڭىزنى ئالىمەن، دەپ خام-خىيال قىلماڭ،- قوشۇپ قويدى مۇئاۋىن باشلىق.

- توۋا، مېنىڭ بۇرۇتۇم نېمىگە تاقاشقان بولغىيدى، سىلەرمۇ نىمانچە مېنىڭ بۇرۇتۇم بىلەن قالىسىلەر، قېتىقىڭلار ئۇيۇيدىغان ئىش بولسا، بۇرۇتۇمنى چۈشۈرۈپ ئاۋارە بولغىچە، چىراي ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسىلا قىلدۇراي، - زەردە بىلەن چىقىپ كەتتى مۇئەللىم.



پەتىلەش




-ھوي، داۋۇت سېكرتار، بۈگۈن نېمە كۈنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىلە؟

- ياق، ئۇنتۇپ قالامدىغان، مەن جابدۇنغىلى نەچچە كۈن بولدى.

- يەنە كىملەر كەلمىدى؟

- رېشىت داۋىخور كەلمەپتۇ.

- بۇلتۇر كۆتەرمە كەنتنىڭ سېكرتارى مىجەزىم يوق دەپ پەتىگە بارماي نېمە كۈننى كۆرگىنىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ-دە ئۇ داۋىخور.


- باشلىق مەن جىق ئىچەلمەيمەن.

- ھاراق ئىچەلمىگەن جېنىڭغا سېكرتار بولۇپ نېمە قىلاتتىڭ، كېچىكىپ كەلگەننىڭ جازاسى، ئىچە. چاغانلىق پەتىلەپ كېلىپ ھاراق ئىچمەي كەتسەڭ ماڭا سەت ئەمەسمۇ؟

- ئەمىسە، ماۋۇ كىچىككىنە كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىڭ، ھېلى تەڭشىلىپ قالسام، ئېسىمدە يوق كېتىپ قالماي يەنە.

-باشلىق، مائارىپتىكىلەر پەتىلەپ كەپتۇ.

- بىردەم ساقلاپ تۇرسۇن، ئۆي بىكار بولغاندا، 15-20 دىن بۆلۈنۈپ كىرسۇن، بولمىسا ئۆيگە پاتمايدۇ...


مەنبە


ئەسكەرتىش: رەسىملەر توردىن ئېلىنغان. رەسساملارغا تەشەككۈر.


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=514



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-3 10:03 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
axkar + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13016
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 10:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(1)




باشلىقنىڭ دۇدۇقلىشى



چىرىكلىكنى چەكلىگەنسىرى، چىرىك ئۇنسۇرلار قاتارلىشىپ ئۇچقان غازلاردەك ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە يىغىن-لېكسىيەلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بىر قېتىملىق يىغىندا مەلۇم بىر باشلىق نۇتۇق سۆزلىدى. دەي دېسە، بار-يوقى بەش مىنۇتلۇقلا قىسقا سۆز ئىكەن، لېكىن، نۇتۇق ئارگىنالىنى كاتىپ يېزىپ بېرىپمىدىكىن ياكى قوش تىلدا ئوقۇپمىدىكىن، باشلىق نۇتۇقنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ خېلى ئۇزاق دۇدۇقلاپ ئوقۇدى. ئارىلىقتا ھەتتا «مەركەز» دېگەن بىر سۆزنى «مەرەز» دەپ ئوقۇپ ساپتى، زال ئىچىنى پىچىر-پىچىر قاپلاپ كەتتى.



باشلىق، كاتىپ، شوپۇر

بىرقانچە باشلىقنى تونۇيمەن، ئالامەت سادىق كاتىپلىرى ۋە شوپۇرلىرى بار، بۇ ئۈچى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. باشلىقلار قانچىكى بەگ-غوجاملاردەك ئىش قىلسا، كاتىپلارنىڭ خورىكى شۇنچە ئۆسۈپ كېتىدىكەن، كاتىپ «مۇئاۋىن باشلىق»تەك چوڭ غوجىدار بولۇپ قالىدىكەن. كاتىپ ئىمتىيازلىق بولۇپلا قالماي، شوپۇرلىرىمۇ ھال پەيدا قىلىۋالىدىكەن.



ياخشى دېھقان

يىراقتىن كېلىپ، يۇرتىمىزدا ئەمەلدار بولغان بىر باشلىق بار ئىدى. «بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دېگەن گەپنى بىر قانچە سورۇندا، يىغىندا دەپ قالدى. مەلۇم بىر پۇرسەتتە:

-«بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دەيسىز، قانداق ياخشىكەن، دەپ سورىدىم گەپ كوچىلاپ.

- بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بۇيرىغان ئىشنى كەم-كۈتىسىز قىلىدىكەن، چاتاق چىقارمايدىكەن، ئۇۋالچىلىققا قالسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، خوش-خوش دەپ، قول باغلاپ تۇرىدىكەن، ھەرگىزمۇ يۇقۇرىغا ئەرز قىلىپ يۈرمەيدىكەن. «بۇنداق دېھقانلارنى بەك ياخشىكەن» دېمەي، نېمە دەيمەن،- دېدى باشلىق.



http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=516

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-3 10:01 PM  


ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 12:55:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا بار ئىشلاركەن بۇ . لېكىن بۇ ئەمەلدارلىق سورۇنىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى . ئادىل ، ياخشى ئەمەلدارلار مېنىڭچە يەنىلا بار جەمئىيىتىمىزدە .

گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .
hayrat520 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:08:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:16:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:36:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىمىلارنى قىسقا جانلىق  پاراڭ بىلەن يىغىنچاقلىغانكەن ... :qiray121

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13596
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 10:31:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر ئىچكى مەنا غا ئىگە ، ھەجۋى تىل بىلەن يېزىلغان ياخشى ئەسەركەن .رەھمەت !

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 11:36:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇ سايغا  ئاقىدۇ پۇل بايغا.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 03:38:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى چوڭقۇركەن  رەھمەت

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش