مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 9

نيۇتۇننىڭ ئېتقاد ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزۈم ئۈچۈن ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70494
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4065
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 09:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ..... كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار تەڭرىنىڭ كارامىتى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ، ئۇ ھەر ۋاقىت ھەر زامان مەۋجۇت ،ھەممىگە قادىر، ئۇ چەكىسز ۋە تەرتىپلىك كائىناتتا ئۆز  ئىرادىسى ئارقىلىق مەۋجۇداتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ،بارلىققا كەلتۈرۈپ ،ھاياتلىق  ئاتا قىلدى....
                                                                                        _نيۇتۇن  

      نيۇتۇن ئىخلاسمەن خىرىستيان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ دادىسى ئۇ تۇغۇلۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ۋاپات بولغان ،ئانىسى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بۇ بالىنى يوقسۇزلۇق ئىچىدە بېقىپ چوڭ قىلغان ، نيۇتۇن 1661-يىلى ئەنگىلىيىدىكى داڭلىق ئۇنۋىرسىت كامىرىچقا قوبۇل قىلىنغان، ئۇ ئەينى دەۋردە كامىرىچتىكى بىر نامرات سىتۇدېنت بولۇپ  ئانىسى بەرگەن پۇل پەقەت ئوقۇش ھەققىنى تۆلەشكىلا يېتەتتى ،مۇشۇنداق قىيىنچىلىق شارائىتتا نيۇتۇن پىرافىسۇرلارنىڭ تەجرىبە ياردەمچىلىكىنى قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىنى قامدىغان،  كېيىن  "تەبئىي پەلسەپەنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپى" نامىدىكى ئەسىرى ئارقىلىق داڭ قازانغان ، ئالەملىك تارتىش كۈچى ۋە ئۈچ خىل كۈچ قانۇنننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن" ئۇ فىزىكا ئاتىسى "دېگەن نامغا  ئېرىشكەن ..
    نيۇتۇننىڭ پەننىي جەھەتتىكى تۆھپىسى بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدۇ ،لېكىن ئۇنىڭ  دىنىي ئېتىقادى ھەققىدىكى تالاش- تارتىشلار تارىختىن بۇيان توختاپ قالمىغان ،بۇنىڭ سەۋەبىنى بەلكىم  تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن  :
  نيۇتۇن ھاياتىدا 9 يىل دىنىي جەھەتتە تەۋرىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن ،ئۇ 1698- يىلىدىن -1707 يىلىغىچە بولغان جەرياندا تەڭرىنى ئىنكار قىلىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلغان ،نيۇتۇننى ئاتېئىزمچى دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر دەل مۇشۇ دەۋردىكى نيۇتۇن بايانلىرىنى ئىسپات قىلىدۇ .
     نيۇتۇن شۇ مەزگىلدىن كېينكى تەتقىقات ھاياتىدا بولۇپمۇ ئالەم بوشلۇقى ھەققىدىكى ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادى يەنى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئىشەنچىسى مۇقىملاشقان ،نيۇتۇن ئۆزىنىڭ دىنىي مۇرت ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان ، كۆپ قېتىم ئاتئېزمچىلارغا رەددىيە بەرگەن ، بۇ ھەقتە ئۇنىڭ  نام- ئاتاققا ئىگە ئالىم ،گېنراللارغىمۇ يۈز- خاتىرە قىلمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان، ئۇنداقتا نيۇتۇن خىرىستيان ئېتىقادچىسىمۇ ؟بۇ ھەقتە تالاش تارتشىلارمۇ يوق ئەمەس، نيۇتۇن ئىنجىلنى  ئېتىراپ قىلىدۇ ،ئۇنى خۇدانىڭ  سۆزى دەپ قارايدىغانلىقى ،ئۆزىنىڭ ئىلھام مەنبەسى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇ  خاتىرە ۋە خەت- چەكلەردە توختالغان ،بىراق ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ دىني ئېتىقاد ھەققىدىكى  ئۆزگىچە قاراشلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ،ھەممىزگە مەلۇم خىرستيان ئەقىدىسىنىڭ ئىدىيە ئاساسى تۇنجى گۇناھنى ئېتىراپ قىلىش (  ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ قويىشى تۈپەيلىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە گۇناھ يۈكلىنىش قارىشى  )، ئۈچ بىرلىكنى ئېتىراپ قىلىش ( ئىلاھىي كۈچ ، تەڭرى ۋە تەڭرىنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش  ) ،ئەيسا ئەلەيھسالامنى تەڭرىنىڭ بىر گەۋدىسى دەپ بىلىش ،ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش . بىراق نيۇتۇن ئۈچ بىرلىك قارىشىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ، ئۇ تەڭرىنى ئۈچ ئەمەس بىر دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ( ئۇ ھايات ۋاقىتىدا بۇ قارىشىنى ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلمىغان ،كېيىن بۇ ئوخشمايدىغان  قارىشى   ئۇنىڭ  ۋاپاتىدىن كېيىن تېپىلغان خاتىرىلەر ئارقىلىق مەلۇم بولۇنغان )، نيۇتۇن ئەيسا ئەلەيھسالامنى تەڭرى ئورنىغا كۆتۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ ، ئۇ بۇ قاراشنى ئىنسانغا چوقۇنۇش ،ئازۇغۇنلۇق  دەپ ھېسابلايدۇ ، نيۇتۇن ئىنجىلنى توختىماي تەتقىق قىلىدۇ ،ئۇ ئىنجىلدىن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىزدەيدۇ ، پەننىي مەلۇماتلارغا ئېرىشش ئارزۇسىدا بولىدۇ ،شۇنداقلا بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ .مانا يۇقارقى ئۆزگىچە ئامىللار  سەۋەپلىك نۇرغۇن كىشىلەردە ئۇنىڭ دىنىي ئېتقادىغا گۇمان پەيدا بولغان .
    نيۇتۇن بىر ئۆمۈر توي قىلمايدۇ ، ئۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ناھايىتى ناچار ،كىچىك بالىلار بىلەن پاراڭلىششىنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ بىر ئۆمۈر ئېتىقاد ھەققىدە ئىزدىنىدۇ، ئۇنىڭ  بۇ ئىزدىنىش ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدۇ، نيۇتۇن  1727-يىلى 3-ئاينىڭ 20 كۈنى ۋاپات بولىدۇ...

      مەنبە:ئۆزۈم   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   omak~layla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-3 09:07 PM  


...؟...!!!

بەخىت ئمان ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11721
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8672
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيوتون تەپەككۈر قىلىپ رەببىسىنى تونۇپتۇ....ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىدىغان بىز ھەقىقىي تەپەككۈر دىن  خېلىلا يىراق...

قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ،
باتۇرلۇق ئۆمۈرنى قىسقار تالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73925
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 11:57:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز  داۋاملىق تىرشىىڭ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بىلىمنى قانچە ئىچكىرلەپ ئۆگەنگەنسىرى ھەققە شۇنچە يېقىنلىشىدىكەن،كائىناتنىڭ بىر گىگانت كۈچ بىلەن كونتىرول قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىكەن،ئېينىشتىيىنمۇ بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74061
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3836
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 03:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمسە ئۇنى مۇسۇلمان دىسە بۇلامدۇ؟ مەن نىيۇتۇننىڭ پەقەت بېشىغا ئالما چۈشۈپ كەتكەن ھىكايىسىنىلا بىلەتتىمكەن.

ئۆزۈم ئۈچۈن ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70494
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4065
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 04:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BARNA86 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-4 03:52 PM
ئەمسە ئۇنى مۇسۇلمان دىسە بۇلامدۇ؟ مەن نىيۇتۇننىڭ پەقە ...

ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق،،..ئەينى دەۋردە نيۇتۇن ياشىغان مۇھىت قويۇق خىرىستيان مۇھىتى، نيۇتۇن بەلكى بىر ئۆمۈر ئىسلام دىنى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان بولىشى ۋە ياكى مۇھىت چەكلىمىسى تۈپەيلى ئىسلام دىنى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئىمكانىيەت بولمىغان بولۇشى ھەم  مۇمكىن،،،،

...؟...!!!

ھۆپۆپۆپ چۈش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3918
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 12:31:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېپلېر  گالىلىي  كوپىرنىك دېكارتلار ئۇستىدىمۇ ئىزدىنىپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە  قىلىمەن.

چۇنكى ئۇلار: ‹ بىزنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىمىز  تېخنىكا ئەمەس،بەلكى پەن . ئادەم كۈچى ئەمەس، تەبىئەتنىڭ قۇدرىتى› ،دىگەن ئىبارىنى مەنىۋى ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچى قىلغان .

سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا خاۋكىڭمۇ ھەجگە جاپتۇشى مۇمكىن   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىشتەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-5 12:32 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
omak~layla + 39 دەلىللەر يېتەرسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 09:45:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېيىن  "تەبئىي پەلسەپەنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپى" نامىدىكى ئەسىرى ئارقىلىق داڭ قازانغان ، ئالەملىك تارتىش كۈچى ۋە ئۈچ خىل كۈچ قانۇنننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن" ئۇ فىزىكا ئاتىسى "دېگەن نامغا  ئېرىشكەن ..---                                                               ئۇماق لايلا خانقىز،‹ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى›نى ئەسلى گوك 1674-يىلى ئېلان قىلغان،يەنى بۇ مەزمون بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مەۋجۇت، ئەگەر تارتىشىش كۇچىنىڭ رولى بولمايدىكەن ،جىسىملار ئىنىرىتسىيەنىڭ رولى ئاستىدا تۇز سىزىقلىقق ھەرىكەت قىلىدۇ،جىسىملار ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق قانچە يېقىن بولغانسىرى ،تارتىشىش كۇچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ،بۇ نەزىريە ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى شەرھىلەپ بەرگەن،1679-يىلى گوك ئەنگىلىيە خانلىق جەمىيىتىگە ۋاكالەتەن نيوتونغا خەت  يازغاندا ،يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تارتىشىش كۇچىنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنىڭ ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويغان،ئارىلىقتىن 10يىل ئوتكەندىن كېيىن ‹بەزى ماتىرياللاردا 13يىل،يەنە بەزىلىرىدە 12يىل پەرق بار›-نيوتون بايىقى كىتاۋىنى ئوتتۇرغا قويغان ،دوكتۇر  فاڭ جو زى‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ ›خەنزۇچە نەشىرى--24-بەت،-- بىر نوختىغا  پۇتكۇل ئىنسانىيەت دىققەت قىلمىغان،يەنى نيوتون 1-قانۇنىدا ‹بارلىق جىسىملار سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىمايدىكەن ھامان ئۇزىنىڭ تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ياكى تىنىچ ھالىتىنى ساخلايدۇ ›بىلەن گوكنىڭ ‹بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مەۋجۇت،ئەگە ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بولمايدىكەن ،جىسىملار ئىنىرىتسىيەنىڭ تەسىرىدە تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىدۇ›نىڭ پەرقى  بەك كىچىك، يەنى بۇ پەرق  گوكنىڭ ‹ بارلىق ئاسمان جىسىملىرىدا تارتىشىش كۇچى بولىدۇ › بىلەن نيوتوننىڭ ‹بارلىق جىسىملار سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ...›   .گوك  بۇ ماقالىسىنى نيوتونندىن بۇرۇن 1674-يىلى  10يىل  ژورنالدا  ئاشكارە ئېلان قىلغان،‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى›10يىلدىن كېيىن ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى نيوتون ئۇزىنىڭ تاپقانلىغىنى ،گوكنىڭ ماقالىسى ۋە فورمۇلىسىنىڭ  نيوتونغا ھىچ بىر پايدىسىنىڭ بولمىغانلىغىنى نيوتون ئوتتۇرغا قويغان،لېكىن بۇ ۋاقىت نيوتوننىڭ كىتاۋى پۇتۇن ياۋرۇپادا سېتىلىپ ناھايىتى كوپ پۇل تاپقان ۋاقىت،  نيوتون باي بولغان،گوك بولسا ناھايىتى نامىرات ۋاقىت،بىز مۇشۇ مەسىلىلەردە پۇل قانداق رول ئوينىغان بولغىيىتتى دىگەن خىيالنىمۇ قىلىپ قالدۇق،ئەلۋەتتە،قالايماقان ۋە ئاساسسىز  پەرەزلەرنى قىلساقمۇ بولمايدۇ،پەرەزمۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك،لېكىن ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنىڭ كەشپىيات ھوقوقىنى نيوتون يالغۇز ئىگەللىۋالغان،كېيىن خاللېينىڭ كېلىشتۇرۇشى ئارقىلىق گوك،لېيئېن ۋە خالىيلارنىڭ  بۇ قانۇننى مۇستەقىل بايقىغانلىغىنى نيوتون بايىقى كىتاپنىڭ 2-نەشىرىدە  ئوتتوۇرغا قويغان،‹پايدىدا  ۋىژدان بولمايدۇ›دىگەن سۇزنى گوك دەل نيوتونغا قاراتىپ ئېيتقان،تەپسىلات فوڭجۇزىنىڭ كىتاۋىدا بار،نيوتوننىڭ كىتاۋى  ھەققىدە يېزىلغان   يىللار زور پەرق قىلىدۇ،‹نيوتوننىڭ يېڭى ھەرىكەت قانۇنلىرى›نى بىز بۇرۇن ئېلان قىلغان،  ‹يەنى  دۇنيادىكى بارلىق ئالىملارغا 800مىليون دو تىكىشىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بۇ يېڭى قانۇنلارنى مۇشۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ بايقىغانلىغىنى دۇنياغا بىلدۇرۇش،بۇنىڭ مونوپۇللۇق ھوقوقىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق›،بۇ تور بەتنى  ناھايىتى ياخشى  ئىشلەپسىز،  لېكىن ئوخشىمىغان قاراشلارنى دىمەي بولمىدى، چۇنكى گالىلېي مۇشۇ يېقىنقى زامانلاردا فىزىكىنىڭ ئاتىسى دەپ قارالغان، كېيىن ئارخىمىتنى شۇنداق نام بىلەن ئاتاپتۇ دەپمۇ ئاڭلىدىق،نيوتون ئۇنداق نام بىلەن ئاتالمىغان، سىزنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەرىڭئىز كوپ ياخشى ئىكەن،تاسلا قالغان سىز بەرگەن بۇ  ماقالىنى تەرجىمە قىلىۋەتكىلى،ئوزىڭئىز ياخشى تەرجىمە قىپسىز.


شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76277
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 07:12:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاكىم-ئارزىگۈل ئەپەندى، نيۇتون ئۆزىنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن ۋاقىتلىرىدا، خۇك، ھاللىي قاتارلىق بىر قانچە ئالىممۇ بۇ توغرىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تارىخ ھەرگىز رەت قىلمايدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،ھاللىينىڭ تەكلىپى بىلەن نيۇتون ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى«تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپى» نى يېزىپ چىققان. ھاللىي قانداق قىلىپ نيۇتوننى ئەسكە ئېلىپ قالدى؟ ھاللىي، خۇك قاتارلىق ئالىملار سەيياررىلەرنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنىڭ ئىللىپىسسىمان بولغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ھېسابلاپ چىقىشتا، بىر قاتار مەسىلىلەرگە يولىقىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ھاللىي نيۇتوننى ئىزدەپ كېلىدۇ. ھەمدە نيۇتوننىڭ بۇ مەسىلىنى ئاللىقاچان ھەل قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىپ نيۇتوننى ئەسەر يېزىشقا تەكلىپ قىلىدۇ ھەم دەۋەت قىلىدۇ. يەنە شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇن، تەبىئىي پەن ئەسەرلىرى، مۇنداقچە ئېيتقاندا تەتقىقات نەتىجىلىرى يالغۇز بىر ئادەمنىڭلا بولىدىغان ئىش يوق، بىر قانچە ياكى بىر كوللىكتىپ ۋەياكى بىر قانچە كوللىكتىپ بىرلەشمىسىنىڭ ئەمگىكىنىڭ جوغلانمىسى بولىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمگىكى كۆرۈنەرلىك بولغىنى بولىدۇ. بۇ گەپلەرنى دېمىسەممۇ چۈشىنەرسىز؟
يۇقارقى دەلىللىرىمنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە«فىزىكا، خىمىيە. ماتېماتىكىدىن ئاممىباب قىسسە» دېگەن كىتابقا، خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان«پەننىڭ تارىخىي مۇساپىسى» دېگەن كىتاب بىلەن ئەنگىلىيەلىك بىر كىشى( ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ)يازغان «پەننىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ھە دېگەندە كىچىككىنە بىر ئىشنى كۆرۈپلا ئالدى كەينىگە قارىماي، ئۆسەك گەپ تارقاتقاندەك ئىشنى قىلماي، ئويلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.  ە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73332
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3047
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 04:51:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالالانىڭ بار بىرلكىنى مۇخەممەد نىڭ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئەلچە ئىكەنلىكىگەدىلىدا ئىشەنسە  تىلىدا ئىقرارقىلسا ئالانىڭ بۇيرىقغا كەلسە ئاندىن مۇ سۇلمان بولىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش