مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 398|ئىنكاس: 3

تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتىنىڭ پەرق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73947
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 08:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى زورلۇق ئىشلىتىپ، تەھدىت سېلىپ ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باشقىلارنى تۇتۇۋالغان ياكى ياكى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىغا ئېلىۋېلىپ، ئۆلتۈرۈش، زەخمىلەندۈرۈش ياكى تۇتقۇن قىلىنغۇچىغا قارىتا باشقىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق تۇتۇپ كېتىلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، تۇغقانلىرى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار باشقا كىشىلەرگە، ئورۇنغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى پۇل بېرىشكە ياكى ئۆزىنىڭ باشقا تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.

    تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتىدە ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشى سادىر قىلغان بولۇش شەرت قىلىنىدۇ. ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە بۇ ئىككى جىنايەتنىڭ شەكىللىنىش شەرتىگە سەللا دىققەت قىلىنمايدىكەن، دېلونىڭ خارەكتىرىنى بېكىتىشتە ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىككى جىنايەتنى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە پەرىقلەندۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك:

   1. بۇ ئىككى جىنايەتنىڭ سادىر قىلىنىش مەقسىتى ئوخشاشمايدۇ. تۇتۇپ كېتىش جىنايىتىدە سۇبيىكتىپ جەھەتتىن چوقۇم پۇل-مالنى قاقتى-سوقتى قىلىش ياكى باشقا قانۇنسىز مەقسەتنى قوغلىشىش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئەممە قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتىدە بۇ خىل مەقسەت بولمايدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 238-ماددىسىنىڭ (3) تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قەرزنى قايتۇرىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇۋالغان ۋە سولاپ قويغانلار قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى قەرز قانۇنىنىڭ قوغداش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان قەرزلەرنى، مەسىلەن، جازانىخورلۇق، قىمار قەرزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا قارىتا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيىل 30-ئىيۇن ئېلان قىلغان قانۇن قوغدىمايدىغان قەرزنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى قاماش قىلمىشىغا قانداق جىنايەت بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆسۈم جازانىخورلىقى، قىمار قەرزى قاتارلىق، قانۇن قوغدىمايدىغان قەرزلەرنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان، قاماپ قويغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 238-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

    2. بۇ ئىككى جىنايەتنىڭ قىلمىش يۈرگۈزۈش شەكلى ئوخشاشمايدۇ. تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى پەقەت ئاكتىپ بولغان <<قىلىش>> شەكلى ئارقىلىقلا يۈرگۈزۈلىدۇ، ئەمما قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتىدە بولسا <<قىلىش>> شەكلى بولسىمۇ، <<قىلماسلىق>> شەكلى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

    ئاپتور: ئىسلامجان ئەمەت، ئاسىيەم سەلەي
    شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
تىخىمۇ كۆپ قانۇن توغورسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز پاك ئادۋۇكاتلار مۇنبىرىگە
قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ .
http://www.adukat.net/bbs

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5424 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 03:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك مەسىللەركەن.رەخمەت!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1025
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2151
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 11:45:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray11

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74058
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 12:24:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
鉴定完毕!












乳晕

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش