پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلاشنىڭ ھۆكمى
مېھرىبان ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، مەدھىيە-ئالقىشلار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالاملار ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن!
نۆۋەتتە بىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئىچىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىغىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈمىز ۋە بۇ يېغىلىشنى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مەنپەئەتلىك ئىشلار قاتارىدا ئېتىبارغا ئالىمىز.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ساھابە-كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسۇن ۋەياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت كۈنى بولسۇن ۋە ياكى بەدىر غازىتى كۈنى بولسۇن بۇلارنىڭ ھىچبىرىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ پائالىيەت قىلىپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى ساھابە-كىراملار يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھايات ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەمىشە ھايات بولغان بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان ئەمەس، سەئد ئىبن ۋەققاس مۇنداق دەيدۇ: « بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەڭ تارىخلىرىنى بالىلىرىمىزغا خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى يادقا بىلگىنىمىزدەك بىر-بىرمۇ بىر ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتۇق.» يەنى ساھابىلەر بالىلىرىغا: بەدىر ۋە ئوھود ئۇرۇشلىرىدا قانداق ئىشلار يۈزبەرگەن، خەندەك ئۇرۇشىدىچۇ، خەيبەردە قانداق بولغان؟ دېگەنلەرنى دائىم ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بىرەتتى.
ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بالىلىرىغا دائىم دېگۈدەك سۆزلەپ بىرىپ تۇرغانلىقلىرى ئۈچۈن يۇقارقىدەك ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئۇلار ئىھتىياجلىق ئەمەس ئىدى.
كىين بارا- بارا يۇقىرىقىدەك تارىخلارنى ئادەملەر ئۇنتۇيدىغان زامانلارنىڭ كىلىشى بىلەن بۇ ئىشلار كىشلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەقلىدىن ۋە قەلبلىرىدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كىتىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قەلبىدە ئۆلۈككە ئايلانغان بۇ تارىخنى ۋە ئۇنتۇلۇپ يوقىغان بۇ شانلىق ئىزلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇشتى...
توغرا، بۇ خىل پائالىيەتلەرگە بىر قاتار بىدئەتلەر ئارلىشىپ قالغان، ئەمما شۇنى دىمەي بولمايدۇكى، شەخسەن مەن پەيغەمبەر تارىخىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رىسالىتىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى كىشلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئەسلىتىش يۈزسىدىن بۇ كۈننى خاتىرىلەيمەن، مىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىشىمدىكى مەقسەت تۇغۇلغان كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى بۇ كۈننىڭ ئىسلام رىسالىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ھەم بۇ كۈندە مەن كىشلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى ۋە پەيغەمبەر تارىخىنى ئەسلىتىپ چىقىمەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يەنە كىشلەرنى پەيغەمبەر تارىخى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بۈيۈك ۋەقە-ھادىسىلەرنى ۋە بۇ ۋەقە-ھادىسىلەردىن ئىلىش زۆرۈر بولغان نەسىھەت ۋە ئىبرەت-ساۋاقلارنى كىشلەرگە ئەسلىتىپ ئۆتىمەن:« سىلەرگە ـ اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر .»[ئەھزاب سۈرىسى 21-ئايەت]
مەن يەنە بۇ كۈننى خۇددى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەت كىچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا ئۆزى يىتىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇربان قىلالالىغىنىدەك، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا سەۋرى غارىدەك ئېگىز تاغقا ھەركۈنى دېگۈدەك چىقىپ پەيغەمبەر ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالىغىنىغا ئوخشاش، ساھابىلەر ئۆزىنى رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن قانداق پىدا قىلغان بولسا، بىزنىڭمۇ ئۇ زاتقا ئۆزىمىزنى شۇنداق پىدا قىلالايدىغان بولىشىمىز ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ ئىش قىلغىنىدەك بىزنىڭمۇ پىلانلىق ئىش ئىلىپ بىرىشىمىز ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئۇ زاتنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىنىدەك بىز نىڭمۇ تەۋەككۈل قىلالايدىغان بولىشىمىز ئۈچۈن بۇ كۈننى كىشلەرگە ئەسلىتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئەبۇبەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار شۇتاپ ئىككى قەدىمىنىڭ ئاستىغا قارايدىغانلا بولسا بىزنى كۆرۈپ قالىدۇ» دەپ ئەنسىرىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ شۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئەبا بەكر! ئىككى كىشى بولۇپ ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچىسى ئاللا بولغىنىدا قانداق ئويدا بولار ئىدىڭ؟ ئەنسىرىمىگىن، شۈبھىسىزكى ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.»
ھەقىقەتەنمۇ بىزلەر يۇقىرىقى تارىخىي ئىش-ئىزلاردىن كۆپلەپ ئىبرەت-ساۋاقلارنى ئىلىشقا مۇھتاجمىز، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىبارەت بۇ پائالىيەت، ئىبرەت-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتەك مەنىلىك ئىشلارنى كىشلەرگە تونۇتۇپلا قالماي، بۇ قۇتلاشنىڭ ئارقىسىدا يەنە مۇسۇلمانلارنى ئىسلام بىلەن بىرگەۋدە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىشى ھەمدە ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىۋېلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى پەيغەمبەر تارىخى بىلەن باغلاشتەك ئىجابى نەتىجىلەرمۇ بار.
بىراق بىز تەكىتلەۋاتقان بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىشلارغا كەلسەك، ئۇ خىل ئىشلار مەۋلۇد پائالىيىتى قاتارىغا ئەسلا كىرمەيدۇ، ھەم بىز بۇنداق ئىشلارنى توغرا دەپ مۇئەييەنلەشتۇرمەيمىز.
پەتۋادا: ئىمام يۈسۈپ ئەلقەرەداۋىي
مەۋلانا تەرجىمىسى
مەنبە:
http://bbs.meripetyoli.com