پۈتۈن يەر شارىدىكى بەش چوڭ دېسىنى باغچىسىنى ساياھەت قىلغۇڭىز بارمۇ؟
1. لوس -ئانژېلىس دېسىنىي باغچىسى. 1955- يىلى دۇنيادىكى تۇنجى زامانىۋى باغچا__لوس-ئانژېلىس دېسىنىي باغچىسى بارلىققا كەلگەن.
2. ئورلاندو دېسىنىي باغچىسى. 1964- يىلى كىشلەر تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ دەل ئورلاندو "دېسىنىي دۇنياسى".
3. توكيو دېسىنىي باغچىسى. ئاسىيادىكى تۇنجى دېسىنىي باغچىسى دەپ نام ئالغان بۇ باغچا، ئامېرىكا دېسىنىي باغچىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. 1994- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا بۇ باغچا ئاۋاتلىق جەھەتتە ئامېرىكدىكى دېسىنىي باغچىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن.
4. 1992- يىلىنىڭ باشلىرىدا، پارىژدىكى دېسىنىي باغچىسى تىجارەت باشلىغان، ئەڭ دەسلەپتە، بۇ باغچىنىڭ 6 مېھمانخانىسى، 5200 ياتاق ئۆيى بار ئىدى. كېيىن پارىژ كىنو شەھەرچىسى 2002- يىلى ئېچىۋېتىلگەن.
5. شياڭگاڭ دېسىنىي باغچىسى. 1999- يىلى 2- نويابر، دېسىنىي شىركىتى جۇڭگو-شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى ھۆكۈمىتى بىلەن شياڭگاڭدا دېسىنىي باغچىسىنى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. باغچىنىڭ دەسلەپكى تۈرى بولغان "سىرلىق پادىشاھ دۆلىتى" 2005- يىلى 12- سېنتەبر ئېچىۋېتىلگەن، ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 126 گېكتار.
مەنبە:نۇر تورىhttp://nur.cn/html/news/51573.shtml