قىمارۋازلار پىغانى
ئاپتۇرى: پالۋان
قىمارنى ئوينىدۇق دەپتۇق، قىمار بىزنى ئويۇن قىپتۇ،
نەچچە پۇڭ غەملىدۇق دەپتۇق، نەچچە مىڭلار كېتىپ قاپتۇ.
تاۋكادا ئۇتتۇرۇپ پۇلنى،خوتۇنلاردىن ئۆچ ئېلىپتۇق،
قىمارغا بېرىلىپ دوستلار، خوتۇن-بالىلار كېتىپ قاپتۇ.
قىمار ئوينىمىغىن دېسە، دىنىمىزدا ئەمىر-پەرمان،
قۇلاق بەرمەي بۇ ھىكمەتكە قالدى يۈرەكتە مىڭ ئارمان،
دەتتىكامغا ئېتىپ پۇلنى، قالدۇق بىچارە بىز يەنە،
قىمارنى ئوينىدىڭ سەن دەپ خاپا بولدى پۈتۈن جاھان.
قىمارغا بېرىلىپ بەزى ئاتتىم ماجاڭنى نەپ كۆزلەپ،
ئۇتتۇردۇم بارلىقىمنى ھەم، ۋالاقلىدىم تولا سۆزلەپ،
ۋىجدانىمنى دوغا تېكىپ ۋىجداندىنمۇ جۇدا بولدۇم،
ئىنسانلىق نامىدىن چىقتىم تۆت موچەنلىك نەپنى كۆزلەپ.
پىغانىم ئۆرلىدى كۆككە، لېكىن كۆكتىن بىر جاۋاپ يوق،
قىمارغا بېرىلىپ دوستلار، يىگىنىم بولدى ساپلا پوق،
قىماردىن قۇتۇلغىن دېگەن،دوستلىرىمدىن ئۇزاقلاشتىم،
قەرىزگە بوغۇلدۇم ئەمدى،ئەتراپىمدا بىر دوستمۇ يوق.
قىلما دېسە قىلدىم يەنە،ئىسمىدىنمۇ ئالماي ئىبرەت،
قىمارۋاز نامىنى ئالدىم، بىكارغا كەلدى كۆپ نەپرەت،
ھەممە تىللار مىنى دوستلار، قىمارنى مەن دوستۇم بىلگەچ،
قىمارنى ئوينىغانغا مەن چەكتىم ھەركۈن تۈمەن ھەسرەت.
يانجۇقۇمدا پۇل قالمىدى، قىمار قۇرۇتتى ئىلىكىمنى،
قەرىزلەرگە بوغۇلدۇم مەن، ئاڭلاپ قويغىن تىلىكىمنى،
قىماردىن ئۇزاقتا قالغىن، بولما مەندەك نادان، جاھىل،
قىمار خوراتتى كۆپ مىنى، قوبۇل ئەيلە تىلىكىمنى.
قىماردىن ئۇزاق چاغلاردا، تۇرمۇشۇش بەك خوشال ئىدى،
قىمارنى باشلىدىم توۋا، قىمار مىنىڭ بىشىم يىدى،
قىمارۋازلار ھەسرەت چىكىپ ئوينىغانغا مىڭ بىر پۇشمان،
قىمارنى ئوينىغان نادان، بولدى قىلغىن تاشلا دېدى.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-3 03:50 AM