مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1573|ئىنكاس: 14

ئەجەل تەشۋىشى(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن دۇنياغا كۈلۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52355
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6508
تۆھپە نۇمۇرى: 1340
توردا: 968 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 11:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەجەل تەشۋىشى



ھېكايە




شۇنچە تەبىئى




بۇ ئىشنىڭ قاچانلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق  ئىسىمدە يوق ، تولۇقسىزغا چىققان ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن ، ئۇچاغلاردا مەكتىۋىمىزدە تورغا چىقىش مودا بولغان چاغلار ئىدى . مەن سىنىپ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن گەرچە ئۆزۈمنى خېلىلا تۇتىۋالغان بولساممۇ لېكىن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن تېزلا تورغا چىقىشنى ، تورخانىلارغا كىرىشنى ئۆگىنىۋالدىم ۋە ‹‹مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ ››دىگەندەك تېزلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتالمايدىغان ، ھەركۈنى تورخانىلارغا بىر كىرمىسەم چىداپ تۇرالمايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدىم ،ھەتتا دەرس ۋاقىتلىرىدىمۇ كاللامدىن تور ئويۇنلىرىنىڭ ۋە توردىكى دوستلىرىمنىڭ سىماسى كەتمەيتتى .

مانا بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىنچە تورخانىغا كىردىم . ئائىلە شارائىتىم خېلى ياخشى بولغاچقا بۈگۈنمۇ زالدا ئولتۇرماي ئۇدۇللا ئايرىمخانا ئېچىپ ئولتۇردۇم . تازا قىززىپ ئويۇن ئويناۋاتقان ئويناۋاتقان ۋاقتىم ئىدى تۇيۇقسىز يېنىمغا 20ياشلار چامىسىدىكى ئۇرۇق يىگىتتىن بىرى كىرىپ كەلدى . گەرچە باشقىلار تەرپىدىن دەخلى قىلىنىشنى خالىمىساممۇ لېكىن بۇ ئىككى كىشىلىك ئايرىمخانا بولغاچقا ،ئاچچىقىم كەلسىمۇ ئىچىمگە يۇتۇپ ئولتۇردۇم . ئۇ مەندىن ئاۋايلاپ ئۆتۈپ ئىچىدىكى ئورۇنغا كىرىپ ئولتۇردى .گەرچە كەيپىم سەل ئۇچقان بولسىمۇ لېكىن ئويۇنۇمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم .ئۇ يىگىتمۇ ماڭا غەلىتە بىر قارىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى . ئىشلار  ناھايىتى نورمال ئىدى لېكىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يىگىتكە ئىختىيارسىز بىر قاراپ سېلىشىم مىنىڭ بەدىنىمنى پۈتۈن شۈركەندۈرىۋەتتى . ئۇ قولىغا  شىشپىرىش ئېلىۋالغان بولۇپ غەلىتە بىر ئاق  كۇكۇنسىمان نەرسىنى تەڭشەۋاتاتتى . ئۇ نېمە قىلماقچىدۇ؟؟ .......كۆڭلۈمگە گۈمان چۈشتى ....‹‹ئۇ نېمە قىلماقچىدۇ ؟ ماڭا ئوكۇل سېلىۋاتمايدىغاندۇ- ھە~~!!يېقىنلاردىن يۈز بىرىۋاتقان باللارنى ئېلىپ قاچىدىغانلار مۇشۇ ئەمەستۇ ھە ....ئۇنداقمۇ بولماس ..مەن نېمىلا دېگەن بىلەن خېلىلا چوڭ تۇرسام ...ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردە ئۇزۇن ئولتۇرماي ئاستا چىقىپ كېتەي ... ›› كاللامغا دەل شۇ ئۇيلار كىرىۋاتقان شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىز ئېغىر سۆزى مىنى ھوشۇمدىن كەتكۈزۈۋەتكىلى تاس قالدى .
-ئۇكام ، بىردەم ئالماشساق قانداق ؟؟سەن ئىچىدە ئولتۇرغىچە ....
-نېمىشقا ....؟؟؟؟ مە....مەن ئويۇن ئويناۋاتقان ..... -  نېمە ئۈچۈندۇر ئاۋازىم سەل تىتىرەپ چىقتى .
-ۋاي ،،،ئۇيۇنىڭغا تەگمەيمەن ....بىردەم ئالماشساقلا بولدى ...بولە .....
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزىمنىڭ نېمىشقا تېزراق چىقىپ كەتمىگەنلىكىگە مىڭ پۇشايمان قىلىپ ئۆزۈمنى نەچچە تەستەك ئۇرغۇم كىلىپ كەتتى ،لېكىن ھازىر نېمىلا قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيتتى ،شۇڭا مەن ئىچىمدە ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرقاتار ئوقۇغاچ غال-غال تىتىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئالماشتىم .ھازىر ئويۇن ئويناشقا كۆڭلۈم پەقەتلا تارتمايتى ،كاللام پەقەت شۇ يىگىتتە ئىدى .كاللامدا بولسا بىرەر ئىش يۈز بىرىپ قالسا ئاۋازىمنى قويۇپ بىرىپ توۋلاشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدىم .
مانا ،ئۇ ئوكۇلنى تەڭشەپ بولدى ، ماڭا قارىدى .....ئاھ ..خۇدا ...بۇ ۋاقىتتا ئاۋازىمنىڭ چىقمىغىنىنى قارا .....خۇدا ....ئەگەردە مىنى بۇ مۈشكۈلدىن ئامان-ئىسەن قۇتۇلدۇرۇپ قويساڭ ئىككىنچى ھەرگىزمۇ بۇيەرگە قايتا قەدەم باسمايمەن ........
-ئۇكام ....ما قولۇمنى تۇتۇپ بىرە ......
-ھە ...-ئۇنىڭ سۆزى مىنىڭ قورقۇنۇچلىرىمنى بىر ياققا چۆرىتىۋىتىپ ئەكسىچە گاڭگىرتىپ قويدى ....ئەجەبا ئۇ.... ؟؟؟؟
-بولە تېز ....
-ھە ..مانا ....
مەن ئۇنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ بەردىم . ئۇ تەڭشىگەن ئوكۇلىنى ئۆزىنىڭ بىلىكىگە ئاستاغىنا ئۇرىۋەتتى ۋە بىر بوشىغاندەك بولۇپ كىرىسلودا سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى .
ئۇف...مەنمۇ بىر بوشىغاندەك بولدۇم ‹‹بۇ نېمە ئىشتۇر ...؟؟ ئۇ ئۆزىگە ئاق ئۇرمىغاندۇ ھە ،،، بولدىلا ....خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي ،ئاستا يولۇمغا ماڭاي ...بىكار ئۆزۈمگە ئىش تېپىۋالماي يەنە ....››كاللامغا شۇ خىياللار كەلدىدە ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدىم .
-ئاكا، ئا،،،.ئازراق ئىشىم بادى ....ماڭغاچ تۇراي مان...ئۆتۈۋالغان بولسام ....
-ھە ....ئۇكام ،ئادەم ئاغزىدىن بالاغا قالىدۇ دېگەن گەپ بار ...ئۆزىمىزنى سەل تۇرۇپ يۈرەيلى ھە ....
-ما...ماقۇل ...
ئۇ ئاستا ئورۇن بوشىتىپ بەردى . سىرتقا چىققاندىن كېيىن خۇددى قەپەسدىن بوشىغان قۇشتەك بىر يىنىكلىدىم دە ئاستا ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم .
ئارىلىقتىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى .مەن .ئۇنى قايتا ئۇچراتمىدىم .ئۇكۈنى قورقۇنۇچتا ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدىلىرىممۇ ئاللا قاياقلارغا ئۇچۇپ ئىلگىرىكىدەكلا تورخانىغا كىرىۋەردىم .
ئارىلىقتىن ھەپتە ئۆتكەندىن كىين يەنە بۇرۇنقىدەك تازا قىززىپ ئويۇن ئويناۋاتقان ۋاختىمدا ئۇ ئاكاش يانە يېنىمغا كىرىپ كەلدى .
‹‹ۋاي ...ئاناڭنى ...نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيتتىم ....ھەجەپ تولا ئۇچۇرىدا ماۋۇ ئاداش››كۆڭلۈمدە شۇنى ئويلىغان بولساممۇ لېكىن چىرايىمدا قىلچە بىلىندۈرمەي يەنىلا ئويۇنۇمنى ئويناۋەردىم .
-ھە ئۇكىچاق ...ئويناۋىتىپتىمىز ھە ...
-ھەئە ....
-ھە ..بوپتۇ ...ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرە بىردەم .
ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇنىڭ يەنە ئوكۇل ئۇرماقچى بولغانلىقىنى ناھايىتى ئەقىللىق بىلەن ھېس قىلدىم-دە، بۇنىڭغا ناھايىتى پىشقان ھالدا ئۇنىڭ ئوكۇلنى ئۇرىشىغا ياردەملەشتىم .ئوكۇلنى ئۇرۇپ بولغاندىن كىين ئۇ يەنىلا ھېلىقى كۈندىكىدەك كىرىسلودا سۇنايلىنىپ ياتتى . بۇ قېتىم چىقىپ كىتىشنى ئويلاشمىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىم بولماي يانىلا ئويۇنۇمنى ئويناۋەردىم .
-قانچە ياشقا كىردىڭ ؟-ئۇنىڭ سوئالى دىققىتىمنى بۇرۇدى .
-15كە .
-ھە ...تولۇقسىزدا ئوقۇيدىكەنسەن ھە ؟
-ھەئە .
-ھەي ...مەنمۇ بىر چاغلاردا شۇنداق ياخشى ،ياۋاش يۇمشاق بالا ئىدىم .ئەمدىلىكتە ...... ھەي .....
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قاراپ قالدىم .
-مانا ،بۈگۈنمۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرۇپ چىقتىم .ئۇلارغا بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدۈرسەم بولماس .....ھەي ..يېنىمدا تېخى پۇل يوق .. ..ھېلى قانداق قىلىمەنكىن تاڭ ...دەسلەپتە باللارنىڭ كۆڭلى دەپ ئويناپ يۈرۈپتىمەن ....ئەمدىلىكتە ........ھەي ......
ئۇنىڭ سۆزلىرى گەرچە ئانچە ئېنىق بولمىسىمۇ لېكىن مەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ئاققا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى 90پىرسەنىت مۇقۇملاشتۇردۇم .
-بولدى ئۇكام .مەن چىقاي ...بۇنداق يەرلەرگە ئازراق كىرگىن ....مىنىڭغۇ بۇنداق سۆزلەرنى سۆزلەش سالاھىيىتىم يوق ...شۇنداقتىمۇ ئۆزۈڭگە كۆپرەك ھېزى بول ....
-ئېن ...ماقۇل .... -مەن يۇۋاشلىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم .
ئۇ چىقىپ كەتتى ، مەن ئويۇنۇمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم .‹‹مەن دېگەن ئۆزۈمنى باشقۇرالايدىغان بالا ....ئىشىڭنى قىلە ...ماڭا تەربىيە قىلىدىكەن تېخى›› كاللامدىن شۇ خىياللارنى ئۆتكۈزدۈمدە ئۇيۇنۇمنى داۋاملاشتۇردۇم ...........
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنى قايتا ئۇچراتمىدىم. بۇ تېخى مىنىڭ كۆڭلۈمنى خېلىلا خۇش قىلىپ قويدى ،نىمىلا دىگەن بىلەن مەن ئۇنداق ئاداشلارنى ئانچە ياقتۇرمايتتى .ئۇنى كۆرمەي كۆڭلۈم خېلى تىنجىلىتىپ قويدى .
ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى .بۈگۈنمۇ يەنىلا تورخانىنىڭ  ئايرىمخانىسىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ تور بەت ئارىلاۋاتقان ۋاقتىمدا جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى چىقارغان بىر ئېلان  مىنى ئۆزىگە تارتتى ، ئېلاندا بىر ياشنىڭ زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىۋاتقان ۋاقىتتا قېتىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ ،جامائەتچىلىكنىڭ جەسەتنى تونۇۋېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كىتىشىنى چىقارغان ئىدى . بۇ خەۋەر مىنى ئۆزىگە تارتتى ، ئۇ بىچارە بايقۇشنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن تور بەتنى ئاستىغا چۈشۈردۈم .رەسىمنى كۆردۈم -يۇ لېكىن كاللام خۇددى بىرى كالتاك بىلەن قويغاندەك غوڭۇلداپ كەتتى . ئۇ سۈرەتتىكىسى دەل شۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە ،بىر ئۇستىخانلا قالغان ھېلىقى ئاكاش ئىدى .ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىكرانغا ئېچىنىشلىق ھالدا تىكىلىپ قالغان بولۇپ ، خۇددى بۇ دۇنياغا قانمىغاندەك ئوچۇق قالغان ئىدى .
ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ....كاللام شۇنچىلىك ئېغىر ...كاللامغا ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى قىلغان قىسقىغىنا سۆزلىرى بىر-بىرلەپ كەلمەكتە ئىدى . ھېساباتنىمۇ بوغماي تورخانىدىن چىقتىم ،كاللام قوپقۇرۇق .....بىردەم مىڭىپ يانچۇقۇمدىن باياتتىن ئالغان يىڭى تاماكىنى قولۇمغا ئېلىپ يەرگە زەردە بىلەن ئاتتىم دە ،كەينىمگىمۇ قارىماي كېتىپ قالدىم ....................

تۈگىدى

مەنبە :ئۆزۈم




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

كۆزۈڭنى يۇم ، كۆزگە ئايلانسۇن كۆگۈل ......

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 02:21:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاخىرى قىنى ... چەككەن  تاماكىدا ئاق بوپ قالمىسۇن...چەكمايلى كىچىكىنىمۇ ...

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4546
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 02:27:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنۇ ھىكايە شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .. يارايسىز
  ئەتراپىمىزدا ئاق دىگەن نىجىسنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان ياشلا ئاز ئەمەس . سىز تەسۋىرلىگەن شۇ بالىدەك ئاقىۋەتكە قالغانلارنى مەنمۇ ئاڭلىغان .

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72881
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 03:23:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي~~ خۇدا  ساقلىسۇن جۇمۇ .

تورۇس پەس.ئېگىلمەي نە چارە؟!

مۆجىزىلەرگە تولغان ھايات...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65964
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4104
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1920 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 04:46:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   شۇ ھارام نەرسىگە نىمىشقا شۇنچىۋالا ئامراقتۇ دەيمە ؟؟؟   ئۇنىڭ پايدىسى بولسىكەن كاشكى....  پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ .....     اللا ساقلىسۇن ھارامدىن ئشقىلىپ.....

ئاقىۋىتىنى ئويلىغانلار قەھرىمان بولالمايدۇ...

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 11:19:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ساقلىسۇن شۇ نارىسىدىلەرنى ...............،

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63015
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 11:45:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار ھازىر ئىنتايىن جىققۇ ھازىر،ھېلىمۇ ياخشى،ئۇ ئاداشنىڭ ئىنسابى بار ئىكەن،باشقا ئادەم بولسا ئۇنىمۇ تەڭ زەھەرلەشتىن يانمايتى:qiray143

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 03:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ،مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ..
ۋەدىڭىزمۇ يادىڭىزدا تۇرماپتۇ...سىزنى ھېلىمىۇ ساقلاپتۇ...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 06:21:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray12:qiray12:qiray12

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73716
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 10:46:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدا  ساقلىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش