مەڭگۈلۈك مۇھەببەت
(ھېكايە)
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئىرپان
ئۇلار تۈنجى قېتىم ئاپتۇبۇس بېكىتىدە ئۇچراشقان ئىدى .
ئۇلارنىڭ بىرى دوختۇرلۇقتا، بىرى مىمارلىقتا ئوقۇيتتى .شۇ تۈنجى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ،ئۇلار بىر –بىرىنى يەنە قايتا كۆرۈش ئۈچۈن بىر بېكەتتىن ، ئەينى شۇ بىرلا ئاپتۇبۇسقا چىقىشاتتى .
ئۇ چاغدا ئۇلار تولىمۇ ياش ئىدى ...
دەسلەپ ئۇلاردا بىر – بىرىگە گەپ قىلغۇدەك جاسارەت يوق ئىدى ، كېيىن تونۇشتى .ئۇلار ئەسلى ئاپتوبۇس بېكىتى بار رايوندا ئولتۇرمايتتى .يىگىت ئاكىسىنى ، قىز بولسا ھەدىسىنى ئالداپ قويۇپ بۇ بېكەتتىن ئاپتۇبۇسقا چىقاتتى . كېيىن ئۇلار بىر – بىرىنى كۆرۇش ئۈچۈن ھەر سەھەر ئۆيدىن بالدۇر چىقىپ شەھەرنىڭ بۇ يېقىدىكى بۇ بېكەتكە كېلىدىغانلىقنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئېتراپ قىلىشتى . .. ئۇلار ئوقۇش پۇتتۇرۇپلا توي قىلدى .ئىككىسىلا بەختكە چۆمۇلگەن ئىدى . بەزىدە ئىشسىز ، بەزىدە پۇلسىز قالدى ، بۇنداق چاغلاردىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلاتتى.كېيىن ئۇلار بىرى داڭلىق دوختۇر ، بىرى داڭلىق مىمار بولغاندىمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلاتتى . لېكىن ئۇلار بالىلىق بولالمىدى .شۇنچە داۋالاندى لېكىن يەنىلا بالىلىق بولالمىدى .
- بارلىق بەخت بىزنىڭ بولسا دەپ ئويلايمەن – دەىيتتى ئۇلار .بالىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ سۆيگۇلىرى تېخىمۇ ئۇلغايدى .شۇ تەرىقىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇراتتى .
- مەن سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى - دەيتتى ئايالى ئېرىگە .
- ياق مەن سىز ئۈچۈن ئۆلۈشۈم كېرەك – دەپ جاۋاپ بېرەتتى ئېرى .
بەزىدە ئايال ئۆيگە كەلگەندە ئەينەك ئالدىدا بىر پارچە باغاقچە كۆرەتتى – بىر دانەم ، كۈتۈپخانىدىكى ئىشكاپنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىگە قاراڭ – ئۇ يەردە يەنە بىر پارچە باغاقچە بولاتتى – ئاشخانىدىكى ئۇستەلنىڭ ئۇستىگە قاراڭ ، سىزنى چىن دىلىمدىن سۆيىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ .ئاشخانىدىكى ئۈستەل ئۈستىدىن ، مېھمانخانىدىكى ئىشكاپتىن سۆيگۇ سۆزلىرى بىلەن يېزىلغان باغاقچىلارنى ئېلىپ ئوقۇغاچ بەزىدە بىر دەستە گۈل ، بەزىدە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرۇدىغان شاكىلات ، بەزىدە قىممەت باھالىق ئۆزى ئارزۇ قىلغان سوۋغىلارنى ئالاتتى ....سوۋغىنىڭ قانداق بولىشى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىدى ئەلبەتتە . ھايات قانچە ئالدىراش بولسىمۇ ، ئىشلىرىدىن قانچە ھېرىپ كەتسىمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلغان ھامان بىر- بىرىنى ئىزدەيتتى . قىرىق ياشنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئازراق ئىشلەشكە پۈتۈشتى ، ئەر دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا كىچىك دوختۇرخانە ئاچتى . ئايال مىمارلىق ئىشخانىسىنى تاقاپ ئۆيدە ئىشلىدى .ئەمدى ئۇلارنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ ئىدى .
بىر كۈنى ساھىلدا كېتىۋېتىپ ئايالى شۇ يەردە خارابە بىر ئۆينى كۆرۇپ قالدى ،ئۇنىڭغا سېتىلىدۇ دېگەن لەۋھە ئېسىقلىق تۇراتتى .
- بۇ ئۆينى ئالايلىمۇ ؟ -دېدى ئايال ئەرگە – بۇ يەر خالى جايدا ئىكەن ،بۇ يەرگە ئۆزگىچە بىر ئۆي سالىمىز ،خەرىتىسىنى كاللامدا ئويلاپ قويدۇم .يوغان بىر بالكون قىلىمىز ، دېڭىز قۇشلىرىنى ئەتتىگەنلىك ناشتىغا تەكلىپ قىلىمىز.
- سىز خالىغان تۇرسىڭىز مەن ياق دېيەلەيمەنمۇ ؟- دېدى جاۋاپ بېرىپ ئەر – ئامېرىكىدىكى ئۆگۇنىشىمنى تۇگۇتۇپ كېلىپلا ئۆي ساتقۇچىنى تاپىمەن ، قانچە بولسا مەيلى بۇ يەر بىزنىڭ ئەمدى .
پەقەت بىر ھەپتىلىك ئايرىلىش ئۇلار ئۈچۈن قىيىن ئىدى .ئەر ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ، ئىككىسى ھەر كۈنى تېلفوندا كۆرۇشۇپ تۇردى .ئۇلار ئايرىپورتتا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتى .بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئايال ئېرىنىڭ غەلىتە بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى .بۇرۇنقىدەك بەختلىك كۆرۇنمەيتتى ،گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى .ئۇنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئايال ئۇنىڭغا يېڭى ئۆينىڭ گېپىنى قىلدى ، ئۆزى سىزغان ئۆينىڭ رەسمىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى ، لېكىن كۇتمىگەن جاۋاپقا ئېرىشتى .
- جانىم ،ئۇ ئۆي بىزىڭ خىراجىتىمىزنى ئاشۇرۋەتكۇدەك ، ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئۆينى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
بەخت ئىچىدىكى ئادەم ئۈچۈن بەختسىزلىك تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش ،ھەتتا ئۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ .
- بىلىسىز مەن سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى ، نېمە بولدى ماڭا دەڭ – دېدى ئايال ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلىماقچى بولۇپ .لېكىن دېگەن سۆزلىرى جاۋاپسىز قالدى . ئۇنىڭغا شۇنچە سۆيگەن ئادىمى ھېسىياتسىز بىر كىشىگە ئالماشتۇرۇپ قويغاندەك بىلىنمەكتە ئىدى . تىرىشچانللىق كۆرسەتكەنچە ئايال تامغا ئۈسەتتى ،ئايالنىڭ يۈرىكى قان بولاتتى . بىر كۈنى كىچىگىدىن تارتىپ ھازىرغىچە دوست بولۇپ كەلگەن دوستىغا دەردىنى ئېيتتى .
- ھېچ چىدىمىدىم شۇڭا ساڭا دەردىمنى دەۋاتىمەن – دېيىشىگە دوستى:
- ئۇ سېنى ئالداۋاتىدۇ .ئۇ مەن ئىشلەيدىغان يەرنىڭ ئۇدۇلىدىكى رېستۇراندا كۈندە چۈشلۈك تاماقنى بىر ياش ئايال بىلەن بىللە يەيدۇ ، تاماقتىن كېيىن بىر – بىرىنى قۇچاقلىشىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كېتىدۇ – دەپ كېسىپلا دېدى .
- ئاغزىڭنى يۇم ، بۇنداق يالغانلارنى ئاڭلىمايمەن – دەپ ۋاقىردى ئايال .دوستىنى ماڭا ھەسەت قىلىۋاتىدۇ دەپ قالغان ئىدى.
ئەتىسى رېستۇرانىڭ قارشىسىدىكى كوچىغا كېلىپ يوشۇرۇندى ، رېۋايەتلەرنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلدى .
ياش ئايالنى بىر كۆرۇپلا ئېرى ئىشلىگەن دوختۇرخانىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئىكەنلىكىنى تونىدى .ئۇنى بەزىدە ئۆيىگە مېھمانغا ئەكەلگەن ئىدى .ئايال ئۇ ئايالنى ئېرىنىڭ قانداق قۇچاقلىغانلىقىنى كۆردى .
كەچتە ئېرى ئۆيگە ئەمدىلا كىرىشىگە ھېلى يىغلاپ ، ھېلى ۋاقىراپ ، ھېلى ئۇنىڭغا ئېسىلپ ، ھېلى مۇشلاپ ھەممىنى دېدى .ئەر ھەممىنى بوينىغا ئالدى .ئايال چامدىنىنى كۆتۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ئايال ئۆيدىن چىقىۋاتقاندا ئەر:
- ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم قۇچاقلىۋالغۇم بار سىزنى – دېدى .
- يوقال – دېدى نەپرەت بىلەن .
سوتقا بېرىپ ئاجراشتى
رومانتىك بىر مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ بۇنداق ئاخىرلىشىشىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ .دوستلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇزۇنغا قالماي ئايال ئىشلەشكە باشلىدى . ئەرنىڭ ئاشىقى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇرۇاقلىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى .بەزىدە يالغۇز قالغانلىرىدا ئۇنى سېغىنىدىغانلىقى ھېس قىلاتتى ، بەزىدە يىغلايتتى .ئۇنىڭغا بولغان تۇيغۇلىرىنى نەپرەتتىن ئالماسلىق ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى . ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى ...ۋاقىت ھەممنى ئۇنتۇلدۇرسىمۇ ، ئەمما ئايالنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمىدى .
بىر كۈنى سەھەردە جىددى چېلىنغان ئىشىك قوڭغۇرىقىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى .ئىشىكنى ئاچتى ئالدىدا ھېلىقى ياش ئايال تۇراتتى . ‹ سەن بۇ يەرگە قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ › دەپ ۋاقىرماقچى بولدى - يۇ ، ئاۋازىنى چىقىرالمىدى .
-كەچۇرۇڭ ماڭا ئىچكىرگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىڭ ، ياخشى سۆزلىشىشىمىز كېرەك بوپ قالدى ـ دېدى ياش ئايال .
كرىسلوغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى ئازاپلانغان ھالدا سۆزىنى باشلىدى .
- ئىشلار ئەسلى سىز كۆرگەندك ئەمەس ،سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن ، ئەمما ئۇ بىر سائەت ئىلگىرى تۇگەپ كەتتى .ئالدىنقى يىلى ئۇ ئامېرىكىغا يىغىنغا بارغاندا دوختۇرغا تەكشۇرتۇپتۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ بىر يىلغا قالمىغانلىقىنى بىلىپتۇ ،بۇنىڭغا سىزنىڭ چىدىمايدىغانلىقىڭىزنى ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلۈشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدىكەن.ئۇ سىزنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مېنى سۆيگۈنى رولىنى ئېلىشنى ئۆتۇندى .ئۇ ئائىلىسىگىمۇ خەۋەر قىلمىدى،بىزنى بىرلىكتە ئامېرىكىغا كەتتى دەپ گەپ تارقاتتى . ئەمىليەتتە ئۇ سىلەر تۈنجى ئۇچراشقان ئاپتۇبۇس بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدىن بىر ئۆي تۇتتى .داۋالىنىپ ساقىيىشىغا ئىشەنگەن ئىدى، ئەمما بولمىدى .كېچە ئۇنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىپتۇ ، باققۇچى مېنى ئىزدىدى ، مەن باردىم .ئۇ مەندىن بۇ قۇتۇنى سىزگە بېرىپ قويۇشۇمنى ئۆتۇندى ....
ئايال كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلىرىنى تۇتالمىدى.شۇنداق ئۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلۈشكە رازى ئىدى . قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان قۇتىى ئاچتى .قۇتىغا رەتلىك قىلىپ باغاقچە قاچىلانغان ئىدى .
قۇتۇدىكى بىرىنجى باغاقچىگە:
- باغاقچىلارنى چىسلاسى بويىچە ئوقۇڭ بىردانەم – دەپ يېزىلغان ئىدى .ئايال شۇنداق ئوقۇشقا باشلىدى .
- سىزنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن
- سىزنى سۆيۈشتىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىدىم
- سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى دەيتتىڭىز، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن
- ئەمما مەن سىزنىڭ مېنىڭ ئۈچۈن ئۆلۇشىڭىزنى خالىمايمەن ،
- ماڭا ۋەدە بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن .
- سىز مەن ئۈچۈن ياشىشىڭىز كېرەك ،چۈشەندىڭزىمۇ ؟ .
ئەڭ ئاخىرقى بىر باغاقچىنى قولىغا ئالغاندا قۇتىدا بىر ئاچقۇچ بارلىقىنى كۆردى . ئەڭ ئاخىرقى باغاقچىغا مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
- ساھىلدىكى ئۆينى سىز سىزغان بويىچە سالدۇردۇم .كەڭ بالكوندا دېڭىز قۇشلىرى مېھمان بولۇپ كەلگەندە مەنمۇ سىزنى ئىزدەپ كېلىمەن .
مەنبە : تۈركچە تور بېتىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-2 11:14 PM