كىشىلەر ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ۋە مال ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سوئال سورىغان، ئۇنىڭ ئۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋاب دۇردانىلىرى مۇنداق بولغان:
٭ئىلىم - مالدىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئىلىم سېنى قوغدايدۇ، سەن مېلىڭنى قوغدايسەن.
٭ ئىلىم - سەرپ قىلغىنىڭچە كۆپىيىدۇ ، ئەمما مال سەرپ قىلغانسېرى ئازىيىدۇ.
٭ ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى بىلەن دۈشمەنلىرىڭ ساڭا دوست بولسا، مېلىڭنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلىرىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ.
٭ ئىلىم - ئىنساننى دۇنياۋىي ھەۋەسلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاخىرەت ھاياتىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما مال سېنى ئاخىرەت غېمىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
٭ ئىلىم - ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئىلكىدىن چىققىپ كەتمەيدۇ، ئەمما مال ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولمايدۇ.
٭ ئىلىم - ئۇنىڭ ئىگىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرىدىغان نۇردۇر، مال بولسا ئۇنىڭ ساھابىنى ھەقىقىي مەرتىۋىدىن چۈشىرىدۇ.
٭ ئىلىمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئەمما مالنىڭ كېلىش مەنبەسى تۇپراقتۇر.
٭ ئىلىم- پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر، ئەمما مال ، نەمرۇد، فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر.
٭ ئىلىم - باشقىلار تەرىپىدىن خىزمەت قىلىنغۇچىدۇر، مال باشقىلارغا خىزمەت قىلغۇچىدۇر.
٭ ئىلىم - روھنىڭ غىزاسىدۇر، مال تەننىڭ غىزاسىدۇر.
قورقۇنچلۇق پەيتلەردە ئىلىم ئىنسانغا دوستتۇر، مال بولسا سېنىڭ قورقۇشنى ئارتۇرىدىغان نەرسىدۇر.
٭ ئىلىم- سەپەردە ساڭا ھەمراھدۇر، مال بولسا سەپەردە ساڭا خەتەردۇر.
٭ ئىلىم - سېنىڭ ھەر بالادىن قۇتۇلۇشىڭغا سەۋەپ بولىدۇ، ئەمما مال سېنىڭ يامانلار تەرىپىدىن تۇتۇلىشىڭغا سەۋەب بولىدۇ.
٭ ئىلىم- پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسىدۇر ، مال يۇلۇپ يىغقۇچىلارنىڭ مىراسىدۇر.
٭ قىيامەتتە ئىلىمگە ھېساب كەلمەيدۇ، ئەمما مال ھالال يولدا ئىشلىتىلسە ھېسابى ، ھارام يولدا ئىشلىتىلسە ئازابىغا تارتىلىدۇ.
٭ ئىلىم - ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ ئىزىن بېرىشى بىلەن باشقىلارغا شاپائەت قىلالايدۇ، ئەمما مال ئىگىلىرى شاپائەت قىلىنىشتىن ئۈمىد قىلىنغۇچىلاردىن بولىدۇ.
٭ ئىلىم - بولسا كۆڭۈلنى نۇرلاندۇرىدۇ، مال بولسا كۆڭۈلنى قارايتىپ قاتتىقلاشتۇرىدۇ.
٭ ئىلىم - بولسا ئەھلىنى ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلدۇرىدۇ، مال بولسا ئەھلىنى ئاللاھقا يوغانچىلىق قىلدۇرىدۇ.
ئىمام شافىئىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن:
٭ ئىلىم- ئۆگىتىشكە لايىق بولمىغانلارغا ئىلىم ئۆگىتىش ئىلىمگە زۇلۇم قىلغانلىق بولسا ، ئۆگىتىشكە لايىق ئادەملەرگە ئۆگەتمەسلىك ئۇ ئادەمگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
٭ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلماق تەستۇر، ھەممە ئادەمگە يارىغىدەك بىر ئادەم بولماق بولسا مۇمكىن ئەمەستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا تىرىشىش ئەڭ توغرا ۋە ئاسان يولدۇر.
* ئۇستازىمغا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاخشاپ بەرسەم ئۇستازىم مېنى گۇناھ ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشقا بويرىدى ۋە : ئىلىم دېگەن بىر نۇردۇر، ئاللاھنىڭ نۇرى ئاسىي ئىسيانكار كىشىلەرگە بېرىلمەيدۇ، دېدى.