ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز تورداشلار ، بۇ كۈنلىرىڭلار خەيىرلىك بولسۇن !
خەلىقىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلشىغا ئەگىشىپ ئارىمىزدىن نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلار يىتىشىپ چىقىپ ئۆز تالانتى ئارقىلىق سەنئىتىمىزنى رەڭدارلاشتۇرماقتا ، بولۇپمۇ ئاممىباپ ناخشىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يىتىلىۋاتقان ياش ناخشىچىلىرىمىزنىڭ تەسىرى تىخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئاكتىپ بولماقتا . ئەنە شۇ يىتىلىۋاتقان ياش ناخشىچىلاردىن بىرى بولغان ئەزمەتنىڭ تۇنجى ئىجادىيەت مىۋىسى <قارا ئەتىرگۈل > نامىدىكى ناخشىنى خەلىق ھوزۇرىغا سۇنماقچىمىز . ياش سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى جەريانىدىكى دادىللىق ، باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا <قاپ يۈرەكىلىك>ى بەزىدە يىڭىچە ئىجادىيەت سۈپىتىدە خەلىقنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشسە ، بەزىدە بۇزغۇنچىلىق سۈپىتىدە خەلىقىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ . بىزمۇ ھەم ياش سەنئەتكارلاردىن بولغىنىمىز ئۈچۈن بۇ قاپ يۈرەكلىكىمىزگە خەلقىمىزنىڭ قانداق باھا بىردىغانلىقىنى بىلىش مەقسىدىدە ئۈشبۇ تىمىنى يوللۇدۇق ، ياش سەنئەتكارىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك تەنقىد پىكىرنى ئايىماستىن ئوتتۇرغا قويشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.
ناخشىنىڭ تىكىستى :
قارا ئەترىگۈل
شامال بولۇپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا
ئۆتكۈنۈمدە يىنىڭدىن مىنى سىزەرسەنمۇ
يامغۇر بولۇپ ياغسام چاڭقىغىنىڭدا
تويۇنغاندا مىنى ئۇنتارسەنمۇ
بۇ كۆڭۈلنىڭ ئۇشبۇ ئىزھارىنى
كى بۇلبۇللار بىرىپ ساڭا ئىيتسۇن
كۆزلۈرۈمدىن ئاققان شۇ ياشلارنى
كى باغۋەنلەر بىرىپ ساڭا قۇيسۇن
قارا ئەتىرگۈل كۆڭلۈمگە بەرسەڭمۇ شۇنچىلىك ئازاب
گەر خالىماسمەن بىراۋلانىڭ ئۈزۈپ كىتىشىنى
يۈرۈكۈمگە سانجىلسىمۇ تىكەنلىرىڭ
ئىشەنسەڭ ماڭا سۆيىمەن سىنى ...
ئەتىرگۈلۈم......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-2 11:12 PM