مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4719|ئىنكاس: 40

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 09:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى كەشپىياتى

ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا،موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدا شانلىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇردى.بۇ تۆھپىلەر ھازىرمۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مەنبەلىك ئورنى بىلەن راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشمەكتە.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالەمگە مەشھۇر ئەجداد ئالىملىرىمىز كۆز يۇمۇپ بولمايدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقان بولسا،تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نامسىز ئالىملار تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىياتلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.بۇنىڭدا گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
       1. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئاغزاكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان بولسا ، شۇخىل ئاغزاكى نەرسىلەرنى يازما ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ھادىسە بولۇپ قالدى.بۇ ھادىسە دەل مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىدى.ئۇنداقتا بۇ يەردە بۇ كەشپىياتنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن قايسى مىللەت ياراتقان،دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئارخىئولوگى قۇربان ۋەلى مۇنداق يازىدۇ:«دۇنيادا مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە،سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بى شىڭ دىگەن كىشىنىڭ 1041-1048-يىللىرى تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى)تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بىسىلغان(خوتۇن قىزلار رىسالىسى)دىگەن كىتابمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جۇڭگۇ رايۇنىدا مىلادى 7-ئەسىردە قوللىنىلغان بولسا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بىسىلغان بۇددىزىم رەسىملىرىمۇ بار ئىدى»(«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ئۇيغۇرچە نەشىرى،201،202-بەتلەر)بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،دۇنيادا مەتبەئە تېخنىكىسى ئەسلىدىكى 7-ئەسىردىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى مەزگىلدە،يەنى 5-ئەسىردە تۇرپاندا قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەت ئويما مەتبەئە بار ،دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،تۇرپاندا ئويما مەتبەئەنىڭلا ئەمەس يەنە تامغا مەتبەئەنىڭمۇ بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.بىز يەنە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشىپ قىلغانلىق توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى:ئابلىز مۇھەممەت سايرامى «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى»دىگەن ماقالىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1990-يىللىق12-ئاۋغۇست سانىدىكى مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:«1990-يىلى دۇنخۇاڭدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا،دۇنخۇاڭ مۇزىيى تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئالتە دانە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى.ئۇ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگەقوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى» («شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »1993-يىللىق 3-،4-سان،43-بەت). بۇخىل ئارخىئولوگىيىلىك ئىسپاتلار يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى تېخىمۇ تىپىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ،دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار،دىگەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان خۇلاسىنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.

       2. زەمبىرەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
بىز ئەمدى زەمبىرەكنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى «تارىختىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى»دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:«ئەينى زاماندا يىڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ھەربىي ياراقنىڭ نامى>ئۇيغۇر زەمبىرىكى<ئىدى.ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يىڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك قورال بولۇپ قالغان.جۇڭگۇ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغانىدى.>ئۇيغۇر زەمبىرىكى< دىگەن بۇ نام مىلادى 1182-يىلى بارلىققا كەلگەن».
دىمەك،يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى-دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋى تۈستە ئىلىپ بىرىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتۇم دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان پارتلاتقۇچ زەمبىرەك مۇئەييەن رول ئوينىغان.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زەمبىرەك ياسىغان دەۋرىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يادرولىشىش باسقۇچىنىڭ بىر ئۈندۈرمىسى دەپ قارىيالايمىز.

         3. راك كېسىلىگە شىپالىق رېتسىپنىڭ ياسىلىشى
ئۇيغۇرلارنىڭ تېببىي ساھەدىكى تۆھپىسىمۇ زور بولۇپ،قايتا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك بولغىنى راك كېسىلىگە شىپالىق دورىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ،رەسمىي داۋالاشنىڭ رېتسېپىغا ئايلانغانلىقىدۇر.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىسپات بار:«قاغىلىق ناھىيىلىك مىللىي تېبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن داڭلىق تېۋىپ مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ئۇيغۇر ئالىمى،ئاستىرونۇم ھۈسەيىنخان تەجەللى (1848-1927)نىڭ بىردىنبىر تېبابەتچىلىك رېتسېپلىرى توپلىمى <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.ئۇنىڭدىن <سەراتان>نى داۋالاش،يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئادەم بىھوش قىلىش، ۋە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىنى ياساشقا ئائىت رېتسىپلارمۇ بار ئىكەن. مەرھۇم خەلپىتىم ئەينى ۋاقىتتا <سەراتان>دەپ ئاتالغان كېسەلنىڭ ھازىرقى راك ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قالغانلىقى سەۋەبلىك ،ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى رېتسېپىغا دىققەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى».(«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»)ژۇرنىلى 1994-يىللىق 1-سان،22-بەت)
دېمەك دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىسەل-راك كېسىلىنىڭ شىپالىق رېتسېپى ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى تەرىپىدىن ياسالغان بولسىمۇ،ئاپەتلىك يىللاردا كۆيدۈرۋىتىلىپ،پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن راك كېسىلىنىڭ يەر شارى يۈزىدىن يوقىلىشىغا زور توسقۇنلۇق بولغان.گەرچە مەزكۇر رېتسېپ تېببىي ساھەدە ئىشلىتىلىش ئورنىدىن قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىل (1927-يىلىدىن بۇرۇن )كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.بۇ يەردە ھازىر مۇنۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛تەجەللى ئۆز ئەسەرلىرىنى دېگۈدەك ئەرەپ-پارس تىللىرىدا يازغاچقا،بۇ ئەسەرلەر خەلققە تارقىلىش داۋامىدا ھازىرمۇ ئەرەپ-پارس تىللىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك ئاشۇ رېتسىپمۇ خەلق قولىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ياكى 1958-يىلى بېيجىڭدىن كەلگەن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئالىمنىڭ ئاسترونومىيىگە ئائىت بىر پارچە ئەسىرىنى ئېلىپ كەتكەن قاتاردا ئېھتىمال مۇشۇ رېتسېپقا ئائىت مەلۇماتلارنىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە نەزىرىمىزگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .  

                                                                                                                       مەنبە:باھادىر مەھەللسى


ئىزچىل تىرىشىش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەش مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى


ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13974
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7872 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 11:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەغەر بىلەن  پوجاڭزا يەنى زەمبىرەكنى مۇشۇ خەنلەرنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىغا كىرىدىغۇ تىخى...

ئانام كۆينىگى ئاتام تونى يىپەك

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36290
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1705
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:42:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ دۇتتار ئۆزگەرمىگەن،ئەمما ساداسى باشقىچە،
غۇنچە گۈل ئاچىلمىغان، ھۆسنى جۇلاسى باشقىچە.
بۈلمۈدۈم ياركۆڭلىدە نە مۇددىئاس بارئىكىن؟
ئاراتۇرارقايغۇلىرمغا بۇ پىراغى باشقىچە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13720
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5656 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 01:00:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم. رەخمەت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3938
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8765
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1363 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 01:11:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaxtan يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 12:01 AM
راك ھەققىدىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، مەدەنىيەت زور ئىنقىلا ...

زەمبىرى دىگەن قايسى كەشپىيات؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14992
تۆھپە نۇمۇرى: 1840
توردا: 5837 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 02:24:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بايا سىنا مىكرو بىلوگىدا شىنجاڭ تارقىتىش ئورنىنىڭ(ھۆكىمەت تەرەپ مىكروبىلوگى)يېقىندا خوتەن تېپىلغان كونا پۇلنىڭ ئۈستىدە خەنچە خەتنىڭ بارلىقىنى،بۇ ئىشنىڭ بېرىپ قوش تىلغا تاقالغانلىقىنى سۆزلەپتۇ،دىيىشىچەڭ بۇ پۇل بۇرۇنلا قوش تىلنىڭ رايونىمىزدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەرمىش.
ھازىر تەرەقىيات نىمدىگە ياخشى ھە كىچىك تەڭگە پۇللار تېپىلىپ چىقۋاتىدۇ،بۇ قېرىنداش مىللەت ئۇپۇلنى قاچانمۇ چۈشۈرۈپ قويغان بولغىيتى،ياكى بولمىسا ئوغۇردىن ساخلىنىش ئۈچۈن كۈمۈپ قويغان بولغىيتىمۇ،،،بىزنىڭ ئاتا-بوۋۇلىرمىز بەك نامرات ئۆتكەن خەق ئوخشايدۇجۇمۇ،مۇشۇ كەمگىچە ساقلانغان نان،كىيىم-كىچەكتىن باشقا بىر نەرسە چىققىنى دەپ باقمىدى!!!:qiray18

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10799
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 4707 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 11:56:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىپ دۇنياغا داڭلىق بولغان 4 خىل كەشپىيات ئۇيغۇرلارنىڭ
جۇڭگو شىنجاڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەللەردە جۇڭگونىڭ كەشپىياتى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15135
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 5939 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:46:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ALDIYAR يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 02:24 AM
مەن بايا سىنا مىكرو بىلوگىدا شىنجاڭ تارقىتىش ئورنىنىڭ( ...


سىزنىڭ  ئېيتقان سۆزلىرىڭىز توغرا ، مەنمۇ شۇنداق ئويدا ، سەۋەبى ______ 2003-2004-يللىرىغۇ دەيمەن ياز ئايلىردا ئايالىم   دوختۇرخاندا يىېتىپ قالغاندا ، بىر ياتاقتا ياتقان خوتەنلىك بىر ياشانغان بوۋايمۇ قىزنى داۋالاتقىلى كەپتىكەن ، ئۇ بوۋاينىڭ دىيىشچە  بوۋاي كىچىگىدىن  باشلاپلا  20-30 يىل دىگۇدەك  يىراق جاڭگاللاردا مال بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەنتۇق ، بىر ۋاقىتتا جاڭگالدا مال بېقۋاتسا بىر ماشىندا بىر تو يولداشلار  كىلىپ بىر يەرنى كولاپ بىر نەرسىنى كۇمۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ، ئۇلار كەتكەندىن كىيىن بېرىپ قارسا ھەقىقەتەن كولىغان ئىزلار بار ئىكەن ، ئۇ بوۋاي ئانچە پىسەنت قىلماي كىتىپ قاپتۇ ،  ئاردىن 6-7 يىل ئۆتكەندە داغدۇغا بىلەن  يەنە شۇ يىراق جاڭگاللاردا قېدىرىپ تەكشۇردىغانلار پەيدا بولغان دە ئۇ يەر بۇ يەرنى كولاشقا باشلاپ تەكشۇرگەن ، نەچچە كۇندىن كىيىن ھىلىقى يەردىن نەرسە كۇمۇلگەن جايلاردىن قەدىمى بۇيۇملار چىقتى دەپ تەنتەنە قىلىشقان،  ئىنىچكىلىلىك بىلەن تەكشۇرۇسە ئۇ  يەردىن نەچچە مىڭ يىل لار  ئاۋالقى  يولداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت  بۇيۇملار چىققان ،بۇ زور بايقاش دەپ ئېلان قىلىپ جەمىيەتكە ئاشكارلىغان ، نەچچە ئاي ئۇتۇپ قايتىدىن يەنە تەپسىلى تەكشۇرۇپتۇ تەكشۇرگۇچىلەرنىڭ دىيىشچە نەچچە مىڭ يىللار ئاۋال  خوتەندىكى شۇ جاڭگاللاردىمۇ  يولداشلىرىمىز  يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىللە ياشىغان ئىكەن دەپ يەكۇن چىقارغان .   ئۇ بوۋاي دەيدۇكى يولداشلارنىڭ ئايىغى تەگمىگەن يەرنىمۇ ئايىغى تەككەن قىلىش  ھۇنۇرى  بەك قالتس ئىكەن ،  .  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇ چاغلاردا مەنمۇ ھەيران قالغان . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-3 01:45 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تىرەن + 10 راس جۇمۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

گۇمان ئىماننى قا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3901
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9786
تۆھپە نۇمۇرى: 718
توردا: 3311 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:56:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇم باسقان شەھەر دېگەن روماننى قايتا ئوقۇپ چىقىڭلار .

گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ ، ئۇماچ مېھماننى .

گۇناھ ئوغول بالى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 1046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5508
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2364 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 01:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش