|
|
|
|
ئامازون ئورمانلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدە كەشىپ قىلىنغان يەرلىك قەبىلە تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئوچۇق شەكىلدە كۆرۈندى.پېرۇنىڭ شەرقى جەنۇبىدا ياشايدىغان Mashco-Piro قەبىلىسىگە تۇنجى قېتىم بۇ دەرىجىدە يېقىنلىشىلدى.
تەبىئى ياشاش شارائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
خەلقئارالىق زىمىندا ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن،بىراق ھازىرغىچە كۆرۈلمىگەن100قەبىلىدىن بىرى بولغان Mashco-Piro قەبىلىسى تاشقى دۇنياغا بىلەن ئالاقىسىز ھالدا ھاياتىنى داۋام قىلماقتا.كېيىنكى يىللاردا ياغاچ ماتىرياللىرى،تەبىئى غاز ۋە نىفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن بۇ قەبىلىلەرنىڭ تەبىئى ياشاش ھەققى يوق قىلىنماقتا.
بۇ رايۇنغا كەلگەنلەرگە ئوقيا ئاتىدىكەن
يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قەبىلىلەر ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ،بۆلگىگە كەلگەنلەرنى ئوقيا ئېتىپ يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.ئەنئەنەۋى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان قەبىلىنىڭ 200گە يېقىن ئەزاسى بارلىقى تەخمىن ئېتىلمەكتە.ئادەملەرنىڭ ئىرق،تەن تۈزلىشى، بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار،ئامازون رايۇنىدا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن يىراق ناھايىتى كۆپ قەبىلىنىڭ بارلىقىنى تەخمىن ئەتمەكتە.
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك
مەنبە: http://www.ensonhaber.com/beyaz- ... ile-2012-02-02.html
|
|
|
|
|
|