ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار
ھەممىمىزگە مەلۇم ، كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى ئادەتتە 18 خانىلىق رەقەمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ رەقەملەر قانداق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ ؟
كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى 18 خانىلىق سانلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئالدىنقى 6 خانىسى(سولدىن ئوڭغا قاراپ ) شۇ كىشىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى (يەنى تەۋە بولغان ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ) نى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئىككى خانىسى شۇ كىشى تەۋە بولغان ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇنى ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنى بىلدۈرىدۇ ؛ 3-،4-خانىسى ۋىلايەت،ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر،ئاپتۇنۇم ئوبلاستنى كۆرسىتىدۇ ؛ 5 -،6-خانىسى بولسا ناھىيە ، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ، رايۇننى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى ************654323 نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيسى دىگەنلىك بولىدۇ .
7- خانىسىدىن 14-خانىسىگىچە بولغان 8 خانىلىق سان شۇ كىشىنىڭ تۇغۇلغان يىل ئاي كۈننى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن 1985-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولسا ئۇھالدا كىملىك كېنىشكىسىگە يىللنىڭ تۆت خانە، ئاينىڭ ئىككى خانە ، كۈننىڭ ئىككى خانە بويىچە يېزىلىدۇ ، يەنى ****19850828****** بولىدۇ. 15-خانىسىدىن 17-خانىسىگىچە بولغان ئۈچ خانە رەقەمنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بولسا ، ئوخشاش ئورۇندا ، ئوخشاش يىل،ئاي، كۈندە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ تەرتىپ نۇمۇرى . بۇنىڭ ئىچىدىكى 17-خانىسى ئەگەر تاق سان بولسا بۇ كىشىنىڭ ئەر ئىكەنلىكىنى ، ئەگەر جۈپ سان بولسا بۇكىشىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەڭ ئاخىرقى رەقىمى يەنى 18-خانىسى ئىپادىلەيدىغىنى بولسا كىملىك كېنىشكە نۇمۇرىنىڭ تەكشۈرۈش كودى، كىلمىك تەكشۈرۈش كودى ئادەتتە 0~10 غىچە بولغان 11 ساندىن تۈزۈلىدۇ ، ئەگەر تەكشۈرۈش كودى 10 يېزىلىدۇ ، چۈنكى ئەگەر 10 يېزىلسا ، كىملىك كېنىشكە نۇمۇرى X بولسا ، ئۇنداقتا 10 نىڭ ئورنىغا
19 خانە بولۇپ قالىدۇ دە ،دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمىگە خىلاپ بولىدۇ ، ھەمدە جوڭگۇ تەۋەسىدىكى ماشىنىلار تونىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-2 03:04 PM