|
|
|
|
تاۋباۋدىن دۇكان ئاچاي دەپ تاۋباۋغا تىزىملىتىپ، تاۋباۋ كارتا بىجىرىپ ئەلىپايغا تىزىملىتىپ ھەممە ئىشنى تۈگەتكەن ئىدىم. ئەمما بانكا ھىساۋاتىنى ئەلپايغا ئۇلايدىغان ئۇرۇنغا كەلگەندە يوقىرقىدەك ئۇچۇر چىقىۋالدى. تىزىملاتقان ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىدىكى چىكىتنى ھەرخىل ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا ۋە ئاستىغا كىرگۈزۈپمۇ باقتۇق. باشقىلار بىر ئىسىمغا بىرلا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. بۇرۇن تېزىملاتقان ئوخشايسىز دېگەنتى. ئىلگىرى تېزىملاتقان نامدىمۇ سىناپ باقتىم. ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئوخشاش يوقارقىدەك ئەھۋال كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالغا يولۇققان ياكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان دوستلار بولسا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەنە بىرى تاۋباۋدىن دۇكان ئېچىش ئۈچۈن چوقۇم پوچتا بانكىسىنىڭ كارتىسى بولۇشى كېرەكمۇ ؟ مەن سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن تاۋباۋكا بىجىرگەن. ئەمما ئۇلار كارتا بەرمەي تاۋباۋغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ يۈدۈن بەردى. ئەلىپايغا تېزىملىتىپ بولۇپ سودا - سانائەت بانكا كارتام بىلەن ئەلىپاينى بانكىدا ئۇلايدۇ دېگەندەك ئۇچۇرلانى تور دەرسلىكلىرىدە كۆرگەن ئىدىم. لېكىن سودا - سانائەت بانكىسىدىكىلەر بۇنداق مۇلازىمەت يوق دەپ رەت قىلدى. مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتىمۇ چۈشەنچە بىرىۋەتكەن بولساڭلار.
|
|
|
|
|
|