‹‹ئاقسۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى››نىڭ مېھرى-شەپقىتى شىرئەلىجانغىمۇ يەتتى
كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن ناھىيەمىزدىكى15ياشلىق بىر ئۆسمۈر ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.ئوغلىنى داۋالىتىش داۋامىدا تېرىلغۇ يېرىدىن،ئولتۇراق ئۆيىدىن...پۇلغا يارىغىدەك بارلىق بىساتىدىن ئايرىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن تامامەن ئامالسىز قالغان بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنى ئەجەل چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمۈدىنى جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە باغلىدى.ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇندى.ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
1-پېۋرال شايار ناھىيە قايلور يېزا قايلور كەنت 3-مەھەللىسىدىكى دېھقان رېھىم مەھەمەتنىڭ ئۆيىگە رېھىم مەھەمەتكە ناتونۇش بولغان بىر توپ ‹‹مېھمان››لار كەلدى.رېھىم مەھەمەت ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۇپ ئۆيىگە باشلىدى ۋە ئۇ مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرىشىدىن ،ئۇلارنىڭ ‹‹ئاقسۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى››گە ۋاكالىتەن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوغلى شىرئەلىجاننى يوقلاپ كەلگەن مېھرىبان ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان شىرئەلى رېھىم بۇلتۇر 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى مەكتەپتىن قايىتىپ كېلىپ،قىزىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ ،بىئارام بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنى يېزىلىق ،ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە ‹‹ئاق قان كېسىلى››دەپ دىئاگىنوز قويغان.شىرئەلىجان ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاپىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشى ئاستىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا 400مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل كەتتى.
شىرئەلى رېھىمنىڭ ئاتىسى رېھىم مەھەمەت بالىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋھلىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى؛‹‹ناھىيەلىك دوختۇرخانا بالامنى ئاق قان كېسىلى دېۋىدى پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى.ئۈرۈمچىگە يوللاپ بەردى.ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىتىش جەريانىدا پۇل يېتىشمەي ئۇرۇق تۇققانلار ياردەم قىلدى، قەرىز ئالدىم.ئولتۇرىۋاتقان ئۆيۈمنى،تېرىلغۇ يېرىمنى،چارۋىلىرىمنى ساتتىم.ھازىر مىنىدىغان موتوسېكلىتتىن تارتىپ ھېچ نەرسە قالمىدى››.
رېھىم مەھەمەت ھازىر ئولتۇرىۋاتقان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينى بىر دوستى ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا بېرىپتۇ.رېھىم مەھەمەت ۋە ئۇنىڭ قېيىئانىسى،ئىككى بالىسى كۈندە دېگىدەك ئەجەل چاڭگىلىدا تۇرىۋاتقان يۈرەك پارىسىنى سېغىنىپ،ئوغلىنىڭ رەسىمىگە قاراپ غەمكىن ئولتۇرىدۇ.
شىرئەلىجاننىڭ ئاتىسى رېھىم مەھەمەت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ خەقتىن قەرىز ئالساق يەنە بەرمىسەك بولمايدىكەن.ھازىر قەرىز ئىگىللىرى قەرىزنى سۈيلەپ كىلىۋېلىپ،ئۆيدىمۇ تۇرالمايۋاتىمەن. ناھىيەدىنمۇ ئېقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى.جەمئىيەتتە ياخشى ئادەملەر كۆپ ئىكەن.ئۈرۈمچىدە بالامنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەم مېنىڭ ئېقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقان بىر خەنزۇ يولداش دوختۇرخانىغا كېلىپ 3300يۈەن ياردەم قىلدى،ئىسمىنى،تېلىفۇن نومېرىنى دەپ بەرمىدى .ئاپتونۇم رايونلۇق سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى مەھەمەتجان رۇزى سايىت بىر دوستى بىلەن كېلىپ 6مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى››.
بۇ 14 نەپەر مېھرىبان ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى شىرئەلىجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى،رېھىم مەھەمەتنىڭ ئوغلىنى داۋالىتىش جەريانىدىكى تارتقان سورۇقچۇلۇق،قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ،كۆز يېشى قىلىشتى.‹‹ئاقسۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى››نىڭ باشلىقى خالىدەم ئېدىرىس مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى نامىدىن رېھىم مەھەمەتكە 3مىڭ يۈەن بەردى. ئارقىدىن يەنە نۇرئەلى ئوسمان،مەرھابا ئابدۇرېھىم قاتارلىق يەتتە نەپەر جەمئىيەت ئەزالىرى رېھىم مەھەمەتكە ئىچ ئاغىرتقان ھالدا يەنە ئۆز يېنىدىن جەمئىي 3مىڭ يۈەن بەردى.ئۇلار رېھىم مەھەمەت ئائىلىسىدىكىلەرگە ‹‹شىرئەلىجان ئوخشاشلا بىزنىڭمۇ بالىمىز،ۋەتەننىڭ بالىسى،ئۈمۈدۋار بولۇڭلار››،دەپ تەسەللىي بېرىشتى.
‹‹ئاقسۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى››نىڭ باشلىقى خالىدەم ئېدىرىس مۇنداق دېدى:‹‹بىز شاياردىكى دېھقان رېھىم مەھەمەتنىڭ ئوغلى شىرئەلىجاننى يوقلاپ كەلدۇق.ئۈرۈمچىگە يوقلاپ بارايلى دېسەك ئارلىق يىراق ئامال بولمىدى.بۇ پۇل بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز.بىز شىرئەلىجاننىڭ تېزىراق ساقىيىشىنى،تەشكىلنىڭ،جەمئىيەتتىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ بۇ ياش غۇنچىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.بىزنىڭ ياردىمىمىز بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ.ئۈرۈمچىدىكى مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىگىمۇ خەۋەر يەتكۈزىمىز››.
شىرئەلىجاننىڭ چوڭ ئاپىسى ھۆرلەم كېرەم تەسىرلىك ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى:نەۋرەم ساقىيىپ قالسا ،ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولسا ھەممىمىز خۇش،سىلەرنىڭ نەۋرەمنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بەرگىنىڭلارغا بەك رەھمەت››.
رېھىم مەھەمەت ‹‹مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى››دېكىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:‹‹ئاقسۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتىدىكىلەر بالامنىڭ تېزىراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىپ ،شۇنچە يىراق يول يۈرۈپ،سوغۇق،قار،مۇزغا قارىماي ئاتايىن يوقلاپ كەپتۇ.بەك تەسىرلەندىم.بۇلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت››
مېھرىبان ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى رېھىم مەھەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلۇشۇپ قاتىشىدا يەنە بۇلارغا بىر دەستە نان، رېھىم مەھەمەتنىڭ قېينئانىسىغا ياغلىق بەردى.رېھىم مەھەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مېھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھرى ئۈزۈلمىگەن ھالدا خوشلاشتى.
مەنبە؛ئۆزۈم